بالىلارنىڭ زۇلىمى(ھىكايە) - ​ئابدۇقەييۇمجان

بالىلارنىڭ زۇلىمى

ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )

« تۇرمۇش قىسمەتلىرىگە زارلانما ، زارلىنىش ئاجىزلارغا خاس »

- گوركى     

  كىشلىك تۇرمۇش دولقۇنلۇق دىڭىزغا ئوخشايدۇ . ئىنسانلاردولقۇنلارنىڭ ئارسىدا تىنىمسىز ئىلگىر لەيدىغان كىمە، بۇ كىمە سەپەر جەريانىدا قاتتىق سەپەر جەريانىدا قاتىق بوران - چاپقۇنلارغا ، كۈچلىك دىڭىز دولقىنىنىڭ سىلكىشىگە ئۇچرايدۇ . بۇنداق سىناقلارغا بەرداشلىق بىرىش ،بىرەلمەسلىك شۇ كىمە كاپىتانىنىڭ بىلىمى،نەزەر دائىرسىگە باغلىق.   كىشلىك تۇرمۇش داۋامىدا نۇرغۇن ئادەملەر قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ ، ھاياتنى رەڭدار مول- مەزمۇنلۇق ھەم تەرتىپلىك ئىلىپ ماڭالايدۇ، بۇنداق ئادەملەر كىيىن چوقۇم نۇرغۇنلىغانئۇتۇق گۈلدەستىلىرىنىڭ ساھىبىغا ئايلىنىدۇ . بەزىلەر بولسا بەزى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئرتۇق  بىسىم پەيدا قىلىدىغان ئوبىكىتقا ئايلاندۇرۋالىدۇ . بۇنداق ئادەملەر ئۆز روھىتىدە ئۆزى پەيدا قىلغان روھىي بىسىم ئىچىدە ياشاشتىن ئۆزگە چارە تاپالمايدۇ .

بۈگۈن مەن ئازراق ماتىرياللار نى ئىلىش ھەم يىقىندا نەشىرگە بەرگەن ئەسىرىمنىڭ ئىز ـ دىرىكىنى قىلىش مەقسىتىدە كىتاپخانىغا كىردىم . بۇ   كىتاپخانا ناھىمىزدىكى شەخسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى بىركىتاپخانا بولۇپ كۆلىمى نىسپەتەن كىچىك بولسىمۇ لېكىن بىزئىزدىگەن ماتىرياللار ئاساسەن تىپىلاتتى . شۇنىڭغا ماس ھالدا  كىتاپخانا خوجايىنىمۇ شۇنچە بىلىملىك ، كىشىلىك تۇرمۇشقا پىشقان ، كىشىلەر ئارسىدىكى مۇناسىۋەتكە ماھىر ئادەم بولۇپ ، تولىمۇ خۇشخۇي ئىدى. شۇڭا بۇ ئادەم بىلەن ئوبدانلا تونىشاتۇق ھەم،ئاكا ـ ئۇكىدەك يىقىن ئۆتەتتۇق .

   كىتاپخانىغا كىرىپ، كىتاپخانا خوجايىنى بىلەن سالاملىشىپ تۇرشىمىزغا، داڭلىق يازغۇچى تىلى ھەم يىزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتىن كىشىلەرنى قايىل قىلغان تارىخىي رومان « سەمەندەر » نىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى كىرىپ كەلدى دە، كىتاپخانا خوجائىنى

ۋە مەن قاتارلىق بىر قىسىم كىشلەربىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۆزئارا پاراڭغا چۈشۈپ تۇراتۇق ، ئوتۇرا بوي  ، ئۇستىغانلىق ، يۈزى يۇمىلاققىنە بىر ئادەم 9ـــ10 ياشلاردىكى بىر قىزنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى دە ، باشلانغۇچ 4ـ يىلىققا ئائىت بىر سىناق سۇئالىنىڭ بار ـ يوقلىقىنى سورىدى ، كىتاپخانا خوجايىنى بارلىقىنى ئىتىپ ئەكىلىپ بىرىۋىدى قىزى

سۇئالنى ئەدەپ بىلەن قولغا ئىلىپ بەكمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى . قىزنىڭ خۇشاللىقىدىن ، بولۇپمۇ ئىلىم ـ پەنگەبولغان ھىرىسمەنلىكى بىزنى قايىل قىلدى ۋەمەسلىكىمىزنى كەلتۇردىقىز كىتاپنى ئىلىپلا سىرتقا يۈگىرىپ چىقىپ كەتتى. دادىسى بولسا ئالدىرماي  كىتاپ ھەقىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قىپقالغان بولسا كېرەك .

