ئانام سەۋەپچى -ئىبرەتلىك ھىكايە

ئانام سەۋەپچى -ئىبرەتلىك ھىكايە

 

نامسىز

 

كىچىگىمدىكى ئىشلار ئېسىمدە يوق، ئەسلىيەلەيدىغىنىم ئون ياش ۋاقتىمدىن كېيىنكى ئىشلار . مەن نورمال بالىلارغا ئوخشىمايتتىم، شۇنچە ئاددى سۆزلەرنىمۇ چۈشەنمەيتتىم، ئازراقلا جىددىيلەشسەم بېشىم ئاغرىپ ھوشسىزلىنىپ كېتەتتىم. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ئاتا ئانام مېنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلايتتى.  ھەر قىتىم سىنىپتا باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچىرايتتىم ، ئۇلار مېنى «كاللىسى ئىشلىمەيدۇ ، دۆت» دىيىشەتتى…

 شۇ تەرىقىدە سەككىز يىل ئۆتتى، سانسىزلىغان دورا ئوكۇللارنىڭ تەسىرىدە مەن ئادەتتىكى ئادەملەردەك ھالغا كەلدىم، ئۈگۈنۈشتىمۇ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋىرىستىتىغا ئۆتتۈم. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنى ھەقىقى بەخىتلىك ئىنسان سەزدىم.

 مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە مەكتەپ پۈتتۈردىغانغا بىر يىللا قالدى، لىكىن مېنىڭ كەتكۈم يوق. چۈنكى مەن بۇ يەردە قەلبىمنى چىڭ تۇتىۋالغان ئاشىقىم بار ئىدى. بىز بىر بىرمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتۇق.

 بۈگۈن مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق، قەلبىمدىكى ئازاپنى تىلىم بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم. ئامالسىز تەغدىرگە تەن بەردىم، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا ۋەدىلىشىپ يۇرتۇمغا قايتتىم. ئاتا - ئانام مېنى ئىللىق مېھرى بىلەن كۈتۈۋالدى.

 ئۇزۇن ئۆتمەي مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىشقا چۈشتۈم. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆيىمىزگە ئەلچىلەر كەلدى، ئۇ يىگىتىمنىڭ ئەلچىلىرى ئىدى، مەن بەك خۇش بولدۇم. لىكىن ئانامنىڭ چىرايى ساماندەك سارغايغان ئىدى، ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئانام بىلەن مەسلىھەتلەشتىم. ئۇ ئەرزىمەس باھانىلەرنى تېپىپ رازىلىق بەرمەيۋاتاتتى، نەچچە كۈن يالۋۇرۇپ ئاخىر ئۇنى قايىل قىلدىم.

 مانا بۈگۈن داغدۇغلۇق ھالدا ھالال جۈپتۈم بىلەن توي قىلدىم، ئالەمچە بەخىت ئىچىدە كەلگۈسۈمنى تەسەۋۇر قىلاتتىم. كېچە سائەت 11 دىن ئاشتى، بىز بولساق ئۈستىمىزدىكى پەرھىزنى ئادا قىلىش يولىدا ئاۋارە ئىدۇق. بىر چاغدا ئۇ تۇيۇقسىزلا «بۇزۇق »دەپ مېنى بىر كاچات سالدى. مەن ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بولۇپ قالدىم. ئۇ مېنى ئالەمدىكى بارچە سەت تىللار بىلەن تىللاۋاتاتتى، مەن بۇ قىسمەتلەرنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي ھۆركىرەپ يىغلىدىم.  ئۇنىڭغا «مەن پاك »دەپ يالۋۇردۇم. ئەمما ئۇ مېنى ئاتا - ئانىسنىڭ ئالدىدا سازايە قىلىپ ئۆيدىن قوغلىۋەتتى. مەن ئىغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ ئۆيۈمگە ماڭدىم.

يىغلاۋاتىمەن، كاللامدا ھەرخىل خىياللار ، ئىشىك ئالدىمغا كەلدىم. لىكىن ئۆيگە قايسى يۈزۈم بىلەن كىرەرمەن. ئاخىر ئاپامغا تىلفۇن قىلدىم. مىنۇت ئۆتمەيلا ئۇ چىقتى ، زورلاشلار ئىچىدە ئۆيگە كىردىم. ئانام چىرايىمدىن ھەممىنى چۈشەنگەن ئىدى. ئۇ بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن ئىغىز ئاچتى.

-قىزىم، ھەممىگە مەن سەۋەپچى.

مەن ئانامنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم.

 ئۇ كۆز ياشلىرنى سۈرۈتكەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

 -سەككىز ياش ۋاقىتلىرىڭىز ئىدى، بىر كۈنى ئىتىزغا چىقماقچى بولۇپ سىزنى قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويدۇم. ئۇلارنىڭ بىر ئۆيلىنىپ ئايالىنى قويۋەتكەن ئوغلى بار ئىدى. ئۇ كۈنى ئۆيدە ئۇ يالغۇز ئىكەن، ئامالسىز سىزنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويدۇم. كەچتە ئېتىزدىن كەلسەم باش كۆزىڭىز قان ھالدا يېتىپسىز ، ئۇ ئىپلاس ئاللىبۇرۇن قېچىپ كەتكەن ئىكەن. ئەسلى ئۇ سىزگە باسقۇنچىلىق قىلىپ بولۇپ، پەلەمپەيدىن ئىتتىرۋىتىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ بېشىڭىز ئېغىر يارلىنىپ خاتىرىڭىزنى يوقاتتىڭىز ، ئىپپىتىڭىزمۇ يوق بولدى. مەن ۋىجدان ئازابىدا قالدىم، كەچۈرۈڭ قىزىم ھەممىگە مەن سەۋەپچى.

ئانامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئەس ھوشۇمنى يوقاتقىلى ئاز قالدىم، ئەسلى مېنىڭ شۇ دۆتلۈكۈمنىڭ ئىچىگە دىيىشكە تىل بارمىغۇدەك ئاچچىق ئەسلىمىلەر يوشۇرۇنغان ئىكەن ئەمەسمۇ …





1384 قېتىم كۆرۈلدى نامسىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-12 16:32:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-3 22:43:13 tatlek
nim uqun yazgan adam ozini axkar limidi amma bak yahxi yezep kan tuk buyekayini
2016-5-17 11:43:09 Nazakat
uffff nim digan rail iplaslik bu kiqikkina kiznimu box kuywwtmiginni bundak munapiklarga ulug jazasimu azlik kilidu
2016-4-24 13:44:27 قەلبىنۇر
بۇ ئ‍ەسەرنىڭ مەزمۇنى ياخشىكەن ، ياختۇردۇم ھەم شۇ تەلەيسىز قىزغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ،
2016-4-24 13:44:26 قەلبىنۇر
بۇ ئ‍ەسەرنىڭ مەزمۇنى ياخشىكەن ، ياختۇردۇم ھەم شۇ تەلەيسىز قىزغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