ئۇ ساراڭ ئەمەسكەن

ــ ھى، ھى، ھى...كېلە مۆكۈشمەك ئوينايمىز... ــ ئۇ مېنى كۆرۈپلا يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
ئۇ 28 ياشلار چامىسىدىكى بىر نېرۋىسىدىن ئاداشقان گۈزەل ئايال. ئۇنىڭ بىلەن كۈندە مۆكۈشمەك ئوينىشىپ بېرىمەن. بۇنىڭغىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى. مەن بىر ئەقلى ھوشى جايىدا ئادەم، نېمىشقا ساراڭ بىلەن تەڭ ئوينايمەن؟ چۈنكى مېنىڭ ئۇنىڭغا مېھرىم بار. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ساراڭ ئەمەس ئىدى.
مەن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن كۈنى ئۇنى تۇنجى ئۇچراتتىم. ئۇ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. زىلۋا ئېگىزرەك كەلگەن بەدەن شەكلى كىيىم مودېللىرىدەك ئەۋرىشىم بولۇپ، كۆرگەنلا ئادەم ‹‹ ئاي – ھاي ›› دەپ قالغۇدەك بىر جۈپ نۇرلۇق شەھلا كۆزى قاپقارا ئىنچىكە قاشلىرى ئاستىدا تەبەسسۇم بىلەن باقاتتى. مەن ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىرىنى تېخى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان قىز ئىدىم. ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدىلا تارتقانلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەچكە تۇرمۇشقا خېلى پىشىپ قالغانىدىم.چۈنكى بۇ يەردە مەندىن بۆلەك ئۇنىڭغا يار- يۆلەك بولىدىغان ئادەم يوق ئىدى.
تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى. ئۇ مانا شۇنداق ئەدەب بىلەن ئىشىك چېكەتتى.
- كىرىڭ! ئىشىك ئوچۇق،-بىراق ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بولۇپمۇ يەنە ئىشىكنى چېكىۋەردى. مەن تېخى ئۇ مېنىڭ رۇخسەت قىلغىنىمنى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئاستا بېرىپ ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدىم. ئۇ يەنىلا شۇنداق گۈزەل، كەپسىز بالىلار بوزەك قىلىپ ئاتقان مەينەت نەرسىلەر يۈزىگە چاپلىشىپ ، چاچلىرى پاخپىيىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن مېھرىبانلىق بىلەن سورىدىم:
- نېمىشقا ئىشىكنى قېقىۋېرىسەن؟ - ئۇ دەرھال قولىنى كەينىگە قىلىۋېلىپ ، ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىپ، يىغلامسىراپ تۇرىۋالدى. مەن ئۇنىڭ مەڭزىنى ئالقىنىمدا تۇتۇپ، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
- دېگىنە، ھەلىمە، ساڭا نېمە بولدى؟نېمىشقا ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئىشىكنى قېقىۋېرىسەن؟ سرتقا چىقامسەن؟- ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلار تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى.
- ھى، ھى، ھى،،، مەن ساراڭمۇ؟ مەن ساراڭمۇ؟...
ئۇنىڭ بۇ سوئاللىرىدىن چۆچۈپ كەتتىم، مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟ بۇ كوچىدىكىلەرلا ئەمەس ھەتتا ناھىيە بازىرىدىكىلەرمۇ ‹‹ ھەلىمە ساراڭ›› دېسە تونىمايدىغىنى يوق. لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمدا بولسىلا ساراڭلىق قىلمايتتى، ھەرقېتىم بىللە مۆكۈشمەك ئوينىغاندا ، ئۇ مەن ئويلاپمۇ باقمىغان جايغا مۆكۈۋالاتتى. بەزىدە ئۇنى ئىنتايىن ئەقىللىق ئايال دەپ ئويلايمەن. شۇڭا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
- نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن، سەن دېگەن بەك ئەقىللىق تۇرساڭ ، قانداقمۇ ساراڭ بولغۇدەكسەن؟ - دېدىم. ئۇنىڭ يۈزىگە شۇ ھامان كۈلكە يۈگرىدى-دە، ئىشىكنى تېخىمۇ بەك قاققىلى تۇردى. مەن ئارتۇق گەپ سۆز قىلماستىن كومپيۇتېر ئالدىدا ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرىۋەردىم. ئۇ توختىماستىن ئىككى يېرىم سائەت ئىشىك قاقتى. قارىسام قوللىرى قاناپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى:
- بولدى قىل، قارىغىنا قوللىرىڭمۇ قاناپ كېتىپتۇ، مەن تېڭىپ قويسام چىقىپ ئارام ئال... دەپ قولىنى تېڭىپ قويدۇم، ئۇ ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا تۇراتتى. ئاغرىق سېزىمىمۇ يوقتەك...
