تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى
قورقۇنۇچلۇق ھىكايە
ئابدۇللا كامال(گۇما)
بۇ ئىشلار بىز بورتالادىن يۇرتىمىز خوتەنگە كۆچۈپ بارغاندىن كىيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار غەلىتە ھەم ۋەھىملىك ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمى.ئۇنىڭسىز داداممۇ جىنغا دائىر ھىكايە ھەم ئىشلارنى سۆزلەشكە ئامراق، ئۆزىمۇ ئۇنداق ئىشلارغا كۆپ ئۇچرىغان قورقۇمسىز ئادەم ئىدى.
مانا بىز ئاخىرى دادامنىڭ شۇ ۋەھىملىك جىن ھىكايىلىرىنىڭ ۋەقەلىكتىكى ئورنى بولغان يۇرتىمىزغا كەلدۇق، ئۆزەمنىڭ قورقۇنچاقلىقىمغا باقماي جىننىڭ ھىكايىسىگە شۈنچىلىك ئامراقتىمكى بەدەنلىرىم تىتىرەپ چىشلرىم كاسىلداپ تۇرسىمۇ ئاڭلاپ قانمايتتىم. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى جىن بىلەن ئاداشمىكى تاڭ ئەيتاۋۇر ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا جىن ھىكايىسى با ئىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي بىز دادامنىڭ بىر ھاجىم تۇغقىنىنىڭ ئادەم ئولتۇرماي تاشلاپ قويۇلغىنىغا يىگىرمە يىلغا تاقاپ قالغان ئاسار ئەتىقە ئۆيگە ئورۇنلاشتۇق. بۇ ئۆينىڭ باغلىرىدىكى ئالما، ئۆرۈك ،شاپتۇللار، ئۈزۈم باراڭلىرى باشقۇرغىلى ئادەم يوق ئۆز مەيلىچە ئۆسۈپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن بولۇپ بىر قاراشتا كىشىنى رىۋايەتلەردىكى ئالۋاستى ئۇۋىسغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدۇراتتى. ئۇنى ئاز دىگەندەك مىۋىلىك دەرەخلەرگە يۆگىشىپ چىرمىشىپ كەتكەن جىننىڭ ئۇۋىسى دەپ نامى بار ماندا ئادەمنى تىخىمۇ ئەيمەندۈرەتتى. ئۆيلەر يۇلغۇن شاخلىرىنى توغراقنىڭ شىۋىقىدا چىڭ توقۇپ ياسالغان تام، بۇ يەردىكىلەر چىت دەپ ئاتايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىغىز لايدا سۇۋىلىپ ئاندىن گەج بىلەن ئاقلانغان ئىدى، ئۆينىڭ ئويما نەقىش ياغاچچىلىقى، تامدىكى ھەر قاپارتما نەقشىلىك گەج گۈللىرى بۇ ئۆينىڭ ئۆز ۋاقتىدا قانچىلىك ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى، ئەمما تامنىڭ بەزى ئاجراپ كەتكەن جايلىرى ھەتتا ئىككى ئىغىز ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن تاملىرى بۇ ئۆينىڭ ئاللىبۇرۇن كونىراپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.
ھويلىدىن كىرىپ سول تەرەپ پىشايۋان، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ ئايۋان بولۇپ ئايۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدە بىرىدىن ئىككى ئىغىز ئۆي، كەينى تەرەپتە ئاشخانا ھەم بىر ئامبار ئۆي بار ئىدى، باشقا ئۆيلەرنى قويۇپ ئايۋاننىڭ سۈرىلا ئادەمنى خىلى ئوبدانلا تەرلىتىپ قوياتتى. ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا بىر خانىقا بولۇپ پەقەت مەھەللىنى كىسىپ ئۆتىدىغان يوللا ئايرىپ تۇراتتى، مانا ھەممە ئىش ھەممە ۋەقە مۇشۇ ئۆيدىن باشلاندى.
