قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 15- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 15- قىسىم
www.yazghuqilar.com


- گۈزەلنۇر ؟؟؟
ھالسىرغان دىلبەر گۈزەلنۇرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئىسىنى بىلگەندەك ئۈنلۈك توۋلاپ ھەممىسىگە مۈلدۈرلەپ قاراپ چىقتى.
- گۈزەلنۇر قېنى ، گۈزەلنۇر قېنى ،گۈزەلنۇر بايا بەتبەشىرە نەرسىگە ئۆزگۈرۈپ قالدىغۇ ، ئۇ قانداق بولۇپ ئۇنداق نەرسىگە ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ ، ئۇ … ئۇ گۈزەلنۇرنى يەپ… يەپ كىتىپتۇ …
 ئۇ گېپىنى تۈگىتەلمەيلا  ۋاقىراپ يىغلىۋەتتى . تايىر ئۇنى تېنىچلاندۇرماقچى بولدى .
 يېڭىلا كىلىپ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي ھاڭۋېقىپ تۇرغان تۇرغۇن ، ئىسكەندەرلەر دىلبەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن تېخىمۇ تېڭىرقاپ قالدى .
- نىمە بولدۇڭلار !دىلبەر نىمىلەرنى دەۋاتىدۇ؟ سىلەر بايىلا گۈزەلنۇرنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ كەتتىڭلارغۇ ؟ ئۇ … قېنى ؟ - ئۇ قىزغا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ سورىدى ،- بۇ قىز كىم بولىدۇ ؟
تايىر دىلبەرنى بىردەم پەسلەتكەندىن كىيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ئۇلارغا ئالدىرماي چۈشەندۈردى :
- بايا بىز قوغلۇشۇپ كەلگەن گۈزەلنۇر ئەسلى گۈزەلنۇر ئەمەسكەن ، ئۇ ، گۈزەلنۇر سىياقىدا ئۆزگۈرەپ ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان جىنكەن ، مەن كەلگەندە، ئۇ ئەسلى ئەپتى - بەشىرسىنى ئاشكارلاپ دىلبەرنى بوغىۋېتىپتىكەن ، مېنى كۆرۈپ كۈچ ئېلىشالماي ھەمىراسى بىلەن توزاق قۇرۇپ تاس قالدى بىزنى ھالاك قىلغىلى ، ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە بۇ قىز بىزنى قۇتقۇزۇپ قالدى .
- ھەمىراسى بىلەن ؟
ئىسكەندەر تېخىمۇ ھەيران بولۇپ سورىدى .
- ھەئە !- تايىر جاۋاپ بەرگۈچە قىز ئېغىز ئاچتى ، ئۇلار ئەتىراپىڭلاردا ئەگىپلا يۈرۈيدۇ ، ئۇلارنى سىلەر كۆرەلمەيسىلەر ، ئۇلار سىلەرنىڭ بىخوتلۇق قىلىشىڭلارنى كۈتۈپ ئەگىشىپ يۈرىۋاتقىلى خېلى بولدى .
-سىز دەۋاتقان ئۇلارنىڭ سانى قانچىلىك ؟
سەمەت قىزدىن شۇنداق سورىغاچ ئەتىراپىغا قاراپ قويدى .
- قانچىلىكلىگى ئېنىق ئەمەس ، ھۇجۇمغا ئۆتسە بىردەمدە نەچچە ئون ، ھەتتا نەچچە يۈز بولىشى مۇمكىن ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەركىتىدىن ئاسانلىقچە ھۇجۇمغا ئۆتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ .
- سىز ئەجەپ ئېنىق بىلىدىكەنسىزغۇ ؟ سىز كىم بولىسىز ؟
- بۇ قىز مەن چۈشۈمدە كۆرگەن ئاقساقالنىڭ ئادىمى ، ئۇ بىزگە ياردەم بىرىشكە كەپتۇ ،- دەپ تونۇشتۇردى تايىر .
