كىتاپ- مىنڭ ئىشەنچىمنى ئاشۇردى (تەرجىمە) - نۇرانى

كىتاپ- مىنڭ ئىشەنچىمنى ئاشۇردى
تەرجىمىدە :نۇرانى


 مەكتەپ پۇتتۇرۇپ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم، ئۇ يىلى يۇز يىلدا بىر قىتىم كۇرۇلىدىغان كەلكۇن كىلىپ كەنىتتىكى  نۇرغۇن ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى .ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى خۇشال ھالدا ئىدارىگە بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولساممۇ،مەكتەپنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ،پەقەت مەكتەپنىڭ ئۇگزىسىلا چىقىپ قالغان ھالىتىنى كۆرۇپ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىم .يازنىڭ تىزراق ئۆتۇپ كىتىشىنى كۇتتۇم،ئەمما مەكتەپ يەنىلا بىر مېتىر سۇنىڭ ئىچىدە تۇراتتى .
  ساۋاقداشلىرىم كەينى كەينىدىن يىڭى مەكتەپلەرگە كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا باشلىدى .مەن گاڭگىراپ دەككە دۇككە ئىچىدە، ئىنتايىن تېتىت بولۇپ ساقلاۋاتاتتىم .8-ئاينىڭ ئاخىرقى بىرنەچچە كۈنلىرى ،شەھەرلىك داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بىزنى قۇبۇل قىلىدىغان بولدى.سىنىپ ۋە ياتاقلارنى  ئىشلىتىشىمىز ئۆچۇن تەييارلاپ بەردى .ئاخىرى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىشىپ بولغان بولدۇق.پوتۇن مەملىكەت بۇيىچە ئاپەت رايۇنلىرىغا ياردەم قىلىش چاقىرىق قىلىنىۋاتقان پەيتتە ،مەكتىۋىمىز ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بىرقەدەر ئىغىر بولغاچقا ،قەرەلسىز كىلىپ زىيارەت قىلىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئايىغى ئۇزۇلمەيتتى ،يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئاپەت ئەھۋالى خەۋەرلىرىدە بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئەۋالى سۇزلىنىپ تۇراتتى .
ئو ۋاقىتتا مەن ئائىلە ئەھۋالى باياشات سۇ فامىلىلىك قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم ،ئو مەن بىلەن تەڭقۇرداش بولۇپ ،ئومۇ بۇيىل مەكتەپ پۇتتۇرپ خىزمەتكە قاتناشقان ئىكەن ،ئۇخشىمايدىغان يىرى ئۇ شەھەر ئىچىدىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ كىردى ،مەن بولسام كەلكۈن بىسىپ كەتكەن مەكتەپكە ئىشقا چۇشتۇم .
ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن قىزلار باياشات تۇرمۇش كەچۇرسە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم .
كىيىۋالغان بىر تال كۇينىكىنىڭ پۇلى مىنىڭ بىرقانچە ئايلىق مۇئاشىمغا تۇغرا كىلەتتى ،بىردانە كىچىك سۇمكىسىمۇ بىر قانچە خانلىق سان ئىدى ،چاچلىرى ئىنچىكە بۇدرە قىلىنغان بولۇپ ،خۇددى  شاقىراتمىدەك     ئوزۇن ھەم قارا  ئىدى .ئۇنىڭ دىيشىچە خۇرۇم ئايىقىنى دادىسى كۇماندىرىپكىغا چىققاندا بىيجىڭدىن ئالغاچ كەپتۇدەك ،ھەريىلى ئاپىسى بىلەن كۆپ قىتىم شىياڭگاڭغا بېرىپ نەرسە كېرەك سىتىۋالىدىكەن ،ئۇ غەرىپچە تاماقخانىدا كالا گۈشى قۇۋۇرغىسى يىيىشنى ياخشى كۇرىدىكەن ،ھەپتە ئاخىرسى بولغاندا چىنتەي تىياتىرخانىسىغا بىرىپ سەھنە ئۇسۇلى كۆرىدىكەن .
 ئو خۇددى گزەل بىر مەزىرە شامالدا ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك كۇرۇنەتتى .
مەن خۇددى بىر تۈپ ئاجىز ئىت قۇيرۇقى ئۇتقا ئۇخشاش يىنىك شامالدا يەلپۇنىۋاتقاندەك ئۆزەمنى تۇلىمۇ بىچارە ھىس قىلاتتىم.

