قاراڭغۇ ئورمان30- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

ۋەھىمىلىك ھىكايە  30- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)


 مەخلوق تۇيۇقسىزلا يېنىمدىكى قاخشال دەرەخنى يۇلۇپ ئالدى، ئۇنىڭغا چىرمىشىپ كەتكەن ئوت - چۆپلەرمۇ تەڭلا پاراسلاپ ئۈزۈلۈپ كۆتۈرۈلدى، ھەتتا ئەتىراپىمدىكى مېنى يوشۇرۇپ تۇرغان ئوتلارمۇ دەرەخ بىلەن تەڭ يۇلۇنۇپ سۈرۈلدى، مەن تىزلىك بىلەن ئورنۇمنى يۆتكىمەكچى بولدۇم، ئەپسوس ئەتراپقا مىختەك قاراۋاتقان مەخلوق مېنى سىزىپ قالغان ئىدى. ئۇ مېنى تۇتۇشقا چاڭگال سالدى، ئۇنىڭ يۇغان قوللىرى شۇنداق سوزۇلۇپ كىلىشىگە ئۆزەمنى چەتكە ئاتتىم - دە يەنە تىزلىك بىلەن ھەركەتكە كىلىپ قاچتىم، ئۇ يەنە تۇتماق بولدى مەن يەنە ئۆزەمنى چەتكە ئالدىم، لېكىن بۇ قېتىم ئۆزەممۇ سەزمەيلا قانداقتۇ بىر جاينى دەسسىگىنىمنى بىلىمەن، ئەتراپقا ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ چوڭقۇر بىر قاراڭغۇلۇق ئىچىگە « گۈپپىدە » قىلىپ چۈشتۈم.
 ئۈستۈمگە مەن بىلەن تەڭ چۈشكەن بىر مۇنچە توپا - شېغىللار بىر ھازا چۈشكەندىن كىيىن ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ توپا - چاڭلارنى سۈرتكەچ كۆزۈمنى ئاچتىم. بۇرنۇمغا باشقىچەلا بىر خىل قاڭسىق پۇراق ئۇرۇلدى، ئەتراپ قاراڭغۇ، ئۈسىتىدە ئوت - چۆپلەر ئارسىدىن سىرتنىڭ يورۇغى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ بايا مەن چۈشكەن قۇدۇقنىڭ ئېغىزى بولۇپ قارىماققا بەش مىتىردەك كىلەتتى. شۇنچە ئىگىزلىكتىن چۈشكەن بولساممۇ، قاتتىق يارلانغان يىرىم يوق پەقەت بەدىنىمنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرى ئاغرىپ تۇراتتى، مەن تەستە ئورنۇمدىن تۇردۇم. بۇ چاغدا سىرتتا مەخلوقنىڭ قاتتىق ھۆكۈرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، يۈرۈگۈم « جىغغىدە» قىلىپ قالدى، « ئاپلا ھەمراھلىرىمنى تۇتىۋالغاندىمۇ » دەپ ئويلۇدۇم - دە ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسىنى باسماق بولۇپ بىلىكىمنى تۇتتۇم، لېكىن ئۈسكۈنە يوق تۇراتتى، كاللامدىن تۈتۈن چىقتى، « نەدە چۈشۈپ قالغاندۇ ؟» تەمتىرەپ ئەتىراپىمنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدىم ، قولۇمغا يىغاچ ، توخماقلاردەك نەرسىلەر ئۇرۇلاتتى، مەن ئىزدەۋېتىپ يومۇلاق نەرسىلەرنىمۇ تۇتۇپ سالدىم، ھەمدە نىمە ئىكەنلىگىگە قىزىقىپ قولۇمغا ئالدىم، قولۇم ئۇنىڭ قۇرۇغ ياغاچ ئىكەنلىگىگە ھۆكۈم قىلسىمۇ، لېكىن شەكلىدىن باشقا نەرسە ئىكەنلىگى چىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا ھەرقانچە قارىساممۇ كۆرەلمەيۋاتتىم. شۇ چاغدا بارماقلىرىم ئىككى تال تۈشۈككە كىرىپ قالدى، كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ، ئۇنى يەنە بىر قۇر سىلاپ، تۇتۇپلا دەرھال تاشلىدىم. پەرىزىم توغرا بولىشى چوقۇم، سەزگۈيۈم بويىچە ئۇ ئادەمنىڭ ئىسكىلىتقا ئايلانغان بېشى ئىكەنلىگىنى ھۆكۈم قىلىۋاتاتتى. 