بۇ دوسىتلار ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇق ئىشقا تەۋەككۈل قىلمىغانلىغىغا ، راستىنلا بېشىغا كەلگەن بالا - قازالاردىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلالايدىغان ئۇ ئاقساقالنىڭ بارلىغىغا تېخىمۇ ئىشىنىپ خوشال بولۇشتى -دە قىزغا يېڭىباشتىن قاراشتى، قىز رىۋايەتلەردىكى پالۋانلاردەك ئوقياسىنى قولتۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ بوينىغا ئاسقان ، دۈمبىسىدە لىق يا ئوقى قاچىلانغان ئوقدانى بار ، كىيىم - كىچەكلىرى بۇ دەۋىردىن يات ، پۇت - قوللىرى  پالۋانلاردىكى كۈچ - قۇۋۋەتنى نامايەن قىلغان ھالەتتە مەزموت ، مەغرور تۇراتتى ، ئۇنىڭ بۇ تۇرقى بىلەن چىرايىدىن چىقىپ تۇرغان گۈزەللىك  ، قەيسەرلىك ، قورقىماس روھى ئۇنى تېخىمۇ جەزبىدار كۆرسىتەتتى، « بۇ دۇنيادا بۇنداقمۇ چىرايلىق قىزلار باركىنا » دەپ ئويلىدى تۇرغۇن .
- گۈزەلنۇر نەدە ؟ تايىر ، تۇرغۇن ئۇنى تېپىپ بىرىڭلار ئۇ قېنى؟ - دىلبەر ئۆزىنى بېسىپ تۇرغان بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ يۈزىگە چۈشۈپ تۇراتتى.
- ئۇ چوقۇم ھايات ! ئۇنى چوقۇم تاپىمىز !- دىدى تايىر قەتئىلىك بىلەن ،- مەن ئەسلى بۇرۇناراق بۇ ئىشلارنى ئويلاپ يەتسەم بولاتتى .
ھەممىسى ئۇنىڭغا قارىدى .
- ھەممىڭلارغا ئايان ، بۈگۈن چۈشتىن كىيىن گۈزەلنۇردا نۇرغۇن غەلىتىلىك ، نورمالسىزلىقلار يۈز بەردى ، بىز ئۇنىڭدىكى بۇنچە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەرنى بايقاپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا سەل قاراپتۇق .
- توغىرا !-  تۇرغۇن ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى ،- توۋۋا ئۇ باشقىلا  بىر ئادەم بولۇپ قالغانتى ، نازۇكلىغىدىن ئەسەرمۇ يوق ھېچقايسىمىزنى يىتەشتۈرمەي خۇددى يول بىلدىغاندەك موشۇ جايغا باشلاپ كەلگەنتى .
- ئەمىسە گۈزەلنۇر نەدە قالدى ، قانداقلارچە ئۇ بىزدىن ئايرلىپ قالدى؟- سەمەت بۇ سۇئالنى قويدى .
- گۈزەلنۇر بىزدىن ئايرىلىپ باقتىمۇ؟- تۇرغۇن سورىدى .
ئۇلار بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئويلانغاچ دىلبەرگە قارىدى ، دىلبەر يېشىنى سۈرتكەچ بىر ئاز ئويلاپ تۇيۇقسىز چۈشتە قۇرساق توقلىغان جاينى ئەسكە ئالدى .
- توۋۋا ! ئۇ ھاجەت قىلىمەن دەپ كىتىپ كىلىپلا باشقىچە بىر خىل بولۇپ قالغان .
ئۇلار گۈزەلنۇرنىڭ شۇ جايدا ئۆزلىرىدىن ئايرىلغىنىنى ئەسلىشىپ يادىغا ئېلىشتى .
- دەل شۇ جاي ! - دىدى تايىر ھاياجانلىنىپ ، - گۈزەلنۇر شۇ جايدىن كىلىپلا قېلىچىنىمۇ كۆتۈرۈپ مېڭىشنى خالىمىغان .
ئۇلار ئىشلارنى بىر قۇر تەھلىل قىلىپ گۈزەلنۇرنىڭ شۇ يەردە قالغىنىنى يەكۈنلەشتى . لېكىن شۇنىڭدىمۇ بۇ چەكسىز قۇملۇقتىكى ئويلىمىغان يەردىن يۈز بىرىۋاتقان بۇ غەلىتە ئىشلار ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئەنسىزلىككە تولدۇرغانتى .
