ھىجران ۋە قىساس (پوۋىسىت) 1 - قىسىم

  بۇ مىنىڭ تۇنجى ئەسىرىم نۇرغۇم كەمتۈك يەرلىرى با تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلە

ھىجران ۋە قىساس

(پوۋىسىت) 1 - قىسىم


مۇقەددىمە    
ئېغىرلاشقان جىسمىم بىلەن كىتىۋاتىمەن، بەدىنىم ھالسىز ياق روھىم ھالسىز، مەن ئىچ ئىچىمدىن تۈگۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك ھىسقىلىۋاتىمەن. ئەتراپىمغا قاراشقا باشلىدىم، ماشىنىلا بىلەن تولغان چوڭ يول  ھەممىسى ئېغىر سۈكۈتتە خۇددى مىنىڭ دەردىمنى ئورتاقلىشىۋاتقاندەك. تىلپۇنۇمغا قاردىم، سائەت ئىككىنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى، ئاستا ئۆي تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم. ئۆيگە كىلىپلا سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇم، ۋە ئەينەككە قاردىم، كۆزلىرى نۇرسىز، چاچ ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن. بىرى قاراپ تۇراتتى. ھالسىز بەدىنىم بىلەن ئۆيگە ياتاق ئۆيۈمگە ماڭدىم. ياتتىم لىكىن كۆزدە ئۇيقۇ يوق، قانداقمۇ ئۇيقۇ كەلسۇن. بۇ ۋىژدان ئازابىغا تولغان يۈرەك بىلەن قانداقمۇ ئۇخلىغىلى بولسۇن. يەنە ئەسلىمىلىرىمگە شۇڭغۇدۇم.

                     بىرىنجى باب ئىستانبۇل

بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق  ئايروپىلاندىن چۈپلا ئەتراپقا نەزەر تاشلىدىم .چەت ئەللىك بىلەن توشقان  ئايدىروم ، بۇ يەردە ھەممە دۆلەتتىكىلە تېپىلىدىغاندەك قىلاتتى ،تۇنجى قېتىم چەت ئەلگە چىقىشىم بولغاچقا يۈرەكتە لىققىدە ھاياجان، چەت  ئەلدىگەن مۇشۇكەندە دىدىم ئۆزۈمگە  بىزنىڭ يۇرت بىلەن ئاسمان زىمىن پەرىقلىنەتتى كىشىلە توپ توپ بوپ يۈرەتتى بەزىلىرى ئەرەپ بەزىلىرى روس. مۇشۇنداق ئاغىزىڭنى ئېچىپ تۇرىۋېردىغان بولساڭ چەت ئەللىك چىۋىندىن بىرسى كىرىپ كەتمىسۇن ھا ھا ھا دىدى ئەزمەت. بۇ بىزنىڭ رىۋايەت تۈسنى ئالغان ئىككى كۈندە بىر مابەت ئالماشتۇردىغان  تاڭسىڭدەك كىلىشكەن دوستىمىز ئەزمەت. ئۇ مەندىن ئالتە ئايلىقلا چوڭ  شۇڭا ئادەتتە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايمىز. مەن بوسام پالاكەتلە شاھى قەھرىمان ئىسمىم قەھرىمان بولغىنى ىىلەن ئۆزۈم ئاجايىپ پالاكەت مىنى ھەرقېتىم نەس بېسپلا يۈرۈۇيدۇ، ئۆزۈم خېلى كىلىشكەن بولساممۇ پالاكەتلىكىمدىن بىرە قىزنىڭ پېشىنى تۇتامماي بويتاق دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بوپ ئولتادىم.   