قاراڭغۇ ئورمان 2- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 2- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

تەييارلىقلىرىمنى تۈگۈتۈپ تۇرۇشۇمغا قاھارمۇ سومكىسىنى سۆرەپ كەلدى -دە سۆزلەپلا كەتتى.

- سېنىزە ، مېنى ئۆزەڭ بىلەن تەڭ جاپا تاتقۇزىدىغانغا ئارانلا تۇرىسەن ھە ، ھەي مېنىڭ مۇھىم ئۇچۇرشۇم بارلىغىنى بىلىسەنغۇ ، ئادىلەنى يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ ئەمدى يۇمشاتسام ئىشىمنى يەنە بۇزدۇڭ .

- ھەي ، ھەي ئىشىڭنى مەن بۇزمۇدۇم ، مەن تېخى باشلىققا ، جېنىم باشلىق قاھار بارمىسۇن ، ئۇ قىزلارنى كەلتۈرەلمەي بەك جاپا تارتىپ كەتتى ، ئۇنىڭ كىيىنلىگىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ ، ئۇنى بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتسۇن دەمسىز، بىچارە توي غېمىدا ساراڭ بولايلا دەپ قالدى بۇنداق قىلسىڭىز ياخشى بىر ساقچى خادىمىدىن ئايرىلىپ قالىمىز دەپ يالۋۇردۇم تېخى ، لېكىن ئۇ ، ۋاقىراپ « ساراڭ بولسىمۇ شۇ يىراق جايدا بولسۇن ، ۋەزىپىنى ئورۇندىماي ساق كەلسەڭلار ئۆزەم ساراڭ قىلىپ قويىمەن » دەپ ھەيدەپ چىقاردى ، ئەلپازى بەك يامان .

 ئۇ مېنىڭ گەپ توقۇۋاتقىنىمنى ئالىقاچان بىلىپ بولغانتى .

 - بولدى قىلە ، قىلغۇلىقنى قىلىپ بولۇپ قاقۋاشلىق قىلىشنىلا بىلىسەن . شۇنداق دىيىشىپ يۈرۈپ ماشىنىغا يۈكلەرنى بېسىپ بولدۇق، مەن دەرھاللا ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا چىقىپ ئولتۇرۋالدىم ، ئۇ ماڭا بىردەم قارىۋېتىپ ۋاقىردى :

 - ھەي ، ماشىنىنى ھەيدەمسەن يوق ، ھىلىگىمۇ توشۇپ بولغان نىمە سەن ھە؟

- ۋايجان قۇرسۇغۇم ، قۇرسۇغۇم ئاغرىپ كەتتى ، سەن بىردەم ھەيدەپ تۇرە ، مەن مىھمان قىلاي سەل تۇرۇپ.

 ماشىنا ھەيدەشتىن قورقۇپ قۇۋلۇق قىلىشقا باشلىدىم ، ئۇ رولغا چىقىپ غۇدۇرلىدى :

- بولدى قىلە ، سېنىڭ بىلەن تەڭ ماڭساملا كۈنۈم تەس مېنىڭ، ئەكىلىگىڭنى قىلىپلا تۇرىسەن، ھەي دەپ باقە ، سېنىڭ بىلەن بىر ئىشلىشىم شور پىشانىلىكمۇ قانداق.

 مەن ئورۇندۇقنى ياتقۇزۇپ، ئۆزەمگە راھەت ئورۇن راسلاش بىلەن بولۇپ كەتتىم لېكىن ئۇ ماشىنا ھەيدىگەچ غۇدۇرلاپلا توختىمايۋاتاتتى :

- ئۇنچىلىكمۇ گۇناھ ئۆتكۈزمىگەندەك قىلغانتىم بولمىسا سەن مەرەزگە ئۇچۇراپ كۈنلىرىم جاپادا، مىھمان قىلىمەن دىيىشى ، تايىنلىق مىھمان قىلغاندا پۇل قاپچۇقۇڭ ئۈيۈڭدە قالار ھە …

 ماشىنا بىر خىل سۈرەتتە غۇيۇلداپ كىتىپ بارماقتا ئىدى ، قاھارمۇ سۆزلەپ ھارغان بولۇپ ، كاللامغا يەنە پەرىدە كىلىۋالغان ئىدى، مەن ئاستا ئارخىپنى ئېچىپ ئۇنىڭ سۈرىتىگە يەنە قارىدىم .

