تۇيۇق يول ۋە پۇشايمان (ھىكايە) 2 - قىسىم

تۇيۇق يول ۋە پۇشايمان 

(ھىكايە) 2 - قىسىم

       پەرھاتجان ئەسئەت  بەختىم


سادىرجان مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ ھايال ئۆتمەيلا قىزىل رەڭلىك پىكاپ ئۇنىڭ ئالدىدا توختىدىدە دىلشات چايان

ئىسقىرتقىنچە دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ؛ ئوخخو بالاڭزا،پەچەت بوپ كىتىپتۇققۇ ھوللىۋوتنىڭ چولپىنىدەك،سورۇندىكى سەتەڭلەر بىزگە ئاشمايدىغان بولدىدە ھا...ھا......دىدى زاڭلىق ئارلاش كۈلۈپ.

؛ياقەي دىدى سادىرجان مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ گىپىگە جاۋابەن، ئاتايىن مەن ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان سورۇنغا دىۋانىدەك بارسام سىلەدەك چوڭاملانىڭ يۈزىگە سەت تۇرا.

؛ھې ھې ھې ما گەپنى، ياقەي ئۇنداق بۇلامدىغان مەيلى قانداقلا بول سەن دىگەن مىنىڭ ئىسىل ئاغىنەم دىدى دىلشات چايان ماشىنىنى ئىشارەت قىلغاچ بولدى چىقە ماشىنىغا ۋىكتورىيەگە كەتتۇق دەپ قۇشۇپ قويدى.

سادىرجان باشقا گەپ قىلمايلا دىلشات چاياننىڭ يېنىدىكى ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇردى،دىلشات چايان ماشىنىنى ئايلاندۇرغاچ

جۇشقۇن دىسكو مۇزىكىسدىن بىرنى بۇلىشىغا قويدىدە

ئۇلار بىردەمدىلا شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان ۋىكتورىيە بەزمىخانىسىنىڭ ئالدىغا كەپ توختاپ ماشىنىدىن چۈشتى .

دىلشات چايان سادىرجاننىڭ مۈرىسىگە قولىنى ئارتىپ تۇرۇپ ئىچىگە ماڭغاچ؛بۈگۈن قانغۇچە ياشايمىز ئاداش چىقىمىڭ مەندىن .دىدى پوچىلىق بىلەن مەيدىسىگە مۇشتلاپ.سادىرجان ئارتۇق ئىپادە بىلدۈرمەي مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىچىگە كىردى.قۇلاقنى يارغۇدەك ئاڭلىنىۋاتقان دىسكو مۇزىكىسى،قاڭسىق ھاراق-تاماكىنىڭ پۇرىقى سادىرجاننى سەل بىئارام قىپ قويغانتى،ئۇلار زالنىڭ چېتىگىراق جايلاشقان ئەڭ كاتتا ئايرىمخانىغا كىردى.سادىرجان سورۇندىكىلەرگە بىر قۇر سەپ سېلىپ چىقتى،سورۇندا سادىرجان، دىلشات چاياندىن باشقا يەنە ئۈچ قىز بىر ئوغۇل بار بۇلۇپ بۇلارنىڭ ھىچقايسىنى سادىرجان تۇنىمايتتى شۇڭا ئۇ دىلشات چايانغا سوئال نەزىرنى ئاغدۇردى.دىلشات چايان سادىرجاننىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشىنى كۆردىدە دەماللىققا چاندۇرماي ئۇنىڭغا سورۇندىكىلەرنى تۇنۇشتۇرغان بۇلىۋالدى،

؛ھە ئاداش سادىرجان ساڭا تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي،بۇلار بولسا مىنىڭ دوسلۇرۇم نىگارە،سەڧىيە،سۇبھى، دىلمۇرات بۇياق بولسا مەكتىپىمىزنىڭ ئەلاچىسى سادىرجان  بۇ سورۇندا يات ئادەم يوق ئاداش شۇڭا ئەركىن ئازادە ئولتۇرغىن ھە! دىدى دىلشات سادىرجاننى ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ،سادىرجان سورۇندىكىلەرگە ئادىىيلا سالام قىلىپ قۇيۇپ بىر تەرەپتىكى بوش ئورۇنغا كەپ ئولتۇردى ۋە دىلشات چاياننى يېنىغا كەپ ئولتۇرۇشقا ئىما قىلدى. دىلشات چايان سادىرجاننىڭ يېنىغا كەپ ئولتۇردى ۋە ئۇنىڭغا سۇئال نەزىردە تىكىلدى،سادىرجان دىلشاتنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كىلىپ بوش ئاۋازدا دىدى؛ھەي بۇ نىم قىلغىنىڭ؟ بۇلار بىزنىڭ ڧاكۇلتىتتىكىلەر ئەمەسقۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچقايسىنى تۇنىمىسام مىنى بۇ يەرگە ئەكەپ نىم قىلسەن ؟

