ئاكا قىنى سەن - ھىكايە
ئەرپات تاشمۇھەممەت
يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ سوقماقتا. چۈنكى ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇسەھرايىمغا ئىسىل ماشىنامنى ھەيدەپ بىر شىركەتنىڭ لىدىرلىق سالاھىتى بىلەن كىتىپ بارمەن¸ .پاھ ئانا يۇرتۇم سېنى بەكلام سېغىندىم سېنىڭدە مىنىڭ بالىلىق شىرىن ئەسلىمىرىم ،ئاياق ئىزلىرىم قالغان ......ئەزىز يۇرتۇم،مەن قىيغىتىپ ئوينىغان ئاشۇ يايلاقلىرىڭ ھازىرمۇ بارمۇ؟ھەيۋەت تاغلىرىڭدېن ئېقىپ چۈشكەن تەنگە شىپا ئەركەك سۇلىرىڭنى ئىچىش نېسىپ بولارمۇ؟مېھرى ئىللىق ئانا سەھرايىمدىكى شۇ كەچمىشلىرىم قەلىب ئېكرانىمدا بىر-بىرلەپ نامايەن بولدى،كۆزلىرىمدىكى ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تارام-تاراملاپ تۆكۈلمەكتە ئىدى،
چوڭقۇر خىياللار غا پاتماق تىمەن،
ئۇ ئاچچىق ئەسلىمىلىرىم يەنە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا ئىدى،
ئاكام -ئىككىمىز ئاتا -ئانىمىزدېن كىچىك قالغان ئۇ ۋاقىتتائاكام 13ياشتا مەن 6ياشتا ئىدۇق،ئاپام- داداملار شەھەردېن كىلىش يولىدا ماشىن ۋەقەسىدە بىز دېن ۋىدالىشىپ بارسا-كەلمەس شۇ باقى ئالەمگە سەپەر قىلغان ئىدى، ئەنە شۇ كۈندېن باشلاپ بىزنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىمىز باشلاندى،
تەغدىرنىڭ تىككەن كەبى قامچىسى بىزدەك نارسىدەلەرنى ئايماي قامچىلاشنا باشلىغان كۈنى ئىدى.
ئاكام ئىككىمىزنىڭ باشقا تۇققانلىرىمىز بولمىغاشقا باش-پاناھسز يالغۇز قالدۇق مەن كىچىك بولغاشقا دايىم ئاكامغا ــــــ ئاپام-داداملا قىنى مېنى ئۇلارنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ قوي ئۇلارنىڭ قىشىغا بارمەن ـــــ دەپ ئۇنى خاپ سالاتتىم،بىچچەر ئاكام كۆزلىردىكى ياشلىرنى ئارانلا يۇشۇرۋىلىپ چاندۇرماي ــــــــ
---جىنىم ساقام دادام ئاپاملا پات ئارىدا قايتىپ كىلدۇ سەن بۇنداق يىغىلاپ خاپ سالساڭ ئاپام -داداملا ئىرفات تىخى چوڭ بولماپتۇ كەپسزكەن دەپ كەلمەي قويدۇ شۇڭا گەپ ئاڭلا جۇمۇ ئۇكام، ـــــ ئاكام گەپلىرنى تۈگتۈپ بولمايلا كۆز يېشىنى كونتۇرۇل قىلىلماي ئاسمانغا قارىۋالدى،
مەن:ماقۇل ئاكا سېنى بۇندېن كيىن خاپ سالمەيمەن مەن ۋەدە بىرەي ئاكا شۇنداق قىلسام دادام -ئاپاملا راسلا قايتىپ كىلەمدۇ ــــ دەپ سورۇدۇم مەن ئاغىزلىرمنى ئۈمچەيتىپ،
ئاكام :ھەئە ساقام ئەلۋەتتە قايتىپ كىلدۇ.