ئاداش مىنىڭ كىغىغۇ چىۋىن كىرىپ كەتە ما سىنىڭ كىگە ئا روسىيەلىك كىرىپ كىتەمىكى قارىسام قىزغا قاراپ شالۇكۇڭ ئېقىپ كىتىپتۇ. قىز ساڭا قاراپ قويماي كەتتىدە . چىك ئاي ئاداش نەدە ئۇنداق ئىشبا  مەن شۇ مۇنداقلا  قاراپ قويدۇم. ئاداش بىلسەنغۇ مەن ئۇنداق ئورۇسقا زايا كىتىمە دىدى ئەزمەت كۆزىنى قىسىپ. ھەي ھېلقى زىبا پېشىڭنى قويۇپ بەدىمۇ سىز ئۈچۈن ئۆلىمەن دەپ كىتىۋاتاتتى دىدىم مەن. نەدىكىنى دەيسە ئاداش ئاران قۇتۇلدۇم نەگە باسام شۇ يەردە ئۈنۈپ بولدۇ، دىگىنە ئاداش. ھېلقى ئاشناڭ قانداق بولدى  زىبا بىلەن ئۇرۇش مىغاندۇ .قايسى ئاشنامنى دەيسا، مەندە ئاشنا نىمىش قىلدۇ مەن يا توي قىممىسام دىدى ئەزمەت.چاخچاق  ھېلقى يۇشۇرۇن مابىتىڭنى دەيمە  ئىككى چىشى يولۋاس كۆرۈشۈپ تىكەنغۇ ،كۆرۈش كەنيەدە ئۇرۇشقاندۇ. ئۇ ئىشنى بىر دىمە كاللام ئوچاق بولدى ،مىنى بىلسە ئاداش ئۆزەم سەل سۇيۇق بوغىنىم بىلەن ئالامەت ۋىجدانىم با، ئىككىسىنى ئۇنداق تاشلاپ قويغۇم كەممىدى .نىمە بېرىپ ئىككىسىگە توي تەكلىپى قويدۇڭما ھاھاھا دىدىم، مەن گىپىنىڭ بىلىگە تىپىپ.چىك ئاي نەدىكى گەپنى قىممىىنە بېرىپ ئىككىنىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سۆزىنى بەدىم. ماڭە  ھېي مەن تېخى چىرايلىق ئايرىپ قويغان چېغى دىسەم .بولدى جېق گەپ قىمماي نۆۋەتكە بارايلى .دەپ گەپنى ئۈزدى ئەزمەت  ھې ھې ھې مېزىم چىقتى دىگىنە ، بىز شۇنداق دىيشىپ ، تامغا ئورنىغا كەلدۇق. بۇ يەردە قانچىلىك تۇرسىزدىدى پوكەيدىكى قىز تۈرۈكچە (كىيىن ئۇ قىزنىڭ دىگىنىنى لوغەتتىن  ئىزدەپ كۆدۈم)    ھېشنىمىنى چۈشەنمىدىم  ئەزمەت چۈشەنگەنمىكى دەپ ئۈمۈت كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قاردىم. ئۇ ئىسمىڭىز نىە دەيدۇ دىدى  مەنمۇ ھە دەپلا قەھرىمان  دەيتىمەن ، قىز  قاراپ تۇرۋىتىپ قايەردىن كەلدىڭىز دىدى .مەن يەنە ئەزمەت قاردىم  يېشىڭنى سوراۋاتىدۇ.دىدى  ھە 21 ياش سىزچۇ قانچىياشقا كىردىڭىز قارىسام خېلى چىرايلىق كەنسىز تۈركىيەدە سىز دەك چىرايلىق قىزلا جېقتۇھە  (مەن ئۇيغۇچە سۆزلەۋاتىمەن ) قىز سىز قايەرچە گەپ قىلۋاتىسىز مەن ھېشنىمى چۈشەنمىدىم توۋا ساراڭمۇ نىمە بۇ دەپلا داق قىدە قىلىپلا تامغا قويۋەتتى،ئەزمەت  كۆدۈڭمۇ سىنى بەك كىلىشكەنكەن دەيدۇ ھا ھا ھا .راسما دەپ ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ تۇرۋاتسام ،كەينى تەرەپتىن يامان بەك .ئشتىياق بىلەن كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ،نىم بوغاندۇ دەپ كەينىمگە قارسام بىر قىز قورسقىنى تۇتۇپ كۈلىۋاتىدۇ .