 ـ  نەچەپۇل ؟ ـ دەپ سورىرىدى ئۇ كىشى .

ـ 13 يۈەن .دەپ جاۋاپ بەردى كىتاپخانا خوجايىنى .

- ھەي! ئادەمگە ئەجەپ زۇلۇم سىلۋاتىدۇ ، ئوقۇتاي دىسە تىخى ، ئوقىتماي دىسە تىخى .ـ دەپلاياندۇرۇپ بەرگەن پۇلنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى . ھەمدە ئۇ قىزغا  بىرنىمىلەرنى دىگىنىچە قاتىق سىلكىشلەپ ئىلىپ كەتتى . بىز ئۇ ئادەمنىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ بىر ـ بىرىمىزگە ئۈن ـ تۈن سىزلا ئازاپ ئىچىدە بىشىمىزنى چايقاپ تۇرۇپلا قالدۇق .

ـ ھەي ، مۇشۇ ئاتا ـ ئانىلارنىڭ شۇ پوزىتسىيەسى تۈپەيلىدىنمۇ 2014- يىلىغا كەلگەندىمۇ بىزنىڭ مائارىپ سۈپىتىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ 80- يىلىرىدىكى مارىپ سەۋىسى بىلەنمۇ تەڭ بولالمايۋاتىدۇ . دەپ گەپ باشلىدى ماڭا تونۇش بىر مۇئەلىم .

 ـ راس ، ھازىرقى كىشىلىرىمىز تا ھازىرغىچە ئىلىم ـ پەننىڭ زۆرۈرىتىنى بىلىپ يەتمىدى دىسە ـ دەپ پىكىربەردى مۇھەممەت ئەمەت چوپانى،ھەمىمىز شۇۋاقىتتىكى ھىلىقى كىشىنىڭ قىلغان ئىشىغا قارتا بىر قىسىم تەنقىدى پىكىرىمىزنى ئوتىرغا قويۇپ بەزى تىمىلار ئۈستىدە پكىر ئالماشتۇردۇق.  

شۇنداق قىلىپ بىردەمدىلا چۈشلىك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئۇنتىشۇپتۇق ، مەن تامدىكى سائەتكە قاراپ چۈشلىك تاماق ۋاقتىنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ، بىرىپ بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى ، بۈگۈن مەن مېھمان قىلاي دىشىمگە;

ـ ھە ئۇكا ، يىڭىدىن  ئىلان قىلىنغان شېئىرلار توپلىمىڭ توردا بازار تىپىپ باي بولۇپ قالغان ئوخشىمامسەن ؟ ئۇنتۇپ قالما سەنمۇ ئوقۇغۇغۇچى ، ھەممە پۇلىڭغا بىزنى مىھمان قىلىپ بوپ ھىلىقى ئادەمدەك ماتىريال ئىلىشقا قاقشاپ يۈرمىگىن يەنە ؟ ـ دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ .

ـ ھەي،ئۇنداق دىمەڭلا بۇ يىگىتچۇ يىڭى ماتىريال كەلدى دىسەملا بىر ئاي تاماق يىمەي يىقان پۇللىرى مىكىن تاڭ بىردەمدىلا سومكىسىنىڭ تىگىدىن بىمۇنچە پارچە پۇللارنى چىقىرىپ كەلگەن ماتىريالنى كۆترەلمىگىنىگە قارماي ئىلىپ كىتىدۇ . ـ دىشىگە .