؛ھە شۇ، ساڭا شۇنداق دىمىسەم كەلمەيدىغىنىڭنى بىلەتتىم،شۇڭا.......ۋاي ۋۇي بولدى بەرىبىر كىلدىغاننى كەپ بولدۇڭ  ئەمدى چاندۇرماي بىردەم ئولتۇرشۇپ بەرگىن، دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىپ قويغىن،دىدى دىلشات سادىرجانغا يالۋۇرغاندەك قىياپەتتە.سادىرجان دىلشاتنىڭ كۈزىگە ئاچچىق بىلەن بىرنى قاراپ قويۇپ چاندۇرماي ئولتۇردى.

دىلشات چايان كۈتكۈچىنى چاقىرىپ بىرنىملەرنى بۇيرۇتۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كۈتكۈچىلەر ئۇششاق چۈششەك يەل -يىمىش ،

قىزىل ھاراق،ۋىسكى،پىۋا،چىلىم دىگەنلەرنى ئەكىرىپ ئۈستەلنى بىردەمدىلا توشقۇزۋەتتى.

شۇنداق قىلىپ سورۇن باشلىنىپ رومكىلار ئايلاندى، نۆۋەت قىزلارغا كەلگەندە  نىگارە ئىسىملىك قىز رومكىنى قولىغا ئالدىدە بىر رومكىغا بىر مىراپقا

؛چىلىم تارتىپ ئولتۇرغان مىراب يىگىت نىگارنىڭ قولىدىن رومكىنى ئالغاچ ھىجىيىپ تۇرۇپ دىدى؛ۋوي خاپا بولمىسلا خان ئاچا كىلەر قېتىم بوتۇلكا بىلەنلا بىرەي ئىچىگە چۈشۈپ ئۈزۈپلاۋاماملا ۋەەەەت ........

مىرابنىڭ  گىپى بىلەن تەڭ ھەممە پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. مىرابنىڭ گىپىگە گەپ تېپىپ بىرەلمىگەن قىز دومسايغىنىچە

مىرابقا ئالىيىپ قاراپ قۇيدى.

توۋا ! دىدى سادىرجان كۆڭلىدە قىزنىڭ قىلغان ئىشىغا ھەيران بۇلۇپ  بۇ جاھان نىم بوپ كىتىپ بارىدۇ ھە ؟! ھاراق ئىچكىنى بىر يەنە تېخى ئاز قۇيۇپسەن دەۋاتقىنىنى توۋا! يا رەببىم كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرگەيسىز........

ئۇ خىيال بىلەن بوپ كىتىپ رومكىنىڭ ئۆزىگە كىلىپ قالغىنىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى ، ئۇ دىلشاتنىڭ يىنىك بېقىندىشى بىلەن ئەندىكىپ كەتتى ۋە رومكىنىڭ ئۆزىگە تەڭلەگلىك تۇرغىنىنى كۆرۈپ دەرھاللا ؛كەچۈرۈڭلار مەن ئىچمەي،ھەم .ئىچىپمۇ باقمىغان شۇڭا ماڭا زورلىمىغان بولساڭلار،دىدى ئۇ رومكىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ.

ۋاي-ۋۇي دىدى دىلشات چايان چىرىينى پۈرۈشتۈرگىنىچە مىرابنىڭ قولىدىكى رومكىنى ئېلىپ سادىرجانغا تەڭلەپ تۇرۇپ؛ماۋۇ قايسى زامان ھە؟ كۆرگەنسە قىزلار جېنىدا ئىچىۋاتسا ساڭا نىمە نازلىنىش دەيمە، ئالە بىرنى ئىچىۋىتە، سىنى ئاغىنەم دەپ يۈزۈڭنى قىسام ماڭا يۈز بەمەمسەن ؟

؛شۇنى دەيمەن ئىچىۋىتىڭە بىرنى ئوغۇل بالىدەك، بىزنى ياراتمامسىز يا،؟دىدى نىگارە سادىرجانغا قاراپ ناز بىلەن ئەركىلەپ تۇرۇپ،

؛ياق ، ياق ئۇنداق ئەمەس مەن راسلا ئىچىپ باقمىغان.دىدى سادىرجان ئۈزىنى ئاقلاپ.