ئۇ ئۈن-تىنسىز چىقىپ كەتتى. مەن‹‹ ئۇھ ! ›› دەپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم- دە ، خىيالغا پاتتىم. ئەس- يادىم يەنىلا شۇ ساراڭدا ئىدى. ئۇ نەدە تۇرىدىغاندۇ؟ كېچىسى قەيەردە تۈنەيدىغاندۇ؟ نەچچە يىلدىن بۇيان تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇقلاردا قەيەردە پاناھلانغاندۇ؟ نېمىشقا ھەممەيلەن ئۇنى قوغلايدۇ؟ ھەتتا ئېتىز قىرىدىمۇ ئولتۇرغۇزمايدۇ؟ يەنە كېلىپ نېمىشقا داۋاملىق مەن بىلەن مۆكۈشمەك ئوينايدۇ؟...دېگەندەك چىگىش خىياللار كاللامنى چىرمىۋالدى.
ئۇنىڭ پاخپايغان چاچلىرىنى مەندىن باشقا ھېچكىم تاراپ قويمايدۇ. ئۇششاق بالىلار مەينەت نەرسىلەرنى چالما قىلىپ ئاتقاندا كىر بولغان كىيىملىرىنى مەندىن باشقا ھېچكىم يۇيۇپ بەرمەيدۇ. بىراق، مەن ئۇنىڭغا شۇنچە كۆيۈنسەممۇ، ئۇ پەقەت مۆكۈشمەك ئوينىغاندىلا مېنى ھەمراھ قىلىپ، باشقا ۋاقىتلاردا مەندىن قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى كىمدۇ؟ قېرىنداشلىرى يوقمىدۇ؟ بۇنىسى تا ھازىرغىچە ماڭا قاراڭغۇ. ھەر كۈنى كېچىدە ئۇ دېرىزەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتىدۇ-يۇ، يوقاپ كېتىدۇ. كەينىدىن چىقىپ قاراپ كېتىمەن، ھېچيەردىن قارىسى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ زادى قەيەردە تۈنەيدىغاندۇ؟ قىشمۇ- ياز توڭلىمايدىغان ھەم تەرلىمەيدىغان ئىللىق ئائىلىسىمۇ بولمىسا...بۇ خىياللار مېنى سرتقا چىقىپ ئۇنى ئىزدەپ بېقىشقا ئۈندەۋاتاتتى. مەن يېنىك قەدەملەر تاشلاپ دەرۋازىدىن چىقتىم، يولدا ئالدىراش قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتقان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە قارىغۇدەكمۇ ۋاقتى يوقتەك قىلاتتى، ئەنە ئاۋۇ ئىككەيلەن تونۇش ئوخشايدۇ، بېشىنى بوشقىنا لىڭشىتىپ قويۇپلا يەنە ئالدىراش يولىغا راۋان بولماقتا. بىرىنىڭمۇ چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىسىنى تاپقىلى بولمايتتى. ھەممىسى جىددىيچىلىكتە ئۆيىگە، كېچىلىك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگىلى ئىدارە- شىركەتكە ، بەزمە ئۈچۈن رېستۇرانغا، قولتۇقلىشىۋالغان ئاشق- مەشۇقلار بولسا خەلق مەيدانىغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئاشۇ ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى بەلكىم مەنىلىكتۇر، بەلكىم بەختكە تولغاندۇر، بىر-بىرىگە مېھرى باردۇر، ھاياتلىققا چوڭقۇر مۇھەببىتى باردۇر. بىراق، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەلىمە ساراڭغا ئىچ ئاغرىتىپ كۆيۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ساراڭ بولۇپ قالغىنىنىمۇ ھېچكىم دېمەيدۇ، بەلكىم ئۇلارمۇ بىلمەيدىغاندۇ...
