قىسقا، ئەمما ئىبرەتلىك ھىكايە
بىركۈنى بىر توشقان چۆپلۈكتە ئوتلاۋاتاتتى. بۇ توشقاننى بۆرە، تۈلكە،شىر ئوۋلىماقچى بولدى. شىر ئەڭ ئاۋال ئىتىلدى، توشقان قاچتى ، تۈلكە سەۋىرلىك ساخلىدى، شىردىن قۇتۇلغان توشقان جىنى ئاران قالدى ، ئەمدى ئۇف دىيىشىگە بۆرىنىڭ خىرىسىنى بايقاپ قالدى، جىنى ئاز قالغان توشقان قانداق قىلىشنى بىلمەي تۇرغاندا تۈلكە پەيدا بولدى، تىز ئۈستۈمگە چىقۋال سىنى قۇتۇلدۇرمەن دەپ شىر بىلەن بۆرىنىڭ ئالدىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ماڭدى، توشقان تۈلكىنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۋالغانلىقدىن تەسىرلىنىپ تۈلكىگە شۇنداق ئىشەندى ھەم تۈلكە بىلەن بىللە ياشىسا خاتىرجەم ھەم بىخەتەر بولدىغاندەك تۇيۇلۇپ تۈلكە باشلىغان يولغا ماڭدى. ئەپسۇس تۈلكىنىڭ مەخسىتى ئۆزىنىڭ قارنى ھەم بىرۋاخلىق مەزلىك تامىقى ئۈچۈن قىلۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدى، تۈلكە توشقاننى خالى جايغا ئاپىرىپ ئاخىرقى ھاياتىغا بۇ سۆزلەرنى دەپ قويدى، توشقان بۇرەدەر ئۇنۇتما ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزكۈچۈڭگە تايان ساڭا ياردەم قىلماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپسى ئۈچۈن دىدى، توشقان ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلدى ئەپسۇس كىچىكتى.
2015-7-28 ئاپتۇرى=ئىلغار(تۇيغۇ)
1111 قېتىم كۆرۈلدى | ئىلغار جان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-10 23:55:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-4 13:22:13 | adila |
durus |
2015-8-17 1:02:36 | ئىلغار |
كەينىگەاباشقا مەزمۇن يوللۇنۇپ قالدى كەچۈرسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|