شېئىردىكى ھېسسىيات ، تەسەۋۋۇر، ئوبراز ئامىللىرى

شېئىردىكى ھېسسىيات ، تەسەۋۋۇر، ئوبراز ئامىللىرى


مەلۇمكى شېئىر    باشقا ئەدەبىي تۈرلەرگە ئوخشاشلا بىر خىل سەنئەتتۇر، لېكىن ئۇ شائىرنىڭ ئىچكى سۇبيېكتى بىلەن قايناق ھېسسياتىدىن تۇغۇلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل بەدىئي تۈر بولغاچقا، ئالدى بىلەن ھېس –تۇيغۇ سەنئىتىدۇر.

شائىر تەبىئەت ۋەجەمىئيەتنى كۆزەتكەن، ھاياتتىكى رېئال ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەنچاغلىرىدا ھامان تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك بىر نەرسىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ نەرسە ئۇنىڭقەلبىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى ياكى نەپرەت    تۇيغۇسىنى پەيداقىلىدۇ، بۇ خل تۇيغۇ ئۇنىڭدا يىرگىنىش، غەزەپ ياكى خۇشاللىق ۋە غورۇرنى مەزمۇنقىلغان بىر خىل ھاياجان بىلەن كەيپىيات بىنورماللىقىنى قوزغايدۇ. دەل مۇشۇنداقھېسسىيات، ئالاھىدە مەزمۇنغا ئىگە بولغان مۇشۇنداق ھاياجانلىق ھېس- تۇيغۇ شائىرنىڭبەدىئىي –غايىۋى مەقسىتىنى، شېئىرنىڭ بەدىئي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ نەرسىلەرشائىرنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە بىر خىل ئوبرازلىق ئىجتىمائىي پىكىر تۈسىگەكىرىپ، رىتىم، ۋەزىن ۋە قاپىيىلەر ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ جانلىنىپ، كىتابخاندا بىرخىل ئېستېتىك سېزىم پەيدا قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان بۇ رىتىم، ۋەزىن، قاپىيە قاتارلىقنەرسىلەر ئەسەرنىڭ شەكلىگە تەۋە بولغان بەدىئىي ئامىللار بولۇپ، ئۇ ھېچقانداقۋاقىتتا شېئىرنىڭ ئورنىنى، ئۇنىڭدا ئەكىس ئېتىدىغان ئىجتىمائىي _ بەدىئىي پىكىرنىڭئورنىنى باسالمايدۇ. شېئىرنىڭ مەزمۇنى يەنىلا شائىرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققانھەقىقىي لىرىك ھېسسىياتنىڭ رەڭدار بەدىئىي تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا ۋەزىنۋە قاپىيىگە چۈشۈرۈلگەن دەبدەبىلىك سۆزلەرمۇ، مۇزىكىلىق تۈسكە ئىگە بولغان نەزمىيئاخباراتلارمۇ شېئىر بولالمايدۇ، مىسرا ۋە كۇپلېتلارغا جايلاشتۇرۇلغان ھەر قانداقشوئار ۋە چاقىرىقلار تېخىمۇ شېئىر بولالمايدۇ. شېئىر بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەنقايناق ۋە ئويناق    شېئىرىي ھېسسىياتبىلەن جانلىق ۋە ئوبرازلىق بەدىئىي تىل بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككى ئامىل ئۆز-ئاراقوشۇلۇپ يېڭى ۋە تىپىك زېمىندە بىر نەرسىگە ئايلىنىپ، يېڭى ۋە ئىجادىي بولغانھەقىقىي لىرىك شېئىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ئەمەلىيتەسىراتى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەتكەن ھاياجانلىق ھېسسىياتى قانچىلىك باي،چوڭقۇر ۋە نازۇك بولسا، ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتقان شېئىرىي تىل قانچىلىكئوبرازلىق، جىلۋىگەر ۋە ئىچكى مەناغا ئىگە بولسا، ئۇ شېئىردا    يۇرۇتۇلغان لىرىكمەزمۇنمۇ شۇنچىلىك كەڭ ۋە چەكسىز بولىدۇ. خۇددى بىلىنىسىيكىنىڭ پۇشكىن شېئىرلىرىتوغرىسىدا ئېيتقىنىدەك مۇشۇنداق شېئىرلارنى

