قاراڭغۇ ئورمان 16 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 16- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 مەخلوق ئىككىگە پارچىلانغان جەسسەتنى پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىپ، روشەنگۈلگە قاراپ ئېتىلدى، ئۇ قورققىنىدىن چىقىراپ قاچتى، بىز ئۈچىمىز مەخلوقنىڭ يۇغان بەدىنىگە ئوق ئۈزۈشكە باشلىدۇق، ئۈچ ئاپتۇماتتىن چىققان ئوق ئۇنىڭ بەدىنىنى قانغا بويىدى، لېكىن ئۇ يىقىلدىغاندەك قىلمايتتى ، شۇنداقتىمۇ بۇ زەربىدە ئۇ ئوتتۇردا دەماللىققا ھەركەت قىلالماي قالغانتى .

- بېشىغا ئاتايلى!!!

 مەن ئۇنىڭ بېشىنى نىشانلاپ ۋاقىردىم ،ئوقلار ۋىژىلداپ ئۇنىڭ باش تەرپىگە قاراپ ئۇچتى، ئۇ ئۆزىنى ئوقتىن قاچۇرۇپ ئوتتۇردا ئۇياق - بۇياققا سەكرەپ ، جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇندى، موشۇ ھالقىلىق ۋاقىتتا قېرىشقاندەك نىجات بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوقى تەڭلا تۈگىدى،  ئوق ئالماشتۇرۇشقا ۋاقىت يوق ئىدى، بىز دەرھال تاپانچىلىرىمىزنى چىقاردۇق.  مەخلوق پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئوتتۇردىن سىرتقا چىقتى - دە چەتتەرەك ئوق ئۈزىۋاتقان قاھارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. بۇ چاغدا قاھارنىڭمۇ ئوقى تۈگىدى، ئۇ ئەمدىلىكتە جېنىنى ساقلاش ئۈچۈن قاچماي ئامالى يوق ئىدى، ئىككى تاپانچا مەخلوققا ھېچقانداق زەربە بىرەلمەيۋاتاتتى. مەخلوق قاتتىق بىر ھۆكۈرەپ قاھارنى چاڭگاللىماق بولغاندا بىر پاي ئوق ئۇنىڭ كۆزىگە تەگدى، ئۇ سەت ھۆكۈرەپ جايىدا نەچچىنى ئايلىنىۋاتتى - دە يەرگە گۈپپىدە يىقىلىپ چۈشتى، ئوق يەنىلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالالمىغاندەك قىلاتتى. مەن ئوقى تۈگىگەن تاپانچىنى تاشلاپ پىچاقنى چىقاردىم ھەمدە ئېتىلىپ بارغىنىمچە ئۇنىڭ ئۈسىتىگە چىقىپ مەيدە تەرپىگە پىچاق ئۇچى كۈچەپ ئۇردۇم، پىچاق خېلىلا سانجىلغانتى، ئىككىنجىسىنى ئۇرماق بولۇپ پىچاقنى سۇغاردىم. ئىسسىق قان ئېتىلىپ چىقتى، ئۇ بىردىنلا چىقىراپ قولىنى بىر سىلكىۋىدى خۇددى بەددىنىمگە بىر نەرسە سوقۇلغاندەك ئۇچۇپ نەچچە مىتىر يەرگە شۇنداق قاتتىق يىقىلىپ چۈشتۈم ، بېشىم پىررىدە ئايلانغاندەك بولدى ،شۇندىمۇ بەرداشلىق بىرىپ ئورنىمدىن تەستە تۇردۇم ،بۇ چاغدا قاھارنىڭ تاپانچا بىلەن ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئۇ گىگانىتنىڭ قۇلاق تۈۋىگە ئوق ئۈزىۋاتقىنىنى كۆردۈم . مەخلوق ئۆلدى. روشەنگۈل ئىسىنى يوقاتقاندەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، قاھار بىلەن نىجات يېنىمغا يۈگۈرەپ كەلدى.

- يۈزۈڭ قان بولۇپ كىتىپتۇ ،قەيىرىڭ يارلاندى ؟- دىدى قاھار چىرايىمغا قاراپ.

 ئۇنىڭ قەيىرىڭ يارلاندى دىگەن گېپىدىن ئەجەپلەندىم ، مېنىڭ بىرەر يىرىم يارلانغاندەك ئاغرىمايۋاتاتتى، لېكىن يۈزۈمدە بىر نەرسىنىڭ ئېقىپ چۈشكىنىنى سىزىپ قالدىم ھەم سىلاپ كۆردۈم، قولۇم قىپ - قىزىل قان بولۇپ چىقتى .