- ھوي كىمۇ ئۇ ، خېلى چىرايلىقتەك تۇرىدۇ ، ھېلقى بىز تاپىدىغان قىز شۇمىكەن ،- دىدى قاھار بوينىنى سۇنۇپ رەسىمگە قاراپ ،- ھە ئەمدى بىلدىم ، سېنىڭ غەرىزىڭ باشقىمۇ قانداق ھە ؟

- يولغا قاراپ ماشىناڭنى ھەيدىگىنە ،- دىدىم ئۇنىڭ ئىچىمدىكىنى تېپىۋالغىنىدىن تىرىكىپ ،- گۇمانخورما تۇغۇلۇپ كەتكەن نىمىغۇ سەن .

- ئەمىسە تونىمايمەن دەپ باقە ؟

 ئۇ راستىنلا مېنىڭ تۇرقۇم ، كەيپىياتىمغا قاراپلا سىزىپ بولغاندەك قىلاتتى ، شۇڭا بۇ جانجىگەر دوستۇمدىن بۇ ئۆتمۈشۈمنى يوشۇرۇپ يۈرۈشنى خالىمىدىم .

- ئۇ پەرىدە شۇ .

 - پەرىدە ، سەن جۆيلىۋاتقان پەرىدەما ،- ئۇ ھەيران بولۇپ بىر ماڭا قارۋېتىپ يەنە سۈرەتكە بويىندىدى .

 - ھەي ماشىناڭنى ھەيدىگىنە ، ئىش تاپما ئەمدى .

 - خېلى چىرايلىقكەن ھە ،- ئۇ ھىجايدى، مەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ ئورۇندۇققا يۆلۈنۈپ ياتقىنىمچە بۇرۇنقى شىرىن ھەم ئازاپلىق چاغلارنى ئويلاشقا باشلىدىم . …

 يازنىڭ گۈزەل كۈنلىرى ئىدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى غەلبىلىك پۈتكۈزۈپ، قايسى ئالى مەكتەپتىن ئەتىۋالىق ئۇقتۇرۇش كىلەركىن ، دەپ ساقلاپ ئولتۇرمايلا ، يېزىغا بۇۋام ، موماملارنىڭ يېنىغا قاچتىم . بۇۋام ، موماملار ئۇ چاغلاردا خېلىلا تىتىك ، تىمەن ئىدى ، ئۇلار مېنى كۆرسە ھېيىت كەلگەندەك خۇش بولىشاتتى ، ئەلۋەتتە مەنمۇ خۇش بولاتتىم لېكىن يېزا دىگەن باشقا بىر دۇنيا دە ،گۈزەللىگى ئۆزگىچە ، نازۇ - نىمەتلىرى ئۆزگىچە ، ئادەملىرى ئۆزگىچە ، ھەممە نەرسە شۇنداق تەبىئى ، يەنە ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىگى ، پۈتۈن يىل بويى تۈگىمەس ئىشلىرىمۇ ئۆزگىچە .

