مەھەللەمدىكى قىز - 9 -قىسىم ھىكايە

مەھەللەمدىكى قىز  9-قىسىم
ئابلىمىتجان ۋاھاپ  (تەنھا تۇرنا)  


ئالاقىزادىلىك بىلەن بۇ خەۋەرنى دىدىم ،نىمە ئىش بولدى بالام سىلەرگە تىزىراق دىسىڭىزچۇ ئادەمنى ئەنسىرەتمەي؟شۇ ئىغىر ئەمەس بىز ھازىر دوختۇرخانىدا شۇڭا بۇ ئىشنى دەپ قوياي دەپ !دىدىم ئاۋازلىرىم بىرخىل ئۆزۇمنىڭكىدەك چىقمايۋاتاتتى، دوختۇرخانا ئادىرىسنى  دەپ بىرىپلا تىلفۇننى ئالدىراپلا قويىۋەتتىم، پەلەمپەيدىن يۇرگۇرۇپ چىقتىن مۇلازىمەت ئورنىغا بىرىپ ھاسىراپ تۇرۇپ !تىشلىقمۇ ئەكبەرجان قايسى كارۋاتتا تۇنۇگۇن كەچتە قاتناش ھادىسى بىلەن كىرگەن …؟
ھە ئە بەشىنچى قەۋەت سول تەرەپتىكى   ئىشىك بىلەن كىرىپ 506نومۇرلۇق ئۆي  ئۇچۇنجى كارۋات …
ئالدىراپ يۇگۇرۇپ لىفىتنىمۇ ساقلىماي چىقتىم ،ئىشىك يىنىغا كىلىپ ئەينەكتىن قارىدىم،ياتاتتى ھازىرغىچە كۆزىنى ئاچماي ياتقانىدى ،ئاھ ئاداش ساڭا نىمە كەلگۇلۇك بىز تىخى ئوينايتۇققۇ ئىسىت ئاغزىم سىنى ئالدىمغا كەل دىگەنلىرىمچۇ؟ئاستا ئىشىكنى ئىچىپ كىرىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئاداش نىمە بولدى ساڭا گەپ قىلە بەك ئىغىر ئەمەستۇ؟دەپ كىچىك بالىدەكلا سوئال سوراپ كەتتىم … ، يەنە جىمجىت ئىدى،ئەكبەرجاننىڭ ئانىسى تىلفۇن قىلىدى ياخشىمۇ بالام سىلەر ھازىر قانچىنجى قەۋەتتە مەن كىلىپ بولدۇم ،ھەدە بىز ھازىر بەشىنچى قەۋەت 506نومۇرلۇق ئۆيدە …
تىلفون تىزلا قويىۋىتىلدى،  ئەندىشە ئەنسىرەش بىلەن ئولتۇردۇم ھاسىراپ مۆدۇرۇپ كىرىپ كىلىشتى سالاملاشمايلا ئەكبەرجانغا قاراپ سۆزلەپلا كەتتى …
سىستىرا قىزلاردىن ئىككىسى كىرىپ ھەدە بوشىراق گەپ قىلسىڭىز بىمار ئارام ئالمىسا بولمايدۇ ،سىرىتقا چىقسىڭىز پاراڭلىشىپ باقساق بولامدۇ…؟
ئۇلار سىرىتقا چىقىپ كەتتى،مىنىمۇ چىقىپ كىتىشىمنى ئىيتى ،سىستىرالارنىڭ دىيىشچە ئارام ئالمىسا بولمايدىكەن ……
كارىدۇرنىڭ ئايلانما كەڭلىكىدىكى جايدا بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئولتۇرۇشى ئۇچۇن تەييارلاپ قويغان ئورۇنداقتا ئولتۇردۇق …
بىردەم جىمجىتلىق مىنى ئىغىز ئىچىشقا بۇيرىدى كەچۇرۇڭ ھەدە مەن ئەكبەرجاننى ئالدىمغا چىققىن دىگەنىدىم مەن شۇنداق دىمىگەن بولسام بۇ كىلىشمەسلىك كەلمىگەن بولاتتى …
ئۇنداق دىمە بالام،ئەتتىگەن تاماق يىدىڭمۇ ؟مەن پىشاي دەپ قالغان تاماقنى قارىمايلا كەلگەنىدىم،شۇڭا بالام پەسكە چۇشۇپ يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىدىن ئەتىگەنلىك تاماق ئېلىپ كىرسەڭ بولۇپتىكەن،ئازراق كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ، ھېچبولمىغاندا بىرەر نەرسە يەۋالسام بولاتتى…
