ۋاقتىمىزنى ئەرزىمەس ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرى ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋەتمەيلى

ۋاقتىمىزنى ئەرزىمەس ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرى ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋەتمەيلى


تەرجىمە قىلغۇچى:ئامىنە ئابلەق نۇرانى


    ھەممىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ تاكى چوڭ بولغۇچە، نۇرغۇن كىشىلەر، ساۋاقداشلار ،خىزمەتداشلار ،خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز، ئەمما خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز يىراقلىشىپ بارىدۇ.كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلەن ئالاقىمىز بارا بارا سۇسلىشىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەتىي ئالاقىلاشماس بولۇپ قالىمىز، بۇ تۇرمۇشنىڭ مۇقەررەرلىكى، بۇرۇنقىلارنىڭ مۇنداق بىر جۈملە ئەقلىيە سۆزى بولۇپ، ئەقىللىق كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ۋاقىتنى ئەھمىيەتسىز ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرى ئۈچۈن ئىسراپ قىلىۋېتىشنى خالىمايدۇ دىيىلگەن.

微信图片_20170326234900.jpg   

ھازىرقى دەۋرىمىزدە كۆپلىگەن ياشلىرىمىز ئاكتىپلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە ئىنتىلىدۇ، يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇشنى، زامانىمىزدىكى پېشقەدەم ۋە داڭلىق شەخىسلەربىلەن ئۇچرىشىشىنى، ئۇلاردىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋېلىشنى، يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشنى،ئاخىرىدا ئۆزىگە پايدىلىق بولغان پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.بۇنىڭ ھېچبىر خاتاسى يوق، مەسىلە ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى رەڭدار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئەقىل بىلەن توغرا كىشىلىك ماناسىۋەت ئورنىتالشدا .

ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ چەكلىمىسى
 جەمىيەت پىسخولوگلىرى ئىلگىرى بىر تۈرلۈك تەجرىبە ئىشلەپ، مۇنداق يەكۈن ئوتتۇرىغا قويغانىدى.بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئالاقە قىلىدىغان دوستلارنىڭ سانى، 60,30,10بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
بۇ يەردە دىيىلگەن 10 ئادەم بولسا، سىز قىيىن ئەھۋالغا يولۇقۇپ، جىددىي پۇل لازىم بولغاندا، ئاتا ئانىڭىز، ئاكا ئىنى ئاچا سىڭىللىرىڭىز، ئورۇق تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىڭىز بولۇپ، ھەر ۋاقىت پۇل قەرز بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىغان، ئەڭ سۆيۈملۈك دوستلىرىڭىز10 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.بۇ كىشىلەر سىزگە ھەقىقىي دوست بولالايدۇ، سىزگە مېھرى مۇھەببەت ئاتا قىلىپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.30 ئادەم بولسا، پات پات ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان دوستلار مەسىلەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ ھال ئەھۋال سورىشىپ ئىش بولسۇن بولمىسۇن، ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغان دوستلارنى كۆرسىتىدۇ.60 نەپەر بولسا تۇرمۇشىمىزدىكى بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىدىغان، ئەڭ سۇس دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى بولۇپ.مەسىلەن:مەلۇم بىر ئىشنى بېجىرىش جەرياندا تونۇشۇپ قالغان كىشىلەر، ۋە ياكى تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ بىر قانچە قېتىم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئاندا ساندا تېلېفونلىشىپ ھال ئەھۋال سورىشىپ تۇرىدىغان ،ئىش بولمىسا ئالاقە قىلمايدىغان دوستلارنى كۆرسىتىدۇ.
  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى:«دوست»نىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چۈشەنسەك.ئادەتتە ئالاقە قىلىدىغان دوستلۇق دائىرىمىز 100 نەپەردىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە 10 ئادەم مۇقىم بولىدۇ، 60 ئادەم تۇراقسىز بولىدۇ.
ئۇنداقتا سىز بۇ 100 نەپەر دوست بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق قوغداپ قالماقچى؟. «كىشى كەتسە چاي سوۋۇيدۇ»دېگەن بىر جۈملە ھىكىمەت بار.60 ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا. كىشى كەتسە چاي سوۋۇيدۇ دېگەن سۆز ناھايىتى ئورۇنلۇق دىيىلگەن.بۇ دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزارا تەكەللۇپ بۇلىدۇ، ئۇمۇ چارچايدۇ سىزمۇ چارچايسىز.
ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى بولغان 10 ئادەم بولسا، گەرچە سىزگە قىزىق بىر پىيالە چاي تۇتالمىسىمۇ،  ئىللىق ھارارەتنى ھېس قىلالايسىز.قالغان 30 ئادەم بولسا ،كۈندە ئالاقە قىلىپ ئۇلار ئۈچۈن زېھىن ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
دوستلارنىڭ تۈرلىرى
بۇ 100 نەپەر دوست بىرقانچە تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ مەسىلەن، يول كۆرسىتىدىغان تۈردىكىلەر، يوشۇرۇن مۇناسىۋەت تۈرىدىكىلەر، كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈردىكىلەر، ۋە ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان تۈردىكىلەر.نۇقتىلىق قايسى تۈردىكى دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى تاللاش، شۇ ئادەمنىڭ ياش قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ھېچقانداق جەمىيەت سەرگۈزەشتىسى يوق ياشلارغا نىسبەتەن، يول كۆرسىتىدىغان تىپىدىكى دوستلار ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئىش تەۋرىتىش ئويى بارلارغا نىسبەتەن، يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلىك دوستلار ئالدىن ماس كېلىدۇ، ئەگەر چوڭقۇر ئازابلارغا مۇپتىلا بولۇپ، بىرەر ئادەم بىلەن مۇڭدىشىپ ئازابلىرىنى يېنىكلىتىش ئىستىكى بارلارغا نىسبەتەن، يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلار مۇۋاپىق كېلىدۇ.قىممەت قارىشى پىشىپ يېتىلگەن ئىشلىرى مۇقىم تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئىگە كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۆزارا ياردەم بېرىدىغان تۈردىكى دوستلارنى تاللىسا بولىدۇ.
خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئوخشاشمىغان ياشتىكى ۋە ھەرخىل قاتلامدىكى دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىمەن، ئەمما ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان تۈردىكى دوستلىرىم كۆپرەك بولۇپ.بىرلىكتە ئىش بېجىرىپ، ئۆز ئارا مۇزاكىرە قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىمىز.
ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان دوستلارنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەڭ.باشقىلارنىڭ سىزنى ئىزدەپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭ.
بەزى كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەنلا ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، دوستلارغىمۇ سەمىمىي كەمتەر مۇئامىلىدە بولمايدۇ، كۆپرەك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئىش بىجىرگەچكە ،كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىشىدا يۇقۇرى تۇۋەنلىك قارىشى شەكىللىنىپ، دوستلىرىغا شۇ خىل سوغۇق مۇناسىۋەت داۋاملىشىۋەرسە ، بەلكىم كەلگۈسىدىكى مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.مۇنداق بىر جۈملە نەقىل بار:«كەمتەرلىك گۈزەل ئەخلاق»،شۇڭا بەزى ئادەملەرنىڭ سەمىمىي كەمتەر كىشى ياكى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىلا ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
مەن ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن نەتىجە قازىنىش مەقسىتىدە، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە خەت يازدىم.خەينەندە ئەمدىلا تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتلىرىمدا بېيجىڭغا بېرىپ تەرەپ تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ،ئىشلىرىدا روناق تاپقان كىشىلەردىن تەجرىبە ئىگەللىدىم.بەزى كىشىلەر گەرچە كۆرۈشكە قوشۇلغان بولسىمۇ چوڭ ئىشخانىسىدا سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ،ئىككى ئادەمنىڭ سۆزلىشىش ئارىلىقى 20 مېتىر كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا توختىماستىن  تەربىيە ئىشلىگەنلىكتىن،ئۆزۈمچە خورلۇق ھېس قىلدىم.يەنە بىرەيلەن ،بىزنى كىچىك ئىشخانىدا ساقلاپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، 40 مىنۇت ساقلاتقان ئازدەك، ئىككى ئېغىزلا سۆز قىلىپ بىزنى كەتكۈزۈۋەتتى.بۇنداق كىشىلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ئەرزىمەيدۇ.
دوستلار چەمبىرىكى سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىلىشقا ئامراق، كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشنى، بولۇپمۇ داڭلىق شەخسلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كۆرگەنلىكى كىشىگە مەن پالانى كىشىلەرنى تونۇيمەن دەپ ماختىنىدۇ.ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىزنى ئۇلارنىڭ ساپاسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ قويساقلا بولدى.دوستلۇق ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
ئۇرۇق تۇغقانلاردىن باشقا ساۋاقداش دوستلارنىڭ ھەممىسى ھەمكارلىق ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.پەقەت بىرى يەنە بىرىگە ئۆزارا ئالماشتۇرۇش ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان،پايدا زىيان ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتتىكى دوستلۇق ئۇزۇنغا بارمايدۇ.شۇڭا سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزنىڭ سۈپىتى سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
ھازىرقى توختاۋسىز تۇرمۇش شارائىتىدا،يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ۋاقتىمىز ۋە زىھنىمىزنى ھەقىقىي ئالاقە ۋە دوستلۇق ئورنىتىشىمىزغا سەرپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدۇق.پايدا بولسا ئىزدىشىدىغان پايدا بولمىسا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغانغا ئۇخشاش،ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى يىرگىنىشلىكنىڭ مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ھەر قانچە ئالدىراش بولساقمۇ ئۆزىمىزنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن توختىماستىن دوست ئىزدەيمىز، ئالاقە قىلىمىز، چارچايمىز ،ھەمدە نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىمىز.ئەكسىچە ئەقىللىق كىشىلەر كۆپ ھاللاردا، كەڭ كۆلەمدە ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار زېھنىنى چەكلىك دائىرىدىكى ئەزىز دوستلىرىنى قەدىرلەشكە سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.

     





412 قېتىم كۆرۈلدى nurani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-27 2:04:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-27 19:29:04 سەبىلا
ناھايىتى ياخشى ئەسەركەن
2017-3-27 14:51:45 ئازادىگۈل
بەك ياخشى ئەسەركەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