شۇ تەرىقىدە كۈنلىرىمز ئۆتىۋەردى ئاكام مەكتەپ تېن چىقۋىلىپ مېنى ئۆزى باقتى نەچچە قىتىم خوشنىلار ئاكامغا،
:ــــ بالام رىفات ئۇكاڭنى بىزگە بە بىز باقايلى سەن كىچىك قىلىنپ قالسەن ھەم قىشمۇ كىپ قالدى بالام ـــــ دەپ نەچچە قىتىم سورىغان بولسىمۇ ئاكام قەتتىلىك بىلەن: ــ مەن ھىلىمۇ ئاتا-ئانامدېن ئايرىلىپ قالدىم ئەمدى بىردېن-بىر قىرىندىشىم يۈرەك پارەمدېن ئايرىلىپ قالغىم يوق ئۇنى ئۆزۈم باقىمەن رەخمەت سىلەرگە ــــ دەپ چىرايلىق رەت قىلۋەتكەن ئىدى،
شۇ تەرقىدە 2يىل ئۆتتى مەنمۇ 8ياشقا كىرىپ قالدىم ئاكام مېنى مەكتەپكە بەردى، ئاكام ئۆزى كىچىك بولسىمۇ ئىشلەپ مېنى باققاش كىم كىچەك ياكى باشقا نەرسىلرىمنى كام قىلمايتى ئۆزىگە يىڭنە چاغلىق نەرسە ئالمايتى ،كەشلرى تاماق يىگنىمىزدە بولسا ماڭا تاماقنى جىقىراق ئۇسسۇپ بىرەتتى،بىز بىرقانچە ئايدا ئاران بىرقىتىملا گۆشكە ئېغىز تىگەلەيتۇق ئاكام مېنى گۆش يىگىسى كىپكەتتى دەپ ھەپتىدە بىر ئىككى تال تۇخۇم ئەكەپ پىشىرىپ بىرەتتى ،
مەيلى گۆش مەيلى تۇخۇم بولسۇن ئاكام يىمەي ھەممنى ماڭا بىرەتتى،
مەن ئاكامدېن نىمىشقا گۆش ۋە تۇخۇمنى يىمەي ھەممنى ماڭا بىرۋىتىدىغانلىقنى سورىسام ئاكام ماڭا--
ساقام مىنىڭ ھىلقى كۈنى قاتتىق ئاغىرىپ قالغىنىم ئىسىڭدىمۇ؟
ھەئە ئىسىمدە ئاكا،
ماڭا گۆش بىلەن تۇخۇم زىيان قىلىدۇ ئۇكام يىسەم يەنە شۇنداق قاتتىق ئاغىرىپ قالمەن شۇڭا ھەممىنى يەۋەتھە ،---دەيتتى
مەن كىچىك بولغاشقا ئاكامنىڭ ئۇ گىپىگە ئشىنىپ ئاكامنى ئاغىرىپ قالمىسۇندەپ ھەممىنى پاككىز يەۋىتەتىم،
خىيالىم بۇ يەرگە كەلگەندە يا كۈلىشىمنى يا يىغلىشىمنى بۈلەلمەي قالدىم.
خىيىل بويلاپ ئوقۋاتقان ۋاختىمدىكى شۇ چاغ ئىسىمگە كىپ قالدى،
مەن ئوقۇپ بىر يىلچە بولدى ھەم قىشمۇ كەلدى ساۋاق داشلىرىمنىڭ يىڭى كيىملىرىنى يىڭى پەلەيلرىنى بەزەن ساۋاقداشلرىمنىڭ يىڭى سومكىسىنى كۆرۈپ ئىچىمدېن ئاچچاق بىر سزىم سىپاپ ئۆتۈپ كەتتى..... .............