مەن يەنە ئۇنى ئىزدەۋاتىمەن، ھەتتا قوشنا كوچىلارنىمۇ باشتىن-ئاياغ ئىزدىدىم. يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەر ماڭا غەلىتە قارىشاتتى، مەندىن داجىپراق ماڭاتتى، ئۇلارنىڭ سەۋەبى ماڭا ئايان. بىر ساراڭ بىلەن بىللە مۆكۈشمەك ئويناپ يۈرسەم، ھويلا ئىچىدە ئوينىدۇق دېگەن بىلەنمۇ ھازىرقى كىشىلەردىن يوشۇرۇپ قالغىلى بولاتتىمۇ؟شۇڭا مېنىمۇ بىر تاياقتا ھەيدىگەن گەپتە !
باشقىلار نېمە دېسە دېمەمدۇ،مەن بىر ئادەمنى يەنى پۈتۈن تىرىك بىر ئادەمنى ئىزدەۋاتىمەن، ئۇ ساراڭ بولسىمۇ ئادەمدە ! ئەجەپ كىشىلەر بىر مۈشۈكى، ئەرمەك ئىتى يوقاپ كەتسىمۇ ئېلان چىقىرىدىكەنغۇ؟! ئۇ قەيەردىدۇ؟ مەن ئىلاجسىز كەينىمگە ياندىم.
دەرۋازا قېشىغا كەلدىم. بىز داۋاملىق مۆكۈشمەك ئوينىغاندا ئۇ مۆكۈۋالىدىغان جاي ئېسىمگە كەلدى. مەن بىر خىل ۋەسۋەسە بىلەن كونا جابدۇقلارنى قويۇدىغان ئۆيگە كىردىم.( بۇ ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن دېرىزەمنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.) ئۇ ئۆيگە ئادەتتە ھېچكىم كىرمىگەچكە توك سىمىمۇ تارتمىغان بولۇپ، بەكمۇ سۈرلۈك ئىدى. ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ ئۆي ئىچىگە بىر قۇر سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم. تېلىفونۇمنىڭ يورۇقىدا شۇنى كۆردۈمكى، ھەلىمە« ساراڭ» بىر ئەسكى پالاز ئۈستىدە تۈگۈلۈپ يېتىپتۇ. بەلكى قولىدىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك پۈتۈن بەدىنى تىترەيتتى، قولىنى يۈزلىرىنى سىلاپ باقتىم،شۇنداق مۇزلاپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچ ئىچىمدىن ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم. ئاھ، بىچارە... نېمىشقا مەن بىلەن بىللە تۇرمايدىغانسەن؟ بىر يىلدىن بۇيان مۇشۇ يەردە تۈنەپ كەلدىڭمۇ؟ ئى ئاللاھ بۇ ئۇنىڭغا نېمە كۆرگۈلۈك؟!
مەن ئۇنى ئويغاتماقچى بولدۇم، بىراق ئۇ ھېچنېمنى سەزمىگەنىدى. مەن ئۇنى ئاران تەستە يۆلەشتۈرۈپ ئىشىك تۈۋىگە ئاران ئەكەلدىم. بۇ چاغدا ئۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئاۋازدا:
- مېنى مۇشۇ يەرگە قويۇپ قوي، سەن چىقىپ كەت، مەن ئەتىلا بۇ يەردىن كېتىمەن. ئەمدى سېنى ئاۋارە قىلمايمەن. مەن ئەتە كېتىمەن، ئەتە كېتىمەن.....- دەپ قايتا قايتا تەكرارلىدى. مەن ئاڭلىماسقا سېلىپ جاھىللىق بىلەن ئۇنى كۈچەپ ئالدىغا ماڭدۇرپ ئۆيگە ئېلىپ كىردىم. ئۇ تارتىشىپ تۇرۇپ مىڭ تەسلىكتە كارۋاتتا ياتتى. ئىسسىق سۇدا لۆڭگىنى ھۆللەپ ئۇنىڭ يۈز قوللىرىنى سۈرتتۈم،ئاندىن ئىسسىق قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ ئىككى قات يوتقاننى يېپىپ ئۇخلىتىپ قويدۇم.