قانداقتۇر بۇ ئۆيدە بىر موماي بارى با دە، كۈندۈزىمۇ سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئايۋان تەۋەسىگە دەسسىيەلمەيتتۇق. بۇ تىخى قورقۇنچلۇقى ئەمەس، چوڭ ئۆي بىلەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارلىقى بىرە كىلومېتىرچە كىلەتتى. ئامما چاتاق يىرى ئارلىقتا يول بويىدا ناھايتىمۇ ۋەھىملىك بىر دۆڭ بولۇپ بۇنى بۇ يەرلىكەر تۇغا دۆڭ دەپ ئاتايتتى. تۇغا دۆڭنىڭ چۆرىسى پۈتۈنلەي قاچانلاردا ئۈنۈپ قالغىنىنى بوۋاملارمۇ بىلمەيدىغان ھەيۋەت جىگدىلەر، ئۇنىڭدىن ئبوي تالاشقاندەك ئۆسۈپ كەتكەن بۈك قۇمۇشلار، قۇمۇشلار بىلەن جىگدىنى بىر بىرىگە باغلاپ ئۆسكەن يەنە شۇ جىننىڭ ئۇۋىسى دەپ ئاتىلىدىغان ماندا ئاجايىپ سۈر ھەيۋە بىلەن تۇراتتى، يول بىلەن دۆڭنى پەقەت بىر غول ئىرىق، تار بىر ئورمانلىق ئايرىپ تۇراتتى، بۇنى ئاز دىگەندەك يولنىڭ يەنە بىر چىتىدە كۈندۈزىمۇ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان نەچچە ئون يىللىق ئالمىلىق باغ خۇددى كىچىسى ئادەم يەيدىغاندەك تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغا دۆڭ توغۇرلۇق ھىكايىلەرمۇ نۇرغۇن بولۇپ، مەسىلەن؛كىمدۇر بىرىنىڭ يالغۇز كالىسى ئوتلاپ دۆڭنىڭ ئىچىگە كىرىپ قىلىپ چىقالماي نەچچە كۈن قىينىلىپ ئۆلۈپ قالغان، قايسىدۇر بىرىنىڭ بالىسى قويغا ئوت ئالىمەن دەپ دۆڭ ئەتراپىدا ئۇخلاپ قىلىپ ساراڭ بوپ قالغانەي دىگەندەك. قانداقلا بولمىسۇن بۇ دۆڭ ماڭا نىسبەتەن دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ئەڭ قورقۇنچلۇق جاي ھىساپلىناتتى. نىمىشقىدۇر ھەرقىتىم چوڭلار بىلەن بۇ يولدىن ئۆتكەندە شۈنچىلىك قورقۇپ تۇرۇپ كەينىمگە يىنىش يىنىشلاپ قاراپ كىتەتتىم. قانداقتۇر بىر خىل سىزىم مىنى شۇ قۇمۇشلارنىڭ ئارىسىدىكى قاراڭغۇلۇققا چاقىرغاندەك تۇيۇلاتتى. تۇرۇپ بۇ تۇيغۇدىن ئۆزەممۇ چۆچۈپ كىتەتتىم.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپام مىنى بوۋام موماملارغا شورپا ۋە گۆش ئاپىرىپ بىرشكە بۇيرىدى. قانداق قىلاي باراي دىسەم جىننىڭ ۋەھىمىسى باماي دىسەم دادامنىڭ ئوغۇل بالا تۇرۇپ قورقۇنچاقلىق قىلدىڭ دەپ ئۇرىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەل چوڭلارنىڭ جىن شاياتۇنلار تالاغا چىقىدىغان ۋاقتى دەۋالىدىغان زاۋال ۋاقتى ئىدى، سىڭلىمغا يالۋۇردۇم، يىلىندىم ئۆزى كۈندۈزى ھاجەتكە چىقسىمۇ ماڭا ھاجىتى چۈشىدىغان بۇ تۇڭگاندىن ئۆتە جاھىل خىنىم قەتئىي ئۇنىمىدى، ئاپامنىڭ ئوغۇل بالا تۇرۇپ شۈنچىلىك يولنىمۇ ماڭالمىغىنىنى دىگەن تاپا تەنىلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمدە ياش ماڭدىم.