 - پىشانەڭ يېرىلىپتۇ ، مانا بۇ يەر ،- ئۇ پىشانەمنى كۆرسەتتى.

 شۇ چاغدىلا پىشانەمدە ئاغرىق سىزىمى پەيدا بولدى .

- توختاخۇن ئاكا قېنى؟- دىدىم ئەتراپقا قاراپ بېقىپ. باشقىلارمۇ ھەيران قالدى .

 - قارىغاندا ئۇ قورقۇپ ئورمانلىققا قېچىپ كىتىپتۇ - دە ،- دىدى نىجات .

 - تىز بولايلى، ئۇنى تېپىۋالايلى ، خەتەرگە ئۇچۇرمىسۇن .

 بىز ئالدىراش يۈك - تاقلىرىمىزنى تىرىشتۈرۈپ، قوراللارغا ئوق باسقاچ ئورمانلىققا ئالدىردۇق، بۇ ئارلىقتا روشەنگۈل پىشانەمنى تېڭىپ ئۈلگۈردى. بىز يەردە قانغا مىلىنىپ سوزۇلۇپ ياتقان مەخلوققا بىر قارىۋېتىپ ئورمانلىققا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىر پەسلىك ھۆكۈرەش ، ئوق ئاۋازى ، قىيا - چىيالاردىن كىيىن ئورمان جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدى، بىز بوشلۇقتىن ئۆتۈپ توختاخۇن ئاكىنى ماڭدى دەپ پەرەز قىلغان جاينى نىشانلاپ كىتىۋاتاتتۇق، قوياشنى كۆرگىلى بولمىغاچقا ، قاراڭغۇ ئورماننىڭ بارغانچە قاراڭغۇلاپ كىتىۋاتقىنىدىن كۈن ئولتارغىنىنى پەرەز قىلىشتۇق، كاللامدا بۇ يىرتقۇچلار ئىچىدە كىچىنى قانداق ئۆتكۈزۈش غەم بولۇپ قالغانتى. بىز بىر ھازا يۈگەرگەندىن كىيىنلا توختاخۇن ئاكىنىڭ پالاقشىپ ،ھەسىرەپ - ھۈمىدەپ كىتىپ بارغىنىنى كۆردۇق. قارىماققا ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، كەينىدىن چاقىردىم ، ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ توختاپ كەينىگە قارىۋېدى ئۇنىڭ ھالىدىن چۆچۈپ كەتتۇق. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قىپ - قىزىل قانغا بويالغانتى، يېقىن بېرىپ سورۇدۇم .

 - ئاكا نىمە بولدىڭىز ؟ نەرىڭىز يارلاندى ؟ نىمانداق كۆپ قان بۇ؟

 ئۇ ئىسەدەپ يىغلىۋەتتى ، قورۇققىنىدىن تىتىرەپ، سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمىكىمۇ تەس كىلىۋاتاتتى :

 - بۇ … بۇ قېرىندىشىمنىڭ … قې…نى ، ئۇنى پارچىلىۋەتتى ، ئۇنى يىرتقۇچ پارچىلىۋەتتى … ،- ئۇ گەپمۇ قىلالماي بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى ،- ئۇنىڭ … شۇ… چاغدىكى قورقۇپ كەتكەن چىرايىنى كۆرگەن … بولساڭلار ، ئۇ ، ماڭا قۇتقاز دەپ قولىنى سۇنغان پېتى … پارچىلىنىپ كەتتى…

 ھەقىقەتەن ھوشۇراخۇن ئاكا ۋەھشىيانە ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، راسنى دىگەندە بۇ ئىش ھەممىمىزگە ئازاپ بولغانتى، ھەم مەخلوقنىڭ ۋەھشىلىگىدىن ھەممىمىزنىڭ يۈرۈگى ئۈشۈگەن ئىدى . بىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردۇق ،لېكىن ئۇ ئۆزىنى يەنىلا باسالمايۋاتاتتى.

 - مەن كىتىمەن ، بۇ دوزاختىن ھازىرلا كىتىمەن، مەن ئۈيۈمگە كىتىمەن ،- ئۇ نىرۋېسىدىن ئاداشقاندەك ئۆزىگە - ئۆزى سۆزلەپلا تۇيۇقسىز شەرىق تەرەپكە بۇرۇلۇپلا ماڭدى.