ئاھ ، خۇدا،،، جاھان نېمىدېگەن كەڭرى، ئاشۇ بايۋەتچىلەرنىڭ ئائىلىسى نېمىدېگەن باياشات، ھەشەمەتلىك داچىلىرىدا تۇرغۇدەك ئادەممۇ يوق، غېرىبسىنىپ قالغاندا سىرداشقۇدەك دوستىمۇ يوق؛ كۈنىگە قانچىلىغان تائاملار تۆكۈۋېتىلىدۇ ئاشۇ ئائىلىلەردە، رېستۇران تاماقخانىلاردا....ئاشۇ ئېشىپ تېشىپ تۇرغان پۇلۇڭلارنى ئەڭ قىسىقىسى، شۇ تاماقلارنىڭ رىزقىنى مۇشۇ ھەلىمەگە سەدىقە قىلساڭلارچۇ؟ مۇشۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالارمىدى؟!
سەھەردە بامداد نامىزىغا قوپقاندا يېنىمغا قارىسام ئۇ يوق، ئۇ ياخشى بولۇپ قېلىپ چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ... دەپ ئويلىدىم. چۈنكى كۈندە مۇشۇنداق سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ مەھەللىدىكى بىر يېگانە ئايالنىڭ ئېتىزىغا ئىشلەپ بېرەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئىشلىگىنىنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ، كۆرسە قوغلاپ يېقىن كەلتۈرمەيدۇ. نېمىشقىكىن ، ئۇ ئاشۇ ئايالنى كۆرسىلا مۆكۈنىۋېلىپ يىغلايتتى.
كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن بېشىم ئاغرىپلا تۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ يېڭى خىزمەتكە چىققان مەزگىل بولغاچقا رۇخسەت سوراشتىن ئۇيالدىم. گىرىمنى سۇسلا قىلىپ، ئىشىكتىن چىقتىم. بۈگۈن خۇددى ماڭا ئالاھىدە كۈندەك تۇيۇلاتتى. يۈرىكىم توختىماستىن تېز ھەم كۈچلۈك سوقۇۋاتاتتى، شۇ سەۋەپلىك بەكمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلىپ نەپسىم يېتىشمەيۋاتاتتى. بۇمۇ خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى!
بۈگۈن مەن لاھىيەمنى خېرىدارلارغا كۆرسىتىمەن ، بارماق دېسكامنى ئالغاندىمەنمۇ؟ ئاپلا ! سومكامنىڭ ئىچىدە يوق تۇرىدۇ. قارىغاندا كومپىيۇتېرغا چېتىقلىق پېتى قېپقالغان ئوخشىمامدۇ؟! مەن دەرھال كەينىمگە ياندىم...
ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن يەنە ئالدى بىلەن ھەلىمە ئېسىمگە كەلدى، ئۇنىڭ ھېلىقى تۇرۇشلۇق ئۆيىگە كىرىپ قاراپ باقماقچى بولدۇم، نېمە بولغاندىمەن؟ نېمانداق يۈرىكىم سالىدىغاندۇ؟ شۇ ئىشىك تۈۋىدە ئىچىگە كىرەلمەي نەچچە مىنۇت تۇرۇپ قالدىم... بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم!
ئااااااااااااااااااااااااااااااااااااا! ئەس- ھوشۇمنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالدىم، بايا كۆرگەنلىرىم يالغان ، ھەممىسى مېنىڭ قورقۇنچتا قىلغان خىيالىم خالاس... كۆزۈمنى ئاچمايلا چىقىپ كەتسەم بولىدۇ... ھەممىسى يالغان... لېكىن بىر كۈچ مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىشقا ئۈندەيتتى. ئىچ ئىچىمدىن بورتۇپ چىقىۋاتقان يىغا نەپسىمنى بوغۇشقا باشلىدى. ئۇ....
