كىشەنلەنگەن قەلىب (ھىكايە) -​ مۇختار ئابلىز

كىشەنلەنگەن قەلىب
 مۇختار ئابلىز(كۈنەس ئارالتۆپە)


  ئۈستبېشى قاڭسىق توپىغا مىلەنگەن ئابتوبۇس مەھەللە سىرتىدا ئىرغاڭلاپ توختىدى. ئابتوبۇسنىڭ« چىرقىراپ» تورمۇزلىغان ئاۋازى كىشىنى سەسكەندۈرۋېتەتتى . ئولتۇرىۋېرىپ كۈيشكەن پۇتلىرىمنى سۆرەشتۈرگىنىمچە .ئابتوبۇس ئىشكىگە دەلدەڭشىپ ئاران باردىم . ماڭا سەپەردە ھەمراھ بولغان كىشلەرگە ئۆزىخاھلىق ئېيتپ خوشلاشتىم . يۈرۈكىم توختاۋسىز سوقماقتا ، كۆزلۈرۈمگە ئىشەنمەي قالدىم . مەن سېغىنغان سۆيۈملۈك يۇرتۇم مانا مەن كەلدىم ! نەچچە كۈنلۈك يول ئازابى نەلەرگىدۇر كەتتى بىلمەيمەن . تېتىك ، جۇشقۇن بىر روھ مېنى ئوينىتىپ تۇرىدۇ ، گويا يېڭى تۇغۇلغان قۇلۇندەك . كۆزلىرىم ھەر تەرەپكە قاتىرماقتا ، نېمىلەرگىدۇر ئىلنسا، نېمىلەردىن ئۆزىنى قاچىرىدۇ. پاھ ماڭا كۈچ قۇدرەت ئاتا قىلغان مۇنۇ قارا تۇپراققا قارا ،ئۇنىڭ ئەنبەردەك خۇش ھىدىنى پۇراپ ئولتۇرماي ئاغىزىمغا سالسام بولىدۇ......بىر ئوچۇم ئۇپىدەك توپىنى ئالقىنىمغا ئېلىپ كۆزلۈرۈمگە سۈرتىۋاتىمەن . كۆزلۈرۈمدىن ئىختىيارسىز تۆكۈلىۋاتقان  سېغىنىش تامچىلىرى ئۇنى نەمدەپ سالدى . ئەي ئانا ماكان بىلەمسەن ساڭا قانچىلىك زارىققىنىمنى . ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدا ئايلارنى ھەپتىلەرگە بۆلىۋېلىپ ھەپتە سانايتىم . ھەپتە ئاخىرى كەلسە چىرايمىغا مەمنۇنلۇق يۈگۈرتىپ شۇ ھەپتىنى ئۇزىتاتتىم . ھەي ئنسان يەنىلا ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ماكانغا شەك شۈبىھسىز تارتىشىدىكەن . بۇ ھەقىقەتەن ئۆلمەس قانۇنيەت .
  يازغۇچى ئەسئەت ئابدۇرېشىتنىڭ «ئىلى يولى ئەگىر توقاي» ناملىق پوۋىستتىدىكى «ئوبۇل خەيرى»،«قاسىم ناۋاي»، «زىكىريا بوۋايلارنىڭ» كۆڭلىدىكىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن . ئۇلار ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە ۋەتەننىڭ بىر ئوچۇم توپىسىغا ، ھىدىغا تەخىرسىزلىك بىلەن تەلمۈرگەن . تاڭدىكى توسقۇنسىز شامالغا ئۆزىنىڭ دەردىنى - ھەسىرتىنى تۆككەن ، شەرقتىن قايتقان شامالنى تويماي پۇرىغان ، چۈنكى ئۇنىڭدا ۋەتەننىڭ،ئەزىز دىيارىنىڭ دىل يارىسىنى سەگىتىدىغان ھىدى باردە....