ماقۇلە دە سىز ئارامىڭىزنى ئېلىۋېرىڭ مەن پەسكە چۈشۈپ، يەيدىغان تاماق ئېلىپ چىقاي شۇنداق دېگىنىمچە، پەسكە قاراپ ماڭدىم،دوختۇرخانا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقىشىمغا گۈلمىرەنىڭ قولىدا تاماق قاچىسىنى ئېلىپ، يېنىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم گۈلمىرە مەندىن بۇرۇن ئەھۋال سورىدى،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىمىتجان تىچلىق تۇردىڭىزمۇ؟سىلەرگە بىرەر سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ نېمىشقا دوختۇرخانىغا ئېلىپ يۈرۈيسىز؟سورىدىم ئۇنىڭدىن… سەل ئالدىراپ ،ياق، ياقەي ئۇنداق ئەمەس، مەن ھەدەم بىلەن بىللە كىرگەن ئىدىم،ھەدەمگە تاماققا چىققان ئىدىم ھازىر قايتىۋېدىم، ئۆزىڭىزچۇ؟ ئۆزىڭىز نەگە ماڭدىڭىز؟
گۈلمىرە مەن بۇ ئىشلارنى سىزگە كېيىنچە ۋاقتىم چىققان دەپ بېرەي،  يولىڭىزنى توسۇپ قويماي سىزمۇ بۇرۇنراق ھەدىڭىزنىڭ قېشىغا كىرىڭ  تاماقنى ۋاقتىدا يېسۇن،ھە راست گۈلمىرە مەندىن ھەدىڭىزگە سالام دەپ قويۇڭ ئۆزىنى ئاسرىسۇن خوش كېيىنچە كۆرۈشەرمىز…
-- ئابلىمىتجان ھەدەم سىز دىگەندەك  ئەمەس! ھەدەم بۇ يەردە…سۆزنىڭ ئاخىرىنى بۇزىۋەتتىم…
بىلىمەن گۈلمىرە ھەدەڭ بۇ يەردە!شۇنداققۇ بۇ يەرگە ساق ئادەملەر كىرمەيدۇ مەن ئاشخانىغا چىقىپ كىرەي ھېلىغىچە پاراڭلىشارمىز……
دوختۇرخانىغا يېقىنلا جايدا بىر ئاشخانا بار ئىدى مەن شۇ ئاشخانىغا كىردىم،بۇ ئاشخانىدا ئەتىگەنلىك ناشتىلىقلار تولۇق چىقاتتى، مەن تاللاپ يۈرۈپ، سۇيۇقئاش ئالدىم، چۈنكى ئەتىگەندە ئىسسىقراق تاماق يېسۇن….
تاماقنى ئالدىم يولۇمغا كېتىۋاتىمەن، ھەر خىل ئەندىشىلىك خىياللار،نېمە دەپ، تەڭلا كىرىدۇ دوختۇرخانىغا دېگەن سوئال پەيدا بولدى،مانا بۇنى تەقدىر دەيمىزمۇ؟ياكى پېشانەمگە پۈتۈلگىنىمۇ ئەيتاۋۇر بىلمىدىم!بەلكىم ھايات شۇنداق بولغىيتتى……
دوختۇرخانىغىمۇ تاماق ئېلىپ كىرىپ بولدۇم…ئەكبەرجانمۇ  ھوشىغا كەلگەنىدى   ئۇ ئويغىنىپ، بىزگە قاراپ گەپ سۆز قىلدى.
مەن بۇنداق ياتقىلى نەچچىلىك ۋاقىت بولدى سىلەرنى بەك ئەنسىرىتىۋەتتىمغۇ دەيمەن؟ياق بالام بىز ئەنسىرمىدۇق سېنىڭ كۆز ئېچىشىڭ ساقلاپ تۇردۇق…
بۇ سۆز مېنى شۇنچىلىك خىجىل قىلغانىدى،مەن ئەكبەرجانغا قاراپ گەپ سۆز قىلمىدىم، نېمە دېيىشىمنى بىلمەيتتىم…
ئاداش مېنى كەچۈرگىن مەن……كېيىن ئاۋازىم چىقمىدى نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالغانىدىم،
ئەكبەرجان ماڭا قاراپ ئانىسىغا بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن،ئاداش، بۇ سېنىڭ سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بۇ مېنىڭ ئۆزۈمدىن كەتتى، مەندىن كەتتى ئاداش،مەن، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىدىم، شۇنداق تېز ماڭدىمكى سېنى كۆرۈش ئۈچۈن ماڭغانىدىم،خۇشاللىقىم شۇنچىلىك ئىدى چۈنكى سەن بىلەن ئوينىيالايدىغانلىقىمنى ئويلاپ توساتتىن، بىر ماشىنا چىقتى،مەن موتۇسىكىلىتنى  كونترول قىلالمىدىم تورمۇزلىساممۇ  توختىيالمىدىم،موتسىكلىتنىڭ سۈرىتى شۇنچىلىك تىز ئىدى. كېيىن ھېچنېمىنى بىلمىدىم.……
ئۇ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى،توغرا مەن،  بىرمۇنچە نەرسىلەرنى ئويلىدىم،مەن تاكسى توسۇپ ماڭغان ۋاقتىمدا قاتناش ھادىسىسى يۇز بەرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىمغۇ نېمە ئىشقا بارمىغان ئىدىم، ئېسىت-ئېسىت دەپ، ئۆزۈمگە سۆزلەپلا كەتتىم .