قارىسام تۈرۈككەن، ھە نىم بوغاندۇ ما نىڭغا  ئاداش ما قىز بالا ساراڭمۇ نىمە دىدىم مەن، تاڭ ئاداش بىلمىدىم جۇمۇ دىدى ئەزمەت ئۇلاپلا. ئاداش بىزگە قاراپ كۈلۋاتامدۇ نىمە دىدىم ھەيران قېلىپ،  ئاداش بىز يا ئۇنى تۇنىمىساق دىدى ئەزمەت، تىزراق كىتىۋېلىڭلا بوممىسا ئا قىز نۇمرۇڭلانى سورىمىسۇن يەنە ھا ھا ھا. دىدى قىزكوسقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ .ئاداش ئۇيغۇركەن ئۇيغۇرچە گەپ قىلۋاتىدۇ دىدىم. ئاداش ماڭ تىزراق كىتەيلى سەتلەشتۈك دىدى ئەزمەت، نىمە بىز خاتا گەپ قىلدۇقما. ئاداش مەن راس گەپ قىلسام مەن  ئا پوكەيدىكى قىزنىڭ  نىم دىگىنىنى چۈشەنمىدىم ،قانداق چۈشىنەي مەن يا تۈرۈكچە بىلمىسەم دىدى ئەزمەت. ئاداش جېنىم ئاداش سەن ياخشىسى كەلىمە شاھادەتنى تۇلۇق ئوقۇۋال بۇ يەردىن چىقىپلا سىنى ئۇلۇغ بوۋاڭنىڭ يېنىغا يولغا سەپ قويىمەن. مەن شۇنداق دىگىنىمچە ھېلىقى قىزغا بىرنى ئالىيۋىتىپ يۈرۈپ كەتتىم.  بېرىپ چامدانلانى ئېلىپ، سىرتتا بىزنى ساقلاۋاتقان دادامنىڭ قېشىغا ماڭدۇق، ئەزمەت تېخىچە ماڭا قاراپ كۈلۋاتاتتى، بولدى قىلە ئاداش بۇ سىنىڭ بىرىنجى قېتىمىڭ بولمىسا يە ،سەن قېشىمدا بولساڭلا  كۈلكە مەندىن ئايرىلمايدۇ جۇمۇدىدى ئەزمەت گۇناھىدىن قاچقاندەك . بولدى قىلە ئاچچىقتا يېرلاي دەپ قالدىم، بولدى ئەمدى ئارتۇق گەپ قىممايلى دادامنىڭ قېشىغا كەلدۇق ،مەن شۇنداق دەپ گەپنى ئۈزدۈم ،دادام بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئۇنچە ئۇزۇن بوممىسىمۇ بەكلا سېغىنغان ئىدىم.  دادا نەچچە ئاي كۆرۈشمىسەملا سېمىرىپ قاپسەنغۇ قارغاندا ئاپام بەك بېقىۋەتتىمۇ نىمە ھا ھاھا دىدىم مەن ھىجىيىپ تۇرۇپ. نەدىكىنى بالام سىنىڭ دەدىڭدە مۇشۇنداق سېمىرىپ كەتتىمغۇ دىدى داداممۇ بوشكەممەي، ھە قانداق  بالىلىرىم سەپەر ھاردۇتمىغاندۇ دىدى دادام ئۇلاپلا دادا. دادا سەنمۇ قىززىق كەنسە ئۈرۈمچىگە پويىزدا چىقايلى ياتىدىغىنى بوسۇن ئابدۇللا ئاكامغا ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ  دىسەم ماقۇل دەۋاتاتتىڭ ئولتۇردىغىنىنى دەپ سەنغۇ بىلىم ئۇيشۇپ قالاي دىدى بىلگەن بولسام ئابتۇبۇستىلا چىقاتتىمكەن دىدىم مەن باتنىغىنىمچە. قانداق قىلاي كارۋاتلىقى تۈگەپ كىتىپتۇ. ھەم ئاۋۇ ئەرزانراق توختىدى ھۇ ھا ھاھا . دادا يەنە چۈپەيلىكىڭ تۇتۇپتىدە  ما تېخى ئايروپىلاننىڭ كونىلىقىچۇ تېخى  غوقىراپلا چىقتى كىچىچە. بولدى ماڭايلى ئاپاڭ ئۆيدە ساقلاۋاتىدۇ تىزراق ماشىنىغا چىقايلى .دادام شۇنداق دىگىنىچە ماشىنىڭ ئىشىكىنى ئېچڭپ سومكىلانى قاچىلاشقا باشلىدى. مەن ئەتراپقا دىققەت قىلمىغىنىمنى  ھېس قىلىپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم تاكسىلا بىلەن توشقان پاكار ئەممە تولىمۇ چىرايلىق بىزەلگەن، قوللىرىدا سومكىلانى ئىتتىرىپ ماڭغان چەت ئەللىكلە شۇلاغا دىققەت قىپ تۇرسام، ئۇدۇلۇمدا بىر قىز ماڭا قاراپ كۈلۋاتىدۇ، ئەجەپ تۇنۇشقۇ ھە راس ئايدىرومدىكى ھېلىقى قىز، قىز مەن تەرەپكە قاراپكىلىشكە باشلىدى، ئەجەپ دىققەت قىلماپتىمەن پەرىي دەكلا قىز كەنغۇ بىر قارىسا ئۇيغۇرغىمۇ قالدىكەن، لىكىن  تۈرۈككە بەكراق ئوخشايدىكەن. .