  چامادان ، سومكىلىرىمنىڭ سالمىقى خېلىلا بولسىمۇ ، ماڭا قىلچىلىك ئېغىر تۇيۇلمىدى . كۆزلىرىمنى داۋاملىق ئەتراپقا باغلاپ .تاش ئۆستەڭنى بويلاپ مېڭىۋاتىمەن . قارا ئۆستەڭنىڭ ئىككى يېنىغا رەت-رەت تىكىلگەن كۆچەتلەربۈك-بارقسان ئۆسۈپ ئۆستەڭگە سايە تاشلىغۇدەك بوپتۇ. ھېلىمۇ ئېسىمدە بۇ كۆچەتلەرنى تولۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا بىزنىڭ سىنىپ تىككەن . ۋاھ ئەشۇ ۋاقىتتىكى ئەسلىمىلەر نېمانچە شېرىن ۋە ئازابلىق . ئەمدىلىكتە قايسىلىرىنى ئەسلەپ كۆڭلۈمنى ئاچاي ، قايسىلىرىنى ئەسلەپ سۇنغان يۈرىكىمنى تاڭاي ھە .
  سىنىپ تەربىچىمىز ئوتتۇز نەپەر بالىنى بىر قىز بىر ئوغۇلدىن كۆچەت تىكىشكە بۆلدى.
-مەن كىم بىلەن بىر گۇرپپىغا بۆلۈنگەن ئىدىم ؟
-زۆھرە بىلەن ...-دېدى ئۆستەڭ دولقۇنلىنىپ
-زۆھرە ؟ قايسى ؟ ھەراسىت......
قارماققا زۆھرە دېگەن بۇ ئىسىم ئاللىبۇرۇن كۆڭۈل خاتىرلىرىمنىڭ ئۆچمەس بەتلىرىگە مۆھۈرلەنگەن ئوخشايدۇ . نەچچە قېتىم ئىچىمگە  يۇتىۋەتسەممۇ يەنە شۇنداق . ئۇنى تۈكۈرۋېتىپ ۋىجدان سوتىدا قارلىنىشنى خالىمايمەن .
گۈرجىكىمنىڭ بۇرۇنقى مايماق سېپىنى چىقىرۋېتىپ تۈز ساپقا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ، ھويلىنى ھېچ ئاختۇرۇپ تاپالمىدىم .كۆڭلۈمگە بىر خىياك كەلدى «زۆھرەلەرنىڭ بېغىدا چوقۇم بار ، ئۇلار بۇلتۇر تېخى بېغىنىڭ ئەتىراپىغا كۆچەت تىككەن» شۇنىڭدىن بىرنى ئوغۇرلىقچە سۇندۇرۇپ ئەپچىقىش نىيىتىگە كەلدىم دە پاكار ئېتىلغان شورىدىن ئىلدام قەدەملىرىم بىلەن ئارتىلپ چۈشتۈم .ئەپلەپ تۇرۇپ تۈز ئۆسكەن كۆچەتتىن بىرنى «قارس» قىلىپ سۇندۇرشىمغا « نېمە قىلىۋاتسەن؟» دېگەن تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى .بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام زۆھرە باغقا بېدە تەرگىلى چىقىپتۇ ئۇنىڭغا «ھۈش» دەپ شەرەت قىپ غىپپىدە قاچتىم .سۈيىدىن ئەمدىلا ئاجىرىغان ساپ ئاپئاق پارقىراپ تۇراتتى .گۈرجەكتىن ئاجىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مىخ قېقىۋەتتىم . كېچىچە قىلغان ئىشىمدىن پەخىرلىنىپ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى . قانداق ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن . ئەتىسى ئاپام  ئويغىتىپ قويدى . ئېرىنچەكلىك بىلەن قوپۇپ تەييارلانغاچ چايخانىغا چىقىسام زۆھرە ئاللىبۇرۇن تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ سۇپىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتى . ئۇ كىتابقا بەك ئامراق ھەدېسىلا مەكتەپنىڭ توپا چاڭ باسقان كىتابخانىسىدىن چىقالمايدۇ . بەلكىم مەكتەپتە كىتاب بىلەن شۇغىللىنىدىغانلار ئاز بولسا كېرەك . شۇڭلاشقا كىتابخانىنى ئەشۇنداق توپا بېسىپ تۇرغاندۇر .