ئاستا ئاستا قاراڭغۇ چۈشمەكتە، ئەتراپ جىمجىت، قەدەملىرىم شۈنچىلىك تىز، ھەي ئۇلۇغ خۇدا نىمىشقىمۇ ئىنساننىڭ كۆزىنى بىرنى ئالدىغا بىرنى كەينىگە قىلىپ ياراتمىغان بولغىيتتىڭىز، راسىنى دىسەم مەن ھازىر پۇتۇمنى ئۆز ئىختىيارىغا قويىۋىتىپ پەقەت كۆزۈمنىلا باشقۇرۇپ كىتىۋاتاتتىم. كۆزلىرىمدە ياش، پۇتلىرىم بارلىق كۈچى بىلەن ئالدىغا چاپماقتا. نەدىن ئۆگەنگەن خۇي ئۆزەممۇ بىلمەيمەيمەن ئىشقىلىپ بىرە شەپە بولسىلا شۇ تەرەپكە قارايدىغان ناچار بىر ئادىتىم بار ئىدى، قىرىشقاندەك ئالدىغا قارىسام كەينىمدە بىر نەرسە باردەك، كەينىمگە قارىسام ئالدىمدىن بىرە نەرسە يۈگرەپ چىقىدىغاندەك ۋەھىملىك بىر خىياللار كاللامنى چۇلغىۋالغان ئىدى.
دەل تۇغا دۆڭنىڭ ئالدىغا كىشىم بىر نەرسە پالاقلاپ كىلىپ دۆڭ ئەتراپىدىكى جىگدىگە قوندى. يۈرۈگۈم سوقۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيىتتى، قارا دىگەندەك بولدى، قارىسام ھىلىقى بىر نىمىنىڭ كۆزى ئوتتەك يىنىپ تۇراتتى، تاپىنىمدىن كىرگەن تىتىرەك چوقامدىن چىكەتتى، ئاھ خۇدا ئۆلدۈم، توساتتىنلا ئۇ شۇنداق سەت بىر ھۇقۇيتتىكى جان پىنىم چىقىپلا كەتتى، ئۆلگۈر ئەسلى چۇغدەككەن ئەمەسمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەر بىر ھۇقۇيتىشى شۈنچىلىك سۈرلۈك ھەم سەت ئىدى، ھەر بىر سايرىغىنىدا تىنىم توك تەپكەندەك سىرقىراپ كىتىپ باراتتى.
شۇنداق كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز ئالدىمدا غۇۋا بىر گەۋدىنىڭ ئىككى يانغا ئىغاڭلاپ كىتىۋاتقنىنى ئىلغا قىلىپ قالدىم. كەينىمگە ياناي دىسەم تېخى يىرىم يولغا كەپ بولدۇم، ماڭاي دىسەم ئۇ، ئۇنىڭ ھەتتا كىتىۋاتقان يا كىلىۋاتقانلىقنى پەقەت بىلەلمىدىم. ئاستا ماڭسام كەينىمدىن قورقتۇم تىز ماڭاي دىسەن ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قىلىشتىن قورقتۇم. لىكىن ئىلاجىم قانچە بىردەمدە يىقىنلاپ قالدىم، ئارلىقىمىز پەقەت بىر مىتىر قالغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بىر ئايال ئىكەنلىكىنى، يەنە تىخى بىر مەن دىمەتلىك ئوغۇل بالىنى يىتىلىۋالغانلىقىنى پەرىق ئىتەلىدىم. ئەمما تۇيۇقسىز كاللامغا كەلگەن بىر خىيال ھىلىمۇ ئاز قالغان جىنىمنى تاس قالدى. مەندىن جۇدا قىلغىلى، باياتىن يولدا ھىچكىم يوقتىغۇ، تاكى مەن تۇغا دۆڭدىن ئۆتكىچە ھىچكىم يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە مەن ئۇلارغا يىتىشىۋالدىمغۇ، مىڭىشىمۇ شۈنچىلىك ئاستا. ئەسلى قائىدە بويىچە مەن بۇلارغا دۆڭگە يىقىنلاشماستا يىتىشىپ بولىشىم كىرەكتىغۇ، ئەجىبا،،،،،
ئاھ، خۇدا ئۆزىڭىز ساقلىغايىسز خۇددى پاختا ئىچىدە چوغ ساقلىغاندەك مۇشۇ بىر قىتىم مىنى ساقلىغايىسىز،مەن ئەزەلدىن ھەۋەس قىلىدىغان ئەمما كۆرۈشنى قەتئىي قەتئىي خالىمايدىغان بۇ نەرسىنى ماڭا يولۇقتۇرمىغايسىز، ئۇنى ئاز دەپ بىر ئەمەس تىخى ئىككى. ئاھ خۇدا كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلەتتى، نىمىشقىمۇ دادام ھەر نامىزىدا قىشدا ئولتۇرغۇزۇپ ئايەت ئۆگەتسە تولا كۈلىۋېتىپ يىگەن تاياقلىرىم مانا ئەمدىلىكتە ھەسەل تىتىۋاتاتتى، يۈرۈگۈممۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر سوقىۋالايچۇ دىگەندەك ئۈلگۈرمەستىن گۈپۈلدەپ كىتىۋاتاتتى.