؛ھە ئىچىپ باقمىغان بولسىڭىز ئەمدى ئىچىسىز بىرنى كۆتۈرۋىتىڭەقېنى، تاڭسىڭنىڭ ئورنىغا نوم ئالغىلى بارسىڭىز تازا ماس كىلەكەنسىز ھا ھا ھا ........دىدى سەڧىيە قاقاقلاپ كۈلۈپ،سەڧىيەنىڭ گىپى بىلەن تەڭلا سورۇندىن يەنە بىر چاڭ كۈلكە كۆتۈرۈلدى.

؛ئىسىت ھەرقايسىڭنىڭ قىز بالا بوپ قالغىنىغا مىڭ لەنەت دىدى سادىرجان كۆڭلىدە خەپ سەنلەنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالغۇچە جېنىم چىكەتسىمۇ بىرنى ئىچىۋىتەي دەپ ئويلىدىدە دىلشاتنىڭ قولىدىكى رومكىنى ئېلىپ گۈپلا كۆتۈرۋىتىپ سەسكىنگىنىچە رومكىنى ئۈستەلگە قۇيۇپ قويدى. باشقىلار بولسا

رومكىلار داۋاملىق ئايلاندى،بايقى زورلاشلار داۋاملىشىپ سادىرجان ئىكىنچى،ئۈچىنچى رومكىنىمۇ كۈتۈرۋەتتى.شۇنداق قىلىپ ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ باقمىغان سادىرجان كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىچكەن ھارىقىنىڭ كۈچىدە خېلى ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغان ئىدى،باياتىن بېرى ئوڭايسىزلىنىپ ئاران ئولتۇرغان سادىرجان ئەمدىلىكتە ھاراقنىڭ تەسىردە خېلى شوخلۇشۇپ قالغان چېغى كۈلۈپ ئېچىلىپ، قىزلارغا گەپ ئېتىپ ئولتۇراتتى. سورۇن داۋاملاشماقتا، دىلشات چايان بىلەن مىراپ يىگىت بىر- بىرگە  پات -پات  مەنىلىك قارىشىپ قۇياتتى.

شۇ ئەسنادا باياتىن بېرى قۇلاقنى يارغۇدەك ئاڭلىنىۋاتقان دىسكو مۇزىكىسنىڭ ئورنىنى لىرىك تانسا مۇزىكىسى ئالدىدە باشقا ئۈستەللەردىكى ياشلار جۈپ-جۈپ بۇلۇپ تانسىغا چۈشۈپ كەتتى. گەرچە سادىرجان ھاراق ئىچمىگىنى بىلەن لىكىن ئۇسۇل تانسىغا خېلى ئۇستا ئىدى ،شۇڭا ئۇ باياتىن بېرى ئانچە گەپكە ئارلاشماي ئولتۇرغان سۈبھى ئىسىملىك قىزنى تانسىغا تارتتى،قىزمۇ ئىككىلەنمايلا ئۇنىڭغا قۇلىنى بەردى،ئىكەيلەن قول تۇتۇشقىنچە مەيداندىكى بىر جۈپلەرگە قۇشۇلۇپ كەتتى.

نىگار بىلەن سەڧىيەمۇ تانسا ئويناش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كەينىدىن مەيدانغا چۈشتى.سورۇندا دىلشات بىلەن مىرابلا قالغان ئىدى ،دىلشات چايان مىرابقا قاراپ ئىشارەت قىلۋىدى مىراب رومكىغا تولدۇرۇپ بىرنى قۇيدى ۋە دىلشاتقا بەردى،دىلشات چايان رومكىنى قولىغا ئېلىپ ئاق رەڭلىك پاراشوكنى يەنى خىروئىندىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستىنى ئىچىگە تۆكۈپ ئارلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن سادىرجاننىڭ قايتىپ كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇردى.

                                                  ئىككىنجى قىسىم  تامام .داۋامى بار

                      

ئاپتوردىن؛ ئەسسالام ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىنداشلار،كەمىنە مەزكۇر ئەسەرنى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقتتا يېزىۋاتقان بولغاچقا ئەسەرنىڭ داۋامى ئازراق ۋاقىت تەلەپ قىلىشى مۇمكىن شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.






389 قېتىم كۆرۈلدى بەختىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 20:40:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 2:09:20 ھىلال
داۋامىنى ساقلاۋاتمىز تۆت كۆز بىلەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