-ھەي كىتاب خالتىسى قولۇڭغا يەنە كىتاب ئېلىۋالغىنىڭ نېمىسى ؟ قارا مۇنۇنى ئەمگەك دېيىلۋاتسا ئېسىگە كىرىپمۇ چىقمىغان .قورسىقىڭنى ياخشى تويغۇز جۇمۇ چۈش بولماي تۇرۇپلا ماڭا يىغلاپ بەرمە - دېدىم ئەتەي ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ . ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپلا ئىچ-پۇشىقىمنى چىقىرىمەن .ياق ئۇنداق ئىپادىلىسەن بولمايدىكە ئۇنى يۈرۈكىمنىڭ قېتىدىن سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن ......
مەكتەپتە ئۇ بىرەر ئوغۇل بىلەن بىللە تۇرۇپ قالسا ياكى پاراڭلاشسا بىردىنلا چىرايىم ئۆڭۈپ ئۇنى ساقلىمايلا ئۆيگە قايتىمەن . بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايتىم .
ئۇ دومسايغىنىچە ماڭا ئىككى كۆزىنى تىكىپ تۇراتتى . چاي ئېتىۋاتقان ئاپام :
- ھە نېمە بوپتۇ ؟ سەن جۇۋاينىمەك زۆھرەنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيسەن .قارا ئەتىگەن سەھەر قوپۇپ سېنى ساقلاپ ئولتۇرغىلى نىكەم . سەن نانقېپى ئۆيدە قاچا بىكارلاپ ، مەكتەپتە پارتا بىكارلاپ يۈرۈيسەن بولە چاققان چېيىڭنى ئىچ !
ئاپامنىڭ تەنبىھلىرىدىن زۆھرە مەسخىرە ئارلاش كۈلۈپ قويدى .غىڭ قىلماي بېشىمنى جوزىغا تىكىپ چاي ئىچتىم .
-ئاپا زۆھرەگە چاي ئەتمەپسەنغۇ دېدىم .ئاپامنىڭ ئېغىزىنى تاتلاپ
-مانا ئېتىۋاتىمەن -دېدى ئاپام قولىغا چاي سۈزگۈچنى ئېلىپ
-ياق مەن ئىچمەيمەن ئىچىپ چىقتىم - زۆھرە تارتىنغىنىچە
-ۋاي مەن سېنى ئىچمىدى دېمىدىم . ئىچە تارتىنماي ، بىزدەك كەمبەغەللەر ئاپقۇرنىڭ تېگىنى كۆرۈپ باق .
ئاپام ماڭا بىر ئالىيۋەتتى . دېمىسىمۇ زۆھرەنىڭ دادىسى مەكتەپ مۇدىرىمىز ،
ئاپىسى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا بىئولوگىيە دەرىسى بېرىدۇ .ھال كۈنى ياخشى ئىدى .
   -سەن شۇ چاغدا زۆھرەدىن ئىللىق بىر سېزىم ئالغان ئىدىڭ ، ئېسىڭدىمۇ -دېدى ئۆستەڭ
ھەسرەتكە تولۇپ قان ئارلاشقان كۆزلىرىمنى غۇۋا ئاچقاچ بېشىمنى لىڭىشتتىم .قەدىممنى توختىتىپ ئۆستەڭگە پۇتۇمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولىۋاتىمەن .
چېيىمنى ھاپىلا شاپىلا ئىچىپ سومكامنى مۈرەمگە ئالدىم ئاخشام ساپلىغان گۈرجەكنى ۋېلىسپىتكە پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ زۆھرەگە
-جۈرە ماڭدۇق -دېدىم
ئۇ تېخىچە جايىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرىدۇ . ئەيتاۋۇر پۈتۈن ئىشتىياقى كىتابقا كىرىپ كەتتمۇ
-مانا ......مانا ھازىر -دېگىنىچە كىتابنى سومكىسغا سېلىپ ماڭا ئەگەشتى .
