ئۈلگەن مۇھەببەت - ھىكايە

         بۈگۈن ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت، ئۈلگەن ئىدى.چۈنكى بۈگۈن دىلنارنىڭ تويى.گەرچە ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولسىمۇ لېكىن بۇ تويغا قاتناشتى،دىلنار باشقا بىرسى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى سەۋىردىن بىلەن توي قىلغانىدى.ئۇ نېمىمۇ قىلالىسۇن؟يا بۇ توينى بۇزغىلى بولمىسا.ئۇ ئامالسىز بۇ تويغا قاتناشتى.
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېسىگە دىلنارنى ئۇچراتقان تۇنجى كۈنى ئېسىگە كەلدى.ئۇ كۈنى ئۇنىڭ ئاغىنىسى تۇراپنىڭ ئاكىسىنىڭ تويى بولۇپ ئۇ تاماق توشۇش بىلەن بەكمۇ ئالدىراش ئىدى.بىر تەرەپتىن مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيسا ،بىر تەرەپتىن مېھمانلارغا تاماق توشۇپ بىر تەرەپتىن چاي قۇياتتى.شۇ ئالدىراشلىقتا ئۇ بىرسىنى سوقۇۋەتتى.ئۇ سوقۇۋەتكەن ئادەم باشقا بىرسى ئەمەس دەل دىلنار ئىدى. ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن، كەچۈرۈم سورىدى.بىراق دىلنار ئۇنىڭغا:«بولدى خىجىل بولماڭ يا سىز قەستەن قىلمىسىڭىز نېمىگە خىجىل بولىسىز.»دېدى. ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي بۇ قىزغا سىنچىلاپ قارىدى. بۇغداي ئۆڭ، بويى پاكارراق كەلگەن.چىرايلىق گىلەم دوپپىسى ۋە ئەتلەس كۆينىكى شۇنچىلىك ياراشقان.كۆزلىرى قاپقارا.شۇنچىلىك ئوماق ئىدى.ئۇ قىزدىن كۆزنى ئېلىپ قاچتى دە دەرھال ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.شۇ كۈندىن باشلاپ، دىلنارئۇنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.ئۇ دىلنارنى بىركۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.ئۇ ئاخىرى تۇرۇپتىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، دىلنارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تاپتى.شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ دىلنار بىلەن ئۇچۇر ئارقىلىق پاراڭلىشىپ يۈردى.
بۈگۈن يېڭى يىل بايرىمى، ئۇلار يۈز  تۇرانە كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويدى. ئۇلار دىلنارنىڭ ئۆيى كەينىدىكى ئورمانلىقتا كۆرۈشكە كېلىشتى. ئۇ كۈنى ئەتىگەندىلا قار ياغقان بولۇپ ئەتراپ ئاق لىباس بىلەن ئورالغانىدى.ھاۋامۇ بىر  خىل سوغۇق ئىدى. گەرچە ئورمانلىقتا بىر  تالمۇ يوپۇرماق قالمىغىنى بىلەن لېكىن شاخلارنىڭ ئۈستىدىكى قارلار شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى.ئۇلار كۆرۈشكەندە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ ئارمان غايە توغرۇلۇق پاراڭلاشتى.ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى بىردەك بولۇپ، سۆزلىرى بىر يەردىن چىقىۋاتاتتى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى ۋە دەرەخلەرنى ئىرغىتىپ قارنىڭ چاچقۇلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندى. سائەتمۇ بىر  يەرگە بېرىپ قالدى. ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ دىلنارنى پەقەت ئېسىدىن چىقىرالمىدى. ئۇلار ئۇچۇر يېزىشتىن تېلېفوندا پاراڭلىشىشقا يۆتكەلدى.ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.بىر كۈن تېلېفونلاشمىسا كۆڭلى ئۇنىمايتتى. لېكىن بۇ كۈنمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا  ئۇنىماي ئۇنى شەھەردىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولۇشتى. ئۇ قارشىلىق قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمىدى.ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئاللىقاچان ئۇ مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنى تىزىملىتىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئامالسىز دىلناز بىلەن ئايرىلىپ شۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. بۇ مەكتەپنىڭ تۈزۈمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنى تېلېفون ئىشلىتىشكە، مەكتەپنىڭ سىرتىغا چىقىشقا يول قويمايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەننىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۇ پەقەت ھەر شەنبە يەكشەنبە كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئاپىسىنىڭ تېلېفونىدا دىلنارغا تېلېفون قىلاتتى.