دادام-ئاپاملار بولغان بولسا ئىدى مەنمۇ شۇ خىل بەخت تۇيغىسدېن شۇلار بىلەن بىرگە ھۇزۇرلانغان بولسام ھە.....ئۇ كۈنى مەكتەپتېن كەلگۈچە قانچىلىك يىغلىغنىم ئسىمدە يوق…
شۇكۈنى كەش ئۆيگە كەلدىم كەلسەم ئاكاممۇ يىڭى ئىشتېن كىلىپ تاماق ئىتۋاتقان ئىكەن، ئاكام مېنى كۆرۈپ ـــــ ساقام ئۆيگە كىر تاماق پىشايدەپ قالدى ــــــ دەپ ئۆيگە كىرشىمگە بۇيرىدى ئاكام قورما قورۇيدېغان چۈمۈشنى ئارانلام تۇتاتتى مەن ئاكامدېن ئاكا قولوڭغا نىم بولدى ئاغىر ۋاتامدۇ؟ دەپ سورۇدۇم
دەپ سورۇدۇم
ئاكام: ــــ ھىچ ھىچنەرسە بولمىدى ئۇكام ئۆيگە كىرۋەرگەن ــــ دەپ مېنى ئەكلىتىپ پىشەينەمگە بىرنى سۈيۈپ قويدى، ئاكامنىڭ مېنى ئەكىلتىپ سۈيۈپ قويشىدېن بايامقى كۆڭۈلسزلىكلەرنى ئۇنۇتقان ئىدىم، بىراق ئاكامنىڭ شۇ قورما قورۇيدىغان چۈمۈشنى نمىشقا ئوڭشاپ تۇتالمايۋاتقىنىنى بۈلمەيتىم .
كىيىن بۈلسەم ئاكام شۇ قىشلاردا مىنىڭ كەشلىرى مۇزلاپ كىتشىمدېن ئەنسىرەپ كۆمۈرگە پۇل تىپش ئۈچۈن ھەم مېنى ئاش قويماسلىق ئۈچۈن قىشنى قىش دىمەي ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ شۇ سوغوقتا قولى ئۈششۈپ قالغان ئىكەن.
خياللىرىم بۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۈمنى توختىتالماي ئۈن سىپ يىغلاپ كەتتىم.
ھىلىمۇ ئىسىمدە ئاكام قىشتا ھەر كۈنى كەشلىك تامقىمزنى يەپ بولغاندېن كيىن مېنى ئۆيمىزنىڭ ئارقا تەرپىدىكى دۆڭگە دايىم ئويناتقىلى ئەپچىقاتتى.
ھەرقىتىم كەشتىلا ئوينىتاتتى ئاكامدېن بىز نىمىشقا باشقىلارغا ئوخشاش كۈنىدىزى ئوينىمايمىز دەپ ئاكامدېن ئاغىرنغان ئىدىم.....،
ئاكام ئۈستى بىشىمدېكى قارنى قىقىشتۇر ۋىتىپ پىشەينەمگە بىرنى سۈيۈپ قويۇپ: ــــ جىنىم ساقام ئۇ چاغدا باللار بەك كۆپ يارلىنىپ قالساڭ مەن قانداق قىلمەن سەن دېگەن مىنىڭ تۈركۈم يۈرەك-پارەم تۇرساڭ ئوماق ساقام ـــ دەپ باغىرىغا باسقىنى ھىلىمۇ ئىسىمدە شۇ پىتى تۇرپتۇ.
ئاكامنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرگىنىم ئىسىمدېن زادىلا چىقمايدۇ، ئاكام مېنىڭ يىڭى سومكامنىڭ بولشنى ئارزۇ قىلدىغنىمنى بۈلۈپ ماڭا سومكا ئەپبىرش ئۈچۈن شۇ قىشتا بىر كىچە- كۈندۈز قاتتىق ئىشلەپتۇ ،ئەتىسى ئاكام كەلمىدى شۇنچە ساخلىغان بولساممۇ ئۇ كەلمىدى كەش بولغانغا يىقىن خوشنىمىز ئابلەتكام قولىدا بىر سومكنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ،
ئابلەتكام:ـــ بالام ئىرفات ئالە بۇ سومكىنى بۇنى ساڭا ئاكاڭ ئاپتۇ بۇنى ساڭا بىرىپ قويشىمنى ئىتتى ـــ
ئاكام قىنى ئۆزىچۇ؟
:ـــــ جۈرە بالام كەش بوپ كەتتى بىزنىڭ ئۆيگە چىقىپ تاماق يىگەش دەپ بىرەي ــــ دەپ ئابلەتكام مېنى ئۆيىگە ئىلىپ ماڭماقچى بولدى،
مەن ئۇنمىدىم ۋە ئابلەتكامغا ،
ـــ ياق ئاكام ماڭا باشقىلار سېنى ئىپ ماڭسا بىللە ماڭما بولمىسا ئىككمىز ئايرىلىپ قالمىز دىگەن مەن ئاكامدېن ئايرىلىپ قالسام قانداق قىلمەن ،ياق چىقمايمەن ماڭا ئاكامنى تىپىپ بىرىڭ ــــ دەپ يىغلاپ تاشلىدىم، ئابلەتكام مېنىڭ گەپلىرىمدېن ياكى كۆز يىېشىمدېن تەسىرلەندىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ئۇمۇ يىغلاپ كەتكەن ئىدى، ئۇ يىغلىغاش ماڭا ،