  ئەتىگەنكى ھاۋا نېمەدېگەن ساپ  ھە ئېرىق بويلىرىغا بولۇق ئۆسكەن يالپۇزلارنىڭ ھىدلىرى دىماقنى يارىدۇ .قارامتۇل ئەگىزلەر بىر خىل رېتىمدا ئاقماقتا . ۋېلىسپىتنىڭ پىدالىنى ئەركىن تېپىۋاتىمەن زۆھرە كەينىمدىن ئېگەرنى چىڭ تۇتقۇنچە ، بىر نېمىلەرنى خىيال قىلغاچ ئولتۇرىدۇئۇنىڭ شەھلا كۆزلىرى ، ئاقباش چوققىلارغا ، ئەمدى ياشىرىشقا باشلىغان دالىلارغا ، ياۋا ئۆرۈك چېچەكلىرىگە تىكىلگەن . سۈتتەك ئاق يۈزلىرى ئارسىغا يوشۇرۇنغان زىناقلىرى نېمىلەرگىدۇر كۈلۈپ تۇرغان ، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرۈپ . پات-پات تامىقىنى لىپىلدىتىپ پىچىرلايتى ، ھەي ھەرقانچە شىر يۈرەك بولساممۇ زۆھرە بىلەن يالغۇز قالسام ئۇنىڭدىن بەكمۇ ئەيمىنىمەن . تىلىم تۇتۇلۇپ ئۆپكەم ئاغىزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن . مانا ھېلىھەم ئۇنىڭغا گەپ قىلالماي ماڭماقتىمەن.
-جالال مەن ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمتھان بېرىدىغانغا تىزىملاتتىم .- دېدى زۆھرە. يىلان چېقىۋالغان ئادەمدەك ئەندىكىپ ۋېلىسپىتنىڭ تورمۇزىنى قاتتىق قىستىم دە ئارقامغا ئۆرۈلۈپ
-نېمە ......نېمە دەيسەنوي سەن ئىچكىردە ئوقۇمسەن ...
خۇددى ھازىر مەن زۆھرەنى كۆچەت تىككىلى ئەمەس ئۇنى ئىچكىرگە ئۇزاتقىلى ماڭغاندەك ھېس قىلۋاتىمەن
-ئۆتەپ بارە ساراڭ . ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسەم بارىمەن . ئۆيدىكىلەر شۇيەردە ئوقۇڭ، كەلگۈسىڭىز پارلاق بولىدۇ دەيدۇ . ھەراست جالال سەنمۇ تىزىملىتە تىزىملاش ۋاقتى يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن توشىدۇ ! ئىككىمىز بىللە ئوقۇيلى ،بىللە يۈرەيلى . «بىللە يۈرەيلى» دېگەن گېپىدىن ئۆزى ئۆپكىدەك قىزارغىنىچە كۆزىنى يەرگە تىكتى .
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم دە چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ :
- ۋاي دېدىڭ ھە  مەن سەندەك ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولمىسام .
ئۆزۈڭ بىلىسەن ماتېماتىكىدىن گىرام ئۇقمايمەن ، خىمىيە، فىزىكلارغا قىزىقىمەنو لېكىن نەتىجەم ھەدېسىلا ئۆگەنگەنگە چۇشلۇق چىقمايدۇ ، مەن بەرىبىر ئۆتەلمەيمەن - دېگىنىمچە بېشىمنى ئوڭ مۈرەمگە تولغىدىم .ئۇ لىككىدە ئېگەردىن سۇغۇرلۇپ رول تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىمغا ئاپئاق قوللىرىنى ياقتى ، تېنىم ئىختىيارسىز ئېرىپ كەتتى
-نەرىڭ ئوغۇل بالا  تىرىشمامسەن ، مانا مەن بارغۇ ، شۇ پەقەت ئۈچ پەندىلا دېگىنىڭدەك ياخشى ئەمەس لېكىن تارىخ، جۇغراپىيە ، سىياسەت ئەدەبىياتلاردا نومۇرىڭ سىنىپ بويىچە ئەڭ يۇقىرىغۇ ، ھە راسىت تۈنۈگۈن تاپشۇرۇق دەپتەر ئەكىرىگىلى ئىدارىغا كىرسەم تەبىئي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سەندىن ۋايساپ ئولتۇرسا ئىجدىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سېنى ماختاپ ئۇچۇرۋەتتى ھې ھې ھې ...
