بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 10 - قىسىم

بۈيۈك ئاشىق (پوۋىسىت) 10 - قىسىم


    ئەسىرىمنى قىزقىپ ئوقۇپ بەرگەن ئوقۇرمەنلەر مىنى توغرا چۈشنىشىڭلارنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلمەن ئەسىرىمنى ۋاقتىدا داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنالمىغىنىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن .
شۇنداق قىلىپ زۇلپىيە توي قىلىپ كەتتى مەن يەنە يوقاتقان مۇھاببىتىمنى ئەسلەپ تەنھا سۈيۈپ ئۆتتۈم .
بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن چۈشۈمدە ئۈمۈتلۈك بىر چۈش ماڭا سۆز قىلدى قانداقتۇ دىمەڭلا بەلكىم بۇ ماڭا بىشارەت بۇلشى مۇمكىن ئىدى .
چۈشۈمدە ئىش ئورنۇمدىن ئىستفا بېرىپ ئۇنى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم كىلىپ ئۇنى ئىزدىدىم يەنى پەرىدەنى دىگەندەك ئۇنى تاپتىم ھەمدە تېزلا ئۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدۈم پەرۋاز دىگەن رېستۇراندا ئىدى .
تۇيۇقسىز خىزمەتدىشىم چاقىرىپ بۇ بەخىت چۈشۈمدىن مىنى ئويغۇتىۋەتتى ،تۇرە ئاداش ئىشقا كىچىكىپ قالمىز كىچىچە پەرى پەرى دەپلا بىرنىملەنى دەپ جۆيلۈپ چىقتىڭ يا گىپىڭنى چۈشەنگىلى بولمىدى قىززىق ھە سەن يا ئادەمگە دەردىڭنى ئېيىتمايسەن كىرىسەن ئۇخلايسەن چىقىسەن ئىشلەيسەن مىنىڭ ئىسمىمنىمۇ بىلمەيسەنغۇ دەيمەن سەن بىلەن بىر قېتىممۇ پاراڭلىشىپ باقمىدىم 2 يىل بىللە ئىشلىدۇق ماڭا گەپ قىلىپ باقمىدىڭ ئىسمىمنىمۇ سورىمىدىڭ دەسلەپتە سىنى گاچا ئوخشايدۇ دەپتىمەن بىراق ئانچە مۇنچە باشقىلارغا گەپ قىلۋاتقىنىڭنى ئاڭلاپ قالدىم ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۋاتامسەن ياكى مىنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسىەن ئۇ قاتتىىق ئاچچىقلانغان ھالدا تاماكا چىكىپ ئولتادى.
مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاماكا چىكەي دەپ تاماكا قېپىنى ئاچتىم لىكىن تۈگەپ كىتىپتۇ ئامالسىز قاپنى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋېتىپ كىيمىمنى كىيمەكچى بولدۇم ئۇ بالا ئاداش ئالە دەپ تاماكنى ماڭا ئاتتى قۇلۇمغا ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چەكتىم خىيالىم چۈشۈمدە ئىدى ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلغىننى سەزمەپتىمەن تۇرسۇنجان دەپ بىرى قاتتىق چاقىردى ئىسىمگە كىلىپ قارسام ياتاقدىشىم ئادىل ئىكەن مەن بۇ ئىسىمنى باشقىلارنىڭ چاقىرغىندىن بىلىۋالغان ئىدىم .
ھە دەپ ئادىلغا قاردىم ،…ئىشقا ماڭامدۇق يا خىيال سۈرەمدۇق بۇ گەپنى ئاڭلاپ سائەتكە قارىدم ۋاقىت توشۇشقا ئازلا قالغان ئىدى .
ئورنۇمدىن چاققان تۇرۇپ خىزمەت كىيمىمنى كىيمەيلا خىزمەت ئورنۇمغا قاراپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم .
ئىشخانىغا كىرىپ يەنە خىيال سۈرۈپ ئولتادىم ئىشمۇ قىلمىدىم .
خىيالىمدا ئىستىۋا بېرىپ چۈشۈمدىكىدەك قىلىش قاراىمغا كەپ قالغان ئىدىم چۈش بولدى باشلىقنىڭ ئىشخانسىغا كىردىم ھەمدە ئىستىفا بېردىغىنىمنى دىدىم لىكىن باشلىق ئۇنىماي تۇرۋالدى 1 ئاي رۇخسەت بېرەي ئىشىڭنى تۈگۈتۈپ كىلىپ ئىشلەۋەگىن مۇئاشىڭمۇ جايىدا چىقىۋەرسۇن دىدى لىكىم مەن كەسكىنلا ئۆمۈرلۈك رۇخسەت سورىدىم دەپلا ئىشخانىسىدىن چىقتىپ كەتتىم ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ نەرسە كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈمگە ئاپىرۋېتىپ ئاپامغا چۈشەندۈرۋېتىپ بېكەتكە بېرىپ بىلەت ئالدىم شۇ كۈنى كەچلىك بىلەتنى ئالدىم شۇ كۈنى كىچىدە ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتىم .
يولدا ئۇنى ئويلاپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن كۆزۈمنى ئاچسام تەكشۈرۈش پونكىتىغا كىلىپ قاپتۇق چۈشۈپ تەكشۈرتۈپ بولۇپ ماشنىغا چىقىپ يەنە ئۇيقىغا كەتتىم كۆزۈمنى ئاچسام ئاپتۇبۇس ئۈرۈمچى بىكەتكە كىلىپ توختاپ بوپتۇ ھەمدە ئاپتۇبۇستا بىر مەنلا قاپتىمەن شوپۇر ئويغاتمايلا ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ كىتىپتۇ .
ئاپتۇبۇستىن چۈشتۈم ئەتراپقا قارىسام ئادەمنىڭ كۆپلۈكى ناتۇنۇش بولغان ئۈرۈمچى مەن كەلدىم پەرىدە مەن كەلدىم دەپ خۇشال ھالدا بىرىنچى قەدەمنى باستىم .
كەچ بولغىچە بازار ئايلىنىپ كەچ بولغاندا بىر ياتاققا چۈشۈپ ئورۇنلاشتىم ئەتىسى چىقىپ پەرىدەنى ئۇچۇرتۇپ قالارمەن دەپ ئايلاندىم ئەمما ئادەم بەك كۆپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇرغانلا قىزنى پەرىدەگە ئوخشۇتۇپ قالاتتىم .
نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى يانچۇقۇمدىكى پۇللارمۇ تۈگىدى ئەمدى ئىشلىمسەم ئاچ قېلىشىم ياتىدىغان ئورۇنمۇ چىقماي قالاتتى بىر نەۋرە ئاكام ئارقىلىق بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ قالدىم .داۋامى بار ....





587 قېتىم كۆرۈلدى buyuk ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-11 5:54:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