پۇرىغان جەسەت (پوۋسىت) 5 - قىسىم - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

پۇرىغان جەسەت

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

( پوۋسىت  )5 - قىسىم 


سەن ئۇ سۈرەتكە قاراپ ئويلاپ ، خىيال سۈرۈپ شۇ يەرگە كەلگىنىڭدە پاكار ئىشىك غىرىچلاپ ئىچىلدى دە ياشانغان بىر موماي كىرىپ :

ـ بالام ، ئۆيدە بار قوناق ئۇنىدا ئازراق سىقماق ئەتكەن ، ئاز بولسىمۇ...

مۇشۇ كۈنلەردە ساڭا مۇشۇ مومايدىن باشقا ھىچ كىشى قارىمايۋاتاتتى . سەن كۆڭلقڭدە « ھىلىقى دوختۇر ھەممە ئىشىمنى دىگەن ئوخشايدۇ » دەپ ئويلىدىڭ ۋە ھەمىنى ئۆزىڭدىن كۆرۈپ ئۆتكۈزۋەتتىڭ .

ئۇ موماي چىقىپ كەتتى ، سەن ئۇ ئەكىرگەن سىقماقنى شۇنچىلىك ھۇزۇر ئىچىدە ئىچتىڭكى ، رەھمەتلىك ئاناڭ ۋاپات بولغاندىن كىيىن بۇنداق ئۆخشىغان تاماق ئىغىزىڭغا چىقىپ باقمىغاندەك ئىدى . سەن ئاشنى ئىچتىڭ دە ، يەنە خىيالغا كەتتىڭ ...

2

  شۇنداق قىلىپ ئاسىخان ھەدە بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشتى . بۇ ئىشچان ، ئاقكۆڭۈل ، مىھنەتكەش قوشنىسىنىڭ مۇسىبەت ئىشلىرىغا مەھەللە ئىچىدىكى قىرى ـ ياش ، ئەر ـ ئايال بولۇپ ھەممە ئادەم ھاشىم ئاكىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ، پۇلى بارلىرى پۇل ، كۈچى بارلىرى كۈچ چىقىرىپ بۇ رەھمەتلىكنىڭ قىرىقنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بولۇشتى .   لېكىن ، شۇنىڭدىن كىيىن ھاشىم تاغىمۇ خوش، ئەركە ،ئوماق رەھىمجان، ئۆمۇرلۇك ھەمراھى ئاسىخان ھەدىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى . ئۆينىك بارلىق ئىشلىرى شۇ ئوماق قىز رازىيەنىڭ بىشىدا ، رازىيە تەڭتۇشلىرى مەكتەپكە چىرايلىق بوغچىلىرىنى ئىسىپ ماڭغىنىدا خالتا ، كەتمەنلەرنى كۆتۈرۈپ ئىتىز ـ ئىرىق بويىلىرىغا باراتتى . كەچتە بولسا بالىلار تاقلىشىپ ، بىر ـ بىرىنى قوغلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتقاندا بولسا ئۇ بىر خالتا ئوتنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا ئۇچراتتى .

  مەرەمنىسا خىنىممۇ ئاچىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بۇ ئۆيدىكىلەرنى ھەر ئۈچ ـ تۆت كۈندە بىر دىگىدەك يوقلاپ چىقاتتى ، ھەر قىتىم بىرمۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى دە ، ھاشىم ئاكا بىلەن رازىيەنى يوقلاپ، رەھمەتلىك ئاسىخان ھەدىنىڭ تۇپراق بىشىنى يوقلاپ ، قۇران تالاۋەت قىلىپ قايتاتتى . كۈنلەر شۇنداق ئۆتتى ، كىيىنكى كۈنلەردە ھاشىم ئاكىنىڭ كىسىلى ئىغىرلاپ بۇ ئائىلىگە تەۋە بولغان بارلىق يەرلەرنى بۇ مەھەللىگە يېىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر ئەر ـ خوتۇنغا ئىجارىگە بەردى .

شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتا ـ بالىنىڭ تامىقىنى مەھەلىدىكىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئىلىشتى . 

.... داۋامى بار






889 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-3 19:43:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-16 22:57:57 گۈلنەزەر
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتكەن....نىمىشقا داۋامىنى يوللىمايسىلەر...؟؟؟؟؟كۈندە مۇشۇ سالونغا بەكلا قاراپ كىتىۋاتىمەن
2017-1-16 7:12:32 ياقۇپجان
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتىكەن قىزىقىپ ئوقۇۋاتقانتىم نىمىشقا داۋامىنى يوللىمايسىلەر
2017-1-14 3:09:13 لالە
ياخشى يېزىلىپتۇ،داۋامى نىمىشقا چىقمايدۇ، ئاپتۇرنىڭ قولىغا دەت كەلمسۇن
2017-1-7 2:50:55 رەيھانگۈل
مەن ھېكايىنىڭ ئاخىرىغا بەكلا قىزىقىۋاتىمەن …داۋامىنى تېزراق كۆرسەم دەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