شېئىر ئەركىن ۋەئازاد ئىنساننىڭ بەدىئي پىكىرىنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ئۇ ھېچقانداق ۋاقىتتا بىرەرئۆتكۈنچى سىياسەتنىڭ ياكى گورۇھنىڭ كارنىيى، بىرەر نامدار شەخسنىڭ ئىرادىسىنىڭقۇلى بولمايدۇ. ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلق بىلەن، ئۇنىڭ قايناق ھاياتى بىلەن بىللەياشايدۇ، خەلق بىلەن بىللە كۈلىدۇ، خەلق بىلەن بىللە يىغلايدۇ، ئۇنىڭدىن    كۈچ ۋە ھاياتىي ئوزۇقئېلىپ ئىنسان بەدىئىي پىكىرىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا قاراپ تېنىمسىز ئىلگىرىلەيدۇ.

شېئىر ئىجتىمائىيتۇرمۇشنىڭ مەزمۇن، ماھىيتىنىڭ شائىر سۇبيېكتىدا ئوبرازلىق ئەكس ئېتىشىدىن، ئۇنڭئەقىل ۋە ۋىجدانىدا تاۋلىنىپ چىققان يېڭى ھاياتىي پىكىرلەرنىڭ لىرىك ئوبرازلارۋاستىسى بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بېرىلىشىن بارلىققا كېلىدۇ، ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇرئۇنىڭ بىرىنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ ھېسابلىندۇ، ھېسسىيات شېئىرنىڭ جېنىبولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىجتىمائىي قىممىتى ئالدى بىلەن ھېسسىيات تەرىپىدىنبەلگىلىنىدۇ.

ھېسسىيات

دېگىنىمىز،شائىرنىڭ ھايات گۈزەللىكلىرىنى سېزىش ۋە ھېس قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئەڭقايناق، ئەڭ نازۇك، ئەڭ ئۆتكۈر بىر خىل ئىجتىمائىي سېزىمدۇر. تېخىمۇ ئېنىقراققىلىپ ئېيتساق، ئۇ شائىر سۇبيېكتىنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقىت ئىچىدىكى تۇيۇقسىزپارتلىشى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ تېنچ ۋە مەيىن ھالەتتىن مەۋجلىك، دولقۇنلۇقھالەتكە كۆچۈشىدۇر. شائىر ئىجادىيەتتە پەقەت مۇشۇنداق روھىي ھالەتكە يەتكەنچېغىدىلا، ئاندىن دۇنيانى بىلىش ۋە ھېس قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا، ھاياتىي ئىنتىلىشبىلەن ئىجادىي ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە كۆتۈرلۈپ، كىتابخاننى    ھاياجانلاندۇرىدىغانيېڭى بەدىئىي ئالەم ئاچالايدۇ.

تەسەۋۋۇر

شائىر ئۆز ھېسسىياتىنى پەقەت تەسەۋۋۇرئارقىلىقلا قاناتلاندۇرىدۇ، تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ يېڭى غايىۋى-سېھرىي دۇنياغاكىرىپ، رومانتىك ئالەم كۆكىدە پەرۋاز قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھېسسىياتىنى تېخىمۇبېيىتىپ ۋە جانلاندۇرۇپ، شېئىرنى تېخىمۇ يېڭى لىرىك مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىدۇ.

مىسال سۈپىتىدە شائىرئابلېكىم خېۋىرنىڭ «ئون» ناملىق شېئىرىدىكى ئانا مەزمۇنىدىكى مىسرالارغا قۇلاقسېلىپ باقايلى.