ــــ جىنىم بالام يۈرەك پارەم ئاكاڭ سېنى بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ تۇرسۇن دەپ تاپىلغان ئىدى دەپ تېخمۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى،
ــــ ماقۇل ئەمسە چىقسام ئاكامنىىڭ نەدە ئىكەنلكىنى دەپ بىرەسزغۇ ھە ! دىدىممەن كۆز ياشلىرىمنى يىڭىم بىلەن سۈرتكەش، ئابلەتكام ئالدىمغا كىلىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ مېنى باغىرىغا چىڭ بىسىپ تۇرۇپ،
: ـــــ ھەئە دەپ بىرمەن ئوغولوم ــــــدەپ مىنى ئىلىپ ماڭدى،
بىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چىقتۇق ئابلەتكامنىڭ 3 بالسى باتتى ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيى شۇنداق قالايمىقان ۋاراڭ ــــ چۇرۇڭ بوللاتتى ليكىن بۈگۈن ئۇنداق ئەمەستى باشقىچلا جىمجىت ئىدى ،بىز ھەمىمىز بىرگە تاماق يىدۇق يەنلا بۇ ئۆيدە جىمىجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى، ئاخىرى مەن تاقەتسزلىنىپ ئۇ جىمجىتلىقنى بۇزدۇم،
مەن:ـــــ ئابلەتكا ئاكامچۇ ئۇ قىنى؟
ــــــ بالام ساڭا دەپ بىرەي قارا بالام ئاكاڭ تىخى كىچىك شۇڭلاشقا ئۇ ئوقمىسا بولمايدۇ شۇڭا ئۇنى باشقا بىر يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىۋەتتۇق ــــ ،«گەپ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە مەن ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئىچ-ئىچىمدېن ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم » ئابلەتكام:ـــــــ يىغلىما بالام سەنمۇ ياخشى ئوقىساڭ ئاكاڭنىڭ قىشغا بارالايسەن ئاكاڭ سېنى شۇ يەردە ساخلايدىغانلقىنى ئىتتى ــــــ،مەن چىداپ تۇرالمىدىم ئورنۇمدېن تۇرۇپ سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم شۇ يۈگرىگەن پىتى يۈگرۈپ ئاكام مېنى دايىم ئوينىتىدېغان دۆڭگە چىقتىم ئەتىراپقا قارىدىم قاپ-قارا بىر-جۈپ كۆزۈم ئاكامنىڭ سىمايىنى ئىزدەيتى قانچە تەلمۈرسىمۇ لىكىن شۇ ئۈمۈد بىلەن يىراققا باققان كۆزلرىم ئۈمۈدسز قايتىپ كىلەتتى،تىخمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم،مەن بارچە كۈچۈم بىلەن ۋاقىردىم ــــ ئاكا سەن نەدە؟ جىنىم ئاكا سەن قىنى ؟سەن مېنى تاشلاپ نەگە كەتتىڭ ئەمدى مىنىڭ ھالىمدېن كىم خەۋەر ئالدۇ؟
ئاكا مېنى ساخلاپتۇر چوقوم ياخشى ئوقوپ قىشىڭغا سېنى كۆرگىلى بارمەن ــــ،مۇزلاپ تىترەپ كىتىپ بارمەن ليكىن مەڭزىم مۇزلىمغان ئىدى چۈنكى كۆزۈمدېن ئاققان ياش يۈزۈمگە يىپىنچا بولغان ئىدى،
ئۇ يەردە خىلى چاققىچە ئولتۇردۇم ئابلەتكام كىلىپ مىنى ئۆيگە ئىپ كىرىپ كەتتى، ئەنە شۇ كۈندېن باشلاپ ياخشى ئوقوپ ئاكامنىڭ قىشىغا بىرىش ئىستىكى قەلبىمدە چاخنىدى،
ئەتىسى ئابلەتكام ماڭا،
ــــ بالام سېنى بىز شەھەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتماقچى بولۋاتمىز ئۇيەردە ئوقىساڭ ئاكاڭنى ئىزدەپ بارالايسەن قانداق بارەمسەن!