- گۈزەلنۇرغا بىر نىمە بولمىغاندۇ ھە؟- دىلبەر تايىردىن جاۋاپ ئىزدەپ سورىدى ،- ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن!
- ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمايدۇ خاتىرجەم بولۇڭ !- ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى شۇنداق دەپ ياسىغان بىلەن ئۆزى دەككە - دۈككىدە ئىدى ،« بىچارە قىز ، قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچۇرغاندۇ ، ساق - سالامەت بولسىلا بولاتتىغۇ!»
باشقىلارمۇ كۆڭلىدە ھەرخىل ئويلارنى قىلىشتى ،« بىردەمنىڭ ئىچىدە ، پەقەت بەش مىنۇتنىڭ ئىچىدە گۈزەلنۇرنىڭ سىياقىغا بىر جىن كىرۋالالىغان يەردە بىزنىڭ ئارىمىزدىكى باشقىلارنىڭ سىياقىغىمۇ… » راسىت دىگەندەك بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى رىئاللىقتا بولىۋاتقان ئىشلار دەپ ئېيتقىلى بولسىمۇ، لېكىن  ھەمىراھلار ئىزچىل ئايرىلماي مېڭىپ بۇ قاقاس قۇملۇققا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا بىرۈيلەن جىن - ئالۋاستى بولۇپ قالسا ، باشقىلارنىڭ ئەمەسلىگىگە كىم ھۆددە قىلالايدۇ …
ئۇلاردىن بەزىلىرى كۆڭلىدىكى ۋەھىمىنى باسالماي بىر - بىرىدىن خۇدىكسىرىگەندەك ، گۇمانلانغاندەك قاراپ قويۇشتى ،  كۆزلىرىدىن  يېنىمدىكى راستىنلا دوستۇممۇ ياكى ئۇمۇ  گۈزەلنۇردەك سىياققا كىرۋالغان نەرسىمۇ دىگەندەك سۇئاللار غىل - پال چاقناپ قالدى .
- سىلەر راستىنلا خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىدىڭلار !- دەپ ئۇلارنىڭ  دىققىتىنى بۇزدى مۇبارەك ، - ئاقساقال ئاراڭلارغا خەتەر يوشۇرۇنغىنىنى سىزىپ مېنى ئەۋەتكەندە ، قېلىچنى مەھكەم ساقلىسۇن ، قېلىچقا ھەرقانداق جىن ئەرۋاھ تىگەلمەيدۇ ، ئۇ قېلىچلارغا ئەپسون پۈتۈپ ، ئالۋاستى كىتاپنى چەكلەشكە قالدۇرغان دەپ ئېيتقانتى ، ھازىر قارىسام ھەممىڭلاردا بىردىن قېلىچ باركەن لېكىن يوقاپ كەتكەن دوستۇڭلارغا بەرمەپسىلەر ، شۇڭا جىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئاراڭلارغا كىرىشكە پۇرسەت تېپىپتۇ ، بۇنىڭدا نەدە بىخوتلۇق قىلدىڭلار ياخشى ئويلانساڭلار بەلكىم ئۇ قىزنى تاپالىشىمىز مۇمكىن .
- توغىرا دىدىڭىز ! - دىدى تايىر ئۇ شۇ چاغدا «قېلىچنى بىرىڭلار ئېلىۋېلىڭلار !» دىۋىدى مەن كۆتۈرۋالغان ، دىمەك گۈزەلنۇر ھەقىقەتەن دەل شۇ يەردىكەن .
- ئەمىسە تىزدىن بارايلى ! - دىلبەر  ئالدىراپ مېڭىشقا تەييارلاندى ، تايىر ئۇنى توسىۋالدى .
- قاراڭ قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى ، ئۇنى قاراڭغۇدا قانداق تاپىمىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەزىرىدە كىچىدە كەلگەن يولىمىزدىن ئادىشىپ كەتسەك ئېزىپ كىتىمىز ، شۇڭا ئۇنى بۇ يەردە كۈتكەچ تاڭ ئېتىشىنى ساقلىشىمىز كىرەك !