 مەن ئەتراپىمنى تۇتۇپ، مۆلچەرلەپ بىر ئايلىنىپ چىقتىم ، بۇ قۇدۇق تەخمىنەن دىئامىتىرى ئۈچ مىتىر كەلگۈدەك، تىك، ھېچقانداق يامىشىپ چىققۇدەك يېرى يوق قۇدۇق ئىدى. قاھار مېنىڭ بۇ يەرگە چۈشۈپ كەتكىنىمنى چوقۇم بىلمىدى، ئاپرات يوق ئۇلار مېنى تېخىمۇ تاپالمايدۇ، ۋاقىراي دىسەم مەخلوققا ئۆزەمنى ئاشكارلىغان بولىمەن، قانداق قىلىشىم كىرەك، شۇ خىياللار بىلەن ئۈمۈتسىزلىنىپ جىددىيلىشىۋاتاتتىم ، قاھار بىلەن ھامۇتئاخۇن قانداق بولغاندۇ ؟ مەخلوقلارنىڭ ھەممىسى يىتىپ كەلگەن بولسا ئۇلار … ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى پەرەز قىلىشتىنمۇ قورۇقتۇم.
 ھازىر ماڭا بۇ يەرنى يورۇتقۇدەك بىر نەرسە بەكلا كىرەك بولىۋاتاتتى،  يانچۇقلىرىمنى سىلاشتۇرۇپ تۇيۇقسىز قورالىمنىڭ يوقلىغى ئىسىمگە كەلدى، ئۇنى قەيەردە چۈشۈرۈپ قويغىنىمنى ئەسلەپ باقتىم. شەك شۆبىسىز ئۇ مەخلوق مېنى ئۇرغاندىلا قولۇمدىن چىقىپ كەتكەنتى، تاپانچامنى سىلىدىم -دە ئۇنى تۇتۇپ چوڭ بىر ئۇف دەۋالدىم، يۈرۈگۈم بىر ئاز جايىغا چۈشكەندەك قىلدى، يانچۇقلىرىمنى قايتا ئاختۇرۇپ يان تىلفۇنۇم قولۇمغا چىقتى، ئۇنىڭ سىگنالى بولمىغاچقا ئۇنى ئىتىۋېتىپ يانچۇقتا ساقلاپ قويغانتىم. ئۇنى ئېچىپ يورۇغىنى ئەتراپقا تۇتتۇم، راس ئويلىغىنىمدىنمۇ قورقۇنۇچلۇق مەنزىرە پۇتۇم ئاستىدا تۇراتتى ، قانچىلىك كۆپلىگىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادەم سۆڭەكلىرىنى دەسسەپ تۇراتتىم.
 بۇ نىمە ئىش ؟ دەۋەتتىم ئۆز - ئۆزەمگە، نىمانداق كۆپ جەسەت بۇ ؟  قانداقلارچە بۇ جەسەتلەر بۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدىغاندۇ ؟ نىمە سەۋەپتىن ئۆلگەندۇ؟  قانداق ئادەملەر بولغىيتى؟ كاللامدا سۇئاللار چاقماق تىزلىگىدە جاۋاپ ئىزدەۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا بىر چەتتە تۇرغان بىر كاللەك قارا لاتا - پۇرۇچلار ئىچىدىن بىر ئاق نەرسىنىڭ چىقىپ تۇرغىنى كۆزۈمگە چېلىقتى، مەن ئاۋايلاپ بېرىپ، بىر تال ياغاچ بىلەن ئۇنى ئاستا ئاچتىم، ئۇ ئاق نەرسە قاتلانغان قەغەزدەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۇ ھالىتىدىن بۇ يەردە تۇرغىنىغا خېلى يىللار بولغاندەك قىلاتتى، شۇڭا ياغاچ تەككەن تەرىپى تىتىلىپ يىرتىلدى. مەن ئۇنى ئاۋايلاپ ئېلىپ قاراپ باقتىم، ئۈستىدە قانداقتۇ خەتلەر بولۇپ ،ئۇ خەتنى كۆرۈپمۇ باقمىغانتىم، بۇنىڭدا چوقۇم بىر سىر بار دىگەن ئوي بىلەن ئۇنى يانچۇقۇمغا قاتلاپ سالدىم. بۇ چاغدا قۇدۇق ئۈستىدىن ئوق ئاۋازى كەلدى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەخلوقلارنىڭ ھۆكۈرگەن ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئۈستىدە قاتتىق جەڭ بولىۋاتقانلىغىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇلار مېنى ئىزدەۋاتقاندىمۇ ؟ شۇ ئوي بىلەن ۋاقىردىم، ئاۋازىم قۇدۇق ئىچىدىلا يېنىشاتتى. كۆزۈم قۇدۇق ئۈستىدە ئىدى ، يەنە ۋاقىردىم، ھېچقانداق نەرسە كۆرۈنمەيتتى، يەنە ۋاقىردىم. لېكىن ئوق ئاۋازلىرى يىراقلاپ، قۇدۇق ئەتراپىدىكى شەپىلەر توختاپ قالغانتى. مەن ۋاقىرىۋېرىشىمنىڭ نەتىجىسىز ئىكەنلىگىنى پەملەپ ئوق ئاۋازلىرىغا قۇلاق سېلىپ تۇرۇپ باقتىم، بىر ھازادىن كىيىن ئەتراپ جىمجىت ھالەتكە كىردى، مەن بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغاندەك بۇ زۇلمەت تۆشۈكتە تەنھا قالدىم. ئەندىشەم ھەمراھلىرىمدا ئىدى. قۇدۇقتىن بىر ئامال قىلىپ چىقىشىم كىرەك؟ شۇ خىيال بىلەن ئەتراپنى يەنە بىر تەكشۈرەپ يەنە ئۈمۈتسىزلەندىم ھەتتا يەردىكى قوۋۇرغا سۆڭەكلەردىن ئېلىپ پۇت دەسسەشكە ئورەك قېزىپ باقتىم. سۆڭەك چىرىغان،  يەر قاتتىق بولغاچ ئۇ ئامالمۇ بولمىدى. ئەمدى بۇ يەردە چىقىشتا باشقىلارنىڭ قۇتۇلدۇرىشىدىن باشقا چارە قالمىغاندەك قىلاتتى. چارچاپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتۇمنىڭ ئاغرىقى مېنى بىئارام قىلغاچقا ئاستا سۆڭەكلەر ئارسىدا ئولتۇردۇم. « كەچۈرۈڭلار» دىدىم ئىچىمدە « سىلەرنى دەسسەپ سالدىم » بۇ ئىسىكىلىتلاردىن كەچۈرۈم سورۇشۇم ئىدى. ئولتۇرغاچ تىلفۇن يورۇغىدا ئۇلارنى بىر - بىرلەپ كۆرۈشكە باشلىدىم ، بەزى ئىسكىلىتلارنىڭ بېشىدا يېرىمى چۈشۈپ ، يېرىمى قالغان ئۇزۇن چاچلارمۇ بار ئىدى. بۇ زادى نىمە ئادەملەر ؟ يەنە شۇ خىيال بىلەن بايقى قەغەزنى ئالدىم ھەم ئاۋايلاپ ئاچتىم، لېكىن چىرىگەن قەغەز قولۇمدا تۇرماي پارچىلىنىپ چۈشۈپ كەتتى. ئەپسوس نىمىلەر يېزىلغاندۇ ؟
 شۇ خىياللاردا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغىنىمدا تىلفۇنۇم لەپ - لەپ بولۇپ ئىكراندا قاھار ، نىجات، پەرىدەلەرنىڭ چىرايى كۆرەندى .
 - ئەركىن ! ئەركىن…
ئۇلارمېنى چاقىرۋاتاتتى، ئۇلار بىلەن كۆرىشەلىگىنىمدىن خۇشلۇقتا ئېغىزىم قۇلۇقۇمغا يەتتى .
- مەن با ، مانا مەن ، … مانا !
ئۇلار ئاۋازىمنى ئاڭلىغان بولسا كىرەك جىددىيلەشكەن چىرايىلىرى پاللىدە ئېچىلدى.
 - بىر نەرسە بولمىغانسەن ،ساقتۇ سەن ؟ 
 قاھار سوراپ تۇرىشىغا پەرىدە قىستاپ ئىكىراننى ئىگەللىدى.
- بىر يىرىڭىز يارلاندىمۇ ؟ ئادەمنى ئەجەپ قورقاتتىڭىز، قاراڭ مەن يىغلىدىم !
 ئۇنىڭ كۆزى قىزىرىپ كەتكەنتى .
 - مەن ساق، باشقىلارچۇ ساقتۇ، ھەممىسى بارمۇ ؟ يارلاندىمۇ؟
- ھامۇتئاخۇندىن باشقىلار ھەممىمىز بار، قاھار يارلانغانتى ھازىر داۋالىنىپ ساقايدى، سىزنى قۇتقۇزۇشقا ئامال قىلالمىدۇق، مەخلوقلار بەك كۆپ، مىڭ تەستە قېچىپ كەلدۇق.
ئۇنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇپ كەتكەنلىگى چىقىپ تۇراتتى.