: ــــ ماقۇل باراي بارىمەن ــــ ،دىدىم مەن ئۇنى قۇچاقلاپ خوشاللىقىمنى بۈلدۈرۈپ،
شۇنداق قىلىپ شەھەرگمۇ كەلدۇق مەكتەپكىمۇ كىردىم ئابلەتكام مېنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپ كىتىپ قالدى، مەن قالدىم شۇنۇڭدېن ئىتبارەن ئوقوشۇمنى باشلاپ كەتتىم مەندە پەقەت بىرلا ئىنتىلىش باتتى ئۇ بولسىمۇ ياخشى ئوقوپ ئاكام بار مەكتەپكە بىرش ئنتىلىشى ئىدى.
ھەش -پەش دېگىچە باشلانغۇشنمۇ ئەلا نەتىجى بىلەن پۈتتۈردىم ليكىن ئاكامنى ئۇنتۇپ قالغنىم يوق، ئەمدى چوڭ بولدۇم ماڭمۇ ئەقىل كىردى ئاكامدېن تخىچىلا خەۋەر يوق ئىدى مەن گۇمانلنىشقا باشلىدىم ھەم يېزىغا قايتتىم يىزىغا كىلىپ قارسام يىزا شۇپىتى بىرىپ باشتا ئاكام مېنى دايىم ئوينىتىدېغان دۆڭگە چىقتىم .....مەن بار كۈچۈم بىلەن «ئاكا مېنى سېغىندىڭمۇ مەنمۇ سېنى بەكلام سېغىندىم»دەپ ۋاقادىم
شۇ كۈنى ئابلەتكامدېن سورۇدۇم:
-ئابلەتكا، ياق سىزنى دادا دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە، قىنى ئىيتىڭە دادا، نىمىشقا ئاكامدېن تا بۈگۈنگىچە خەۋەر ئالامايمەن؟ مەندېن بىرەر ئىشنى يۇشۇرۋاتامسىلەر؟ ماڭا ئىيتىڭە دادا! يۈرۈگۈم ئەنسىز سوقوپ كىتىپ باردۇ ، ئاكامنى بەكلام سېغىندىم، مەن يىغىلىغاچ ئابلەتكامغا يالۋۇردۇم.
ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
- بالام سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ ئاق-قارنى پەرىق ئەتكىدەك بولدۇڭ. ساڭا ئەمدى ئۇ سىرلارنى ئىتپ بىرىش پۇرسىتى كەلدى ، ساڭا باشتېن ئاخىرى دەپ بىرەي ئوغلۇم، ئۇ يىلى قىشنىڭ جۇدۇنلۇق كۈنلىرى ئىدى. ئاكاڭ شۇ سوغوقتا بىر كۈن قاتتىق ئىشلەپتۇ. كەش بولغانغا يىقىن ئاكاڭ ئىشلىگەن پۇلىنى ۋەلى ئاكاڭدېن ئىلىپ ئۇنۇڭغا:
-مەن ناھىيەگە ئۇكامغا سومكا ئالغىلى بارمەن، ئەگەر كەش قالسام ئۇكامغا دەپ قويغان بولسىڭىز ئۇ ئەنسىرمىسۇن-دەپ كىتىپ قاپتۇ ، ئاكاڭ ناھىيەگە بىرىپ بىركۈن ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا ساڭا سومكا سىتۋاپتۇ. ئاكاڭ قايتقان چاغدا ئاللاقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىكەن، ئاكاڭ بەك كەچ قالسام ئۇكام ئۆيدە يالغۇز قوقۇدۇ دەپ ئويلىدى بولغاي يىقىن يول بىلەن يەنى دەريا بويلاپ مىڭىپتۇ ،دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدېن بۇ قىرغىقىغا ئۆتكىندە مۇز نىپىز توڭلىغان يەرگە دەسسىۋىلىپ سۇغۇ چۈشۈپ كىتىپتۇ سۇ چوڭقۇر بولغاشقا..