مانا بۈگۈن مەھەللىدىكى ئاقكۆڭۈل تۆت كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى يەرلىككە قويۇپ كەلدۇق. مەن ئۇ جامائەتلەرنى ئوبدان رازى قىلىپ يولغا سېلىپ قويدۇم. ئەمدى ئۇنىڭ ئاشۇ غېرىپ تۇرالغۇسىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ئائىت نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇش نىيىتىدە شۇ تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم. بايا ئۇ ئۆزىنى ئېسىۋالغان ئارغامچا كۆز ئالدىمدا ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇ دائىم ياتىدىغان ئەسكى پالازنىڭ يېنىغا كەلدىم، پالازنىڭ ئۈستىدە بىر پارچە خەت تۇراتتى. ئۇ ۋاراقنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇدۇم.
« مەن ساراڭ ئەمەس، لېكىن كىشىلەر مېنى ئەيدىز بولۇپ قالدىڭ دەيدۇ، ئۇلار ھەرقېتىم مېنىڭدىن يىرگىنىپ قاچقاندا نېرۋىلىرىم قاتتىق سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. ھېلىقى كۈنى قولۇمدىن قان چىقىپ كەتكەندە ساڭا يۇقۇپ كەتتى، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغىن، مېنى كەچۈر.
مەن بىر پاك قىز ئىدىم، مېنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىم ماڭا بۇ نىجىسنى يۇقتۇرۇپ قويدى. مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتتىم....چۈنكى مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتمىسەم ئۇ باشقا ئادەملەرگىمۇ يۇقتۇراتتى. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ساقچىلار تەكشۈرۈپ كەلگەندە ئانام مېنى نېرۋا كېسەل ئىدى دەپ ئاقلىدى. مانا بۇ ئىشقا ئىككى يىل بولدى. ئاناممۇ ماڭا قارىمايدۇ. ھەم قېتىم ئۇنى كۆرگىنىمدە ئۆزۈمنى قۇچىقىغا ئاتقۇم ، قېنىپ قېنىپ پۇرىۋالغۇم، مېھرىگە تويۇنىۋالغۇم كېلىدۇ. لېكىن بۇ بەخت ماڭا نائىل ئەمەس. مەن بىر قاتىل، ھەم نىجىس كېسەلمەن. دۇنيادا ئانامدىن بۆلەك سەنلا ماڭا كۆيۈنىسەن. لېكىن مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن، ساڭا بۇ تېنىمدىكى مەينەت قاننى ، نىجىس كېسەلنى يۇقتۇرۇپ قويدۇم، مەن دوزاخقا لايىق. ماڭا لەنەتلەر ئوقۇ! مەن بۇ يىرگىنىشلىك تېنىمدىن ئەرزىمەس جېنىمنى جۇدا قىلىشىم كېرەك!»
پۈتۈن بەدىنىم جۇغۇلدايتتى، كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئۇ يەردىن پۇتلىرىمنى ئاران ئاران يۆتكەپ شەھەرلىك دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمەن. ئى ئاللاھ! بۇ ماڭا نېمە كەلگۈلۈك؟!
تەكشۈرۈش نەتىجىسى قولۇمدا ، كۆرۈشكە پېتىنالمايتتىم... بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم ... ئەمەسكەن!ئەمەسكەن!ئەمەسكەن! شۈكرى ئى ئاللاھ! مىڭ مەرتىۋە شۈكرى ! ئەيدىز ئەمەسكەن!
قەبرە ئالدىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ دۇئا قىلماقتىمەن. ئۇنىڭغا ئىچىمدە شۇلارنى خىتاب قىلدىم: سەن بىر پاك قىزسەن! سەن ئەيدىز ئەمەس! سەن ساراڭ ئەمەس...

مەنبە : نۇر تورى 2011 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى





751 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 1:01:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-4 23:17:18 رېشتە
بەك ياخشې يېزېلىپتۇ
2015-8-3 12:52:47 tumanlik ay
bu ras bogan wakamu
2015-8-2 23:01:00 subhi
bak yahxi yiliptu.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