يۈزىدە نە بىر تال چىكىت نە بىر داغ يوق، بۇرنى ئۇچلۇق كۈلسە ئىككى مەڭزىدە كىچىككىنە چاناق پەيدا بولاتتى، چاچلىرى ئۇزۇن چىرايلىق تارالغان يۈزىگە گىرىم قىلدىمۇ قىلمىدىمۇ بىلگىلى بوممايتتى. شۇلانى خىيال قىلىپ تۇرۋاتسام قىز مىنىڭ قېشىمغا كەپ بوپتۇ. . بايا دەپ گەپ باشلىدى قىز  ئۆچرەتتە تۇرۋاتسام سىلە ئالدىدا تۇرۇپتىكەنسىلە قارسام تۈركىيەگە تۇنجى كەلگەندەك تۇرسىلە،تۈرۈكچە  بىلمەي قالسا مەن ياردەمچى بولاي دەپ قېشىڭلاغا كەلگەنتىم (تۈركىيەدە بىرە ئىشقا ياردەم قىلماقچى بولسا  ياردەمچى بولاي ديدۇ مەنمۇ باشتا ھەيران قالغانتىم )بىراق سىزنىڭ گىپىڭىزگە كۈلمەيدىسەممۇ  شەيتىنىم تۇتۇپ شۇئۆزۈمنى تۇتىۋالامماي قالدىم. شۇڭا ھازىر سىز دىن ئۆزۈر سوراپ كەلدىم كەچرۈڭ ھە مەن قەستەم قىلمىدىم. مىنىڭ شۇنداق ئاچچىغىم كەلگەن بولسىمۇ ما پەرى قىزنىڭ گىپى ئېرتىۋەتتى، ھە ھېشقىسى يوق بىزمۇ شۇ يىڭى كەلدۇق ئەمەسمۇ شۇڭا شۇنداق بوپ قالدى دىدىم مەنمۇ قىزنى خىجىلچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ. مىنىڭ ئىسمىم يامغۇر تۇنۇشقۇنۇمغا مەمنۇن بولدۇم، قىز شۇنداق دىگىنىچە قولۇنى ئۇزاتتى. مەن بەك ھەيران قالدىم بىزنىڭ  تۇرمۇشىمىزدا ئادەتتە بۇنداق ئىش يوق قانداق قىلدىم ئەمدى دەپ تۇرسام ،قىز دەرھال قولىنى تارتىۋالدى كەچرۈڭ ھە شۇنداق كۆنۈپ قاپتىمە سىلە ئۇيغۇرلادا بۇنداق ئىش يوق ھە  دىدى قىززىرى تۇرۇپ .سىلە دىگىنىڭىز گە قارغاندا سىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ دىدىم مەن ھەيران قېلىپ؟ ھە مىنىڭ دادام تۈرۈك ئاپام ئۇيغۇر،ئاپاممۇ بۇرۇنلا تۈركىيەگە چىقىپتىكە شۇڭا  مەن ئاساسى تۈرۈك سانىلىمەن. قىزنىڭ ئاپام دىگەندىكى ھالىتى مەرھۇمنى ئەسلىگەنگە بەكراق ئوخشۇشۇپ كىتەتتى، مەن بۇچىراينى ئاپامنىڭ بوۋامنى ئەسلىگەن ھالىتىدە كۆرەتتىم. ئۇيغۇرچىنى بەكلا پىششىق  بىلدىكەنسىز  بۇنى ئاپىڭىز ئۈگەتكەنمۇ دىدىم مەن. قىز ھەيرانلىقتا  ماڭا قاراپ قانداق بىلدىڭىز؟ دىدى، ھە شۇ سىزگە قاراپ بۇنداق چىرايلىق قىزنى تۇققان ھەم شۇنچە يىلدىنكىيىنمۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلنى ئۇنۇتماي بالىسىغا ئۈگۈتىدىغىنى ئەلۋەتتە شۇ ئۇلۇغ ئانىدە دىدىم، مەن چىرايلىق قىز دىگەچ قىزغا بىرنى قاراپ قويدۇم قىز شۇ ئان قىزنىڭ يۈزى قىززىرىپ يەرگە قارۋالدى،بىر ئاز دىن كىيىن شۇنداق ئاپام بەكلە چىڭ تۇتاتتى  ئۆيدە ھەر ۋاقىت مىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىم دەپلا يۈرەتتى بەكلا سېغىنغانتى لىكىن ئىگەم بۇيرىماپتۇ. دەپ كۆزىگگ ياش ئالدى ، مەن شۇ ئان گەپنى باشقا يەرگە بۇيرىۋىتەي دەپ تۇرشۇمغا، بىرىنىڭ ما ئىككىلىرىنىڭ پارىڭىغا قاراپ تۇرۇپ  قوساق ئېچىپ كەتتى، ما خاپۇلاشمىسلا ماڭىلىما دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.  كىمدۇ بۇ  شۇنداق چىرايلىق پاراڭلىشىۋاتسام دەپ يېنىمغا قارسام دادام قاراپ تۇردۇ،  ۋاي ئىسىت ئەسلىدە مىنىڭ قېشىمدا دادام باتتى، ئۇنتۇپلا كىتىپتىمەن ئەزمەتمۇ  بىر تەرەپتە ئاغىزىنى كالاچتەك ئېچىپ كۈلۈپتۇردۇ، دادام سومكىلانىقاچىلاپ بوپ ئىككىمىزنىڭ پارىڭىغا قاراپ تۇرۇپتىكەن ئەمەسم، مەنمۇ ما قىزنىڭ چىرايلىق لىقىدا  ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ، ئاستا قىز بىلەن خوشلۇشۇپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۋالدىم .داداممۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى. ما ئەزمەتمۇ دەپ قويسا بۇلدۇ، ئەجەپمۇ سەتلەشتىم، بۇنىڭ ھىسابىنى سەندىن  ئۆيگە باغاندا سورايمەن، ئەمدى نەچچە ئايغىچە ئۆيدە تەكرارلىنىدىغان بولدىدە بۇ ئىش ھەي بىركۈن نەس باسمىسا كۈن ئتمەيدىغان بوپ قالدق دىسە ماڭا. بولدىلا بولغۇلۇق بولدى ئەمدى كاللامنى تاشقا ئۇرساممۇ ئورنىغا كەممەيدۇ، دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ سىرتقا نەزەر تاشلاشقا باشلىدىم. ماشىنىغا لىق تولغان يول ، يول نىڭ چېتىدە ھەر خىل شەكىلدىدىكى گۈللە بېسىلغان بەزىسى مودەن گۈلگە ئوخشىسا بەزىسى ئەتتىرگۈلگە بەزىسى يىلانغا، ئىشقىلىپ تۈرىنى  ساناپ بولغىلى بوممايتتى،ئادەملە ھەرخىل  كىيىملەنى كىيەتتى.ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەدىنىيىتمىزدىن ئاسمان زىمىن پەرىقلىنەتتى. بەزىلىرىگە ئادەم قاراشتىن  نۇمۇس قىلاتتى. باشقا بىر دۇنيا ھەقىقەتەن  ياۋرۇپانىڭ مەركىزى جۇمۇ بۇ يەر. مەن شۇنداق دىگىنىمچە ئۇرۇندۇققا يۈلۈنۈپ يامغۇرنى ئويلاشقا باشلىدىم.  مىنى قۇتقۇزۇڭلا دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەتراپقا قاردىم ،يىراقتا بىر قىز ۋاقىراۋاتاتتى، ئاۋاز شۇنچىلىك تۇنۇش خۇددى قەلبىمدىن چىقىۋاتقانداقلا يۈگراۋاتىمەن، مەن شۇنچە يۈگۈرگەن سىرى،  قىز مەندىن يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى، ئاخىرى يىتىشتىم، لىكىن قىز ئەتراپىمدا يوق، ئەتراپ قاپ قاراڭغۇ تۇيۇقسىز ئاۋاز كەينى تەرپىمدىن  