微信图片_20170418224112.jpg

ئۇۋاقىتتا كىيىۋالغىنىم ئاپەت رايۇنىغا ياردەم قىلغان كۇلرەڭ كىچىك چاپان بولۇپ ،چاچلىرىم قالايماقان ،تۇرقۇممۇ بەك ئۇسال ئىدى، بىر يۇەن ياكى بىر يۇەن بەش مۇلۇق تاماقنى ئىلىپ يىيىش ئۆچۇنمۇ ئىككىلىنىپ يۇرىدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى .

 كالا قۇۋۇرغىسىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ،تىياتىرخانىنىڭ ئىشىگىنىڭ نەگە قارايدىغانلىقىنى بىلمەيتىم ،چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش ،شىياڭگاڭغا بېرىپ نەرسە كىرەك سېتىۋىلىش مىنىڭ غايىۋى چۇشۇم ئىدى .
  كىشى بىلەن كىشىنىڭ پەرقى مانا مۇشۇنداق چۇڭ بولىدىكەن ،بىرى مەلىكە ،بىرى مالايغا ئۇخشايدىكەن .
 مەن بىلەن سۇيۇننى ئۇتتۇرىمىزدا پەرق ئەنە شۇنداق چۇڭ بولۇپ،سۇ فامىلىلىك قىزنىڭ تۇرمۇشى مەن يىتەلمەيدىغدن تۇرمۇش ئىدى .مەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايتتىم ،باشقىلارنىڭ مىنىڭ ئاددى كىيىملىرىمگە دىققەت قىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتىم . پۇرسەتلەرنى قۇلغا كەلتۇرۇشكە جۇرئەت قىلالمىدىم ،باشقىلارنىڭ مىنى ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئىتىپتۇ دىيىشىدىن قۇرۇقتۇم ،مۇھابەتلىشىشكە جۇرئەت قىلالمىدىم ،چۇنكى ئوغۇللارنىڭ مىنى مازاق قىلىش ئوبىكتى قىلىۋىلىشدىن قۇرۇقتۇم.
  مىنىڭ كۈنلىرىم خىرە ھەم ئىھتىيات بىلەن ئۆتمەكتە .خۇددى ئۆزىنى چىڭ تۇتۇۋىلىپ قۇيۇپ بىرىشنى خالىمىغانغا ئۇخشاش ،ئىنتايىن مەنىسىز ئىدى.
مەن ھىلىقى كۈتۇپخانىنى تىپىۋالغاندىن بىرى ،كىتاپلارنى بىر بىرلەپ ئوقۇشقا باشلىدىم .كىتاپقا چۆكۈپ كەتتىم ،ئولار مىنىڭ گۈزەل مەنىۋى ئۇزۇقۇم  بولۇپ قالدى ،مەن يىڭى بىر يۇرۇقلۇققا ئېرىشتىم .
 چۇشلۇك تاماق يىگەن يىمىگەنلىگىمنى ،ئۆستۇمگە قىشلاق كىيىم كەيگەن كەيمىگەنلىگىمنى ،يىنىمدا بەش مۇچەن پول بار يۇقلىقىنى ئەسلىيەلمەيدىغان كۈنلەر سان ساناقسىز . كىتاب مىنىڭ نامىرات ياشلىق باھارىمنى ئۇرغۇتتى ،ئۇ مىنىڭ قالايمىقان خىياللاردا بولۇشۇمغا يۇل قۇيمايتتى ،مىنىڭ قەلبىمدىكى تەشۋىلىنىش ،قۇرقۇش ،غىرىپسىنىش ،ھەسىرەتلىنىش قاتارلىق كۆكرىكىمگە سىغمايۋاتقان بارلىق ئازاپلىرىمىدىن خالاس قىلدى ،كۈڭلۇم ئازادىلىككە ئشەنچكە تۇلدى .
  كۆپ يىللاردىن كىيىن ،مەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ،ئۆزەمنى تۇۋەن تۇتمايدىغان بولدۇم ،كىتاب مىنىڭ ئىشەنچىمنى ئاشۇردى.
 نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن مەن بىر ئەسەر يازدىم ،بۇمۇ مىنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىمنىڭ نەتىجىسى ئىدى .
 كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقمۇ ،كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن .
 بىزنىڭ يۇرتىمىزدىن ئوقۇمۇشلۇق بىركىشى چىققان ئىكەن  ،80-يىللاردىكى بىر نەپەر داڭلىق پىرافىسۇر بولۇپ .كۇپلىگەن كىشىلەرنىڭ خەت ساۋادى يۇق شۇ يىللاردا ،ئۇ ئىمتاھان بىرىپ بىيجىڭغا ئۇتكەن ھەمدە چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرغانىكەن .پىنسىيەگە چىقەشتىن بۇرۇن بىيجىڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە پىرافىسۇر بۇلۇپ ئىشلەپتۇ .كىشىلەر ئۇنى ھۇرمەتلەپ گۇەن پىرافىسۇر دەپ چاقىرىشىدىكەن .