 مەن يۈگۈرەپ بېرىپ ئۇنى تۇتتۇم :

 - ئاكا ھازىر ماڭسىڭىز خەتەرلىك ، ئەتە يورىغاندا بىز سىزنى…

 ئۇ بىردىنلا مېنى سىلكىۋېتىپ كۆچەپ ئىتەردى، مەن تەييارلىقسىز تۇرغاچقا سەنتۈرلۈپ يىقىلدىم، ئۇ كەينىگە قاراپ ۋاقىردى.

- ھېچكىم مېنى توسىمىسۇن، مەن ئۆيۈمگە كىتىمەن .

 نىجات بىلەن قاھارمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ توسىدى .

 - ئاكا ھازىر قاراڭغۇ چۈشەي دىدى ، ئېزىپ قالىسىز ، بەك خەتەرلىك !

 ئۇنىڭغا گەپ قىلغانچە ئۇ تېخىمۇ ئەزۋەيلەشكە باشلىدى - دە بىر توخماقنى ئېلىپ ۋاقىراشقا باشلىدى :

 - مېنى ھېچكىم توسۇمىسۇن دىدىمغۇ، ئەمدى كىم توسىسا شۇنى ئۆلتۈرۋېتىمەن.

 ئۇنىڭ كۆزى قىزىپ قانغا تولغانتى ، بەلكىم يەنە گەپ قىلساق قىلىدىغىنى قىلىدىغاندەك تۇراتتى ، مەن ئورنۇمدىن تۇرغاچ ئۇ ئىككىسىنى چاقىرۋالدىم ، روشەنگۈل بىزگە قاراپ بېقىپ ۋاقىردى : - ئاكا بىز سىزگە ياخشى بولسۇن، سىزنى ھايات قالسۇن دەپ نەسىھەت قىلىۋاتىمىز،  يامان قىپتىمىزمۇ بىزنى ئۆلتۈرۋەتكىدەك .

مەن ئۇنىمۇ گەپ قىلىشتىن توختىتىۋالدىم.

 - مېنى ھايات قالسۇن دىدىڭلارما تېخى ، ئۆزەڭلەرنى قوغدىيالماي، سىلەر بىلەن ماڭسام ئۈلۈمدىن باشقا يول يوقتەك تۇرىدۇ.

 بۇ ئادەم قەتئى قارارغا كەلگەندەك تۇراتتى، مەن يېنىمدىن پىچاقنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئۇ پىچاققا بىر ماڭا بىر قاراپ قويۇپ قوپاللىق بىلەن بۇرۇلدى - دە ئالدىغا قاراپ ماڭدى، بىز باشقىلار ئۇنىڭ كەينىدىن بىر ئاز قاراپ تۇرۇپ يەنە خاتىرجەم بولالمىدۇق.

 - ئۇ نىيىتىدىن يېنىپ قالار، ئارقىدىن ماڭايلى، ئەگەردە نىيىتىدىن يانمىسىمۇ ئۇنىڭ خەتەردىن قۇتۇلىشىغا ياردەم قىلايلى!- دىدىم كۆپچۈلۈككە، ئۇلارمۇ دەرھال قوشۇلدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ يولىمىزنى ئۆزگەرتىپ توختاخۇن ئاكىنىڭ كەينىدىن ماڭدۇق. ئەتراپ يەنىلا تىمتاس، پەقەت ئايىغىمىز ئاستىدىن چىقىۋاتقان قۇرۇق دەرەخ شاخلىرىنىڭ غاراسلىغان ئاۋازىلا بار ئىدى، ئەتراپ بارغانچە قاراڭغۇلاپ كىتىۋاتاتتى. بۇ جىمجىتلىق ، بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قانداق يىرتقۇچلارنىڭ، قانداق جان ئالغۇچى مەخلۇقلارنىڭ بىزگە قاراپ تۇرغىنىنى بىلمەيمىز ، ھەممىمىز ئەتىراپقا ھوشىيارلىق بىلەن قاراپ كىتىۋاتىمىز. كۆزىمىزگە قانداقتۇ بىر دەرەخ شاخلىرى ياكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان يۇپۇرماقلار ئارسىدىن قىزىل كۆزلەر قاراۋاتقاندەك چېلىقاتتى. كۆڭلىمىزگە ھۆكىرگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ مەخلوقلار ئالدىمىزغا سەكرەپ چۈشۈپ بىزنى چاڭگاللاپلا پارە - پارە قىلىۋېتىدىغاندەك ۋەھىمە، قورقۇنىچ چۈشكەن ئىدى.

 بىز شۇنداق تىز مېڭىپمۇ توختاخۇن ئاكىغا يىتەشلمەيۋاتاتتۇق .

 - خاتا ماڭدۇقمۇ يە؟- دىدى قاھار كەينىمدىن بوش ئاۋازدا .