-ۋاي تېخى غەيۋىتىمنى قىلىپتىدە خەپ ، خەنزۇتىلدىمۇ ياخشىغۇ مەن
- ھې ھې ھې توغرا يازىمچىدە ياخشى ، سۆزلەشكە كەلگەندە يېرىم تۇڭگانچە ، يېرىم خەنزۇچە سۆزلەيسە ، بولدى ئەتىلا تىزىملات ،ئىككىمىز بىللە تەكرا قىلايلى مەن سېنى يېتەكلەي ...
  -شۇ كۈنكى ئىشلار مەن زۆھرەدىن تۇنجى قېتىم ئالغان ئىللىق سېزىممۇ ؟ - سوراۋاتىمەن ئۆستەڭدىن
-ياق ، زۆھرە ئۇندىن بۇرۇنمۇ ساڭا شۇنداق ئىللىق سېزىملارنى بەرگەن . سەن پەقەت شۇ كۈنىلا ئۇ بەرگەن سېزىملارنى تۇنجى قېتىم چۈشەندىڭ - دېدى ئۆستەڭ يېنىك چايقىلىپ
  شۇتاپ گەۋدەم بەك ئېغىر ، بېشىم بارا بارا ئۆستەڭگە ساڭگىلىغان . ئەيتاۋۇر قانچىلىك ۋاقىت ئۆستەڭ قىرىدا مۇشۇنداق ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن . ئەسلىمىلەر روھىمنى ھەر تەرەپكە ئېلىپ قاچماقتا .بىردىنلا ئۆستەڭ ئويناقشىپ ئاققان سۈيىنى يۈزۈمگە چاچىرتىپ :
-بار ، يۈگۈر ئەمدى مېنىڭدە ئەسلىمىلرىڭ قالمىدى ، تېۋىلغىلىققا ...ئەنە شۇ تېۋىلغىلىقنىڭ تۆپىدىكى سۆگەت تۈۋىگە بارغىن . ئەنە شۇ يەر ساڭا نۇرغۇن ھېكايىلىرىڭنى سۆزلەپ بېرىدۇ . ئوغلۇم شۇنداق قىلغىن چۈنكى ئىنسان پەقەت بىرلا قېتىم سۆيىدۇ ، كېيىنكىسى يۈرەكتىن ئەمەس ،بەلكى ھەسەتتىندۇر .
  ئورنىمدىن چاچىراپ تۇردۇم ، پۇت-قوللىرىم ئەنسىز تىتىرمەكتە .مەن نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆلدى دېگەن يۈرۈكىم ھېلىلا قېپىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقماقتا . مەن يۈرۈكىمدىكى بۇنداق تۇيغۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم ، بۈگۈن قايتا ھېس قىلۋاتىمەن . سوۋۇپ كەتكەن يۈرەكنى سەن ئاستا-ئاستا ئىللىتىساڭ ئۇ ئاخىردا ۋولقانغا ئايلىنالايدۇ ، ئەمما ھەرقانچە ئىللىق يۈرەككە سەن بىر تېمىم ،بىر تېمىمىدىن سوغۇق سۇ سەپسەڭ ئۇئاخىردا چوقۇم سوۋۇپ قالىدۇ .
