شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە

شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە

 

شېئىردا ئەڭ خاسلىققا ئىگە تەسىرات ئىپادىلىنىشى ھەم ئۆز مەنزىلىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

— جېئان پېرول

شېئىر چوقۇم ئوقۇرمەنلەرنى غىدىقلىشى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قۇلاق سېلىشقا مەجبۇرلىشى لازىم.

— ئوكتاۋىئوپاز

شائىرلار تىل دوختۇرخانىسىدىكى قان بەرگۈچىلەردۇر.

— لۇسئان بلاگا

شېئىر بارلىق بىلىملەرنىڭ بېشى ۋە ئاخىرى. ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە ئوخشاش مەڭگۈ ئۆلمەستۇر.

— ۋودسۋوس

شېئىردا ھېسسىيات يىلتىز، تىل مايسا، ئاھاڭ چېچەك، مەنە مېۋىدۇر.

— بەي جۈيى

شائىر ئەبەدىلئەبەد ھەققانىيەت ۋە ئادەمگەرچىلىكنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدۇر.

— ئەي چىڭ

شائىر ئادەم ۋە ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى سەت شەيئىلەرنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەرسە يەنىلا گۈزەللىكتۇر.

— يەن يى

ياسىن ئىسمائىل ئەلتىرەش تەييارلىغان





1236 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 4:12:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-7 16:58:53 مەنسۈرمۇھەممەت
ئىسىل …
2015-8-5 16:42:50 ئۈمەرجان
مەزموننى بەك ياقتۇردۇم. كىلاسىك خەنزۇ شائىر بەي جۈيى ناھايتى ماسلاشتۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