بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش

         بىر كۆرۈپ كۆيۈش(1)
ھېكايە  
        مېھمان          

بۇ ۋاپاسىز دۇنيانڭ ئشلىرىنى ئەقىل ئىشلىتىپ تەسەۋۋۇر قىلساڭ، بىلىمىڭنى ئىشقاسالساڭ ئۇقالايسەن. مىجەز خۇلقى جەلىپكار قىزغا ئوخشىسىمۇ،ئەمىليەتتە بۇۋاپاسىز دۇنيا ئالىبۇرۇن قېرىغان. قىزنىڭكىدەك چىرايلىق خۇلقى بىلەن سېنى ئاشىقى بىقارار قىلىدۇيۇ ،تەلەپ قولۇڭنى سۇنساڭ قولىنى بەرمەيدۇ. سۆيمەكچى بولساڭ كىيىكتەك قاچىدۇ .ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ پۇتۇڭغا ئېسىلىدۇ . بەزىدە توزدەك ياسىنىپ ئارقاڭدىن چاپىدۇ . بەزىدە ئەزەلدىن كۆرمىگەن كىشىدەك يۈزىنى ئۆرۈيدۇ . ئاشۇنداق قىلىق چىقىرىپ تالاي تالاي بەگلەرنى قېرىتتى.ئۆزى بولسا ساھىپقىران . شۇنچە كۆپ بەگلىكلەنى بۇدۇنيادىن كۆچۈردى، ئۆزىنىڭ تېخى سۆزى تۈگىگىنى يوق          -يۈسۈف خاس ھاجىپ
 -ھە ، ئاشىق تۇرە ،-باللا ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشتى ، ئالدىمغا قارىدىم ، مۇئەللىم ماڭا قاراپ تۇراتتى ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم
_مۇئەللىم ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى تەگەۋىردىكەنلا _دېدىم قىيدىغان ھالدا ....
_ۋوي ھە ئۇنداق ئەمەسمۇيا  تېخى سىنپىمىزغا كىرگىلى بىر ھەپتىمۇ بولمىغان قىزغا تەلەپ خەت يېزىپ باشقا سىنىپقا چىقىرۋەتتىڭ راسقۇ ..._دېدى مۇئەللىم سىنىپتا يەنە كۈلكە ئاۋازى مەنمۇ بوش كەلمىدىم
_ۋوي قىززىق گەپ قىلدىكەنلا ياخشى كۆرۈشكىمۇ ئايلاپ يىللاپ ۋاقىت كېتەمتى ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنپىمىزدا بۆرەجېق قوي ئاز  تۇرسا شۇڭا بالدۇر قول سالاي دېگەن ھەممە ئشنى سىز بۇزدىڭىز ئۇ خەتنى بېرە_بەرمەي باللانىڭ ئالدىدا ئوقۇپ ،بولمىسا بۇ چاققىچە ئۇ قىز بىلەن ....._ گېپىمنىڭ كەينىن يۇتىۋەتتىم
_ھە نېمە، ئۇنى ئۆزەڭدىن كۆر  كىممۇ سېنى ئۇ شئېرنى  قولىغا بەمەي خەقنىڭ دوكىلات دەپتىرىنىڭ ئارسىغا قىستۇرۇپ قويسۇن دەپتۇ .....بولدى بولدى دەرسىمىزگە كېلەيلى بۈگۈن ئۆتۈلدىغان دەرىس (ليۇبوف پېرۋاۋا ۋىزگىلىيادا)  بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش. ھە ئاشىق دېگىنە بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش  دېگەن نېمە ؟
_شۇ بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش دېگەن گەپ ......
_ خۇددى سەندەكما _سىنىپتا يەنە كۈلكە ئاۋازى _ساڭا دېسەم شۆھرەت ھەقىقىي ئاشىق سەندەك بولمايدۇ ، كىم چىرايلىق بولسا ئۇنى قوغلىشىۋېرىدىغان گەپمۇ ،بۇندا مۇھاببەتنىڭ ئېتبارى بولمايدۇ...چاقچاق ....._مۇئەللىم دوسكىغا چوڭ قىلىپ روسچە (ليۇبوف پېرۋاۋا ۋىزگىلىيادا)دېگەن خەتنى يوغان قىلىپ يازدى ۋە _مەن سىلە رگە بىر ھەقىقىي بولغان مۇھاببەت ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي ....
     

 مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589

 

     






558 قېتىم كۆرۈلدى xohret ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-24 15:13:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