قەلبىمدە بىر دەرياھۆرمەت ئاقىدۇ،

      بىر دەريا مۇھەببەت، بىر دەريا ھۆرمەت.

بىر ئانا ئۇلۇغلۇقناخشىسى بولۇپ،

دىلىمدا ھاياجانقوزغايدۇ پەقەت.

ئانىنىڭ ئاجايىپئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئاپتۇرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، ھاياتنىڭ ھەممە راھەت- لەززىتىنىپەرزەنتلىرىگە بېرىپ، ئۆزى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە    ئۆتكەن ۋە بۇنى ئۆزىئۈچۈن بەخت ۋە خۇشاللىق دەپ ھېسابلايدىغان بۇ ئالىيجاناپ ئانىغا بولغان ھۆرمەت ۋەمۇھەببەت تۇيغۇسى شائىرنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە يېڭىبىر شېئىرنىڭ    مەزمۇن ئۈندۈرمىسى پەيدا بولۇپ، ئۇنىئانا مېھنىتىنى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلغان بەدىئي ئىنتىلىش يولىغا باشلايدۇ.⑫

قانچە ئون كېچىلەرتولغاق يەپ چىقىپ،

نەچچە يۈز قېتىملاپكەتكەنسەن ھالدىن.

ھەر تولغاق ئازابىساڭا بىر لەززەت    ،

جاكار ئۇسۈبھىدىن-يېڭى بىر تاڭدىن.

 

شېئىر باشتىن –ئاخىرىئەنە شۇنداق ئوبرازلىق مىسرالار بىلەن يەنى بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئارقىلىقجانلاندۇرۇلغان ھېسياتلىق مىسرالار بىلەن داۋاملاشقان، ھەر بىر مىسرادا ئانىنىڭئالىيجاناپ ۋە بۈيۈكلۈك خاراكتېرى چوڭقۇر ھېسسياتلار قاينىمىدا ئوبرازلىق ۋەجانلىق ئېچىپ بېرىلگەن. ئاپتۇر    قايناق شېئىرىيھېسسىيات بىلەن قۇدرەتلىك بەدىئىي تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ، ئۆز شېئىرىدىكى لىرىك باشقەھرىمان بولغان ئانىنى بەدىئىي يۈكسەكلىك ئىچىدە كۆز ئالدىمىزدا    نامايەن قىلغان.⑬

شېئىر ئىجادىيتىدەھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئي بىرلىككە ئېرىشىشىدە كەم بولسا بولمايدىغانمۇنداق بىر زۆرۈر شەرت بار، ئۇ بولسىمۇ شائىر ھېسسىياتىنىڭ ئالدى بىلەن چىن ۋەھەقىقى بولۇشى، بەدىئي تەسەۋۋۇرنىڭ تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسى بىلەن شەيئى ــھادىسىلەرنىڭ مەزمۇن ۋە ماھىيتىگە ئۇيغۇن بولۇشىدىن ئىبارەت. مۇبادا ئاپتۇرئادەملەر ۋە ھايات مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيتىگە نىسبەتەن توغرا ئېستېتىك قاراشتا بولمىسا،رېئال تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىگە يوشۇرۇنغان ھاياتىي ھېكمەتلەر ئورنىغا ئۆز ئېڭىدىكىتەييار سىياسىي چۈشەنچىلەرنى دەسسەتسە، ئۇنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇرمۇشقانۇنىيتىگە ئۇيغۇن بولمىغان خىيالىي، سۈنئىي ۋەقەلەرنى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەتبولسا، قىسقىسى ئۇنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتى ساختا، بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇترۇقسىزبولسا، ئۇ مەڭگۈ ھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ بەدىئىي بىرلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ.نەتىجىدە ئۇنىڭدىن چىقىدىغىنى پەقەت ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ ماھىيتىبۇرمىلانغان، ساختا سەنئەت ھەلى بىلەن يالتىرىتىلغان قۇرۇق ۋە يالىڭاچ نەرسىلەردىنئىبارەت بولىدۇ.