ھەممىنى ئۇنتىۋاتىمەن ...ياق ئەسلەۋاتقان ئوخشايمەن .كاللامدا پەقەت تېۋىلغىلىقلا بار . پۇتلىرىم ماڭا بويسۇنمىغان ھالدا ئۆزىنى تېۋىلغىلىققا ئاتماقتا . كېتىپ بارىمەن ، گاھ يۈگۈرۈپ،گاھ مېڭىپ . پېشانەمدىن تۆكۈلىۋاتقان ئاچچىق تەر كۆزىمنى ئېچشتۇرماقتا . مانا بېغىررەڭ تېۋىلغىلىقلار . بۇرۇن قارىغاي بىلەن بەسلىشىپ تاشنى يېرىپ مەيلى قار يامغۇر بولسۇن تىك تۇرىدىغان تېۋىلغىلىقلار ئەمدىلىكتە تۇپىراقنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە سۇنايلىنىپ ياتماقتا .بەلكىم بۇلارمۇ مۇشۇ يەردە بولغان ئىشىق ، ھىجران ئوتلىرىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان يۈرەكلەرنىڭ سىياقىدىن قورقۇپ بېشىنى يەرگە تىككەندۇر ؟
  بىر نېمىلەرنى ئىزدىمەكتىمەن ، نېمىنى ئىزدەۋاتىمەن ؟  ئەنە شۇ تۆپىلىككە ئۇلاشتۇرغان چىغىر يولنى ئىزدىگەن .تاپتىم   كۆزلىرىمدىن ھىجران تامچىلىرى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ . تۆپىلىككە يېقىنلاشقانسېرى. ئۆپكەم خىرقىراپ ، ئېسەدەۋاتىمەن ،ئۆزۈمنى باسالمايۋاتىمەن ، مەن چىدىمىدىم  ئاۋازىمنى تېشىمغا چىقىرالماي قىينىلىۋاتىمەن . مۇردىغا ئايلانغان جىسمىم سۆگەتنى چىڭ قۇچاقلىدى .«ياق !» يۈرۈكىمدىن قاڭقىپ چىققان يىغا ئاۋازى سۆگەت غوللىرىغا قونغان تورغايلارنى قاياققىدۇر ئۇچۇرۋەتتى . ئىككى كۆزۈمدىن ياش ئەمەس بىر تېمىم بىر تېمىمدىن قان ئېقىۋاتىدۇسۆگەتنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە كۆزىمنى چىڭ يۇمدۇم
  ھەر تۈنى زۆھرەنى ئويلاپ ياتالمىغىنىمدا مۇشۇ يەرگە كېلىپ سۆگەتنى قۇچاقلايتىم . ئۆزۈمنى بەئەينى زۆھرەنى قۇچاقلاپ تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن . دېمىسمۇ بۇ سۆگەت ئىككى سەبىي قەلىبنىڭ شاھىدى . بىر بىرىمىزگە قىلغان كۆڭۈل ئىزھارىمىزنى مۇشۇ سۆگەت ھەمدە ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ياغاچ ئورۇندۇقتىن باشقىسى بىلمەيتتى . يازنىڭ پىژغىرىم ئاپتاپلىرىدا دېمەتلىرىم دەرياغا يۈگۈرسە مەن سومكامنى يۈدىگىنىمچە سۆگەت تۈۋىگە كېلىپ زۆھرەنى ساقلايمەن . بىر ھازادىن كېيىن ئۇ سومىكسىدىن بۆلەك بىر پاتمان ماتېرياللارنى كۆتۈرگىنىچە ھاسىراپ ھۆمۈدەپ يېنىمغا كېلىدۇ . ياغاچ ئورۇندۇققا كىتاب دەپتەرلەرنى قاتار يېيۋېتىپ ، تەكرار قىلىمىز ،كۆڭلىمىزدە بىر شېرىن ئارزۇ - ئارمان بار ئۇبولسىمۇ ئىچكىردە ئوقۇش .كەلگۈسىمىزنى گۈزەل غايە بىلەن قاناتلاندۇرۇش .
  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋاتىدۇ .قىلغان ئەجىرىمىزگە چۇشلۇق نەتىجىمىز كۆتۈرلىۋاتىدۇ ......
  لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس تەغدىر رەھىمسىز ، تەغدىر ھېچقاچان كۈتكەننى ئەمەس پېشانىگە پۈتكەننى ئەكىپ بېرىدىكە . بىزنى تەققازا قىلغان ئىمتىھان ئاخىرى يېتىپ كەلدى ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىككىمىزگە قاباھەتلىك چۈشمۇ كېلىپ بوپتۇ . بىر بىرىمىزگە ئامەت تىلىگەچ ئايرىم ئىمتىھان مەيدانلىرىغا كىرىپ كەتتۇق . ئىمتىھان ئۆگەنگەن يەردىن چىقىپتۇ ھەممىنى ئىشلەپ بولدۇم . لېكىن ئىمتىھان مەيدانىدا زۆھرەنىڭ ئاشقازان ياللۇغى قوزغىلىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ . مەن بۇ ئىشلارنى ئىمتىھاندىن چىقپ بىلدىم . يۈرىكىم ئېغىر خورسېندى .ئارزۇلىرىمىز كۆپۈككە ئايلاندى . كېيىنكى كۈنلەردە زۆھرەگە تەسەللى بېرىپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدىم . ئىمتىھاننىڭ ئىشىنى قايتا تىلغا ئالمىدىم . بىر ئايدىن كېيىن ماڭا چاقىرىق قەغىزى كەلدى . چاقىرىق قەغىزىنى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي كۆيدۈرۋەتتىم . زۆھرەدىن ئايرىلغۇم يوق شۇنداق قىلدىم . شۇ ۋاقىتىلار تەتىلغۇ دەيمەن . كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى سارغايتماقتا .
