ئەمدى ئانام يېنىمدا ئەمەس قېنىمدا (ھىكايە) - ​ ئالـمىرە ئەخمەت

ئەمدى ئانام يىنىمدا ئەمەس قېنىمدا
 ئالـمىرە ئەخمەت 


مانا بۈگۈن ئۆيدىن ئايرىلغىنىمغا ساق 463 كۈن بولدى . بۇ 463 كۈننىڭ ئىچىدە ئۆيدىكىلەر بىلەن  76 قېتىم تىلفۇنلىشىپتىمەن . بۇنىڭ 31 قېتىمىدا دادام -ئاپام ئىككىلىسى بىلەن ، قالغان 45 قېتىمىدا پەقەت ئاپام بىلەنلە كۆرۈشۈپتىمەن . ئەمدى ئويلىسام مەن ئۆيگە ھەر ئايدا 5قېتىممۇ تېلفۇن قىلماپتىمەن دىسە .... كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ ئەڭ كەينىدىكى كاتاكچە قىلىپ سىزىۋالغان جەدۋىلىمدىن بۇ سانلارنى كۆرۈپ ئەمدىلىكتە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن يىراقتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك بولىۋاتاتتىم . سېستىرانى چاقىرىپ مىنى دوختۇرخانا ھويلىسىدىكى  ھېلىقى يالغۇز دەرەخنىڭ ئاستىغا ئېپچىقىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىشىنى دىدىم .  
    كۈن نۇرى ئۈستىمگە ئاتا قىلغان ئىللىق بىر سىزىم بىلەن تەڭ چۈشۈممۇ بىلمىدىم ئۆزۈمنى ئاپامنىڭ قوينىدا كۆردۈم ، ھەقىقەتەنمۇ ئاپامنىڭ قوينى بۈلەكچە ئىسسىق ئىدى ، ئۇنى قۇچاقلىماقچى بولۇپ قولۇمنى ئۇزاتتىميۇ يەنە ئاستا تارتىۋالدىم  . خۇددىي ئاپام بىلەن ئارىمىزدا توسۇلغان بىر كۆرۈنمەس تام باردەكلا قىلاتتى . كىچىكىمدە ئاپامنىڭ كەينىدىن پەقەت چىقمايتىم ، قەيەرگە بارسا ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ئۆزۈمنى ئېتىپ يىغلايتىم . بىچارە ئاپام ھېيىت بايراملاردا باشتىن ئاياق يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرمىسە يىغلاپ نەچچە كۈن قىيداپمۇ قالاتتىم ، كەشلىكى ئاپام بىلەن بىللە ئۇخلاشقا بەك ئامراق ئىدىم ، بىر كۈنى چۈشۈمدە ئاپام ئۆلۈپ كىتىپ چۈش كۆرۈپ بىر كىچە ئىسەدەپ يىغلاپ ئۇخلىمىغىنىم ئىسىمدە .  سوغۇق بىر شامال بىلەن ئەندىكىپلا كۆزۈمنى ئاشتىم ، ئەسلىدە مەن ئاپامنىڭ قۇچىقىدا ئەمەس چاقلىق ئورۇندۇقتا يالغۇز دەرەخكە يۈزلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن . تۇيۇقسىز ئاپامنى سېغىنىپ كەتكەندەك بولدۇمدە تېلفۇن قىلىش ئۈچۈن يانفۇنۇمنى ئىزدىدىم ، ئەمما ... شۇ كۈندىكى ۋەقەدىن بۇيان يانفۇنۇم ئەمەس بارار جايىممۇ يوق پەقەت ۋە پەقەت  ساناقلىقلا كۈنى قالغان مەجرۇھ تېنىم ۋە مۇشۇ چاقلىق ئورۇندۇقۇملا قالغان ئىدى .