 مەنمۇ كىلىپ بىر نەچچە كۈن مىھمان بولىۋېلىپ، تىزلا دىھقانغا ئۆزگەردىم، بۇ جەرياندا كىچىگىمدىن تونۇشۇپ كەتكەن دوستلىرىم بىلەن تېپىشىپ يېزىنىڭ كەڭ قوينىغا سېڭىپلا كەتكەنتىم . شۇنداق غەمسىز ، خوشال كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى، دوسىتلىرىم مېنى ئىزدەپ كەچتە چەتەرەك بىر كەنىتتە كىنو قويىلدىغانلىغىنى، بەك كۆپ ئادەمنىڭ باردىغانلىغىنى ،ھەتتا نۇرغۇن قىزلارنىڭ بارلىغىنى ئەسكەرتكەش بېرىشقا تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇمنى ئېيتىپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى. ئەلۋەتتە ئۇ ۋاقىتلاردا كىنو يېزىلاردا ئالاھىدە بىر خۇمار ئىدى، يېزىدىكىلەر كىنوغا شۇنچىلىك ئامىراق ئىدىكى، كىنودىكى قەھرىمانلارنى تونۇشلا ئەمەس ھەتتا شۇ كىنو ناخشىلىرىنىمۇ ئوخشاش ئېيتالايتتى. مەن كىنو دىگەن گەپنى ئاڭلاپلا ھاياجاندا ھەر ئاخشىمى ئورۇنلاۋاتقان ۋەزىيپەمنى يەنى بۇۋامنىڭ قويلىرىغا ئوت ئېلىپ بىرىدىغان ئىشىمنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئوغاقنى ئېلىپ باغقا يۈگەردىم . بۇۋامنىڭ بېغى بەك چوڭ بولمىسىمۇ شۇنداق چىرايلىق باغ ئىدى ،مەن ئەمدى ئوت ئورىماقچى بولۇپ تۇرۇشۇمغا خوشنا باغدىن قىزلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى .

- ئادىلە ، كەچتە كىنوغا قانداقمۇ بارارمىز ھە ؟

ماڭا بۇ ئاۋاز شۇنداق چىرايلىق ، شۇنداق يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى -دە ئۆزەممۇ بىلمەي ئوغاقنى تاشلاپ قويۇپ باغلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل تامدىن خوشنا باغقا بويلىدىم ، لېكىن قىزلار ئۈزۈم بارانلىغىنىڭ كەينىدە بولغاچ كۆرەلمىدىم .

- ئامالى بولۇپ قالىدۇ ، دادام ھاراۋا بىلەن ئاپىرىپ قويار يە !

 بۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ قالدىم ، بۇ بۇۋاملارنىڭ خوشنىسىنىڭ قىزى ئادىلە ئىدى، مەن بۇ يەردە كۆپ تۇرمىغاچقا ئۇ قىز بىلەن بىر - بىرىمىزنى تونۇيتتۇق، لېكىن گەپ قىلىشىپ باقمىغانتۇق .

- تاغامنى ئاۋارە قىلساق قانداق بولىدۇ ، مېنىڭچە مۇنداق قىلايلى ، ئوتلارنى ئورۇپ بولۇپ، مەھەللىدىكى قىزلارنى يىغايلى، توپلىشىپ پىيادە بارمامدۇق.

 قىز بىر ئامال تاپقىنىدىن كۈلدى، ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىدى.

 - ھە بۇمۇ بولغۇدەك ، ھەيۋەت ماڭساق، يىگىتلەرنى ھاڭ - تاڭ قىلىپ دەيسەنغۇ ھە.

ئىككىسى بۇ ئامالىدىن سۆيۈنۈپ ۋېلىقلاپ كۈلۈشتى، مەن ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ ھېلقى ئاۋازى چىرايلىق ، كۈلكىسى تېخىمۇ چىرايلىق ئاڭلىنىۋاتقان قىزنى كۆرۈشكە قىزىقىپ تامغا ئېسىلىپ بىر گىرۋەككە دەسسەپ بويۇنداپ تۇراتتىم،  تۇيۇقسىزلا قىز ئۈزۈم بارانلىغىدىن چىقىپ مېنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى، مەنمۇ بۇ تاساددىپىلىقتىن قاچىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشتۈم كىم بىلسۇن ئەسلى تام كامىرىدا يۇغان بىر بوغۇن ( ھەسەل ھەرىسىنىڭ بىر تۈرى) ئۇۋۇسى بارلىغىنى، ئۇلار مېنىڭ يىقىلىپ چۈشىشىمدىن چۆچۈپ كىتىپ ماڭا ئېتىلىندى -دە كەلگەن پېتى بىرى كۆزۈمنى، بىرى قۇلۇقۇمنى چاقتى، مەن ئاغرىقنىڭ دەستىدىن« ۋايجان» دەپ ۋاقىرغىنىمچە باغنىڭ ئىچى تەرپىگە قاچتىم ، مېنىڭ يىقالغان ھالىمدىن بايقى قىزلار كۈلگەندەك قىلغانتى، قېچىپ كىتىۋېتىپ ئۇلارنىڭمۇ «ۋايجان» دەپ ۋاقىرشىپ كەتكىنىنى ئاڭلىدىم -دە ئىچىمدە «خوپ بوپتۇ مېنى مازاق قىلغاندىكىن » دەپ ئويلاپ خۇش بولۇپ كەتتىم .