بۇ ۋاقىتتا سېستىرالار كىرىپ بىزنى يەنە چىقىرىۋەتتى،بىمار، بۇرۇنراق ئارام ئالمىسا بولمايدۇ، بەكلا چارچاپ كەتتى، شۇڭا سىلەر سىرتقا چىقىپ كېتىڭلار،بىز يەنە سىرتقا ماڭدۇق…كارىدوردىكى ھېلى قاتتىق ئورۇندۇقتا  جىمجىت بىر- بىرىمىزگە قاراپلا ئولتۇراتتۇق.
بالام دەپ سۆز باشلىدى،سەن ئۆيگە كېتىپ ئارامىڭنى ئېلىۋەرگىن مەن بۇ يەردە قالاي،ئارامىڭنى ياخشى ئالغىن بالام ئۇمۇ ياخشى بولۇپ قالىدۇ، مەن بۇ يەردە مەنلا قالاي چۈشتىن كېيىن دادىسىمۇ كېلىپ قالار،ئۇنداق دېمەڭ ھەدە، مەنمۇ ساقلاپ تۇراي، ھەممە ئىشقا، مەن سەۋەبچى، ئەكبەرجاننى كەل دېمىگەن بولسام بۇ ئىشلار بولماس ئىدى…
ئۇنداق دېمە بالام، بالا قازاننىڭ كۆزى يوق بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىدۇ، ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
يۈرە بالام…ئۆيۈڭگە بېرىپ ئارامىڭنى ئال ئوڭشىلىپ قالغۇچە سەنمۇ بارغۇ، ئۇندىن كېيىن، يەنە بىللە يۈرسەڭلار بولىدۇ،يۈرە بالام قايتىپ كەت، ھەدەڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا…
مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم،ھەدەمگە بىردەم قارىۋەتكەندىن كېيىن ئەكبەرجان بار، ياتاقنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا بارىدىم ،ئىشىك ئۈستىدىكى دېرىزىدىن قاراپ، بىردەم تۇردۇم، ئەكبەرجان ئۇيقۇغا كەتكەنىكەن ،ئاداش ئارامىڭنى ياخشى ئال ! مەن قايتىپ كەتتىم يەنە كېلىمەن.…
ھەدە، مەن قايتقاچ تۇراي، سىزمۇ ……
بولدى بالام، قايتىۋەرگىن مەن بۇ يەردە بار، دادىسىمۇ كېلىپ قالار  ! مەن قەدەملىرىمنى ئېغىر ئېغىر ئېلىپ مېڭىۋاتاتتىم ، تۇيۇقسىز بىرىنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، قارىدىم، ئۇ گۈلمىرەنىڭ ھەدىسى ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ئابلىمىتجان سىزگە؟
ياق ياقەي ئادەم ئۇنداق بولمىدى، مەن ياخشى! ئۇنىڭ سېستىرالارچە  تۇرغان قىياپىتى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى،ئەمىسە، بۇ يەردە يۈرىسەنغۇ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟قانداق ئىشلار بولسا ماڭا دەۋەرگىن، مەن، قولۇمدىن كېلىشچە ياردەم قىلىمەن!ماقۇل ھەدە ماقۇل بىز سىرتقا چىقىپ بىردەم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟ھەئە بولىدۇ ئىنىم بولىدۇ يۈرە مېنىڭ ھازىر، ئىشىممۇ يوق ،
بىز جىددىي قۇتقۇزۇش بىناسى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق، بۇ مۇنداق ئىش ………
ھەممىنى دەپ بەرگەن ئىدىم،ئەنسىرىمە ئىنىم ئەنسىرىمەڭ مەن بار بۇ يەردە، سەن بېرىپ، ئارامىڭنى ئېلىۋەر،ھە قاچان بەكلا چارچاپ كەتكەنسەن.
ماقۇل ھەدە سىزمۇ ئارامنى ياخشىراق ئېلىڭ، مەن ئۆيگە قايتتىم.…
خوشلاشتىم، دوختۇرخانا ئالدىغا چىقىتىم دە تاكسىدىن بىرنى توسۇپلا ئۆيگە كىلىۋالدىم ……
     





395 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 0:15:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