 ـ ھە ئاداش سەنمۇ مۇشىنىڭ شۇ پەرچە پۇلىرى بىلەن كىتاپ ئەكىلىدىكەنسەن دە ؟ - دېدى  ھىلىقى مۇئەللىم چاقچاق ئارلاش

ـ ياق ، ئۇنداق ئەمەس . بىر قىتىم ھەي ئۇكا ئادەمنى خىىجىل قىلماي نىمە لازىم بولسا ئىلىپ كىتىۋىرىڭ ، دىگىنىمنى بىلەرمەن ئۇ ئۆيىدىن يامانلىغان خوتىندەك بىر ئايغىچە دۇكىنىمغا دەسىمىدى دەڭلار . ھەمىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلىشىپ كەتتۇق دە مىنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي كىتاپخانا خوجايىنى مىھمان قىلىدىغان بولۇپ تاماققا باردۇق . لېكىن باياتىنقى ھىلىقى ئادەمنىڭ قىلغىنى كۆز ئالدىمىزغا كىلۋىلىپ گىلىمىزدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى .

  مانا مۇشىنىڭغا ئوخشاش ئەمىلىي مىساللاردىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى ، بەزى بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار يوقىلاڭ ئىشلار تۈرىتكىسى بىلەن نادان ، چىرىك ئىدىيەنىڭ زەنجىر ـ كىشەنلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالماي ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولمىش جان پارىلىرىگە بەخىت دۇشمىنى بولماقتا .

ئىلىم ـ پەن كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق جەمىيەتتە بىز قانداق قىلىمىز ؟ جان پارىمىزنىڭ ئاتالمىش « زۇلىمى »دىن داۋاملىق زارلىنىپ ئۆتىشىمىز كىرەكمۇ ؟ ياق ! بۇنداق قىلىش بىر ئەخمىقانىلىق ، بىر نادانلىق ،مەسۇلىيەتسىزلىك، قاتماللىق، بىئوگىراتلىقنىڭ ئىپادىسى.  تولىمۇ ئەقلىم ھەيران ، بەزى بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئۆز جان پارىسى بولغان پەرزەنتلىرىگە دشمەنلىك قىلارمۇ ؟ بۇنداق دىسەم نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار ئىتىراز بۈلدۈرۈپ، بالىرىغا برچە مېھرى بىلەن كۆيىنىدىغانلىقلىرىنى ئىتىشىدۇ. توغرا ئۇلار كۆينىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆينىدىقىنىبالىرىنىڭ ئىقدىساد مەسىلىسى ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ، پەقەت بالىرىنىڭ مادىي دۇنيا مەنبەسىلا بولالايدۇ خالاس . شۇلارنىڭ نەزىرىدە باللارغا شۇ تەرەپتە كۆڭۈل بۆلسە ئۇلارغا كۆيىنگەنلىك . ئۇنداقتا ئۇ باللارنىڭ روھىي دۇنياسى ، قەلىپ تەشنالىقى، ئارزۇ ـ ئارمانلىرى چۇ ؟ ئۇمۆھتىرەم ئاتا ـ ئانىلار بۇنى ئويلاشمامدىغاندۇ ؟

بالىلارنىڭ ئالدىدا  ئىقدىساد مەسىلىسى،ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ھىچ نەرسە ئەمەس ئۇلارغا كىرىكى ئىقتىسادىي مەدەت ئەمەس بەلكى روھىي مەدەت ، جىسمانىي ياردەم ئەمەس بەلكى روھىي ياردەم . بىر قىسىم ئاتا ـ ئانىلار بۇ جەھەتىكى تەربىيەگە سەل قارىغانلىقى تۈپەيلى ئويلىمىغان نەتىجىلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماساتىن ئۆزگە ئامال يوق .

  بىر قىسىم ئاتا ـ ئانالار بولسا ئۆزنىڭ پەرزەنتىنىڭ مېھرى بەدىلىگە بەخىت تاپىدۇ . ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى ئالدىراش ، ئۆزلىرىنىڭ دوسلا يىغىلىشى ، ساۋاقداشلار ئولتۇرسى ، خىزمەتداشلار ... ئىشقىلىپ تۈرلىك قاتار چايلاردىكى  ئىخدىزادىي ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشلار ، ئۇستىنلىك تالىشىشلار ، بەتقىلىقچە ئولتىرىشلارنىڭ شۇ بىچارە نارسىدىنى يالغۇز ئۆيگە تۆت تامنى قوغدۇغۇچى ، قۇلۇپتىن ئىبارەت كىشەننى مەشقاۋۇل قىلىپ سايلاپ «قورسىقىڭ ئاچسا توڭلاتقۇدا تۈنىگۈنكى سۇغۇق ئاش بار شۇنى ئىسىتىپ يە »دەپ قويۇپ ئەرلەر قىممەت باھالىق كاستۇيۇم ـ بۇرۇلكىلارنى كىيىپ ، ئانىلار بولسا شۇنداق پەچەت ياسىنىپ ئۇزۇن پاشنا قىممەت باھالىق ئۆتىكلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئالىپ بىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلسەئىدى ھەي ،شۇ نارسىدىلىرىمىز  سوغۇق كىشەنلەرنىڭ ئازابىدىن بۇرۇنراق قۇتىلا ئىدى ھە .