چىقتى، تىزلا كېينىمگە قاردىم ، كېينىمدە يامغۇر تۇراتتى. يامغۇرنىڭ ئالدىدا بىر سېمىز  ئادەم تۇراتتى، قارماققا ياشتا چوڭدەك تۇراتتى، قولىدا كىمەر بار بولۇپ يامغۇرنى ئۇراتتى، يامغۇر توختىماستىن يالۋۇرۇپ يىغلايتتى،ئادەم يامغۇرغا قارماستىن ئۇنى ئۇراتتى. قەلبىم ئېغىپ كەتتى چىدىيالمىدىم. گەپ قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلدىم .لىكىن ئاغزىمدىن گەپ چىقمىدى، پۇت قولۇم باغلاپ قويغان دەكلا ھېچ ئىشقا كار كەلمىدى. تۇيۇقسىز بىر قاپقارا يوغان بىر ئىشت كىلىم يامغۇرنى چىشلەپ سۆرىگىنىچە ماڭدى. مەن يامغۇر  دەپ ۋاقىرغىنىمچە تۇرۇپ كەتتىم. ئەتراپقا قاردىم دادام بىلەنئەزمەت ماڭا قاراپ تۇراتتى.قار بېسىپ  قالغان ئوخشىمامدۇ دىدى دادام. مەن گەپ قىممىدىم ،سىرتقا قاردىم ئاللىقاچان كەپ بوپتۇق.  مەن قانچىلىك ئۇخلۇدۇم دىدىم. دادام ئىككى سائەت  بولدى قارا ئۆيگىمۇ كەپ بولدۇق.دىدى مەن قاچانلادا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن ،شۇنچە ئۇزۇن ئۇخلۇدۇممۇ توۋا بايقى چۈش قانداق چۈش ئەمدى ، بايقى چۈش ئىسىمگە كىلىپ بەدىنىمگە تىتىرەك ئولۇشۇپ كەتتى، مەن ئاستاغىنە سول تەرىپىمگە قاراپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم تۈكۈرۋەتتىم. ئىي خۇدايا مىنى يامانلىقلادىن ساقلىغىن دىدىم ئىچىمدە.بەك  چارچاپ كەتكەن ئوخشايسەن ھە بالام دىدىم دادام كۆيۈنگەن ھالدا. مەن شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ دىدىم، ئۇلاپلا ئاپام كۆرۈنمەيدىغۇ دەپ ئەترەپقا قاراشقا باشلىدىم. ئۇنىڭغىچە ئاپاممۇ چىقىپ بولدى ،مەن ئاپامنى بەكلا سېغىنغان ئىدىم، نىمىشقىكىن كۆزۈمگە ياش  كەپلا تۇراتتى، ئاپامنىڭ ئالدقدا يىغلىۋىتىشتىن ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ قالدىم، قىسقىسى بايىقى چۈش ۋە ئاپامغا بولغان سېغىنىشىم مىنىڭ يىگىتلىكىمنى ئۇنتۇپ يىغلاشقا مەجبيرلاۋاتاتتى، ئاپام بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم ،نىمىش قىكىن ئاغزىمغا بىرە تۈزۈك گەپمۇ  كەممىدى. ئاغىزىم سالام قىلىشقىمۇ ھەتتا بىر ئېغىز گەپكىمۇ يارمىدى، ھە ئۆيگە كىرەيلى دىدى ،ئاپام ئارىمىزدىكى سۈكۈتننى بۇزۇپ، مەنمۇ ئاستا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم دادامنىڭ يولباشلىشى بىلەن ئۈچۈنجى قەۋەتكە يول ئالدىم ،بەش ئېغىزلىق ئۆي ئاددىي ساددابىزەلگەن ئۆي،  ئۆيلە ئۈچ ياتاق، بىرمىھمانخانا بىر ئاشخانا ئىككى مۇنچا بولۇپ.، مەن ئۆيلەگە بىردىن بىر  قاراپ چىقتىم ، ئۆي ئىچى پاكىز بولغىنى ئۈچۈن ئادەمگە راھەتلىك بېغىشلايتتى، ئاپا قولىڭىز گۈل جۇمۇ سىزنىڭ،  يەنە كۈندە ئىككى قېتىم تازلامسىز دىدم مەن ئاپامغا قاراپ؟ ھە شۇنداق كۆنگەن خۇي مىنگەن ئۇي دەپتىكەن بالام، بوۋاڭ رەمەتلىك شۇنداق كۈندە ئىككى قېتىم تازلاپ كۆندۈرۈپ قويۇپتۇ دىدى ،ئاپام كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ، مەن دەرھال گەپنى بۇراپ، ئاشخاناڭلا چوڭكەن ھە دىدىم، دادام بالام سىلە دىمەي بىز دەيسە سىنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەستەك گەپ قىلسەنغۇ، ھوي ھە راس مىنىڭ ئۆيۈمتى بۇ ھە، قايسى مىنىڭ ھۇجرام دەپ لا ئاستا قاچتىم، مانا ماۋۇ سىلە كىلىشتىنلا بۇرۇن تەييارلاپ قويغان، ئىككىلا بىردىن يېتىڭلا ھەممە نەرسىسىنى يىڭىدىن ئالدىم، دادىڭىز باللغا  پاكىز نەرسىلەنى تەييارلاپ بىرەيلى دەپ ھەممىنى بازادىن ئەكەلدى. ھە راس ئەزمەت نەدە باياتىن ياقىسى ئاۋازى ئۆچۈپ قالدىغۇ دىدى ئاپام.ق ارسام راس ئەزمەت  يوق ،ئەمدى بۇ نەگە كەتكەندۇ دەپ يۈگرەپ چىقسام، كالۋا يولدا بىر قىز بالا بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپتۇ.  قىلغان گەپلىرىگەقاراپ قورسۇقۇمنى تۇتۇپ كۈلۈشكە باشلىدىم. ئىسمىڭىز نىمە؟ بەك چىرايلىقكەنسىز كۆزلىرىڭىز مەرۋايىت كەبى. چېچىڭىزنى دىمەيلا قوياي ئالتۇن كەبى ساپ سېرىق،لەۋلىرىڭىز ئوت  كەبى. ھۆسنىڭىزنى ئىپادىلەشكە سۆز تاپالمايۋاتىمەن بۇ گۈلنى سىزگە سوغا قىلسام قانداق. مەن ئەزمەتنىڭ گىپىگە قارغاندا ئاۋۇ قولدىكى سۈننى گۈلگە قاراپ بەكراق كۈلىۋەتتىم، مەن ئۇ گۈلنى ماشىنىدا كۆرگەنىدىم.قىز ھېچنىمىنى چۈشىنمەي قاراپلا تۇردۇ، گىنىڭنىڭ ھېچ بىرىنى چۈشەنمىدىم لىكىن بەك كىلىشكەن كەنسەن (ئادەتتە تۈرۈكلە سەن دەيدۇ) ئىسمڭ نىمە قايەردىن سەن.  مەن ئۇ تەرەپتە تۇرۇپ  مەن تولۇدۇم، قىز چۈشەنمىدى خەنزۇچە سۆزلەپ باقە. ئەزمەتنىڭمۇ كاللىسى قىززىپ قالدىمۇ نىمە،  نىيدا شىمىمىڭزى،  دەيدۇ كۈلكۈدىن توختاپ بولامماي قالسام بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەدە يېتىۋېلىپ كۈلۈشكە باشلىدىم .ئەزمەتمۇ گەپنى دەپ بوپ ماڭا ئالىيىپ قاراشقا باشلىدى،  شۇ زامان كۈلكەمنى توختىتۇپ، ئۆىدىكىلە سىنى چاقىردۇ دەپ، قويۇپ كۈلگەن پېتى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ، ئىچىم دە ئەجەپ بىر سەتلەشتۈدۈم.ئەمدى پۇتىدىن ئېسىلسىمۇ ئۇنىڭغا قارمايدۇ، شۇنداق دىگىنىمچە ئەزمەتنىڭ قاپىقىنى ساڭگىلىتىو تۇرۇپ ،چىرايىنى پۈيۈشتۈرۈپ قىز قارماي كەتتى دەۋاتقان ھالىتى ئويلاپ تېخىمۇ ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ كەتتىم .