- تايىر توغىرا ئېيتىدۇ دىلبەر !- دىدى تۇرغۇنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ، - بىز كىچىدە ئۇنىڭ يېنىغا ماڭساق ، ئۇ بىزنىڭ ئىزىمىزنى قوغلاپ بىز تەرەپكە ماڭغان بولسا ، ئۇدۇل كەلمەي ئۆتۈشۈپ كەتسەك تېخىمۇ تاپالمايمىز ، شۇڭا تاڭ يورىشىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق .
- بىزدە قول چىراق بارغۇ ؟ شۇنى ئىشلىتەيلى !- دىلبەر قېرىندىشىدىن ئەنسىرەپ قەتئى نىيەتكە كەلگەندەك قىلاتتى ، شۇڭا ئۇلارنىڭ گېپى قۇلۇقىغا كىرمەيتتى .
- ئەمىسە بۇنداق قىلايلى ! ھازىر قاراڭغۇدا كەلگەن ئىزىمىزنى تېپىپ قايتىمىغىمىز تەس ، بىز ئىگىز بىر دۆڭلۈك ئۈستىدە قول چىراقنى يېقىپ قويۇپ ساقلايلى ، ئۇ بىزنى ئىزدەپ ماڭغان بولسا بەلگىنى كۆرۈپ بىزنى تاپىدۇ ، ئىزدەپ ماڭماي جايىدا ساقلىغان بولسا ئېزىپ قېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ  تاڭ ئېتىشىنى كۈتىشىمىز كىرەك .
- بۇ قىز بارغۇ ، ئۇ بۇ ئەتىراپنى چوقۇم ياخشى بىلىدۇ .
دىلبەر  مۇبارەككە ئۈمىت بىلەن قارىدى .
 - توغىرا ! مەن بۇ جاينى پىششىق بىلىمەن ، لېكىن ھازىر بىز خەتەرلىك ھالدا ، ئويلاپ بېقىڭ بۇنداق كىچىدە جىن - ئالۋاستىلارنىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشى ئەڭ قۇلايلىق ، بۇنداق تۈن قاراڭغۇسىدا ، كىممۇ بىزنى بۆلۈنىمەي يەنە يول ماڭالايدۇ دەپ ئېيتالايدۇ ، ئۇلارنىڭ ھەر ئامالى بار ، ئۇلارنىڭ يايرايدىغان ۋاقتى كىچە ، شۇڭا كىچىدە بۇنداق تەۋەككۈل قىلىش بەك خەتەرلىك ، قاراڭ ! ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزمۇ ، باشقىلارمۇ ھېرىپ - چارچاپ ئاران قەپسىلەر ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا قارىشى قېلىچ كۆتۈرەلەمسىلەر ؟ شۇڭا مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن !
دىلبەر مۇبارەكنىڭ سۆزىلىرىنى ئاڭلاپ ھەمىراھلىرىغا قارىدى ، راس دىگەندەك ھەممىسىنىڭ ھالى سۇلغۇن ، پۇت - قولى جانسىز تۇراتتى .
- ماقۇل ! ئەمىسە ئەڭ ئىگىز جايغا چىقىپ ئۇنىڭغا چىراق يېقىپ بەلگە بەرگەچ ساقلايلى !-دىلبەر شۇنداق دەپ كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ بارخان تەرەپكە ماڭدى ، باشقىلارمۇ يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرشۈپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى .
ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرى ئىگىز دەپ قارىغان بارخان چوققىسىغا ئورۇن راسلىدى ، دىلبەر چىققان پېتى چىراقنى قۇچاقلىغىنىچە ئەتىراپتىن گۈزەلنۇر كىلىپ قالدىغاندەك ئۈمىت بىلەن ئولتۇردى . ئۇنىڭدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا مۇبارەك ئەتىراپنى كۆزۈتۈپ ئولتۇردى لېكىن مۇبارەكنىڭ كۈزەتكىنى گۈزەلنۇر بولماستىن ئۇلار ئەتىراپىدا ئەگىپ كىتەلمەيۋاتقان جىن - ئەرۋاھلار ئىدى .
يىگىتلەر يۈك - تاقلارنى ئېچىشىپ نان ، سۇ تەييارلاشتى ، دىلبەر تائام يىيىشكە ئۇنمىدى ، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ، يېققىنى گۈزەلنۇردىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا ئاران تۇرۋاتقىنىدا، بىر نەرسە يىيىشكە ئازىراقمۇ رايى يوق ئىدى.
