ئىمكانسىز ئاشىق-ئەزىز نەسىن
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى -مۇتەللىپ سەيدۇللا
ئەندىشە
مەندە بىر ئەندىشە بار
ئارامىمغا قويماسبىراق
ۋاپاتىمدىن بىر ئاي كىيىن
پەقەت بىركۈن ياشاپ باقماق
ۋە دوست- دۈشمەننى
جىنايەت ئۈستىدە تۇتىۋالماق
يوق
كىتاۋىمنى ساڭا بېغىشلارمەن دەپ
كۆزلەرىڭگە باقتىم كۆزلەرىڭ يوق
سۆيەرمەن دەپ ساڭا باقتىم چىرايىڭ ھەم يوق
تۇتارمەن دەپ ئەللىرىمنى ئۇزاتتىم قوللىرىڭ يوق
ئىسىت.. سۆزلىرىمنى قەلبىڭگە ئورناتقان قۇلاقلىرىڭ يوق
سوزلە جېنىم نەسەۋەپتۇر تىللىرىڭمۇ يوق
ساڭا ئاتاپ يازغان كىتاۋىمنىڭ ئىسىملىرى يوق
ئىتقادىم شېئىرلارنى يازسا قايتىدىن
يوق گۈزىلىم سەندىن باشقا ئاڭلار جانان يوق
قۇياش پارلىسا
ئۇ قاراڭغۇ كېچىدە پۈتۈن كېچە سۆيۈشتۇق تازا
مۇھەببەتتىن نۇر چاچتۇق ئۇپۇقلارغا
قۇياش تۇغسا نە بولۇرمىز بىز
ئەگەر قار ياغسا قۇياش تۇغقاندا
بىر ھەسرەت قىينىدى مىنى
ئايلىنىپ قالماسمىز ھە... بىز باشقائىنسانغا .
كېچە
بىر كىشىگە ئېغىر كىلەر ئۇزۇن كېچە
ئىككى كىشى زەپەر قۇچار تەنھالىقنىڭ چىگرىسىدىن
تاملارنىڭمۇ كۆزى باردۇر ئەي گۈزىلىم
بەرىبىردۇر ھەممە نەرسە پەقەت ئىككىمىزدىن
ئىمكانسىز ئاشىق
پالچى موماي سۆزلىدى يالغان
بىر -بىرىمىز ئۈچۈن ياراتقان بىزنى تەڭرىمىز
ئەگەر مۇمكىنسىز دىيىلسە كۆك يۈزىدىن يۇلتۇزئۈزمەك
شۇنداقبىر ئىمكانسىزلىقتۇر بىزنىڭ ئاشىقىمىز
ئەڭ ئۇزۇن مارا فون
يۈزمېتىردە ھەممىسى مەندىن ئېشىپ كىتەر
تۆت يۈز مېتىردە بەك كۆپلىرى
كېتەر ئۇتۇپ ئالتە يۈزمېتىردە بىرقىسىملار
قەتئى بۇشاشماستىن تاماملايمەن بارلىق مۇساپىنى
375 قېتىم كۆرۈلدى | مۇتەللىپ سەيدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-26 2:47:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|