گەپ بۇيەرگە كەلگەندە گۇمانىم مۇقۇملاشقىنى تۇردى، يۈرۈگۈم ئىرغىپ كىتىپ باراتتى. شەپقەتلىك ئاللاھىمدېن ئويلىغىنمدەك بولماسلىقنى تىلەپ ئابلەتكامنىڭ گىپىگە ئىشەنچ ۋە قورقۇنۇچ بىلەن قۇلاق سالدىم.
ئابلەتكام چىرايمدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە بىرەر قۇر نەزەر سىلىۋىتىپ كۆزى لىققىدە ياشقا تولغان پىتى گىپىنى داۋاملاشتۇردى،
--سۇ چوڭقۇر بولغاشقا ئاكاڭ سۇدېن چىقالماي …ئۇ…ئۇ…دۇنياغا… سەپەر قىپتۇ بىز ئاكاڭنى تاپقاندا ئاكاڭ ساڭا ئالغان سومكىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالغان ئىكەن دەپ ئۇمۇ يىشىنى توختۇتالمىدى، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى دۇنيا ماڭا بىرخىل سوغوق بۈلىندى ،خۇددى دۇنيا سېنىڭ بارىڭنى يەپ تۈگىتىمەن دىگەدەك ياۋۇزلاچە ماڭا ھەيۋە قىلۋاتتى ،مەن ئىسىمنى يوقاتتى.
-جىنىم ساقام ئىرفات بۇياققا كەل سېنى بەكلا سېغىندىم بۇ ياققا كەل ئۇكام… ئاكام مېنى چاقىر ۋاتتى ، مەن ئۆزەمنى ئاتتىم--
جىنىم ئاكا مەن بۈلەتتىم سەن مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەيسەن ماڭا قىيمايسەن ھە ئاكا-
ئاكامنىڭ قىشىغا ئازلا قالغان چىغىمدا بىرى ئىرفات…ئىرفات دەپ چاقىردى قاتتىق سىلكىشلەشتېن كۆزۈمنى ئاستا ئاشتىم شۇندىلا ئۇنۇڭ چۈشۈم ئىكەنلىكنى بۈلدۈم ، قوللۇرۇمنى چىشلەپ كەتتىم كۆزلىرىم ياش ئەمەس قانغا تولدى نىمىشقا ئويغىنىپ كىتىمەن بىراقلام ئۇخلاپ قالسام بولماس ئىدى ،
ئابلەتكامنىڭ ئوغىلى غەيرەت ئاكام تالاغا ئابلەتكاملارنى چاقارغىلى چىقىپ كەتتى،
--دادا -ئاپا ئىرفات ھوشىغا كەلدى ئىرفات ھوشىغا كەلدى تىز بولۇڭلا تىزدەپ ئالا-چۇقان سىلىپ ئۇلارنى چاقىردى،
ئۇلار تىزلا يىتىپ كەلدى ھەم ئۇلار مىنىڭ يەنە ھوشۇمدېن كىتىشىمدېن ھەم بولمۇغۇر خىياللاردا بوپ قالماسلقىم ئۈچۈن بىرمۇنچە نەسىھەت قىلىشتى ئۇلارنى خەتتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ماقۇل دەپ قويدۇم.