ئوغۇللار نان ، سۇدىن مۇبارەككە سۇندى لېكىن مۇبارەك چىرايلىق رەت قىلىپ دۈمبىسىدىكى ئورىۋالغان ياغلىقىدىن تالقاندەك نەرسە ئېلىپ ئېغىزىغا ئازاراق سالغاچ كەينىگە نەچچە يۇرتۇم سۇ ئىچىپلا قۇرسىقىنى توقلىغان بولدى . ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىگە ئاستىرىتتىن دىققەت قىلغان ئوغۇللار ھەيران بولۇشۇپ بىر - بىرىگە قاراپ قويۇشتى .
تىمتاس كىچە ، جىمىرلىغان يۇلتۇزلار ، خىلۋەت جەزىرە …
ئۇلار شۇ ماكاندىكى بىر ئۇچۇم قۇمدەك ئەتىراپقا قاراپ ئولتۇرۇشتى ، دىلبەرنىڭ ئەنسىرشى ، باشقىلاردىكى سۇلغۇنلۇق ، چارچاش ، ھېچكىمنىڭمۇ پاراڭ سېلىشقا رايى بارمايتتى .ۋاقىت ئاستا - ئاستا ئۆتمەكتە ، يىگىتلەردىن بەزىلىرى ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالەتتە قىڭغىيىپلا ئۇيقۇغا كىتىشتى . پەقەت دىلبەر دىلبەردىن ، گۈزەلنۇردىن ئەنسىرەپ تايىر ، ئۇلارنى قوغداپ مۇبارەك ئۇيقۇدىن بىدار ئولتۇراتتى .
بىر چاغدا تايىرمۇ ھارغىنلىق تەسىرىدىن مۈگىدەشكە باشلىدى ، مۇبارەكمۇ ئولتۇرغان ھالەتتە بېشىنى تىزىغا قويۇپلا كۆزى يۇمۇلدى ، دىلبەر يالغۇز گۈزەلنۇر بىلەن مۇڭداشقان ، ئويناشقان ۋاقىتلىرىنى ئويلىغاچ بىر شەپىنى سىزىپ قالدى ، ئۇ شەپە تەرەپكە قارىۋىدى ئۆزىدىن ئون مىتىرچە نېرىدا گۈزەلنۇر كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ چىرايى بۇنداق قاراڭغۇدىمۇ دىلبەرگە شۇنداق ئېنىق كۆرەندى ، ئۇ دىلبەرنى چاقىرىپ قول پۇلاڭلىتشقا باشلىدى . دىلبەر كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۆزىمۇ تۇيماي ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى ، ئۇ ئاستا مېڭىپ گۈزەلنۇرغا يېقىنلاشقانچە ئۇ يەنە شۇنچىلىك يىراقلىقتا كۈلۈمسىرەپ ئۇنى چاقىرىپ ئىشارەت قىلىپلا تۇراتتى ، دىلبەر ئۇنىڭغا قاراپ چاقىراي دەپ ئويلىدى لېكىن قانداقتۇ بىر كۈچ ئۇنى چاقىرغىلى قويماي مېڭىشقا ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقىلا ئۈندەيتتى ، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز « ۋىژ » قىلىپ چىققان بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ بايقى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان گۈزەلنۇر قانغا بويۇلۇپلا «پاررىدە» ئوتقا ئايلىنىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ، بۇ ئوت يورىغى ئەتىراپنى كۈندۈزدەك يورۇتىۋەتتى ، دىلبەر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ قورقۇنچۇق ئىشتىن قورقۇپ « چاررىدە» چىرقىرغىنىچە يىقىلىپ چۈشتى ، ئوغۇللار يۈگۈرۈشۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغانداقۇم بارخىنى يېنىدا چىراق يورۇقى كۈرىندى ، ئۇلار بېرىپ دىلبەرنىڭ سوزۇلۇپ ياتقىنىنى ، مۇبارەكنىڭ ئوقياسىنى تۇتقان پېتى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغىنىنى كۆرۈشتى .
- نىمىش بولدى ؟- ئالدىراپ سورىدى تايىر .