ئوبراز

 شائىر ئىجادىيەتتە ئۇقۇم ۋە چۈشەنچە تۈسىدىكى ئابىستراكت نەرسىلەرنىڭئادەتتىكى نەزمىي سۈرىتىنى سىزىپ بېرىشنى ئەمەس، بەلكى جانلىق تۇرمۇش مەنزىرسىبىلەن كۈچلۈك لىرىك ھېسسىياتنىڭ بەدىئىي بىرلىكى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغانگۈزەل شېئىرىي مۇھىت يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ تاللانغان، ئىپادە قىلىش كۈچىگەباي بولغان ئىجادىي، بەدىئىي تىلدىن ۋە ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىنپايدىلىنىپ، كىتابخان كۆرەلەيدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان شېئىرىي ئوبرازنىيارىتىدۇ، بۇ ئوبراز ئۇنىڭغا شېئىرىي مەزمۇننى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ،ئۇنى ئەڭ ئىخچام بولغان ھەرىكەتچان بەدىئىي فورمىدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشئىمكانىيتىنى بېرىدۇ. مەسىلەن،: مۇھەممەدجان سادىقنىڭ «نان» ناملىق شېئىرىغاقارايدىغان بولساق بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز،

تاڭ شەپىقىدەكتوقاچنىڭ ،

چىشلەپ يېدىم چېتىدىن.

ئاھ................

سەزگۈلەر ئويغاندىلەززەتنى تېتىپ،

يالقۇن ئۆرلىدى يۈرەكقېتىدىن.

نان !

نانسىز ئۆتەرمۇئالەمدە بىر كۈن،

كىملەر زىرىككەنتەمىنى تېتىپ؟!....⒀

 

ئاپتۇر بۇ شېئىرىدامىللىي تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاددىي ناننى تېما قىلىپ، ھېسسىياتلىقشېئىرىي تىل ۋاسىتىسىدە يارىتىلغان جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭدېھقان ۋە ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ ئەمگىكىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.

يۇقىردا تىلغائېلىنغان بۇ شېئىردا يېڭى ۋە ئىجادىي شېئىرىي ئوبراز يارىتىلغان، ئەنە شۇ لىرىكئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن شائىرلار ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە تەسىراتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدەمەركەزلەشتۈرۈپ    ئەڭ ئىخچام بەدىئىي فورمىغاسىغدۇرغان.

شېئىرنىڭ ھەجىم ۋەفورمىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، بەزى شېئىرلارنىڭمەزمۇنى بىر شېئىرىي پىكىر بىلەن بىر ھېسسىيات يۆنىلىشى ئاساساسدا بارلىققاكېلىدۇ، بەزى    شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى بولسا ھەرخىلشېئىرىي پىكىر ۋە كۆپ لىنىيىلىك، مۇرەككەپ ھېسسىيات ئېقىمى ئاساسىدا بارلىققاكېلىدۇ. تەبىئىيكى بۇنداق شېئىرلار ئۇزۇنراق، مەزمۇنغا مۇناسىپ ھەجىم كەڭلىكىگەئىگە بولىدۇ، لېكىن بىر نەرسە ئىنىقكى، شېئىر مەيلى قىسقا بولسۇن مەيلى ئۇزۇنبولسۇن، ئۇلاردا ئوخشاشلا مەركەزلەشكەن پىكىر بىلەن يىغىنچاقلانغان ھېسسىيات    مۇئەييەن بەدىئىيئىخچاملىقتا ئەكس ئېتىدۇ، شائىرنىڭ رېئال ھايات تەسىرىدە    پەيدا بولغان ھېستۇيغۇسى يۈكسەك دەرىجىدە بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان لىرىكئوبرازلار ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. شېئىر مۇشۇ ئالاھىيدىلىكنى ئۆزىدە تولۇق ئەكىسئەتتۈرسىلا    ئۇ ھەجىم ۋە فورما يېقىدىن قانداقبولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئوخشاشلا مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.



     





212 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:35:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