تۇيۇقسىز < بۇ قاراڭغۇدا يالغۇز نەگە ماڭدىڭىز؟> دىگەن سوئال مىنى يەنە بىر قىتىم يىغلاتتى، مەن ئىچىمدە چوڭلاردىن ئاڭلىغان، جىن دىگەن ئۈچ قىتىمدىن ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ، دىگەن بىر گەپ خىيالىمدىن كەچتىدە، كۆڭلۈمدە تۆت قىتىم سۆزلىسۇن، ياق، ياق، ئۇلار دىگەن ئىككى شۇڭا سەككىز قىتىم سۆزلىسۇن ئاندىن جاۋاپ بىرىمەن.
-كىمنىڭ بالىسى سىز؟
- ھۈسەيناخۇننىڭ،،،،،،، ئاپ،،، ئىغىزىمنى كاپلا تۇتتۇم، توۋا مەنما بۇ، ياق مەن جاۋاپ بەرمىدىم، يىغلامسىراپ جىم تۇردۇم.
- ھە- ھىلىقى غۇلجىغا كەتكەن ئادەمنىڭمۇ، قاچان كەلدىڭلار بالام؟
- ئەمدى يۈرۈگۈم ئازراق جايىغا چۈشۈپ چوڭقۇر بىر تىنىۋالدىمدە، غۇژژىدە ئاچچىقىم كىلىپ جاۋاپ قايتۇردۇم.
-غۇلجا ئەمەس بورتالا.
ئۇ ئايال ياندۇرۇپ:
- بورتالادا بۆرە جىقما، ئادەمنى يەپ كەتمەمدۇ ؟ - ،دەپ سورىدى.
بۇ گەپكە كۈلەيمۇ، ئۆچەيمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، كۆزۈم ھىلىقى بالىدا ئىدى، ئۇ بالا ماڭا سەل غەلىتە تۇيۇلدى. ھىچقانداق قىياپەتىسزلا بىر بالىدە، ھەتتا مىڭىشىدىمۇ قىلچە شەپە ئاۋاز يوق، شۇنداق قىلىپ مەھەللىگىمۇ كەپ قالدۇق، مەن كەپ بولدۇم دەپ قوياي دەپ كەينىمگە ئۆرۈلسەم ئاقتىمۇ كۆكتىمۇ ئۇ ئايال ھەم بالا يوق، جىق ئويلاپ يۈرمەي كىرىپ كەتتىم.
بوۋام موماملار مىنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوش بولۇشۇپ كەتتى. كەنجى تاغامنىڭ ئايالى ئەتكەن مىزىلىك ئوماچتىن بىر قوساق ئىچىۋىتىپ نەۋرە تۇققانلىرىم بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىغىلى چىقىپ كەتتىم، ئاي يورىقىدا ئويۇن تازا ئەۋجىگە چىقتى، نەۋرە ھەدەم ساناق ساناۋاتاتتى، مەن ئالدىراپ مۆكۈۋېلىش ئۈچۈن ئورۇن ئىزدەۋىتىپ تۇيۇقسىز قىشىمدا تۇرغان باياتىنقى بالىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، قارىسام ئۇ ماڭا قاراپ يەنە شۇ بايىقىدەك ئىپادىسىزلا تۇرۇپتۇ، ئۇنىمۇ بىللە مۆكۈشكە چاقىردىم، بىراق يەنىلا ئۈندىمەستىن تۇراتتى.
- ھەي تىز بولە ھىلى تىپىلىپ قالىمىز.