- ئۇلار بۇ قىزنى ئالداپ ئېلىپ كەتكىلى قىل قەپتۇ ،ۋاقتىدا بايقاپتىمەن ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىم، ئەمدى بىخوتلۇق قىلىپ ئۇخلاپ قەپتىمىز دىققەت قىلايلى !- دەپ قويۇپ ئەسلى ئورنىغا قايىتتى ، ئەسلى بايا دىلبەر ماڭغاندا ئۇنىڭ تىۋىشىدىن مۇبارەك ئۇيغۇنۇپ تىزلىكتە ئالۋاستىنى ئوقياسى بىلەن ئۇجۇقتۇرغان ئىدى .
ئوغۇللار دىلبەرنى كۆتۈرۈپ قايتىپ چىقىپ ئۇنى ھوشىغا كەلتۇرۇشتى ، ھەم مۇبارەكتىن ئەھۋاللارنى بىلگەندىن كىيىن نۆۋەت بىلەن قاراۋۇلۇقتا تۇرۇشتى شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىنى تېنىچ ئۆتكۈزۋالغان بولدى .
گۈزەلنۇر كاماردا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىدا گۈلدۈرمامىدەك بىر ئاۋاز قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك ھالەتتە ئاڭلاندى .
« گۈزەلنۇر ئورنىڭدىن تۇر!!!»
گۈزەلنۇر شۇنداق سەت چۆچىدىكىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكىنىنىمۇ سىزمەيلا قالدى ، ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا تاڭ ئاتقان ، ئەتىراپىدا ئىنسى - جىنمۇ يوق جىمجىت ، ھەتتا قىلچە تىۋىشمۇ ئاڭلانمايتتى ، ئۇ كۈچۈككە قارىۋىدى كۈچۈكمۇ يوق بولۇپ بىردىن بىر بار نەرسە ئۇ كۈچۈكنى باغلىۋالغان بوغقۇچ دۈپ - دۈگىلەك ھالەتتە ئالقىنىدا سىقىمداقلىق ھالەتتە تۇراتتى ، بۇ نداق غەلىتىلىكتىن قورقۇپ كەتكەن گۈزەلنۇر ئېغىزىنى چىڭ ئىتىپ ئۈنسىز يىغلىغان ھالدا ئولتۇرۇپلا قالدى ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭدا ئۈنىنى چىقىرىپ يىغلىغۇدەكمۇ جۈرئەت قالمىغانتى . ئۇ بىردەم يىغلىغاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كاماردىن چىقىپ ئەتىراپقا نەزەر سالدى ، كۆڭلىدە ھەمىراھلىرىنىڭ بىرەر جايدىن چىقىپ قېلىشىنى ئويلىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئەتىراپ يەنىلا سۈرى ، جىمجىتلىغى بىلەن غادىيىپ تۇراتتى .ئۇ نەچچە قەدەم مېڭىۋېتىپ توختاپ قالدى ، ئۇ كەلگەن يولىنى پەرىق ئىتەلمىگەنتى ، قەيەردىن كەلگىنىنى ، قەيەرگە ماڭغىنىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقانتى ، ئۇ يىغلىغان پېتى ئولتۇرۇپ قالدى ھەم تۆنۆيگۈندىن ھەمىرا بولغان كۈچۈك بىر يىردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ قالدىغاندەك ئەتىراپقا تەلمۈرۈپ قاراپمۇ باقتى .
« توۋۋا ، نان بەرسەم يىگەنتى ، قانداق بولۇپ بوغقۇچنى يىشىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ يوقاپ كەتكەندۇ ، ئۇ قانداق نەرسىدۇ ، ئاخشامدىن ھېچقانداق ئەمەس ئىدىغۇ !» ئۇ شۇلارنى ئويلاپمۇ يۈرىگى « جىغغىدە» قىلىپ قالدى .

ئاخىرى بار…
      





1283 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-9 1:17:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-9 19:25:55 رازىيە
بەك تەقەززا قىلدىڭىز جۇمۇ بەك ياخشى يىزىپسىز
2017-5-9 15:53:11 زۇلمەتجان
مانا ئاخرى چىقىپتۇ رەھمەت ئاكىجان ھارمىغايسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