  بىر كۈنى كەچ زۆھرە تۇيۇقسىز
-جالال مەن تولۇق ئوتتۇرىنى شەھەردە ئوقۇيمەن ، ئەتە يولغا چىقىمەن ئامان بول ! ياخشى ئوقۇغىن مېنى ئەسلەپ تۇر -دېگنىچە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى . گېلىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك
- ھە بوپتۇ ئامان بول ...-دېگەن  گەپنى ئاران قىلالىدىم .ئۇ كەتكەن كۈندىن باشلاپ نەكۈنۈم ، نەتۈنۈم ھالال ئۆتسۇن . ئىشىق ئوتى تېنىمنى پارە پارە قىلماقتا ئارىدىن توپتوغرا ئۈچ يىل ئۆتتى .
   يازكۈنلىرىنىڭ بىردە باغقا سۇ ئېچىپ تۇرغان ئىدىم ئاپام دەرۋازىدىن مېنى چاقىرغىنىچە
- ھەي جالال قېنى سەن زۆھرە كەپتۇ ، كۆرۈشۈپ قوي
قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ زۆھرەنىڭكىگە يۈگۈردۈم . كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قېلۋاتىمەن ، مەن كېچە كۈندۈز يولىغا تەلمۈرگەن زۆھرەرىم پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ، قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرى كېسىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ساپسېرىق پاخپايغان كالتە چاچ سەتلىشىپ تۇرغان . ئوقيادەك كىرپىكلىرى كەينىگە قايرىلغان . ھېلىقى دائىملا كۈلۈپ تۇرىدىغان زىناقلىرى قېلىن بىر قەۋەت ماي تېگىدە قالغان  . ئۇ ئۈستېۋىشىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن مەسخىرە ئارلاش كۈلدى
-سالام ،زۆھرە قانداق ئەھۋالىڭ ئامان كەلدىڭمۇ
-ھە  ،  ياخشى -دېگىنچە ماڭا بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي سومكىسىدىن بىرنەرسە ئىزدەشكە باشلىدى
- زۆھرە مۇشۇ ئاينىڭ 16سى سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ، مەن شۇ كۈنى سېنى سۆگەت تۈۋىدە ساقلايمەن . ساڭا بېرىدىغان سوۋغام بار - دەپ چىرايىمغا زورمۇزور كۈلكە يۈگۈرتتىم .
-شۇ كۈنى شەھەردىن ساۋاقداشلىرىم بىز تەرەپكە  ئوينىغىلى چىقىدۇ . مەن شۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن . كەچقۇرۇن باراي يېنىڭغا - دېدى ئۇتېخىچە بېشىنى كۆتۈرمەي . مەن ئاللبۇرۇن ئۇنىڭ پورتېرىتىنى سىزىپ تۇغۇلغدن كۈنىدە بەرمەكچى بولغان . مانا تۇغۇلغان كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى . ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە كەچقۇرۇن رەسىمىنى چىرايلىق ئوراپ ئارىسىغا قىزىل ئەتتىر گۈلدىن بىرنى قىستۇرۇپ سۆگەت تۈۋىگە كەلدىم . كۆزۈم بىر نۇقتىغا چەمبەرچاس باغلانغان ، مېنىڭ زۆھرەرىم ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس مېنىڭ زۆھرەرىم قانداقلارچە ...بۇ ...