بىراق شۇ كۈندېن باشلاپ ئارزۇ -ئارمانلىرىم مېنى تاشلاپ يىراققا كىتىشكەن ئىدى، ئاكام ئۈچۈن ئۈگىنەتتم ،ئاكام ئۈچۈن تىرىشاتتىم، ئاكام ئۈچۈن مەيلى نىمىلا قىلماي ئاكام ئۈچۈن دەپ غەيرەت قىلىپ كىلۋاتتىم بىراق ئەمدىچۇ كىم ئۈچۈن ئۈگنىمەن نىشانىم ماڭا قاراڭغۇ بولدى.
ئارىدېن بىر-قانچە كۈن ئۆتتى ، ھەممىز تاماق يەۋەتتۇق مەن گەپ باشلىدىم : -دادا مەن ئوقۇمايمەن ئوقوغۇم يوق، ئابلەتكام ماڭا چەكچىيىپ قاراپ
--ئەمدى ئۇنداق گەپنى قىلغۇچى بولما --دىدى، بىراق مەن يەنە :-دادا مىنىڭ راسلا ئوقوغۇم يوق ، تاسسىدە تەككەن تەستەك دەستىدېن سەنتىرلىپ كەتتىم دادام ئورندېن تۇرىشىغا ئاكلىرىم تۇتۋالدى دادام سۆزلەشكە باشلىدى:- بۈلەمسەن ئىرفات ئاكاڭنىڭ ئارزۇيى نىمە- ؟
ئاكاڭنىڭ ئارزۇيى سېنى ياخشى ئوقۇتۇپ يارامىلىق ئادەم بولشىڭنى كۆرۈش ئەمەسمۇ ئەجىبا ئاكاڭنىڭ ئەپبەرگەن سومكىسى ۋە ئۇنۇڭ تىراگىدىيەسنى ئۇنۇتتىڭمۇ ؟
ئاكاڭنىڭ شۇ ئارزۇسى بولغاشقىلا بىز سېنى شۇ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقوقۇتتۇق ھەتتە ئۆزەمنىڭ باللىرىنى ئوقۇتماي سېنى ئوقۇتتۇم ئېتە ئوقىمىساڭ ئاكاڭغا ۋە بىزگە يۈز كىلەلەمسەن! ئال بۇ خەتنى ئەينى چاغدا بىز ئاكاڭنىڭ يىندېن بۇ خەتنى تاپقان قىنى ئۇنى ئوقوپ باق يەنە ئوقۇماسلىققا باھانەڭ بارمىكىن دەپ،ماڭا بىر پارچە خەتنى تاشلاپ بەردى ،خەتنى قولومغا ئالدىم ئۇ ئاكامنىڭ خىتى ئىدى خەتتە«جىنى ئوكام ياقشى ئوكو سەن مىنىى بارلكىم ياقشى ئوكوساڭ يىڭى كىم يىڭى سوكا ئەپبىرمەن» ئاكام جىق ئوقمىغاشقا خەتنمۇ تۈزەك يازالمايتى،خەتنى ئوقوپ كۆزۈم ئەمەس يۈرىگىم يىغلىدى ئاكامنى شۇنداق سېغىندىم شۇنداق قاتتىق توۋلىدىم ئاكا سېنى سېغىندىم.
ئەنە شۇ كۈندېن باشلاپ قايتا ئىشەنچىمنى تاپتىپ ئۈزلۈكسز تىرىشىپ ئۈگەندىم قەلبىمگە ياخشى ئوقۇپ يارملىق ھەم باي ئادەم بولۇپ ئاجىزلارغا يادەم قىلىش نىشانى پۈكتىم ئاخىرى ئۇ تىلەكلرىمگمۇ يەتتىم ،ھازىر مەن كۆزگە كۆرۈنگەن خىلى داڭلىق كارخانچىلاردېن بوپ قالدىم.