   يەنە بىر قىسىم ئاتا ـ ئانىلىرىمىز يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن شۇ بىچارە بالىنى مەڭگۇلۈك تۇتقۇنلۇق لىباسىغا ئوراپ ئەر بولسا باشقا بىر ئىزىتقۇنىڭ نازۇ ـ كەرەشمىلىرىگە مەست خۇش بولۇپ ، ئانىلار بولسا يات بىر تەننىڭ ئەللەيلىشى بىلەن تۈرلىك « خانىلەر» دە ۋىجدانىغا تەييارچۆپ چىلاپ يەيدىغان ئاتا ئانىلار ،بىچارە بەخىتسىز نارسىدىنىڭ مەھپۇس تۇرالغۇسىدا ئۇلار قويۇپ بەرگەن رادىئودىن ئاڭلىنىۋاتقان « بالام سەن نۇرغۇن شېئىرلىرىڭدا داداڭنى مەدھىيەلەيدىكەنسەن ، مەن سىنىڭ ئاناڭ سىنى بىقىپ چوڭ قىلىشتا جىق ئەجىر قىلدىم شۇڭا ماڭا ئاتاپ بىر پارچە شېئىر يىزىپ بىرەدەپتۇ بالا بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن مۇنۇ شېئىرنى يىزىپتۇ . جان ئانا جىنىم ئانا  ، ھىچ يادىمدىن چىقمايدۇ ، ئاقسۈت بىرىپ ئۆستۈرگىنىڭ . مېنى كىچىلىرى ئۇخلىتىپ قويۇپ ، يات بىر ئۆيدە ياتقانلىرىڭ ...» دېگەن

 يۇمۇرنى بىر ئاڭلاپ ئۆزى ھەقىدە ئويلىنىپ باققان بولسا ئىدى شۇ بەختسىزلىكنىڭ تۇتقىنىغائايلانغان جان پارىلىرىگە قانچىلىك مېھىر ، قانچىلىك كۆڭۈل قەرزى بارلىقىنى بىلگەن بولار ئىدى دە، بومۇستىن ئۆزلىرىنى ئادىمىلىكنىڭ سىم تاناپلىرىغا ئىسىپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك يوقالغان بولاتتى .

  دۇنيا نۇرغۇنلىغان ئابىي چەشمىلەردىن ھاسىل بولغان قايناق بىر بۇلاق، شۇ بۇلاقنى قانداق قىلىپ پەرزەت روھىتىگە تىمىتىش مۆھتىرەم ئاتا ـ ئانىلارغا باغلىق ئەلۋەتتە . قەدىرلىك ۋەتەن ، مىللەت ئاتا ـ ئانىلىرى بولمىش ئىسىلزادىلەر بىز بالىلارنىڭ بىلىم ئىلىش جەريانىدىكى كىچىككىنەبىر تەلىپىنى زۇلۇم دەپ قارىماستىن ئۇلارغابىلىپ بىلمەي روھىي زۇلۇم سىلىشتىن  ئامال بار ساقلىنايلى . ئەي دۇنيا ئىسىلزادىلىرى بولمىش ئاتا ـ ئانىلار، بارچىگە ئىقدىزادىي ئۈنۈم ، قىممەت قارشى بىلەن مۇئامىلە قىلمىش سودا ئەھلى كۈنلەرنىڭ بىرىدە قولىمىزدىكى ئالتۇن ـ جاۋاھىراتلارنى بىرىش بەدىلىگە قۇرۇق شال پاخىلىغا ئىرىشىپ قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنايلى.!!!

2014- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى 



     





337 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-23 0:50:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