 بوغۇننىڭمۇ زەھىرى خېلى كۈچلۈك ئىدى ، بىردەمدىلا بىر كۆزۈم ئىشىپ يۇمۇلدى ، قۇلۇقۇم ئىشىپ يۇغان بىر پارچە لاي چاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى ،« ئاپلا كىنوغا بۇ تۇرقۇم بىلەن قانداقمۇ بارارمەن» دەپ ئويلاپمۇ بولدۇم، شۇنىڭدىمۇ بارمىسام بولمايدۇ دە ،چۈنكى بۇ پۇرسەت ئايدا بىر قېتىممۇ بولمىسا . بوغۇنلارنى ئىچىمدە تىللىغاچ بىر قۇچاق ئوتنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىرىشىمگە بۇۋام ماڭا بىر قارۋېتىپلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:

- جېنىم بالام سېنى چوڭ بولدى ، ئەمدى ئۆيلەپ قويساقمۇ بولغۇدەك دەپ يۈرىسەم ، يەنە بالىلىقىڭنى قىلىپ بوغۇن قوزغاپ يۈرىدىڭما .

 بۇۋامنىڭ قاقاقلاپ كۈلىشى بىلەن دىگەن گەپلىرىدىن تىرىكىپ ئوتنى ھويلىغىلا تاشلىدىم ،

 - بۇۋا باغدا بوغۇن با دەپ قويساڭ بولماسمىدى ، مەن قانداق سىرتقا چىقىمەن ئەمدى ،- غۇدۇرلىدىم .

 - بالام بوغۇن بارلىغى بار ، لېكىن تامنىڭ يوچىغىدا ئىدى ، يوچۇقتىن كىمنى كۆرمەكچىدىڭ؟

 بۇۋامنىڭ پۈتۈن ئىشىمنى كۆرۈپ قالغاندەك بۇنداق دىيىشىدىن خىجىللىقتا يۈزۈم قىزىپ ئۈي ئىچىگە ئۆزەمنى ئاتتىم ، ئۆيدە مومام تاماق قىلىۋاتقان ئىكەن ، ئۇ تۇرقۇمنى كۆرۈپ چىدىيالمايلا قالدى دە ،لۈڭگىنى قىزىتىپ ئىشىغان يەرلەرگە باستى. كۈنمۇ ئولتۇراي دىگەندە دوسىتلىرىم مېنى ئالغىلى يىتىپ كىلىشتى ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىدە بىردىن ۋەلسىپىت بار ئىدى ، مېنىڭ چىرايىم ئۇلارنىڭ تازا كۈلىۋېلىشىغا يەنە تۈرتكە بولدى ، بۇۋام ماڭىمۇ ئامراق ۋەلسىپىتىنى تەييارلاپ بەردى، لېكىن مەن مېڭىشقا ئۇنمىدىم سەۋەبى بۇ چىرايىم بەكلا ھەجىۋېي بولۇپ قالغاچقا قىزلارنىڭ مازاق قىلىپ كۈلىشىدىن قورۇققان ئىدىم. بۇۋامنىڭ ماڭا بىر قارۋېتىپ :

 - بارىۋە بالام ، ھېلىغۇ ئىشىپ قاپتۇ ، پىچاق تىلسىمۇ سەن ئەركەك ، خىجىللىق ئەركەككە ياراشمايدۇ ، - دىگەن گېپىدىن ئىلھاملىنىپ دوسىتلىرىم بىلەن ماڭدىم .