  ناتونۇش بىر گەۋدە زۆھرەرىمنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆگەتكە يۆلەپ بويۇنلىرىغا يېپىشماقتا .ياغاچ
ئورۇندۇققا ياتقۇزۇپ ئەسەبىيلەرچە سۆيمەكتە . ئىككى يات تەن بىر بىرگە قىلىنغان ھېسىياتتىن ئېغىر تىنماقتا ...كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلىشىپ قولۇم لاسسىدە بوشاپ رەسىم يەرگە چۈشتى .تۇيۇقسز چىققان بوران گۈلنى رەسىمدىن ئاجىرتىپ ئۇنىڭ ياپىراقلىربنى تۆكىۋەتكەچ رەسىمنىمۇ ھاۋاغا كۆتۈرۈپ نەلەرگىدۇر ئۇچىرماقتا ، يەنە نەلەرگىدۇر زەردە بىلەن ئۇرماقتا ، كۆزۈمدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ ... كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالدىم .
 كۆزۈمنى ئاچتىم ئۆزىمنىڭ ھارغانلىقىنى سېزىپ ياغاچ ئورۇندۇققا ئۆزىمنى تاشلىدىم .شاللىرى ئاللىبۇرۇن سۇنۇپ شالاقشىپ كەتكەن ئورۇندۇن غىچىرلاپ كەتتى . بىز ئولتۇرغاندا ساق ئىدى ، بۇمۇ ئېھتىمال ھېلىقى كەچقۇرۇن بولغان پەسكەشلىككە چىدىماي سۇنغان بولسا كېرەك .
  ئۆزۈمنى قايتا ھىجىران ئوتىدا داغلىساممۇ ، ئەسلىمىلىرىمنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن . چۈنكى قەلبىمنىڭ تۈرمىسدە مۇددەتسىز كېسىلگەن بىرى بار . مەن يا ئۇنى ئازاد قىلالمايمەن ، ياكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلالمايمەن . ئەسلىمىلىرىمنى سېغىنىمەن . ئەلۋەتتە سېغىنىشنىڭ ئاچچىق بەتلىرى كۆپ بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ شۇنچىلىك تاتلىق شېرىن قۇرلىرىنى ئوقۇيمەن . بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن خۇشال كۈنلەرنى ، قىزىقارلىق ئىشلارنى ئەسلەپ كۈلۈمسىرىسەم ، بەزى ۋاقىتلاردا يىغلايمەن كۆڭلۈم پەقەت ئەسلىمىلەرگە غەرق بولغان مۇشۇ جايلارنى تارتىدۇ .خۇددى ئۇ مۇشۇ يەردە باردەكلا سېغىنىمەن ، سېغىنىمەن قايتا قايتا سېغىنىمەن ....
  ئېھتمال بىركۈنى جاھاننىڭ قايسدۇربىر كوچسدا يانمۇ- يان ئۆتۈپ كىتشىمز مۇمكىن، بەلكىم قەدەملىرىمىنى توختۇتۇپ كەينىمگە قاراپ,ئۇنى بۇرۇن ياخشى كۆرگەنتىم ھە,دەپ يۈرۈكىمگە پىچىرىلاپ بېرەرىمەن ! مۇشۇنداق جاھان بۇ ھېچكىمنى مەڭگۈ سۆيىمەن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن دېمىگىن، كىملەرنى تاشلاپ، كىملەرنى باشلاپ، كىملەردىن قېچىپ، كىملەرنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ كىم بىلەن توي قىلىمىز ، ... تەغدىرىڭنى بەلگىلەشكەبەندە بولغان مەن ھەم سەن ئاجىز ..... 
بەخىتلىك بول ، خەيىر .......

      


     





457 قېتىم كۆرۈلدى kanan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-19 23:06:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-23 9:33:25 دىلخۇمار
ئادەم ھاياتىدا نىمە كۇنلەرنى كۆرمەيدۇ ؟سۆيۇلۇدۇ، سۆيىدۇ.
2017-4-21 1:05:56 ئۆمەرئادىل
ناھايتى ياخشى يېزلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