ئەرۋاھ قەبرىستانلىقى (ۋەھىمىلىك ئەسەر) 1 - بۆلۈم 1 - قىسىم

ئەرۋاھ قەبرىستانلىقى
بىرىنچى بۆلۈم بىرىنچى قىسىم
ئاپتورى : ئابدۇرېقىپ ئەلى خوجا


مېنىڭ ئۆيۈم شايار ناھىيىسىنىڭ مەلۇم  يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ مۇھىت ساپ ھەم ناھايىتى چىرايلىق ئىدى ئۆيۈمنىڭ ئالدى تەرىپىدە ناھايىتى چىرايلىق بىر ئورمانلىق بار بولۇپ، بۇ يەر ياز كۈنىسى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى.ئۆيۈمنىڭ ئارقا تەرىپىدە بولسا بىر قەدىمىي قەبرىستانلىق بار بولۇپ، مەن ئەقلىمنى بىلسەم بۇ قەبرىستانلىق بار ئى ىكەن.بەزى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ قەبرىستانلىقتا جىن ئەرۋاھلارنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئازراق سۆز چۆچەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم.دادامدىنمۇ بۇ قەبرىستانلىق توغرىلىق بىر نەچچە قېتىم سورىغان بولساممۇ دادام بۇ قەبرىستانلىقنىڭ دادامنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ بارلىقىنى ھە شۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بار ئىكەنلىكى ھەم بۇ قەبرىستانلىقتا، ھېچقانداق نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى قەبرىستانلىقنىڭ ئەڭ پاك جاي ئىكەنلىكى مېنىڭ ئارتۇقچە قورقۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتتى.دادام ماڭا شۇ گەپلەرنى دېگەن بولسىمۇ مەن يەنىلا، ئۇ قەبرىستانلىقتىن قورقاتتىم.ئايلار ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ ھەش پەش دېگۈچە، مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىم.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ قەبرىستانلىق توغرىسىدىكى سۆز چۆچەكلەرمۇ، يادىمدىن چىقىپ قالغانىدى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنى مەكتەپتىن ئارام ئېلىشقا قويۇپ بەردى.ئۆيگە كەلسەم ئۆيدە دادام ئاپاملار يوق تۇراتتى.قورسىقىمنى توقلاپ بولغاندىن كېيىن،كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردىم.كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرىۋېتىپ، (تاراق) قىلغان بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم.بۇ ئاۋاز كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن كېلىۋاتاتتى.ھەيران بولۇپ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قارىدىم، ئۇ يەردە كونىراپ كەت ىكەن بىر ساندۇق بار ئىكەن.بۇ نېمە ساندۇقتۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنى ئېلىپ ئاستا ئاغزىنى ئاچتىم.ئاغزىنى ئېچىشىم بىلەن تەڭ مۇدھىش پۇراقلار بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. قولۇم بىلەن بۇرنۇمنى توسۇۋېلىپ. ساندۇق ئىچىگە قارىدىم.ساندۇق ئىچىدە كونىراپ كەتكەن لاتىغا ئوراقلىق بىر نەرسە تۇراتتى.قولۇمغا ئېلىپ سىنچىلاپ قارىسام.مەھكەم ئورىۋېتىلغان بىر كىتابتەك قىلاتتى.لاتىنى يېشىپ قارىسام ئۇ دەرۋەقە بىر كىتاب ئىكەن.
      داۋامى بار ......





423 قېتىم كۆرۈلدى Brandy ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 2:54:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