 مەن سەزگۈيۈمگە ئىشىنەتتىم، ئۇ ئادەم موشۇ يولدىن مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدىم. شۇڭا كىسىپلا جاۋاپ بەردىم :

- ياق خاتا ئەمەس.

 كىتىۋېتىپ ئەتراپىمىزدا دەرەخ شاخلىرى يىنىك شىلدىرلاپ كەتتى، بۇنىڭدىن ھەممىمىز جىددىيلەشتۇق، شۇنىڭدىمۇ توختاپ قالماي كىتىۋاتاتتۇق .

- توختاخۇن ئاكا ئاۋۇ يەردىكەن ،- دىدى قاھار خوشلىغىدا.

 مەن ئۇنىڭغا دەرھال گەپ قىلماسلىقنى ئىشارەت بىلەن ئەسكەرتتىم . راس دىگەندەك توختاخۇن ئاكا بىزدىن ئونبەش چامدام نېرىسىدا قاققان قوزۇقتەك جىمجىت تۇراتتى. بىز بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ بىر قەدەم - ئىككى قەدەم دەسسەپ ئۇنىڭغا يېقىنلىدۇق. ئۇ يەنىلا جىمجىت تۇراتتى.

- ئاكا نىمە بولدى ؟ نىمىگە تۇرىسىز ؟- سورۇدۇم بوش ئاۋازدا.

ئۇ ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغاندەك يەنىلا مىدىر - سىدىرمۇ قىلماي تۇراتتى، دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدىكى يۇغان دەرەخ شاخلىرى ئارسىدىن قىپ - قىزىل ئىككى كۆزگە كۆزۈم چۈشتى، ئۇ كۆزلەر ماڭا تىكىلگەنتى،  يۈرۈگۈم جىغ قىلىپ قالدى -دە قورالنىڭ ئۇچىنى كۆزگە توغۇرلىغاچ ۋاقىردىم :

- مەخلوق باركەن !!!

 ئاۋازىممۇ چىقتى، تەپكىنى باستىم، ئوق يۇپۇرماقلارنى توزۇتۇپ، قىزىل كۆز تەرەپكە ئۇچتى. بىردىنلا غاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يۇغان بىر شاخ سۇنۇپ كەينىدىن بىز كۆرۈپ باقمىغانلا بىر مەخلۇق سوزۇلۇپ چىقتى، ئۇنىڭ يۇغان بېشىدا يا يۇغان ئېغىز كۆرۈنمەيتتى، يا مۇڭگۇز، قۇلاق كۆرۈنمەيتتى، قول يوق، ئۆمۈچۈكنىڭ پۇتىنىڭ شەكلىدە تۆت يۇغان پۇتى بار ئىدى، بۇرۇن ، ئېغىزلىرى بىر جايدىلا بولۇپ تۇمشۇقى خۇددى ئۆمۈچۈكنىڭكىگىلا ئوخشايتتى.  بەدىنى ئاق، تۈكسىز، ئىگىزلىگى ئۈچ مىتىردەك، بەدەن ئۇزۇنلىغى بەش مىتىردەك كىلىدىغان ،بوينى ئۇزۇن ،قۇيرۇق تەرپىدە غەلىتە قۇيرۇقى توغلۇنۇپ تۇراتتى . ئۇنى كۆرۋېتىپ قورۇققىنىمدىن ئوق ئېتىشتىنمۇ توختاپ قېتىپلا قالغان ئىدىم، مەخلوق بىزگە بىر قارىۋېتىپ توختاخۇن ئاكىغا تۇمشۇقىنى سوزۇپ يېقىن ئېلىپ كەلدى - دە پۇراپ باققاندەك بىر خىل ھەركەتتە يەنە بېشىنى كۆتەردى.

 بۇ چاغدا توختاخۇن ئاكا ئاستا كەينىگە، بىزگە توغۇرلاندى، ئۇنىڭ تۇرقىدىن ياغاچ ئادەمگە ئايلىنىپ قالغىنى ئېنىق ئىدى. ئۇ ئاستا بىز تەرەپكە قەدەم ئالدى ، مەخلوق جىمجىت تۇراتتى، كاللىمىزدا ئۇ ئادەمنىڭ يېنىمىزغا كىلىۋېلىشى ئۈچۈن مەخلوقنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك دىگەن بىرلا ئۇقۇم بار ئىدى. ئۇ ئادەم ئۈچ قەدەم ئالغاندا مەخلوقنىڭ ئۆمۈچۈكنىڭكىدەك ئاغزى تىترەپ ئېچىلىپ بىر نەشتەر چىقتى - دە ئۇزۇراپ بارغىنىچە« گاچچىدە » قىلغان ئاۋاز بىلەن توختاخۇن ئاكىنىڭ مېڭىسىنى تىشىپ كىرىپ بەدىنىگىچە تۇتاشتى ھەم شىددەت بىلەن ئۇنىڭ قېنىنى شوراپ كەتتى. قېنى شورالغان توختاخۇن ئاكا بىزگە قاراپ تىتىرەپ، تىك تۇرغىنىچە ئاپپاق مۇردىغا ئايلىنىپ قالدى.

