ئۇ كەلدى! !! 4- بۆلەك

ئۇ  كەلدى! !! 4- بۆلەك

 

كەترەن

 

5.ھەقىقەت

 

مۇرات مۇئەللىم نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. كۆز ئالدىدىلا ئەركىن ياردىن ئىتتىرۋىتىلدى. لىكىن ... مۇرات مۇئەللىم دەرھال قارىغاي ئارىسىغا مۆكۈندى. سەل تۇرۇپ مۇئەللىم ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغاندا ئۇلار باشلىرىنى قاماللاپ ۋارقىراپ كەتكەنىدى. ئابدۇللامۇ ناھايىتى جىددى قىياپەتتە مۇرات مۇئەللىمگە ئەركىننىڭ قىيادىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. كۆپچىلىك ھەممىسى قىيادىن چۈشۈپ جىلغىنى ئىزدىدى .لىكىن تاپالمىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مۇرات مۇئەللىم ناھايىتى كەمسۆز بولۇپ قالغانىدى ...

ــــ مۇرات مۇئەللىم!!!

 ئابدۇللانىڭ ئاۋازى مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى.

 ـــ سىزچە، ئەركىن راست ھاياتمىدۇ؟؟؟ مۇئەللىم جاۋاب بەرمىدى. ئابدۇللانىڭ سۆزى ئارزۇ بىلەن خالىدەنىمۇ تەڭلا ئەركىن توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمە، نەنسەن ساياھىتىگە خىيال كېمىسىگە سىلىپ يولغا سالدى ........

ـــــ ئارزۇ، سەنچە بىز قايسىمىز چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەرمىز؟؟ دىدى خالىدە خىيالچان ھالدا. ئارزۇ گەپ قىلماي بېشىنى يىنىك كۆتۈرۈپ ئون مىتىر نېرىدا كاۋاپ پىشۇرۋاتقان ئەركىننى ئىما قىلدى. دەل شۇ چاغدا جۇشقۇن يۇقىرى ئاۋازدا:

ـــ مۇئەللىم، قارىڭە ... ئەركىن نەق كاۋاپچىنىڭ ئۆزىلا ھە .. ھاھاھا.. دەپ چۇقان سالدى. خالىدە بىلەن ئارزۇمۇ بۇگەپنىڭ تىگىدىكى زاڭلىقنى چۈشۈنۈپ يىتىپ تەڭلا كۈلدى. ئەركىن مۈرىسىگە ئارتىلغان لۆڭگە بىلەن پىشانىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كاۋاپ پىشۇرۋاتتاتتى.. خالىدە ئارزۇغا قاراپ:

ــ ئەركىننىڭ ئەمىلى كۈچى بىلەن، بۇ قىتىمقى پۇرسەتكە ئېرىشىشىدە شەك يوق . بىز بەشىمىزگە بۇ پۇرسەت نېسىپ بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ ... ئۇلار پاراڭلىشىۋاتقاندا مۇرات مۇئەللىمنىڭ تىلىفونى سايرىدى، مۇئەللىم تىلىفوننى كۆتۈرۈپ دەرەخزارلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئىككى ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن نېرىدا تىلىفوندا پاراڭلىشىۋاتقان ئابدۇللا تۇيۇقسىز تىلىفوننى قويىۋىتىپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلدى:

ـــ كۆپچىلىك. گېپىمگە قۇلاق سېىلڭلار.. ھازىر ئەركىننى ئۇجۇقتۇرۋىتەيلى!!!

ـــ نىمە؟؟؟؟؟ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چۆچۈپ كەتتى، بولۇپمۇ خالىدە بىلەن ئارزۇگۈل قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى ...

 ـــ ئۇنى ئۇجۇقتۇرۋەتمىسەك، چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتى بىز بەشەيلەنگە ئاشمايدۇ! لىكىن .... ئۇ...؟؟؟ ـــ ئەنۋەر دۇدۇقلاپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدى. ـــ ئاڭلاڭلار.. ئەگەر ئۇنى يوقاتمىساق بىزنىڭ كەلگۈسىمىز نۆل بولىدۇ، ئۇنى يوقىتىۋەتسەك ھەربىرىمىز 20%لىك پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمىز دىگەن گەپ. ـــ ياق .. ياق.. خالىدە قورققىنىدىن ئارانلا دىيەلىدى. ـــ سىلەرنىڭ جاپا تارتىپ ئوقۇغىنىڭلار قېنى؟؟؟ ھەممىسى نۆل بولىدۇ نۆل!! ئەجىبا ئالدىڭلارغا كەلگەن پۇرسەتنى مۇشۇنداقلا قولدىن كەتكۈزۈپ قويماقچىما؟؟ كۆپچىلىك جىمىپ قىلىشتى. ئابدۇللا ئۇلارنىڭ ئىككىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ : ـــ سىلەر پەقەت ھېچكىمگە تىنمىساڭلارلا بولدى، ھەممىنى ئۆزۈم ھەل قىلىمەن، ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن بولسۇن!!! ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە يەنىلا شەيتانغا يېڭىلدى . نەپىسىگە قۇل بولۇپ ھەقىقەتكە كۆز يۇمدى . شۇنداق... ئەركىن ماشىنىغا خۇرۇچ ئالغىلى كەتكەن بولۇپ ھەممىدىن بىخەۋەر ... ئابدۇللا ئۇنى يار ياقىسىغا ئاپىرىپ ئىتتىرۋەتتى. مۇرات مۇئەللىم يىتىپ كەلگەندە بولسا ئۇلار ھېچنىمىنى كۆرمىگەن بولىۋىلىشتى..... تاشلاندۇق ئۆي سىرتتىكى قاتتىق قۇم بوراندىن بۇ تۆتەيلەننى ئايرىپ ئۇلارنى خىيال دېڭىزلىرىغا غەرق قىلدى. ئابدۇللامۇ نەنسەن ساياھىتىدىن بىر كۈن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدى. ئۇ مۇرات مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۆي ئىچىدە ئەنۋەرنىڭ دادىسىنىڭ مۇئەللىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئاستا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىدى :

 ــــ مۇرات مۇئەللىم، بۇ ئىشتا سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويىدىغان بولدۇم، ئەگەر مۇشۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز، ئالەمچە مىننەتدار بولاتتىم ... ئابدۇللا ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئەنۋەرنىڭ دادىسىنىڭ بىر بولاق پۇلنى مۇرات مۇئەللىمگە ئۇزاتقانلىقنى كۆردى. يەنە نەچچە ئېغىز سۆزلەشكەندىن كىيىن سىدىق لوبەن مۇرات مۇئەللىمگە يەنە بىر تاپىلىدى:

 ـــ مۇئەللىم ، ئۆزىڭىز بىلىسىز، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ئۇنى شەخسى چەتكە چىقىرىشقا يىتىدۇ، لىكىن بۇ قىتىملىق پۇرسەت ئوغلۇمنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ يۈز ئابرۇيىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، شۇڭا.... ئابدۇللا دەرھال كەينىدىكى چوڭ دەرەخنىڭ كەينىگە مۆكىۋالدى. توۋا ... خەپ..خەق مەندىن بۇرۇن چوتنى سوقۇپ بوپتىكەندە ... ئابدۇللا دەرەخ كەينىدە بەش مىنۇتتەك تۇرۇپ مۇرات مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە كىردى. ھەم ئۇنىڭغا بۇ قىتىملىق تاللاشتا چەتكە ئوقۇشقا چىقىش پۇرسىتىنى ئۇنىڭغا بېرىش توغرىسىدا جىق يالۋۇرۇدى ھەم 40مىڭ يۈەننى مۇئەللىمگە تۇتقۇزدى. بۇ پۇل ئەنۋەر ئائىلىسى بەرگەن پۇلدىن كۆپرەك ئىدى ... 6. ھەقىقەت 3 ئابدۇللا دەرەخ كەينىدە بەش مىنۇتتەك تۇرۇپ مۇرات مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە كىردى. ھەم ئۇنىڭغا بۇ قىتىملىق تاللاشتا چەتكە ئوقۇشقا چىقىش پۇرسىتىنى ئۇنىڭغا بېرىش توغرىسىدا جىق يالۋۇرۇدى ھەم 40مىڭ يۈەننى مۇئەللىمگە تۇتقۇزدى. بۇ پۇل ئەنۋەر ئائىلىسى بەرگەن پۇلدىن كۆپرەك ئىدى ... ئۇلار ئەتىسى نەنسەن ساياھىتىگە چىقتى. كۆپچىلىك كىچىككىنە سېلىنچىدا ساپ ھاۋادىن ھوزۇر ئالغاچ قارتا ئويناۋاتاتتى. ئەركىن بولسا نېرىراقتا كاۋاپ پىشۇرۋاتاتتى.. ئىككى كۈندىن كىينلا ئىمتىھان باشلىنىدىغان بولۇپ، ئىمتىھان تۈگىسىلا نەتىجە چىقىرىلىپ بولاتتى. ئابدۇللا ئەركىنگە قاراپ قويدى، كۆزەينەك تاقىۋالغان، ئۇزۇن چاچلىرى قاپقارا قېشىغا چۈشۈپ تۇرغان، قارىماققا بەخىرامان كۆرىنىدىغان، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى« ئەخمەق » مانا ھازىر ئۇلارنىڭ قاچىسىكى ئاشنى تالىشىۋاتقان چوڭ رەقىبكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇ ئىككى يىل بۇرۇن ئاندىن بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەن بولۇپ، نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچ تىزلا مەكتەپتە خېلى كۆپ ئىناۋەت تاپقان...ھەم تەبئىيلا ئۇلار بەشىسى بىلەن ئارىلىشىپ ئۈتكەن.. لىكىن قارىماققا يىقىن ئۆتكەندەك قىلغان بىلەن ئۇلار ئىچىدىن ئەركىنگە ھەسەت قىلاتتى، دائىم ئۇنى مەسخىرە قىلىۋىلىشنىلا ئويلايتتى.