ئۆتكەن كۈنلەر (ھىكايە) - خۇمار

ئۆتكەن كۈنلەر (ھىكايە) 

 خۇمار 


كۇنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى قوغلاپ ناھايىتىمۇ تىزلىك بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ .ھەش پەش دىگۈچە 23 ياشنىڭ قارىسىنىمۇ ئىلىپ قالدىم ، ئۆزۇمنىڭ چوڭ بولۇپ قالغىنىمنى بارا -بارا ھىس قىلىپ يەتتىم ، شۇنداق كەينىمگە ئۆرۇلۇپ قارغىنىمدا23يىلنىڭ ياقى نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلارنى بىشىمدىن ئۆتكۇزۇپتىمەن، بالىلىقىمدا ناھايىتىمۇ شوخ بىر قىز ئىدىم ، ئاپامنىڭ گىپىنى قەتئىي ئاڭلىمايتتىم، دائىم مەھەللىمىزدىكى ئوغۇل بالىلار بىلەن ئوينايتتىم، ئاپام دائىم ماڭا خاپا بولۇپ مىنى تىللاپ كىتەتتى ، ھەي ،، شۇ ۋاقىتلىرىم نىمىدىگەن غەمسىز ھە،، تولۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا مىنىڭ شوقلۇقۇم قالدى ، شۇ كۇندىن باشلاپ مەن ناھايىتى جىمغۇر بىر قىزغا ئايلاندىم. ئۇ كۇنى ھىلىمۇ تۇنۇگۇنكى ئىشتەكلا يادىمدا تۇرۇپتۇ ،تەتىل مەزگىلى بولغاچقا بىر كۇن كەچ كىرىپ ئاپام مىنى چاقىرمىغىچە ئۆيگە كىرمەيتتىم ، يەنە شۇ بالىلار بىلەن ناھايىتى خۇشال ھالدا قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتىم ،تۇيۇقسز قاتتىق يىقىلدىم ،ئۆزۇممۇ قانداق يىقىلىپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن، لىكىن پۇتۇمدىن  ناھايىتى قاتتىق  قاس قىلىپ ئاۋاز چىقىپ يىقىلغىنىمنى بىلىمەن ، قەتئىي يىغلىمىدىم ، دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمغا كىلىپ مىنى يۆلەشتۇرۇپ ئۆيگە ئەكىرىپ قۇيۇشتى،ئۆيدە مىھمان باتتى، مەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلار ئولتۇرغۇزۇپ قويغان جايىمدا جىمجىتقىنە ئولتۇرتۇردۇم، پۇتۇمنى قەتئىي مىدىرلىتاممىدىم ، مىھمانلار ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن ئاپامغا بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردىم ھەم بىر ئۇخلاپ قوپساملا ئوڭشۇلۇپ قالدىغىنىمنى دىدىم ، ئاپاممۇ خاتىرجەم بولدى ،لىكىن شۇ كۈنى كىچە ئاغرىق ئازابىدىن بىر كىچە ئۇخلىيالمىدىم ، ئەتىسى مومام نەدىن ئاڭلىدىكىن ئەتتىگەندىلا يىتىپ كىرىپتۇ ، پۇتۇمنى تۇتۇپ بىقىپ پۇتۇمنىڭ سۇنغانلىقىنى دىدى ،ئاندىن دادام بىلەن ئاپامنى بىر ھازا تىللاپ كەتتى ، دادام شۇ ھامان مىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى ، دوختۇر دادامغا سەل كىچىككەن بولسا پۇتۇمنى كىسىدىغانلىقىنى  دىگەندە پۇتۇن بەدىنىم تىخىممۇ ئاغرىپ كەتكەنىدى ، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدا بىر ئاي ئۆيدە بىر ئاي كۇتۇنگەندىن كىيىن ئاران ئاقساپ ماڭالايدىغان بولدۇم .ئەنە شۇ ئىشتىن كىيىن مەن مەھەللىمىزدىكى ئوغوللار بىلەن ئوينىمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ئويناۋاتقىنىنى كۆرسەم يۇگرەپ قىچىپ كىتىدىغان ،ئۆيدىن سىرىتقا چىقمايدىغان ،  باشقىلارغىمۇ جىق گەپ سۆز قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمغىمۇ تۇزەك گەپ قىلماي توشقۇزۋەتتىم ، ھەتتا ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ سىنىپتا بار يوقلىقىمنىمۇ بىلمەيلا قىلىشاتتى . ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن ساۋاقداشلىرىم بىلەن خىلە پىكىر ئالماشتۇردىغان بولدۇم .
ئۆتكەن كۇنلەرنى ئەسلىگىنىمدە يىغلاپتىمەن ، كۇلۇپتىمەن، ئىشقىلىپ ھاياتنىڭ ئىسسىق سوغاقلىرىنى بىشىمدىن ئۆتكۇزۇپتىمەن ، چوڭ بولغانسىرى ئۆزۇمنىڭ بىسىمىمنىڭ بارا بارا ئارتىپ بىرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ، ھاياتىمدىكى ھەربىر باسقان قەدىمىم مىنى تاۋلاپ مۇشۇ كۇنگە ئۇلاشتۇردى، مەن يىقىنلىرىمنى قەدىرلەشنى ئۇگەندىم ،ئۆتكەن كۈنلەر ھاياتىمنىڭ مەناسى،ھەربىر ئۆتكەن كۇنۇمنى قەدىرلەيمەن.
     





465 قېتىم كۆرۈلدى humar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-5 13:51:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 22:03:31 دىلخۇمار
رەخمەت
2016-12-16 11:29:23 ر ەنا
بەك ياخشى يېزىلپتۇ
2016-12-14 14:11:03 ئ‍ىلىيار
ياخشى چىقىپتۇ تىخىمۇ تىرىشقىن ساقام
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