قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 24- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 24- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

- قانداق قىلىمىز ، سارايغا چىكىنەمدۇق ، بۆسۈپ چىقىپ كىتەمدۇق،- سورىدى ئىسكەندەر ھەمىرالىرىغا قاراپ،ئەرۋاھ ئايال دەرھاللا : - جەڭ قىلىش ، قىلماسلىقنى ئۆزەڭلار بەلگىلەڭلەر ، مەن بىر ئەرۋاھ ، سىلەرگە قىلچە ياردەم قىلالمايمەن ،- دىدى ئەسكەرتىپ، - بۆسۈپ چىقايلى ، بۇلارغا ئۆزىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويمامدۇق ، شەپەرەڭلەردىن ئەنسىرمەيلى ، كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆزى كۆرمەيدۇ ،- تايىر كەسكىنلىك بىلەن شۇنداق دىگىنىچە جەڭگە ئاتلاندى ، قىزلار بىلەن ئەرۋاھ ئايال يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى . ئەتىراپتىكى جىن - شاياتون ، ئىمىسپىيونلار ئۇلارغا قاراپ غالجىرلاشتى ، ئۇلار ئېغىزلىرى يۇغان ئېچىپ بىگىزدەك ئۇچلۇق ، ھەرە چىشىدەك ئەگىرى - بۈگىرى چىشلار ئارسىدىن قان ئارلاش شۆلگەيلىرىنى ئېقىتشقا باشلىدى ،چىرايىغا ماس كەلمىگەن يۇغان كۆزلىرى قاراڭغۇ تۈشۈكتەك بولۇپ ئۇنىڭغا قارىغان كىشىنى قورقۇنىچ باساتتى ، ئۇلار ئۆمۈلەپ ماڭغىنىچە، تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ، ئۇزۇن تىرناقلىرى بىلەن يەرنى تاتىلاپ دۈمبىسىگە توپا چاچماقتا ئىدى . - ماڭا يىقىن مېڭىڭلار ،- دىدى تايىر ،- بۇلارنىڭ تۇتىۋېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلەر . تايىرلار ئەمدىلا ئۇلارغا يېقىنلاپ كىلىشىگە بۇ مەخلۇقلار ھۇجۇم باشلىدى ، تايىر شەمشەرنى ئالدىدا كەلگەنگە تىقىۋىدى ئۇ بىر چىرقىراپ تۈتەككە ئايلاندى ، يەنە بىرى ئېتىلىندى ، ئۇنىڭغىمۇ تىقتى ، ئۇمۇ تۈتەككە ئايلاندى ، ئەتىراپ مەخلۇقلار بىلەن تولدى ،ئۇلار ھەدەپ تايىرلارغا ئېتىلىنىشقا باشلىدى ،يىگىتلەر كەلگىنىنى چېپىشقا باشلىدى ،چېپىلغىنى تۈتەككە ئايلاندى ، قىزلار مەخلۇقلاردىن قورقۇپ قالقان بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى ،ھۇجۇم قىلغان مەخلۇق قالقانغا تەگسىلا سەت بىر چىقىراپ تۈتۈنگە ئايلىناتتى ،لېكىن ئۇلار قانچە كۈچەپ يوقاتقانسېرى بۇ يىرتقۇچلار تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى ، مەيدان يىگىتلەرنىڭ ۋاقىراپ شەمشەر ئۇرىشى ، قىزلارنىڭ قورقۇپ چىقىرشى بىلەن ئالۋاستىلارنىڭ ھالاك بۇلۇش ئالدىدىكى چىقىراشلىرى قوشۇلشۇپ خارابىلىكنى بىر ئالغان ئىدى . ئۇلار ئۇرۇشىۋېرىپ قات - قات قورىشاۋ ئىچىدە قالدى، ئۇرۇش مالمانچىلىغى ئىچىدە