ئەپسۇس  مەن ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرا ئولتۇرماي   ئەزمەتنىڭ ئاغىزى قۇلقىغا يەتكەن پېتى كىرىپ كەلدى. نىمىش بولدى ئاغىزىڭ يىرتىلىپ كەتمىسۇن يەنە دىدىم. قۇلدا بىر قەغەزنى  ماڭا سۇندى نىمەڭ بۇ دەپ قولۇمغا ئالسام تىلپۇن نۇمۇر ۋە ئىسىم كىمنىڭ بۇدىدى مەن. كىمنىڭتى ھېلقى ئالتۇن چاشلىق قىزنىڭ، قانداق يامانمىكەن مەن دىدى. ئۇف بۇ قىزلانىڭ كۆزى قارغۇمۇ نىمە مۇشۇنىڭغىلا كۆيۈپ يۈرۈيدىغۇ ،ئۇف سىنىڭ يامانلىقىڭدىن تۈرۈكمۇ قۇرتۇلامماپتۇدە  دەپ مەن قاپىقىمنى ساڭ گىلاتقىنىمچە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم. راززاقنىڭ نىمىلەنى دىگىنى قۇلقۇمغا كىرمىدى بەكلا چارچاپ كىتىپتىپتىمەن، ئۇخلەي دەپ ياتتىم لىكىن يەنە كاللامدا يامغۇر ھەي ھېچ ئىسىمدىن چىقمايسەنغۇ سەن دىگىنىمچە خىيالغا پاتتىم.    چىققان ئەزاندىن  ئاللىبۇرۇن بومدات نامىزى بوغىنىنى بىلدىم  ئاستا  ئەسلىمىلىرىمدىن شۇڭغۇپ چىقتىم، نامازنى ئوقۇۋىتىپ، ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەنلىكىمنى بىلدىم، ئاشخانىغا چىقتىم، ئاپام ئاشخانىدا ناشتىلق تەييارلاۋىتىپتۇ، مەن ئاپامغا سالام بېرىپ بوپ سۇ ئىچىشكە باشلىدىم، ئاپامنىڭ بالام ئۆزۈڭنى بۇنچە تاشلىۋەتمە كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى تۇيۇپلا تۇردۇ. تىزراق ەسلىڭگە كەلسەڭ بۇلاتتى، قېنى مىنىڭ خۇش چاخچاق ئوغلۇم دەپ ماڭا بىچارىلىق بىلەن قاردى، يۈركۈمنى بىرسى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىشقا باشلىدى. لىكىن يەنە ئاپامغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلانى دىيىشكەكۆڭلۈم ئۇنىمىدى. ۋە ئاپامغا ئاپا سىلەرنى رەنجىنكىنىمدىن ئىنتايىن خىجىل مەن ھەر ئىش ئۈچۈن كەچرۈم سورايمەن.مەن شۇنداق دىگىنىمچە ئاپامنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىماي كىرىپ كەتتىم.

     





709 قېتىم كۆرۈلدى aliy1314 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-24 9:33:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-3 6:12:42 ئادىلە
بەك ياخشى يېزىپسىز بەك ياقتۇردۇم بىرخىل يۇمۇرىستىكىلىق بوپتۇ ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كىلىدىكەن ھەم بەك مەنىلىككەن ،شەخسەن مەن بەك ياقتۇردۇم. ئەمما ئىملادا سەل خاتالىقلا با شۇنىڭغا بەكرەك دىققەت قىلسىڭىز✍🏻
2017-4-1 7:54:26 ئابدۇرازاق
ئېسىل ئاداش ئەمما مۇشۇنداق 👍چىقىپتۇ تىرشىڭلا
2017-4-1 2:38:39 ئەلىي1314
بۇلدۇ ماقۇل تېخىمۇ دىققەت قىلىمەن
2017-3-26 17:18:04 ئەنۋەر
ياخشى يېزىپسىز . ئ‍ىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