مانا ئەمدى چەتكە چىقىپ ئوقۇيدىغان تىپىلغۇسىز پۇرسەت كەلگەندە بولسا ئەركىن يەنە ئۇلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولىۋاتاتتى. ئابدۇللانىڭ ئويلىغانسىرى ئاچچىقى كەلدى. ئۇ تۈنۈگۈنلا كاللىسىغا تۈگۈپ قويغان ئاشۇ رەزىل پىلاننى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا خېلى ئويلاندى. ـــ تۆنۈگۈن ئەنۋەرنىڭ دادىسى چوقۇم ئەنۋەرنىڭ رايىغا بېقىپ مۇرات مۇئەللىمگە ئارقا ئىشىك قىلغان گەپ.. بۇنداق بولغاندا ئەنۋەر تەبئىيلا خەجلىگەن پۇللىرىنىڭ بىكار كېتىشىدىن قورقىدۇ، ئەركىننىڭ نەتىجىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى ئەلۋەتتە ئەنۋەرگىمۇ زور بېسىم ئىلىپ كىلىدۇ... كىم بىلىدۇ تىخى .. باشقىلار بىزدىن بۇرۇن مۇرات مۇئەللىمنىڭ يانچۇقىنى توقلاپ بولغان بولماي. ئابدۇللا يەنە بىر قارارغا كېلەلمىسە پۇرسەتنىڭ ئۈتۈپ كىتىدىغانلىقنى پەملەپ تىلىفوندا سۆزلەشكەن بولۇپ دالدىراق جايغا بېرىپ مۇرات مۇئەللىمگە تىلىفون قىلدى. مۇئەللىم تىلىفون قىلغان ئابدۇللا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى بىرنەرسىنى سەزدى ھەم سىگىنال ياخشى ئەمەسلىكىنى باھانە چوققىغا قاراپ ماڭدى....... سەت چيىقىرىغان ئاۋاز ئابدۇللانى چۆچىتىۋەتتى. ـــــ يىلان!!!! خالىدە بىلەن ئارزۇگۈل ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مۇرات مۇئەللىمنڭ قېشىغا كىلىۋالدى .. ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى تۆشۈكتىن بىر قاپقارا يىلان ئۆمىلەپ كىلىۋاتاتتى. ئابدۇللا دەماللىققا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي يەردىن كىچىك كېسەك پارچىسىنى يىلانغا قارىتىپ ئاتتى. كېسەك پارچىسىنى يىلانغا نەق تەگمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغىلا چۈشۈپ چاچراندىلىرى تىگىپ چۈچۈتتى. ئۇ ناھايىتى تىز سۈرئەتتە يەنە تۆشۈكىگە كىرىپ كەتتى. بۇ ئۆي تىخىمۇ ۋەھىمىلىك تۈس ئالدى. خالىدە بىلەن ئارزۇ يۈرەك ئالدى بولۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلار سىرتقا چىقسا بىر يەردىن ئەركىن كىلىپ ئۇلارنىڭ بارماقلىرىنى كېسىۋالدىغاندەك، بۇ يەردە ئولتۇرسا بۇلۇڭدىكى تۆشۈكلەردىن يىلان چىقىپ ئۇلارنى زەھەرلەيدىغاندەك.. يەنە توقۇم دىگەن غەلىتە مەخلۇق چىقىپ ئۇلارنىڭ قېنىنى شورايدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ بەدەنلىرىنى تىترەك باستى. بولۇپمۇ خالىدە بۇ ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى ... بۇ چاغدا ئابدۇللامۇ سەۋر قىلىپ تۇرۇۋىرىشكە تاقەت قىلالمىدى!!!!

ــــ بولدى بەس!!! خالىدە ئابدۇللانىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ يىغىسىنى توختاتتى.

 ــــ يىغىلىغاننىڭ نىمە پايدىسى؟؟؟ بولىدىغان ئىش ھامىنى بولدى!! ئەركىن ئەنۋەرگە تىلىفون قىپتىكەنغۇ، ئەنۋەرنىڭ تىلىفونى ئارقىلىق ئۇنىڭغا تىلىفون قايتۇرايلى، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم. ئابدۇللا خالىدە بايا يىلاندىن چۆچۈپ تۇرۇپ كەتكەن يەردە قالغان تىلىفوننى قولىغا ئېلىپ ئاخشام كەچ ئەنۋەرنىڭ تىلىفونىغا ئۇرۇلغان نومۇرغا تىلىفون قىلدى .. بۇ چاغدا مۇرات مۇئەللىمنىڭ سومكىسىدىن تىلىفوننىڭ سايرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئابدۇللا، خالىدە، ئارزۇ ئۈچىسىلا ئەزرائىلنى كۆرگەندەك قورقۇپ كەتتى. لىكىن مۇرات مۇئەللىم قىلچە تەمتىرىمەي ئورنىدىن تۇرۇپ كۆپچىلىككە قارىدى: ــــ مەن كەلدىم!!

داۋامى بار.....





1171 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 11:57:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