 - سىزمۇ كەلدىڭىزما بۇ يەرگە؟
 ئۇ كۈلۈپ مەغرور جاۋاپ بەردى :
 - ھەئە ، ھەممىمىز باردۇق، مەنمۇ جەڭ قىلدىم.
 ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىگىدىن ئاچچىقلىدىم :
- ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟ سىزگە بىر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلىمەن ؟
 ئاۋازىم يوقىرى چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان چىرايى بىردىنلا تۇتۇلدى ، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغانتى :
 - ئەمىسە سىزگە بىرەر ئىش بولسا مەن قانداق قىلىمەن ؟ سىز مەخلوقنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىلى تاس قېلىۋاتسىڭىز قاراپ ئولتۇرامدىم ،- ئۇ بۇ تۇرقىدىن يىغلايدىغاندەكلا قىلاتتى .
 - ھامۇتئاخۇنچۇ ؟
- تاپالمىدۇق ، قۇرسۇقىڭىز ئاچتىمۇ ؟
 ئۇنىڭ سۇئالىغا ئەمدى جاۋاپ بەرمەكچى بولۇپ تۇرغاندا تىلفۇن توكى ئاز قالغانلىغىدىن سىگنال بەردى .
- ھە راس ،مېنى قانداق تاپتىڭلار ؟ ئۇ ئۇچار تەخسىنىڭ ئىكرانىنى كۆرسۈتۈپ قويدى .
 بۇ چاغدا قاھار كۆرۈندى :
 - سېنى قۇتۇلدۇرۇپ كىلىمىز، مەخلوقلار بۇرۇنقىدەك كوللىكتىپ ئەمەس، لېكىن غالجىرلىشىپ كىتىپتۇ، ئۇلار تارقىلىپ …
 ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا تىلفۇن لەپپىدە ئۈچتى، ئۇنىڭ توكى تۈگىگەنتى. قۇدۇق ئىچىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. مەن يەنە شۇنچە كۆپ ئىسكىلىت بىلەن قۇدۇق ئىچىدە جىمجىتلىققا چۆمدۈم. ۋاقىت ئۆتمەكتە ئىدى، مەن پات - پات ئۈمىت بىلەن ئاسمانغا قاراپ قوياتتىم، بۇ جايدا تۇرىۋەرگەچكە پۇت - قوللىرىم ئۇيۇشۇپ، ئىچىم سىقىلىشقا باشلىدى، ئىختىيارسىز ماڭاتتىم ھەم تۇرۇپلا باشقىلارنى دەسسەپ مېڭىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ توختاپ قالاتتىم، ۋاقىرغۇم كىلەتتىيۇ مەخلوقلارغا شەپە بىرىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ ۋاقىراش نىيىتىدىن ياناتتىم.  ۋاقىت شۇنداق ئاستا ئۆتىۋاتاتتى، مەن ھەمراھلىرىم كىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا ئۈستىگە پات - پات قارايتتىم، كۈن كەچ بولىشىغا ئەگىشىپ قۇرسۇقۇم غۇرۇلداپ ئېچىشقا باشلىدى، بۇ يەردە مەۋجۇتلۇغۇمنى ئىپادىلەپ تۇرغان بىردىن - بىر يورۇق ئۈچكەندە ئاستا قۇدۇق تېمىغا يۆلۈنۈپ ئولتۇردۇم ، ئەتراپتىكى جىمجىتلىقتىن بىر خىل ۋەھىمە كىلەتتى، قانداقتۇ ، پۇتۇم ئاستىدىكى ئىسكىلىتلار بىردىنلا قىمىرلاپ قوپۇپ مېنى ئورۇۋالىدىغاندەك، ھېڭگىيىپ چىقىپ قالغان چىشلىرى بىلەن گۆشلۈرۈمنى غاجايدىغاندەك ھەتتا قۇرۇق قاخشال قوللىرى بىلەن يۈرۈگۈمنى سۇغۇرۇپ ئالىدىغاندەك قورقۇنۇچلۇق خىياللار ۋۇجۇدۇمنى چىرمايتتى.