تۇيۇقسىزلا بىر مەخلۇق دىلبەرنىڭ پۇتىنى تۇتىۋالدى ، دىلبەر بۇنى كۆرۈپ قالقاننىمۇ تاشلاپ قورقۇپ ، ۋاقىراپ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنسىمۇ مەخلۇق بارغانچە ئۇنىڭ پۇتىنى قاماللاپ كىتىۋاتاتتى ، بۇنى كۆرگەن تايىر يۈگۈرۈپ دىلبەرنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى -يو،لېكىن ئۇ بىر نەچچە مەخلۇقنىڭ تەڭلا ھۇجۇمىغا ئۇچۇراپ شۇلارنى چېپىشقا باشلىدى ، باشقىلارمۇ دىلبەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچەپ باقسىمۇ مەخلۇقلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدىن بىر قەدەمنىمۇ ئالالمايۋاتاتتى ، گۈزەلنۇر قورقۇپ كەتكەچكە قالقان بىلەن ئالۋاستىنى ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ ھە دەپ دىلبەرنىڭ قولىدىن تارتىشقىلا ئۇرىناتتى ، مەخلۇقنىڭ قوللىرى ئۇزۇراپ دىلبەرنىڭ ئىككى پۇتى بىلەن بىرلىشىپ كىتىۋاتاتتى ، دىلبەر يىغلاپ - قاقشاپ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئاتسىمۇ ئامال بولمىدى ، بۇ چاغدا مەخلۇقتىن يەنە بىرىمۇ ئېتىنلىپ كىلىپ دىلبەرنىڭ پۇتىغا يېپىشىپ ئىككىسى تەڭ سۆرىگىنىچە ئۇنى ئالۋاستىلار توپى ئىچىگە ئېلىپ كىرىدى ، دىلبەرگە ئېسىلىپ كۈچ ئېلىشالماي قالغان گۈزەلنۇر يىغلاپ يىقىلدى ،تايىر دىلبەرنىڭ چار - چۇر قىلغىنىچە ياردەم تەلەپ قىلىپ سوزغان قوللىرىنى كۆرۈپ شەمشەرنى شىلتىپ ئۇلارغا ئېتىلنىدى. ئىسكەندەرمۇ بىر تەرەپتىن ئېتىلىندى ، تۇرغۇن بىلەن سەمەت بار كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ كەينىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭدى ، بۇ چاغدا بىر نەچچە ئالۋاستىنىڭ گۈزەلنۇرغا بۇرۇلغىنىنى كۆرۈپ ئىسكەندەر ئۇنىڭغا ۋاقىردى: - تىز قالقاننى ئېلىپ ئۇلارنى ئۇرۇڭ . گۈزەلنۇر شۇندىلا ئۇيقۇسىنى ئاچقاندەك قالقاننى تىزلىكتە ئېلىپ ئۆزىگە ئېتىلىنغان نەچچىسىنى ئۇردى ،تايىر بىلەن ئىسكەندەر شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ دىلبەرنى قۇتۇلدىرالمىدى ، دىلبەر ئالۋاستىلارنىڭ قاماللاپ كۆتۈرىشى بىلەن بىردىنلا چىقىراپ جىمىلىپ قالدى ، ئالۋاستىلارنىڭ بىر قىسمى ئۇنى تىزلىك بىلەن ساراينىڭ كەينىگە ئۆتكۈزۈپ كىتىشتى ، ھەرقانداق قىلىپمۇ دىلبەرنى قۇتقۇزالمىغان ھەمىراھلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىراپ ئالدىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلارنى كۈچەپ چېپىپ ئالغا ئېتىلدى ، ئۇلارنىڭ غەزەپتىن ۋاقىرىغان ئاۋازلىرى خارابىلىكنى يېرىۋەتكۈدەك ئاڭلاندى ، تەرلىرى ياشلىرى بىلەن يۈزىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى ، بىر چاغدا ئۇشتۇمتۇت بۇ ئىمىسپىيون جىنلار شۇنداق تۇيۇقسىز يوقاپ ئەتىراپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھالەتكە كىلىپ قالدى . - دىلبەرنى تىز قۇتقۇزۇڭلار … تىز ،-گۈزەلنۇر يىغلاپ تايىر بىلەن تۇرغۇننى تىزاراق ھەركەتكە كىلىشكە ئالدىراتتى ، ئۇلار دىلبەرنى چاقىرغاچ تىزلىكتە يۈگۈرشۈپ ساراي كەينىگە ئۆتۈشتى لېكىن يا ئۇنىڭ ، يا بىرەر ئالۋاستىنىڭ سايىسىمۇ كۆرەنمىدى . يىگىتلەر ئاچچىقتىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتى ،گۈزەلنۇر يىغلاپ ئولتۇرۇپلا قالدى. - ئەمدى قانداق قىلىمىز ، ئۇلار دىلبەرنى نەگە ئېلىپ كەتتى ،- دىدى تايىر يىغلىغۇدەك بولۇپ . - مېنىڭچە،- دىدى ئەرۋاھ ئايال ،- ئۇنى مەخپىي ئۆيگە ئېلىپ كەتتى ، تۇرغۇن ئەجەپلىنىپ سورىدى : - ئۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچلىرى بىزدە تۇرسا ئۇنى قانداقلارچە ئۇ يەرگە ئېلىپ كىتىدۇ؟ - مەن سىلەرگە دىگەنغۇ ، ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىدىن يوچۇق ئېچىلىپتۇ دەپ ، ئۇلار شۇ جايدىن كىرەلەيدۇ ئەمەسمۇ. - ئەمىسە بىزمۇ شۇ يەردىن كىرەيلى ،- تايىر شۇنداق دەپلا ئالدىراپ ماڭدى . - سىلەر كىرەلمەيسىلەر ، ئۇ قۇرۇلۇش پىرامىدا شەكىللىك ئادەم چىقالمايدۇ ،مەن بېرىپ قاراپ باقاي ،- دىدى ئەرۋاھ تايىرغا . - ئەمىسە بىزمۇ ئۇ ئۆينىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈپ باقايلى ، بىز كىرگۈدەك يوچۇقمۇ بارمۇ تېخى ،- تۇرغۇنمۇ شۇنداق دەپ ماڭدى ، باشقىلارمۇ ئەگەشتى . ئۇلار دىلبەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئالدىراپ شۇنداق تىزلىكتە ئۆينىڭ يېنىغا كىلىشتى لېكىن ئۆي ھەقىقەتەن ئىگىز ، ھېچقانداق دەرىزە ئورنىتىلمىغاچقا ئۇلار ئايلىنىپ چىقىپ ھېچقانداق ئامال قىلالمىدى ، بۇ چاغدا ئەرۋاھ ئايال پەيدا بولدى . - ئۇ ئىچىدىكەن ، ھوشسىز ياتىدۇ ، ئالۋاستى كىتاپ مېنى تۇيۇپ قالدى بولغاي ، بەلكىم سىلەرنىمۇ بىلدى ، تىز كىتەيلى . تايىر ئاچچىغىدا ۋاقىرىدى : - چىقسۇن ئۇ ئالۋاستىلار ، بىزنىمۇ تۇتسۇن ، جاننى تىكتىم . باشقىلارمۇ غەزەپتە تايىرغا ئەگىشىپ يانىدىغاندەك قىلمايتتى ، ئەرۋاھ ئايال ئۇلارغا چۈشەندۈردى : - سىلەر موشۇنداق قىلساڭلار ئالۋاستى كىتاپنىڭ قۇربانى بولىسىلەر خالاس ، ئۇ ئۇيغانسا بالايى - ئاپەت ياغىدۇ ، ئۇيقۇڭلارنى ئېچىپ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىڭلارچۇ؟ گۈزەلنۇر ئەرۋاھنىڭ گېپىنى چۈشۈنۈپ قېنى قىزىپ تۇرغان يىگىتلەرنى قايتىشقا دەۋەت قىلدى . - ئۇلار دىلبەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلماس ، ئاي تولمىغۇچە ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرمەس ، تەييارلىق قىلىپ خەرىتىنى ئېلىۋېلىپ كىلەيلى ، جۈرۈڭلار . - شۇنداق قىلايلى ،- ئەرۋاھمۇ گۈزەلنۇرنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى : - توغىرا ،تەييارلىقنى پۇختا قىلمىساق بىردەمدە ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ ھالاك بولىمىز ، قايتايلى . يىگىتلەر بۇ سۆزلەرنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۈپ قايتىشتى ، بۇ چاغدا كۈنمۇ چۈۈشتىن ئۆتۈپ تاغ كەينىگە يېقىنلاپ قالغان ئىدى . - بىز ئاۋال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خەرىتىنى قولغا چۈشۈرەيلى ،- دىدى تۇرغۇن كىتىۋېتىپ . - شۇنداق قىلايلى ، خو خانىم بىزنى خەرىتىنىڭ يېنىغا دەرھال باشلاپ بېرىڭ ،- تايىر شۇنداق دەپ كەينىدە لەيلەپ كىلىۋاتقان ئەرۋاھقا قارىدى. - ماقۇل ، باشلاپ باراي ، بىز مۈلىكى ئەمەلدارنىڭ سارىيىغا بارايلى ، لېكىن ئۇ يەر خارابىلىكنىڭ جەنوبىدا سەل يىراق . - مەيلى يىراق بولسىمۇ تىزاراق ماڭمىساق بولمايدۇ ؟ - ئەمىسە كەينىمدىن مېڭىڭلار ، كەچ كىرگىچە خەرىتىنى تېپىپ قايتىۋالايلى ، بولمىسا سىرىت ئەمدى خەتەرلىك بولۇپ قالدى ،- ئەرۋاھ ئايال شۇنداق دەپلا ئالدىدا ماڭدى ، ئۇنىڭ پۇتلىرى يەرگە تەگمىگەچكە سۈرئىتى تىز ئىدى.ئەتىراپتا ھەرخىل شەكىلدىكى ئۆي ، تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ،تاش تۈگمەن ، ئوتۇنخانا ، يەنە بىلگىلى بولمايدىغان قۇرۇلۇشلار يول ئىككى تەرپىدە قاتار كۆرىنەتتى، ئۇلار تىزلىك بىلەن كىتىۋېتىپ قاتار ئويۇلغان قۇدۇقلارنى كۆردى . - بۇ نىمە قۇدۇقلار ،- سورىدى سەمەت . - سۇ چىقىرىشقا ئويغان لېكىن سۇ چىقمىدى ،- دىدى ئەرۋاھ . ئۇلار كىتىۋېتىپ بىر مەسچىتنى كۆرۈپ قالدى . - بۇ مەسچىتمۇ ؟ - ھەئە ، بۇ مىسىردىن كەلگەن ئەپسۇن يەشكۈچى ، بىناكارلىق ئۇستىلىرى ئىبادەت قىلىدىغان جاي ، مەنمۇ سىرتىنىلا كۆرىمەن ، ئىچىگە كىرەي دەپ ئۇرۇنساممۇ بىر خىل كۈچ ، بىر خىل كۆزگە كۆرەنمەس توساق توسىۋالدى، بەك سىرلىق جايكەن . ئەرۋاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تايىر ، تۇرغۇنلارنىڭ كۆزلىرى خوشاللىقتىن چاقناپ كەتتى. - ئەمدى ھەقىقى قورالغا ئىگە بولىدىغان بولدۇق . ئۇلار قانداق قورالغا ئىگە بولغاندۇ ؟ دىلبەرنى قۇتقۇزالارمۇ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن .





1636 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:28:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