قانغا بويالغان رومال
kiziltuman
پەرىشتەم ! سېنى پەرىشتەم دەپ چاقىرىشىمغا رۇخسەت قىل !
مەن ھېلىمۇ سېنى ئۈنسىز سېغىنۋاتىمەن ! ئاشۇ كۈندىكى پاجىئە تېخىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ! ئاشۇ كۈنى ھاۋارەڭ كۆينەك كىيىۋالغان بېشىڭغا ئاق تور رومال ئارتىۋالغان ئىدىڭ ! پەرزەنتىمىزنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا تېخى ئۈچ ئاي ۋاقتى بار ئىدى ! مەن پەرزەنتىمىزنىڭ يورۇق دۇنياغا ساق سالامەت تۇغۇلۇپ ھەممەيلەننى خوشال قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتىم ! ئەپسۇس شۇ كۈندىكى قانلىق پاجىئە سېنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچمىغان پەرزەنتىمىزدىن ئايرىلىپ قالدىم ! شۇ كۈنى مەن قانغا مىلىنىپ ياتقان سېنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم سەن بىر ئېغىزمۇ سۆزلىيەلمەي كۆزۈڭنى يۇمدۇڭ ! ئىسمىڭنى نەچچە رەت چاقىرساممۇ كۆزلىرىڭنى پەقەت ئاچمىدىڭ !
ئاخىرى سېنى ئۆز قولۇم بىلەن يەرلىككە قويدۇم ! مەن بۇ كۈننى كۈتمىگەن ئىدىم ! مەن شۇنداق گۈزەل كۈنلەرنى كۈتكەن ئىدىم ! شۇ كۈندىكى ماشنا سېنى سوقۇۋەتمىگەن بولسا ، پەرزەنتىمىز ھەم سەندىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتىم ! مەن نېمىشقا ھايات قالدىم ؟ ئۆزۈمدىن تالاي قېتىم شۇنداق سوراپ كەتتىم ئەپسۇس بۇ سوئالىم جاۋاپسىز قالدى !
سېنى تۇنجى ئۇچىراتقاندا ئەتلەس كۆينەك ، گىلەم دوپپا كىيىپ چېلەكتە بۇلاقتىن سۇ ئېلىپ مېڭىپتىكەنسەن ، شۇ ھالىتىڭ مەندە ئاجايىپ ھەۋەس قوزغاتقان ئىدى . شۇ كۈندىن باشلاپ مەھەللەڭدىن كەتمەي تاغاملارنىڭكىدە تۇرۇۋەردىم ، ئات سۇغۇرۇشنى باھانە قىلىپ بۇلاق بويىدا سېنى ساقلايدىغان بولدۇم ، لېكىن سەن كەلگىنىڭدە مەن يىراقتىن سېنى كۆزىتەتتىم ، سېنىڭ يېنىڭغا بارغۇدەك جۈرئەت مەندە يوق ئىدى ! ئاخىرى بىر كۈنى تاغاملارنىڭ ئوخشاپ پىشقان قىپقىزىل سۇلۇق جانان ئۆرۈكلىردىن ئوغىرلاپ بۇلاق بېشىدا سېنى ساقلىدىم ، سەن كەلدىڭ ، يۈرۈكۈم ھاياجاندىن تىپىرلاپ كەتتى ! سەن ماڭا قاراپمۇ قويماي چېلىكىڭگە سۇنى ئېلىۋەردىڭ ! دەل شۇچاغدا مەن ئېغىز ئاچتىم .
- ياخشىمۇ سىز ؟ ئۆرۈك يەڭە !
- بولدى رەھمەت ئۆزىڭىز يەڭ !
- بۇنى ئاتايتەن سىزگە ئەكەلگەن ئىدىم !
- رەھمەت ! دېگىنىڭچە سۇنى ئېلىپ ماڭدىڭ ، مەن ئارقاڭدىن قاراپ سېنى توۋلىدىم .
-ھەي ئىسمىڭىز نېمە ؟
سەن ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ دېدىڭ !
- ماھىرە
مە شۇ كۈندىن باشلاپ كۈندە ساڭا ئۆرۈك ئەكېلىپ بەردىم ، بىزنىڭ سۆيگۈمىز شۇ بۇلاق بېشىدىن باشلاندى ! ماھىرە مەن سېنى ھاياتىمدىن ئارتۇق كۆرەتتىم ! بۇ ئازاپقا مەن پەقەت چىدىيالمىدىم !
مانا ئاخىرى بىز توي قىلدۇق ! تويىمىز شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مەن سەن بولغاچقا ئەڭ بەخىتلىك ئىنسانغا ئايلاندىم ! بىز توي قىلىپ بەش ئايدىن كېيىن سەن بالامغا سېزىكلىك تاتتىڭ ، شۇ چاغدا مەن بەخىت ئىچىدە خوشال كۈلگەن ئىدىم ، بىراق بۇ كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمايلا سەندىن ئايرىلىپ قالدىم .
شۇ كۈندىن بۇيان مەن سېنىڭ قانغا بويلىپ كەتكەن رومالىڭنى پاكىز يۇيۇپ ياستۇقۇم ئاستىغا سېلىپ قويدۇم ، ھەر قېتىم شۇ رومالنى كۆرگەندە سېنى كۆرگەندەك بولدۇم ، بەزىدە رومالنى باغرىمغا بېسىپ بارچە ھەسرىتىمنى تۆكۈپ يىغلاپ كېتىمەن ، بەزىدە رومالغا قاراپ خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ قالىمەن ! ماڭا ياشاش شۇنچە تەس كەلگەن بولسىمۇ ياشىماي ئامالىم يوقكەن !
بۈگۈن كوچا ئايلىنۋېتىپ بىر جۈپ ئەر ئايالغا كۆزۈم چۈشتى ئەر بالىسنى كۆتۈرۋالغان ئايالى ئېرىنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ شات كۈلكىلەر بىلەن كېتىپ باراتتى ، شۇلارغا قاراپ دەرھال خىيالىمغا سەن كەلدىڭ ، كۆزلىرىمدىن ياش سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى !
ئۇرۇق تۇققانلىرىم ئاتا ئانام ماڭا نەسىسەت قىلىپ قايتا توي قىلىۋال دېسە قەتئى ئۇنمىدىم ، چۈنكى ساڭا بەرگەن كۆڭلۈمنى باشقا بىرىگە ھەرگىز بېرەلمەيمەن ! سېنىڭ يۈرۈكۈمگە سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ ئىسمىڭنى مەن قايتا قايتا تەكرارلايمەن !
بەزىدە ئېگىز جايلارغا ، دەريا بويىغا بېرىپ ئىسمىڭنى شۇنداق كۈچلۈك ئاۋازدا توۋلايمەن !
-ماھىرە ......ماھىرە.....ماھىرە......
ئاۋازىم ھەر قاياقلارغا كېتىدۇكى سەندىن سادا كەلمەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ سنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭگە پەقەت ئىشەنگىم كەلمەيدۇ !
جېنىم ماھىرە سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن !
2017-يىلى 22-ئىيۇل
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
281 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-22 20:35:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|