 بىز يولغا چىقىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ئالدىمىزدا كىتىۋاتقان بىر توپ قىزلار ئۇچۇردى ،قىزلارنى كۆرۈپلا چىرايىمنى كۆرسەتمەستىن تىزدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانتىم لېكىن ماۋۇ ئاغىنىلىرىم دىگەن كاساپەتلەرنىڭ توختاپ قېلىشىدىن مەنمۇ ئامالسىز توختاپ بېشىمنى تۈۋەن قىلدىم ، ئاغىنىلىرىم قىزلار بىلەن سالاملىشىپ بولىشىغا ھەممە قىزلار ماڭا قارىدى، بۇ چاغدا ئىختىيارسىز خىجىللىقتا تەمتىرەپ قالغان ئىدىم .

- ھەي ئادىلە ماۋۇ بىزنى بوغۇنغا چاقتۇرۋەتكەن بالا شۇغۇ ،- بۇ تونۇش ئاۋاز ، ھېلقى قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى .

- دەل شۇ ، شۇ ئەركىن دىگەن بالا .

ئادىلەنىڭ گېپى بىلەن تەمتىرەپ بېشىمنى كۆتەرگىنىمنى بىلىمەن قىزلار پاراقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلارغا قاراپ ئاغىنىلىرىم دىگەن كالۋالارمۇ قوشۇلۇپ كۈلۈشتى، خىجىل بولۇپ تۇرساممۇ ھېلقى قىزنىڭ شۇنچىلىك ئېچىلىپ كۈلگەن كۈلكىسىدىن چىرايىغا قاراپتىمەن، كىم بىلسۇن بايا ياغلىق بىلەن ئىتىۋالغان بولسا ھازىر ئوچۇق بولۇپ ئۇنىڭ كۆزىمۇ مېنىڭكىدەك ئىشىپ يۇمۇلۇپ قالغان ، تېخى ئادىلەنىڭمۇ شۇنداق ئىدى، مەنمۇ ئۇ ئىككىسنىڭ تۇرقىدىن ئۆزەمنى باسالماي كۈلۈپ كەتتىم ، مېنىڭ بۇنداق كۈلۈشۈمدىن باشقىلار ھەيران بولۇپ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى ، ھېلقى قىز بۇ چاغدا يۈزىنى ئىتىۋېلىپ :

 - خەپ توختاپ تۇرۇڭ ،كۆزۈمنى قانداق تۆلىتىمەنكىن سىزگە ، تېخى كۈلۈپ كەتكىنىنى ،- دىگىنىچە ئادىلەنى تارتىپلا مېڭىپ كەتتى.

باشقا قىزلارمۇ ئەگەشتى .

- ئۇ قىز كىمۇ ؟- سورىدىم مەن ئاغىنىلەردىن ،- ئەجەپ يامانكىنا !

 -ئۇمۇ شەھەردىن كەلگەن ساڭا ئوخشاش ، ئادىلەنىڭ نەۋرە قېرىندىشى ،ئىسمى پەرىدە، بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغانمىدىڭ ؟

 مەن بېشىمنى چاقىدىم .

داۋامى بار....





3558 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-18 21:38:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-20 15:33:58 قۇياش
ياخشى مەزمۇنكەن
2016-6-3 22:30:56 قۇربانجان
بۇ ئەسەرلەرنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئاڭلىدىم جاپا چەكتىڭلار ،،،رەخمەت سىلەرگە
2016-1-13 11:25:57 amchi
Asta tizrak yullaglaqu bunigga kirip kitip hizmatnimu jayda kilhili bolmidi
2016-1-10 19:32:53 زىلەلە
قاراڭغۇ ئ‍ورماننىڭ 1-قىسمىدىن 7 قىسمىغىچە بولغان ئ‍ارلىقتىكىنى پەقەت جايىدا تاپالمىدىم ئ‍اران بىر قىزىققاندا ئ‍ۇففففففف
2015-12-19 13:41:47 خالىدە
ئ‍ەسەر ئ‍ىسمىغا ماس بىرە مەزمۇن چىقمىدىيا
2015-12-19 10:49:40 kapsiz
kurkunuxlok hikayla bak yahxi yizlip tu
2015-12-19 2:28:19 ئ‍ايزىبا
قاراڭغۇ ئ‍ورمانلىقنىڭ ئ‍ايىقىنى قاچانلىققا يوللايسىلە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