       بۈگۈنكى سورۇن ناھايىتى قىززىغان ئىدى.بۇ خوشاللىقتا سائەتنىڭ تاڭ سەھەر 2 بولۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قالغان ئىدۇق . ئەمدى سەل ھاردۇق يەتتىمۇ تونۇشقىلى 2ھەپتىمۇ بولـمىغان جان دوستۇم گۈلگىنەنىڭ ئەتىگەن ئاپىسى بىلەن تاكاللىشىپ قېلىپ كەيپىياتى ناچار بولغانلىقتىن كۆڭۈل ئېچىش يۈزىسىدىن ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئولتۇرشىمىزدىن تارقاشتۇق . «سورۇنلۇق دوستلىرىم » ئولتۇرۇشتىن چىقىپلا ئاستا بېشىنى يۇپۇرۇپلا يوللىرىغا مېڭىشتى . مەن قىز بالا بولغىنىم بىلەن ئۆيدىن ئايرىلغاندىن بېرى بۇنداق كىچە قايتىشلارغا كۆنۈپ كەتكەن بولغاشقىمۇ مەنمۇ قۇلۇقۇمغا نائۇشنىكىمنى سېلىپ كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توسۇپ مەنزىلىمنى ئېيتىپ دېرىزە سىرتىغا قاراپ خىيالغا پاتتىم . خېلى ۋاقىت بولدى چۈشۈمدىمۇ ۋەياكى خىياللىرىمدىمۇ پات ـ پات ئاپام كىلىپ قالاتتى .  مانا ھازىرمۇ كىچىكىمدە ئاپامنىڭ : «قىزىم ، سىزگە قارىسام قارىسام مەستلىكىم كىلىدۇ جۇمۇ ، شۇنداق ئەدەپلىك چىرايلىق قىز بولدىڭىز ، مەن بۇ دۇنيادا سىزنى دەپلا ياشايمەن  بالام ، سىز مىنىڭ پەخرىم . مەڭگۈ مۇشۇنداق ئىنسابىڭىزنى بەرسۇن »دەپ دۇئا قىلىشلىرى ئىسىمگە چۈشۈپ قالغانىدى . خىياللار بىلەن كۆزۈم يۇمۇلۇپ قالغىنىنى بىلدىميۇ ئاچسام ئۆزۈمنى كىسەل كارۋىتىدا كۆردۈم .
     « سىز ئاققان كىسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ قاپسىز ، دەرھال يىلىك ئالـماشتۇرۇلـمىسا ھاياتىڭىزنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولـماي قالىدۇ » بۇ سۆزنى مەن خاتا چۈشۈنۈپ قالدىممۇ ياكى راستىنلا شۇنداق كىسەل بولۇپ قالدىممۇ ئۆزۈمنى تاپالـماي  قېتىپلام قالدىم . ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلـمىدىم دوختۇرنىڭ يەنە كىرىپ ئائىلە ئەزالىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز كېرەك ، دەرھال ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىزگە جاۋابىنى بېرىڭ دېگەن سۆزىدىن ئۆزۈمگە ئاران قايتىپ كىلەلىدىم .  
ئەمدىلىكتە ساق ۋاقتىمدە  شۇنچە تاشلىۋەتكەن، ئىزدەشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالـمىغان  ئائىلە ئەزالىرىمنى ،قايسى بىر تۇققۇنۇمنى مەن كىسەل بولۇپ قالدىم دەپ ئىزدىشىمنى بىلەلـمەي ئۆكسۈپ ـ ئۆكسۈپ  يىغلاپ كەتتىم . ئاپام ماڭا دائىم دەيدىغان گىپى :« قىزىم سىز يالغۇز قىز بولۇپ قالدىڭىز ، سىزدىن بەكلا ئەنسىرەيمەن  . قانداقلا ئىش بولسۇن نىمىلا گەپ بولسۇن ھەممىنى ماڭا دەڭ ، مەن سىزگە ئامال تېپىپ بېرىمەن ، قىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ھامان ئانىسى بولىدۇ بالام » دەپ چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ يىغلاپ دىگەن گەپلىرى قۇلۇقۇمدا ھېلىھەم ياڭراپ تۇراتتى . مەن مۇشۇ پەيىتتە ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىدىن ئەمەس پەقەتلا شۇ مىنى ئۆزىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان شۇ ئاپامنىڭ بارچە ئۈمۈدلەر بىلەن ئەتىۋارلاپ بالام يۇقىرى بىلىم مۇھىتىدا ئوقۇۋاتىدۇ ، مىنىڭ قىزىم ئۆگىنىش قىلىپ ئالدىراش مىنى ئىزدىيەلـمىسىمۇ ياخشى ئادەم بولسىلا مەن رازى دەپ بۈيۈك ئارمانلار بىلەن يولۇمغا تەلـمۈرۈپ تۇرغىنىغا ئالدىغا شۇ ئارزۇلۇق قىزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى يىتىپ بارسا بەرداشلىق بېرەلـمەي قېلىشىدىن قورقاتتىم .
         دوختۇرلارنىڭ توختىماي خىزمەت ئىشلىشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ كىسەللىكىنى ئالىي مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلۇمغا ئېيىتتىم . ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ناھايىتى ياخشى قارىدى، مەن ئۇنىڭدىن مىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىق خەۋىرىمنى ئۆيۈمدىكىلەر ئۇقمۇسۇن دەپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە ئۇنى ماقۇل قىلغان ئىدىم . مانا كۈندىن كۈنگە ئەھۋالىم ناچارلىشىپ تىنىقىممۇ ئىغىرلىشىۋاتاتتى .كۆز ئالدىمدا پەقەت ۋە پەقەت ئانامنىڭ سىيماسى ، قۇلاق تۈۋۈمدە ھەم ئانامنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز يوق ئىدى .ئاپام  دائىم :«قىزىم ، سىزگە نىمىش بولدى . قورقماڭ ھەممىگە مەن بار » دەپ پىچىرلاۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى . ئاپامنى گەرچە كۆرەلـمىسەممۇ تېلىفون قىلىپ ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلىۋالغىم كىلەتتىيۇ يەنە جۈرئەت قىلالـمايتىم . نىمىشقىمۇ ساق ۋاقىتلىرىمدا ئاپامغا جىقراق تىلفۇن قىلىپ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالـمىغان بولغۇيدۇم دەپ يىغلاپ كىتەتتىم .
           دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچۇم  مەن ئولتۇرغان دەرەخنىڭ تۈۋىگە كىلىپ سۆز باشلاپ خىيالىمنى بۆلدى . ئاستا كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئۇلارنىڭ گىپىگە قۇلاق سالدىم . ئەسلى ماڭا ماس كىلىدىغان يىلىك تېپىلغانلىقى ئەتە ئوپراتسىيە قىلىنىدىغانلقىمنى ماڭا دەپ قويغىلى كەلگەن ئىكەن . كاللامغا بىرىنچى بولۇپ كەلگەن خىيال مەن ئۆلۈپ كەتمەيدىغان بولدۇم دىگەن خىيال بولـماستىن بەلكى مەن ئاپامنى ئەمدى كۆرەلەيدىغان بولدۇم ، ئاپامنى  قۇچاقلىيالايدىغان ، ئۇ ئەتكەن تاماقنى يىيەلەيدىغان  بولدۇم دىگەن خىيال بولدى .
          ******************************
       ئوپراتسىيەدىن چىقتىم تۇنجى بولۇپ ئوقۇتقۇچۇمغا :« مۇئەللىم ئاپامغا تېلفۇن قىلىپبېرىڭە ، مەن ئەمدى ساقايدىم شۇنداققۇ ، ئاپامنى شۇنچىلىك سېغىغان ئىدىم ، ئاۋازىنى بولسىمۇ بىر ئاڭلاي » دىدىم . ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىكەن . ئۇ ماڭا ئاستا بىر پارچە خەتنى سۇندىدە ئىسەدەپ يىغلىغانچە ياتاقتىن يۈگرۈپ چىقىپ كەتتى . نىمىش بولغىنىنى بىلەلـمەي قالدىم . خەتنى ئېچىپ ئاستا ئوقۇشقا باشلىدىم ، بۇ ماڭا تۇنجى بولۇپ خەت يېزىشنى ئۆگەتكەن تونۇش پوچۇركا ئىدى .
      « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم . بۇ خەتنى ئوقۇغان چېغىڭىزدا يېنىڭزدا بولالـمىغىنىمدىن ئىنتايىن خىجىلـمەن . ئوقۇتقۇچىڭىز ماڭا تېلفۇن قىلىپ سىزنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغىنىڭىزنى ئېيىتتى . خۇدادىن كەلسە بەندىدە ئامال يوقكەن قىزىم . تولا يىغلاپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە سىز بار شەھەرگىمۇ كەلدىم ، سىزنى شۇنداق قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويغۇم كەلدىيۇ يەنە سىزگە قىيالـماسلىقىمدىن قورقۇپ ئاخشام سىز ئۇخلاۋاتقاندا كىرىپ سىزگە تويماي تويماي قارىۋالدىم . ھىدىڭىزنى يىنىش يىنىشلاپ پۇرىۋالدىم . مەن شۇنىڭدىن ئالامچە رازى قىزىم . لىكىن پۇشايمىنىم شۇكى سىزنى مۇشۇ زىمىنغا يالغۇز يەككە يىگانە قويۇپ كىتىش بولدى . مەيلى بالام سىزدەك ئاجىز قىزىمنى پەقەت خۇداغا تاپشۇردۇم . يېنىڭىزدا بولالـمىساممۇ مەڭگۈ تېنىڭىزدا بولالىغىنىم ئۈچۈن مەن خوشال . مەن بۇ دۇنيادا پەقەت سىزنى دەپلا ياشىغان ھەم سىز ئۈچۈن جېنىمنىمۇ بېرىمەن . خوش قىزىم ئەمسە ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، مەن مەڭگۈ قېنىڭىزدا تېنىڭىزدا بولىدىغان بولدۇم . سىزنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم »
    خەتنى يۈرگۈمگە بېسىپ ئانامنىڭ تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقان قېنىنى ھېس قىلـماقچى بولدۇميۇ ھېس قىلامىدىم . چۈنكى يۈرۈكۈم ئېقىپ كىتىۋاتاتتى .

                     -ئالـمىرە ئەخمەت
          2017ـيىلى 21ـمارت    بېيجىڭ





490 قېتىم كۆرۈلدى almira ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 7:49:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-24 19:43:34 Almira·ahat
Bak Yahxi Kordum Bu Yikayini Yazguqi Bilan Man Ohxuxup Kitidikan Miz
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