تۇيۇقسز كەلگەن تىلفون خىيالىمنى بۇزدى تىلفون ئىكراندا رىفات ھاياتىم دەپ تۇرتتى ئۇ ئوماق ئوغولۇم رىفات ئىدى ، ئۇنۇڭغا ئاكامنىڭ ئىسىمىنى قويۋالغان ئىدىم ھەرقىتىم ئوغولۇمنى چاقىرسام يۈرۈگۈم ئىچىشسىمۇ لىكىن ئوغولۇمنى ئاكامنىڭ ئىسىمى بىلەن چاقىرسام ئۇنى ھاياتتەك قۇدۇرەت ئىگىسى ئاللاھ ماڭا ئاكامنى قايتا ئاتا قىلغاندەك ھىس قىلاتتىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئوماق قوزام -
-دادا ئاپام ئككىمىز سز ئەڭ ياختۇرۇپ يەيدىغان تۇخۇم قورمىسى قوروپ قويدۇق قاچان كىلسز دادا…،ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئوغولۇم ئاغىزنى ئۈمچەيتىپ گەپقىلۋاتتى،
-مىنىڭ ئوماق قوزام منىڭ ئازىراق ئىشىم با قىپ بوپلا ھايال ئۆتمەيلا بارمەن ھە- ،دەپ تىلفون قويدۇم، مانا ئانا سەھرايىمغىمۇ يىتىپ كەلدىم ماشىنامنى توختۇتۇپ بىرنجى بوپ ئابلەتكاملا بىلەن كۆرۈشتىم ھەم مەھەلەمدىكلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بوپ ئۆزىمنىڭ كونا ئۆيۈمگە كىردىم ئۇ ئۆي بەكلاپ كونىراپ كىتىپتۇ كۆز ئالدىمدا ئاپام-داداملار ھەم ئاكام كۆرۈنۋاتتى ئاكامنى ئات قىلپ منىپ ئوينىغانلىرىم ئاكام ئوينۇشۇپ قويسا دومسىيىپ ئاكامغا تەتىر قاراپ ئولتۇرۋاغانلىرىم ئاكامنىڭ مېنى ئەكىلتىپ سۈيۈشلىرى ئاكام ئۆزىدېن قىزغىنىپ تاماقنى ئۆزى يىمەي ماڭا بىرىشلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا ئىدى، ئاستا ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ ئاكام مېنى دائىم ئوينىتدىغان دۆڭگە چىقىپ ئاسمانغا قاراپ غۇلاشلىرىمنى كەڭ يايدىم ئاسمان قاپقارا ئىدى بەلكىم ئاسماننىڭ مىنى كۆرۈپ كۆڭلى بۇزۇلۋاتقان بولسا كىرەك،
مەن بۇ قىتىم بار كۈچۈم بىلەن توۋلىدىم «ۇ يالغانچ ئەبلەخ مەن ساڭا ئۆش سەن مىنى ئالدىدىڭ سەن مېنى تاشلاپ ھىچيەرگە كەتمەيمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭ بىراق ۋەدەڭگە ئەمەل قىلمىدڭ ۇ يالغانچ مېنى تاشلاپ نەگە كەتتىڭ………ھۆكۈرەپ يىغلىدىم…جىنىم ئاكا سېنى بەكلا سېغىندىم مەن كەلدىم (ئاكا سەن قىنى)»بۈلمىدىم ئاكام ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئاۋازىمنى ئاڭلىيالدىمۇ يوق لىكىن مەن شۇنى بۈلىمەنكى دۇنيا ماڭا قاراپ ئىسەدەپ يىغلاۋاتىدۇ……
ئاكا ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن!!!
«ئاپتۇرى :ئەرپات تاشمۇھەممەت»«مۇلايىم»
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.
275 قېتىم كۆرۈلدى | ئەرپات تاشمۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-21 13:56:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-27 23:14:58 | چوقۇم غەيرەت قىلمەن ئەمما سز كىم دەپ بىرەمسز |
چوقۇم غەيرەت قىلمەن ئەمما سز كىم دەپ بىرەمسز |
2016-10-15 13:27:03 | مۇلايىم |
رەخمەت |
2016-10-1 1:24:02 | كەۋسەر |
رەخمەت ئۇكام ئەسىرىڭ ياخشى يىزلىپتۇ تىخىمۇ تىرىشقىن |
2016-9-9 21:48:20 | نۇسرەت |
غەيرەت قىلىڭ ،ئوماق يىگىت!!! سىزنى قوللايدىغان ھەدىڭىز ☺ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|