 دادامنىڭ ئىيتىپ بىرىشىچە ،ئۇ يىللاردا ھەممە ئادەم نامىرات بولغاچقا ،قۇرسىقى تۇق كېيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن قىيىن ئىكەن .گۇۋەن پىرافىسۇرنىڭ ئاتىسى ئاكا ئۇكىلارنى چاقىرىپ ،ئايىقىڭلار كۇنىراپ كەيگۈدەك ھالى قالمىدى ،ئاپاڭلارمۇ تىكىپ بىرەلمەيدۇ ،بۇندىن كىيىن مەكتەپكە بارماڭلار دەپتىكەن .ئاكىلرى جىمىپ قاپتۇ ،پەقەت كىچىك گۇەنلا دادا مىنى ئوقۇغىلى قۇيغىن ،مەن بۇندىن كىيىن ئايىغىمنى ھەرگىز يىرتمايمەن دەپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋاپتۇ .
 كىيىنچە ،ئو ھەمىشە ئىشىكتىن چىققاندا ئايىقىنى سىلىپ قۇلىدا كۇتۇرۇپ يالاڭ ئاياق مەكتەپكە بارىدىكەن ،پەقەت مەكتەپكە ئاز قالغاندا ئايىقىنى كىيىۋالىدىكەن ،سۇغۇق قىشنىڭ كۈنلىرىمۇ بۇ ئاددىتىنى تاشلىماپتۇ .
 كىيىن ،بىيجىڭغا ئۇقۇشقا بارغان ۋاقىتتا ،ئۇ بىيجىڭ غەربىي ۋاگزالغا بارغاندىلا ئايىغىنى كىيىۋالغانىكەن .
  تۇي قىلغاندىن كىيىن، ئايالى  ئۇنىڭ بىر خۇرۇم ئاياقنى بەش يىل كىيىپمۇ يىرىۋىتەلمىگىنىگە ھەيران قىلىپ ،كەينىدىن ئوغرىلىققچە ئەگىشىپ مىڭىپتۇ ،ئۇنىڭ ئىشىكتىن چىقىپ ئايىقىنى سىلىۋىتىپ يالاڭ ئاياق ناھايىتىمۇ دادىل قەدەم بىلەن كىتىۋاتقانلىقنى كۆرۇپ ھەيران قىلىپتۇ .
  ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ  ،كىچىك ۋاقتىدىكى ئۇقۇش ھاياتىنى سۇزلىگەن ۋاقىتتا ،مۇخبىر ئۇنىڭدىن سۇغۇق قىش كۈنلىرى يالاڭ ئاياق مىڭىپ پۇتىڭىز مۇزلىمىدىمۇ دەپ سۇراپتىكەن ؟
 ئۇ بىشىنى چايقاپ ،سۇغۇق ئەمەس دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن .
 ئۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ ،ئۇقۇتقۇچۇم بىر كىتاپ مەستانىسى ،ئۇنىڭ ئۇيىدىن ھەرقانداق كىتاپ تىپىلىدۇ ،بىزنىڭ ئۇيدە بولسا بىرتالمۇ كىتاپ يۇق .مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىتاپ ئۇقۇسام چەكسىز خۇشاللىققا چۇمەتتىم- دەيتتى.
 مىنىڭ بىردىن بىر ئەنسىرەيدىغىنىم ئۇلارنى قايتا كۆرەلمەي قىلىش ئىدى .يالاڭ ئاياق پۇت ئاستىدىن شامال ئورۇپ تۇرسا نىمىشقىمۇ مۇزلىمىسۇن ،شۇنى ئۇيلىغىنىمدا كۈڭلۈم يىرىم بولاتتى .كىتاب ئۇ بىباھا بايلىق ، ئو ھاياتلىق نۇرى .
  «خۇشال پادىشاھ »نىڭ ئاپتۇرى ئەنگىلىيىلىك ۋىلدى ئەپەندىم جاڭئەيلىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان ئوستازلارنىڭ بىرى ئىدى  .
 ۋىلدى ئەپەندىم كىچىكىدىن باشلاپلا  كىتاپ ئوقۇش سۇرئىتى جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان  بولۇپ ، يىرىم سائەت ئىچىدە ئۆچ قىسىم رۇماننى ئۇقۇپ بولاتتى ھەمدە كىتابنى بىمالال قايتا بايان قىلالايتتىكەن . 19- ئەسىردە ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن كىلاسسىك ئەدىبىيات جەھەتتە ،ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەنىكەن .
 ۋىلدى ئەپەندىمنىڭ ئۇمۇرى نامىراتلىقتا ئۇتكەن بولۇپ ،ئەمما ئو ھاياتىدىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى .بىر قىتىم ،ئامىرىكىغا ساياھەتكە بىرىپ ،چىگىرادىن ئۇتكەندە تامۇژنا خادىمى ئونىڭدىن قايسى نەرسەڭ بىلەن تامۇژنىدىن ئۆتىسەن دەپ سۇرىغان ۋاقىتتا ،ئۇ :«مىنىڭ تالانتىمدىن باشقا ھىچ نەرسەم يۇق دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن».
ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە شۇنداق دىيىلگەن :دۇنيادا ئادەمنىڭ رۇھىدىنمۇ قىمەتلىك نەرسە يۇق ،ھەرقانداق نەرسىنى ئونىڭ بىلەن سىلىستۇرغىلى بۇلمايدۇ .
 مەن بۇ جۇملىلەرنى كۇرگەن ۋاقتىمدا ئىسسىق ياشلىرىم قۇيۇلۇپ كىتەتتى .دىمىسىمۇ ،كىتاپ ئوقۇش كىشىگە يىتەرلىك بەخىت ئېلىپ كىلىدۇ ،بۇ ئالتۇنغا تىگۇشكۈسىز بايلىق تە .مەن ئۆزەمنىڭ بۇرۇنراق بايقىمىغانلىقىمدىن تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن .
 ئەنگىليىلىك داڭلىق تارىخشۇناس ماكۇلاي تارقىلىشى كەڭ بولغان بىر ھىكايىنى قالدۇرغان ئىدى .
ئۇنىڭ  بىر كىچىك قىزغا  يازغان خىتى ئىدى .
 خەتتە مۇنداق دىيىلگەنكەن : بىرى مىنى ئەڭ ئولۇغ پادىشاھ بول دىسە ، گۇللۇكى ،مەززىلىك تائاملىرى ،ئېسىل ھاراقلىرى ،ئېسىل كىيىملىرى ۋە يۇزلىگەن خىزمەتكارلىرى بار خان سارىيىدا بىر ئۇمۇر تۇرغان بۇلاتتىم. ئەمما ماڭا كىتاب ئوقۇشقا يۇل قۇيمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ھەرگىز پادىشاھ بولمايمەن . نامرات بولۇپ ،كىتابلار بىلەن لىق تۇلغان بالىكۇندا تۇرۇشقا رازىكى ،ھەرگىز كىتاب ئوقۇمايدىغان پادىشاھ بولۇشقا رازى ئەمەس  .
 كىتاب ئوقۇشنىڭ سىھرى كۆچى ئەنە شۇنداق غايەت زۇر ،مىنىڭ ياشلىق باھارىمدىكى ئۆزەمنى ئەيىپلەش كىسىلىمنى ساقايتتى ،گۇەن بۇۋامنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى ،ۋىلدى ئەپەندىم بىر ئۇمۇر پەخىرلىنىپ ياشىدى ،ماكۇلاي ئەپەندىم كىتاپنى پادىشاھلىققا تەڭ قىلمىدى.
 سۇڭ سۇلالىسىدىكى خۇاڭشەن مۇنداق دىگەن ئىدى :بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسام ھاياتىمنى چاڭ توزان باسىدۇ ؛ئىككى كۈن كىتاب  ئوقۇمىسام ،گەپ سۇزلەر زىرىكىشلىك بۇلىدۇ؛ئۆچ كۈن كىتاب ئوقۇمىسام ،چىرايىم تاتىرىپ  كىتىدۇ.
 سۇغۇق قىش كۈنلىرى ،جۇخۇا چىيىدىن بىر ئىستاكان دەملەپ ،ياخشى بىر كىتابنى ئىلىپ ئوقۇساق ئونىڭدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق يۇقتۇر .
كىتاب ئوقۇساق ،ھامان قىرغاققا چىقالايمىز ،شۇندىن كىيىن بىز قايەرگىلا بارمايلى ،قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرىدۇ ،گۈللەر پۇرەكلەپ تۇرىدۇ .
2017-يىلى 17-ئاپىرىل





383 قېتىم كۆرۈلدى nurani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 19:27:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-7 15:21:01 ئىلھام،ئابدىخالىق
ئىنتايىن ياخشى يازمىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