ياكى بولمىسا يوشۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەتتى. ئۇ ھەر قېتىم دىلنار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ دىلنارنى قانچىلىك سېغىنغىنى ئۇنىڭغا دەيتتى. دېمىسىمۇ راست ئۇ بىر  كۈنمۇ دىلنارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويمايتتى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئارىلىقتىن ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى.بىراق دىلنارنىڭ تېلېفونى پەقەتلا ئۇلانماس بولۇپ قالدى.ئۇ بەكلا ئەنسىرىدى.ئاخىرى 4 كۆز بىلەن كۈتكەن، تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى.ئۇ ئۆيگە تۇنجى يېتىپ كېلىپ، بىرىنچى بولۇپ دىلنارنى ئىزدەپ باردى.ئۇ كۈنى دىلنار ناھايىتىمۇ مەيۈس ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى.دىلنار ئۇنىڭغا:«بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدىمەڭ بىز ئايرىلىپ كېتەيلى مەن توي قىلىدىغان بولدۇم.»دېدى.ئۇ دىلنارنىڭ گېپىگە پەقەت ئىشەنمىدى.لېكىن بۇ بىر  ھەقىقەت ئىدى. ئارىلىقتىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ، ئۇ ھەممىنى بىلدى. ئۇنىڭ تەگمەكچى بولغان ئادىمى باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئاكىسى سەۋىردىن ئىدى. سەۋىردىن، دىلنارنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن كېيىن ئاتا ئانىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.لېكىن دىلنار بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز ئىدى.دىلنارئەلچىلەرگە ئۆزىنىڭ مۇراتنى ياخشى كۆرىدىغىنى دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئەلچىلەر، ئۇ تېخى كىچىك بىز ئۇنى ھازىر ئۆيلىمەيمىز  بىز سىزنى سەۋردىنگە سوراپ كەلدۇق سەۋردىنمۇ سىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ.بۇ تويغا قوشۇلدى. دىلنار ئاستا ئاستا ئاتا ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا بۇ تويغا قوشۇلغانىدى.دىلنار نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئۇ دېگەن بەرىبىر قىز بالىدە.مۇراتمۇ نېمە قىلالايتتى؟ چۈنكى ئۇ ئۆز بەختىنى دەپ نەۋرە ئاكىسىنىڭ تويىنى بۇزۇلمايدۇ دە.
مانا بۈگۈن سەۋر دىن بىلەن دىلنارنىڭ قۇتلۇق توي كۈنى يېتىپ كەلدى.ئۇمۇ ئامالسىز بۇ تويغا قاتناشتى.ئۇلاربىرلىكتە قىزنىڭ ئۆيىگە قىز كۆچۈرۈشكە ماڭدى.ئۇلار ئۆيگە كىرىپ كېلىنچەكنى كۆردى.ئۇ كېلىنچەكنى كۆرۈپ كۆزىگە يىغلاشتى.ئۇ يىغىسىنى تېزلىكتە يۇشۇرۇپ، باشقىلارغا چاندۇرمىدى.ئۇ دىلنارغا زەن سېلىپ قارىدى.ئاپپاق لىباس ئىچىدە ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنەتتى.لېكىن ئۇ بۇ تويدىن رازى ئەمەستەك كۆرۈنەتتى.كېچىچە يىغلىغان بولسا كېرەك كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرخىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى. ئۇ دىلنارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. بىراق ئۇ  سەۋىردىنگە ئۆزىنىڭ دىلنارنى ياخشى كۆرىدىغىنى، دىلنارنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى دېيەلمەيتتى. دېيىش مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر ئۇ دېسە سەۋىردىننىڭ چوقۇم كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ دىلنارغا بولغان مۇھەببىتىنى  كۆڭلىنىڭ ئەڭ پىنھان جايلىرىغا، دەپنە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت، بۈگۈن ئۆلگەن ئىدى. ئەڭ ئازابلىقى دىلنارنىڭمۇ، كۆڭلىدىكى مۇھەببەت مەڭگۈ دەپنە قىلىنغان ئىدى.

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان.
2016-يىل9-ئاينىڭ.14-كۈنى.
ئاپتورنىڭ ئۈندىدار نومۇرى.15292532364
قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا قالدۇرساڭلار  بولىدۇ.
     





748 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-14 17:06:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-18 6:04:59 شەبنەم
ياخشى يېزىپسىز ،💐💐💐
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