ئۇ يەنە پەرۋاسىزلا يانچۇقىدىن بىر نەرسە چىقرىپ ماڭا تەڭلىدى، مەن خىيالىمدا يوق، ھە دەپ ئۇنىڭ قولىدىن تاتىرىشتۇردۇم. نىمىشقىدۇر بۇ بالا مەن ئويلىغاندىنمۇ بەك ئىغىر ئىدى، كۈچەپ تارتىپمۇ مىت قىلالمىدىم. دەل شۇ پەيىتتە نەۋرە ھەدەم ماڭا قاراپ نىمىلەنىدۇر سۆزلەپ كەلدى. ئاپلا خوپ بولدىمۇ، مانا تۇتۇلۇپ قالدۇق، دەپ كەينىمگە قاراپ تاس قالدىم ئايلىنىپ كەتكىلى، چۈنكى مەن قولىدىن تارتىۋاتقىنى بىر بالا بولماستىن يوغان بىر كۆتەك بولۇپ چىقتى. قولۇمدا بولسا قاچانلاردا بىرەسى كۆتەككە چىگىپ قويغان ئارقان ئىدى. نەۋرە ھەدەم ماڭا قاراپ تۇرسام ئۆزەڭدىم ئۆزەڭگە سۆزلەپ كەتتىڭ، كۆتەكنى ھە دەپ تارتىشتۇرۇپ يۈرىسە دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم چالا قالغان توپسىنى قىقىپ گۈپۈلدەپلا كەتتى،، بىر ئىشنى سەزگەن نەۋرە ھەدەم ھەممەيلەننى يىغىپ ئۆيلىرىگە قايتۇرۋەتتى. ئاندىن مىنى بوۋامنىڭ قىشىغا ئەكرىدى، ھەم بولغان ئىشلارنى سۆلەپمۇ ئۈلگۈردى، باشقا نەۋرىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر يەرگە تۈگۈلۈپلىۋالدى. بوۋام ھەممىسىنى ئۆيلىرىگە چىقىرۋىتىپ مىنى قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزىۋىلىپ سورىدى، مەن باشتىن ئاخىرى ھەممىنى سۆزلەپ تۈگەتتىم. بوۋام بۇ گەپلەرنى ھىچكىمگە دىمەسلىكىمنى تاپىلاپ ئۇخلىتىپ قويدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپلا مومامنىڭ تۇتقانلىرىغا قارىماي ئۆيگە ماڭدىم، تاڭ خىلى يورۇپ بولغان بولسىمۇ ئەتراپ جىمجىت، ئورماندىكى چىغىر يولدىن كىتىۋاتىمەن. تۇرۇپلا كۆزۈم ئاخشامقى ئاياق ئىزىمغا چۈشۈپ قالدى، ئىزلىرىم شۇ پىتى تۇراتتى، مىنى ئەجەپلەندۈرگىنى ئاياق ئىزىمنىڭ قىشىدا ياكى ئالدى كەينىدە ھىچبىر ئىز كۆرۈنمەيتتى، پۇت قوللىرىم كالۋالاشتى، پۈتۈن بەدەنلىرىم توك سوققندەك سىرقىراپ گەجگىلىرىم قورۇلۇپ كىتىۋاتاتتى، ئەجىبا،،،،، ئاخشامقى،،،، تۇيۇقسىز ئۆزەمنىڭ تۇغا دۆڭنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىمنى بىلدىم، ئەپسۇس كىچىكىپتىمەن. دۆڭنىڭ قاپقاراڭغۇ باغرى مىنى چاقىرىۋاتاتتى، كۆزلۈرۈم يوغان بىر تۈپ جىگدىنىڭ تۈۋىگە مەركەزلەشكەن،،،،، ئاھ، ئەلۋىدا.
ئاخىرى بار،،، قىرىنداشلىرىم بۇ مىنىڭ ھىكايىچىلىقتىلى تۈنجى ئەسىرىم بولغاچ، جۈملە ياكى ئىملادا نۇرغۇن خاتالىقلىرىم مەۋجۈت،ھەم بەزى جايلىرى زىكىشلىك تۇيغۇ بىرىپ قويغان بولسا رەنجىمەستىن ماڭا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپ بىرىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن سورايمەن،
2014-9-8 ئابدۇللا،كامال،،،گۇما
1652 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-12-9 18:29:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-9-23 15:22:08 | Buzuhra |
Bak yahxi yizpsez kolgezga dart kalmsun |
2015-12-28 18:17:21 | bahtiyar |
man buhekiyinig ottursini kuray digantim birak tapalmidim |
2015-12-10 0:38:51 | gulistan |
ah huda mandak bir kokunqak bir kiz mavu hikayini tugattim |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|