 تەنھا قاراڭغۇلۇقتا قانچىلىك ئولتۇردىمكىن بىر چاغدا مۈگۈدەك بېسىپ كۆزۈم يۇمۇلدى. بۇ چاغدا قۇدۇق بىردىنلا قۇدۇق ئىچى يورۇپ ئەتىراپىمغا نۇرغۇن ئادەم ئولۇشۇپ ماڭا سىنچىلاپ قارىشىپ تۇرىشاتتى، چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، ئۇلارنىڭ تۇرقى شۇنداق بەتبەشىرە بولۇپ، بەزىلىرى قېرى، چاچلىرى ئاپپاق پاخپىيىپ كەتكەن، بەزىلىرى ئورۇغداپ بىر تىرە، بىر ئۇستىخان ھالەتتە ، بەزىلىرىنىڭ ئۈستىدە تۈزۈك كىيىممۇ يوق، بەدەنلىرىدىن قان تامچىپ تۇراتتى.  بەزىلىرىنىڭ بىر كۆزى ئويىۋېتىلگەن، بەزىلىرىنىڭ قولى يوق كىسىلگەن جايدىن قان ئېقىپ تۇراتتى، بىر جايلاردا ھالى ئاران قالغان ئاياللار بىلەن، ئورۇقلىغىدىن ئىسكىلىتتەك بولۇپ قالغان بالىلارمۇ كۆرىنەتتى.
 - ئالۋاستىلار! ئالۋاستى … - ۋاقىرۋەتتىم قورقۇپ كىتىپ كەينىمگە ئۆزەمنى ئېلىپ قاچقاچ سۈرۈلگىنىمچە . …
 داۋامى بار…




5351 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-13 22:10:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-13 15:47:12 مەرھابا
ئاخىرى قېنى كۇندە ئون قىتىم ئىچىپ باقىمە يۇللىدىمۇ دەپ نىمىشقا يۇللىمايسىلەر بەك ئۇزۇن بوپ كەتتى ھىلىمۇ داۋامىغا بەك قىزىقىۋاتىمەن تىزراق يۇللىغان بۇساڭلار
2016-3-19 0:15:02 alim
Bunig dawamini. Kaqan latin . Yola . Siz . Sahlap tugili bak uzun boldi
2016-3-19 0:03:52 arzu
yollap bolhan mazmunni yollawwramaila
2016-3-18 13:15:10 بەختىم سەن
قاراڭغۇ ئورمان نىڭ داۋامىغا بەكمۇ تەقەززا بۇلۋاتمەن تىزراق يوللاپ بەرگەن بولساڭلار
2016-3-18 13:15:10 بەختىم سەن
قاراڭغۇ ئورمان نىڭ داۋامىغا بەكمۇ تەقەززا بۇلۋاتمەن تىزراق يوللاپ بەرگەن بولساڭلار
2016-3-17 22:09:29 Muhapizat
man sizning asiringizni kizzikip okuyman ,sizga kop rahmat,tizrakyazsingiz bolatti
2016-3-16 22:12:53 guli
hai,bu asarni okup manda bir hil wahima amas tihimu intilix uygusi boluwatiddu, muallip apandi, mumkin bolsa ahirini tizrak puttursigiz
2016-3-16 16:05:39 ئارخىپ
داۋامى تىزرەك چىقسا بولاتتى… ساقلاپ كەتتۇق…… بەك ياخشى چىقىۋاتاتتى…… ئۈزۈلۈپ قالدى… بەلكىم ئالدىراش بوپقالغانسىز…
2016-3-16 12:28:32 ئابدۇللا
قولىڭىزغا دەرتكەلمىسۇ قېرىندىشىم ، بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى يېزىپسىز، ئەمدى بىزمۇ ئاخىرىنى ئوقۇشقا بەك تەشنا !!!
2016-3-15 22:14:42 parnat
karanghu orman bakmu yahxikan
2016-3-15 13:48:58 RAyila
bu hi kata Bak yahXe yeziliptu
2016-3-15 13:07:39 nilufar
bak payza yezelip tu likin mazmum azgu bak qakkan tugap kate dawamene tezerak yezega
2016-3-15 13:07:34 nilufar
bak payza yezelip tu likin mazmum azgu bak qakkan tugap kate dawamene tezerak yezega
2016-3-15 13:07:33 nilufar
bak payza yezelip tu likin mazmum azgu bak qakkan tugap kate dawamene tezerak yezega
2016-3-15 12:00:47 guzal,yaxllik
kurkunuqluk sirlik rayunig tuluk kismi bulsa yulap bugan bulsagla rahmat kirindaxlirim
2016-3-15 2:28:46 nureli
bak yahxi yizipsiz
2016-3-15 2:00:40 salamat
bargansiri adamni kizikturwatdu ,ahirni tizrak ukisak bulati ahiri kaqan qika
2016-3-15 0:30:39 تەۋپىق
تەۋپىق ياريلاياريلا ئ‍اكائ‍اكا تەسۋېرىتەسۋېرى جانلىقجانلىق چىقىۋاتىدۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