 بۇ دەھشەت مەنزىرىدىن ھەممىمىزنىڭ ۋۇجۇددى غەزەپ - نەپرەتكە تولغان ئىدى. قورقۇش دىگەنلەرنى ئۇنتۇپ، بارلىق ئاچچىقنى يىغىپ ۋاقىرغىنىمىزچە بۇ مەخلۇققا تەڭلا ئوق ئۈزدۇق،  ئوقلار بارغان پېتى يىغىپ بولالمىغان نەشتىرىنى تىشىپ، تىتىپ ئۈزىۋەتتى، ئۇ بۇ زەربىدىن سەت چىقىرۋەتتى، ئۇنىڭ چىقىرشىدىن قۇلاقلىرىمىز زېڭىلداپ كەتتى. ھەممىمىز تەپكىنى كۈچەپ بېسىۋاتاتتۇق، شىددەت بىلەن چىقىۋاتقان ئوقلار ئۇنىڭ بەدىنىگە، باش قىسمىغا، كۆز ، تۇمشۇقلىرىغا تەگدى، ئۇ ھازىرلا سۈمەرگەن قان ئەمدىلىكتە ئەتراپقا چاچراپ دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپلەرنى بويىماقتا ئىدى. ئۇ چىرقىراپ بىر سىلكىلىندى -دە بىزگە ئېتىلىماقچى بولغان چاغدا يەر يۈزىدىن سۇ ئېقىپ كەلگەندەك قاپقارا نەرسە يۇپۇرلۇپ كىلىپ، خۇددى بىر پارچە قارا سايە ئۇنىڭ بەدىنىگە چۈشكەندەك، ئۇنىڭ بەدىنىنى بىردەمدە ئوراپ بولدى ، ئۇ بۇ نەرسىلەردىن قۇتۇلماق بولۇپ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ ئېچىنىشلىق چىقىراپ يىقىلدى. بىز بۇ مۆجىزىدىن تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالغانتۇق .سايە بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلىپ توختاخۇن ئاكىنىڭ جەسسىتىنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇ چاغدا مەخلوقنىڭ ھەم توختاخۇن ئاكىنىڭ جەسسىتى ئاپپاق ئىسكىلىتقا ئايلانغان ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى . …

داۋامى بار…





3149 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-9 17:58:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-11 22:58:03 okurman
ahereni tezrak yaz segez
2016-1-11 22:43:50 saya
bakyahxikan。kaynni。tizrak yezxigizni。 u mu t k i li man
2016-1-11 22:20:05 گۈلفىرە
تەسەۋۋۇرغا ناھايىتى باي يېزىلىپتۇ، مەنمۇ يازالىغان بولسام نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى
2016-1-11 17:38:39 داۋۇتجان بەكرى
داۋاملىق تىرىشىپ تېز تېز يېزىپ باقچۇ دوستۇم ،كۈندە بىر قىسىمدىن بولۇرمۇ؟بولۇرمۇ؟
2016-1-11 16:21:38 كىتاپ
داۋامىنى تېزرەك ئ‍ەۋەرسىڭىز ،بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،
2016-1-11 13:04:37 كېرەم
بولسا ئاخىرنى تىزراق يولىغان بولسا بوپتىكەن.ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ.
2016-1-11 11:39:01 xabnam
keni bu HikAyinig diwAmi qikmAydigu
2016-1-11 9:25:44 abudurahiman
bak.kiziktim.man.bu.asarga.ahiri.kaqan.qikar.amdi
2016-1-10 23:32:42 مىلۇدىيە
17 قىسمى قاچان چىقىدۇ؟
2016-1-10 23:24:42 gulus
asarla bak kiqikip kitvatidu
2016-1-10 22:26:27 rustam
bak yah xi yezilip tu likin minig ayigini ukugum bar ti tehi yol lan midima
2016-1-10 14:40:17 ئ‍ادىل
kaqan mu hre qika bu hikayinig axu
2016-1-10 2:29:35 abdulla
barhanqawahimilikmunima
2016-1-10 2:10:12 nureli
yahxi yiziliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