ئالدىرىغان نەگە بارار - ھېكايەت
ئالىمجان ئاخنىياز
ناشتا قىلىۋىلىپ ماڭغىن بالام ، دىگەن سۆزلەرگىمۇ ، ئالدىرايمەن ئانا ، بۈگۈن قىلىدىغان ئىشىم بەك كۆپ ،سىرتتا قىلاي ، دەپ قويۇپ ئالدىراشلا ئۆيدىن چىققان ئالىمجان مانا ئەمدىلىكتە ئالدىدىكى پويىزدەك قاتىرىسىغا تىزىلىپ ، سىگنالنى توي كۈنى كىلىن يۆتكىگەندە ناغرا ــــ سوناي چالغاندەك كوچىنى بېشىغا كىيىپ تازا بېرىۋاتقان ماشىنىلارغا قاراپ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدىدە ، تاكسىدىن چۈشۈپ، ئالدىراش يېقىن دوستى شىرزات يېتىۋاتقان دوختۇرخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
تۆت كوچىدىكى قىزىل چىراق پات يانمىغاچ، ئالدىراپ يولنى كېسىپ ئۆتۈپ بىر ماشىنا پۇتىنى ئۇرىۋەتكەچكە ، ئۇ دوختۇرخانا ئامبۇلاتۇرىيەسىگە بايىقى شوپۇرنى بولىشچە قارغىغىنىچە، ھېلىھەم ئاغرىۋاتقان پۇتىدا ئاقساپ دىگۈدەك كىرىپ كەلدى .
ئامبۇلاتۇرىيە لېفىتىنىڭ بىرسىنىڭ ئالدىدا، 《لېفىت رىمۇنىت قىلىنىۋاتىدۇ 》دىگەن ئەسكەرتىش بولغاچقا يەنە بىر لېفىتنى ساقلاۋاتقىلى ئىككى مىنۇتچە بولغان بولسىمۇ ، لېفىتنىڭ قەۋەت كۆرسەتكۈچىدىكى سان ئون بەشتىن ئۆزگەرمەيۋاتاتتى .
ـــ تازىمۇ بىر ، دەپ غۇدۇڭشىدى ئالىمجان ئىچدە ، ئالدىرىغانسىرى ماۋۇ ئەبجەق لىفىتنىڭمۇ چۈشمەيۋاتقىنىنى ، شىرزاتنىڭ قېشىدىن چىقىپ ئەنۋەرنىڭ ئالدىغا چىقمىسام بولمايتتى. ئەنۋەرگە <باشقىلارغا خەۋەر قىلما ، ئالدىڭغا ئۆزەم چىقىمەن> دەپ قويۇپ ، ئويلاشمايلا شىرزاتقىمۇ <بۈگۈن قېشىڭغا چوقۇم بارىمەن> دەپ ۋەدە بېرىپتىمەن دىسە ، ئەنۋەر روسىيەدىن ئاران كەلگەندە ئۇنى ساقلاتسام سەت ئەمەسمۇ !!
ئۇ لېفىتنىڭ تېخىغىچە چۈشمىگىنىگە ئاچچىقلاپ پەلەمپەيدىن چىقىش ئۈچۈن ماڭدى . شىرزات ئون بىرىنجى قەۋەتتىكى كىسەلخانىدا ئىدى. ئالىمجان دەسلىپىدە ئۈچ پەلەمپەينى بىر تاقلاپ ماڭغان بولسا بەشىنجى قەۋەتكە چىققاندا پۇتلىرى تېلىپ بىر بالداقتىن ئاتلاپ ئاران تەسلىكتە شىرزات بار كىسەلخانىغا كىردى .
ـــ شىرغىمۇ كىسەل تىگىدىكەن ھە !؟ دېدى ئۇ كىسەلخانىغا كىرىپ ئېلىپ كەلگەن مېۋىلىرىنى ئۈستەلگە قۇيۇپ شىرزات بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋەتكەندىن كېيىن .
ـــ كېسەللەر تەرەققىي قىلىپ شىر ـــ يولۋاسلاردىن قورقمايدىغان بولۇپ كەتكەن چېغىۋا ، دېدى شىرزاتمۇ چاقچاققا چاقچاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، خۇنۇك كۆزلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ھېچ بىر يېرى كىسەلگە ئوخشىمايتتى .
ـــ قانداقراق ، شىر پادىشاھنىڭ قەيىرى كىسەلكەن ؟ دەپ سورىدى ئالىمجان يان تەرەپتە ئىككىسىنىڭ چاقچىقىدىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرغان شىرزاتنىڭ ئايالىغا قاراپ .
ـــ شۇ يۈرەك ــ مىڭىگە قان يىتىشمەيدىكەن ، بەك قۇۋەتسىزلىنىپ كېتىپتۇ دەيدۇ دوختۇرلار ، يېقىندىن تامىقىمۇ ئازلاپ ، ئۇيقۇسىمۇ يوقلا دىيەرلىك ئىدى. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ، شۇنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك ، ھازىر خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى دېدى ئايال . ئايالنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن تەڭلا ئالىمجاننىڭ تېلفۇنى جىرىڭلىدى .
ــــ شىرزات ئاداش ، دېدى ئۇ تېلفۇننى قۇيۇپلا ، بىر ساۋاقدىشىم رۇسىيەدىن كەلمەكچىدى ، ئالدىغا چىقماقچىدىم، ھازىر يەنە بىر ساۋاقدىشىم مەنمۇ چىقىمەن، بىللە چىقايلى دىگەنىدى. ئالدىمغا كەلمەكچى ، سېنى كېيىن يوقلاپ كېلەي .
ــ چاتاق يوق ، بېرىۋەرگىن .
ئالىمجان شىرزاتلار بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ، لېفىتنى باستى. ئەمدىلىكتە لىفىت بىر دىگەن ساننى كۆرسىتىپ قىمىرلىماي تۇراتتى. بىر نەچچە مىنۇت ساقلىغان بولسىمۇ بىر دىگەن سان ئۆزگىرىدىغاندەك قىلمايتتى ، ئۇنىڭ ئىچى سىقىلىپ :
ــــ لېفىتمۇ مۇشۇ ، پەستە ساقلىسا چىقىۋىلىپ چۈشمىگەن ، ئۈستىگە چىقسا چۈشىۋىلىپ چىقمىغان ، بولدىلا ، پەلەمپەيدىن چۈشەي ، چىقماقتىن چۈشمەك ئاسانغۇ ، دىگىنىچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ سىرتقا چىقتى .
ئۇ دوختۇرخانا ئالدىغا ماشىنىسنى توختاتقان ساۋاقدىشى بىلەن سالاملىشىپ تۇراتتى ، تېلفۇنىنىڭ شىرزاتنىڭ قېشىدا ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى سەزدى دە ، تېلفۇننى ئېلىۋالمىسا ساۋاقدىشى بىلەن تېپىشالمايدىغانلىقى كۆڭلىگە كېچىپ ، ئالدىرىغاندا نىمە ئىش بۇ !؟ دىگىنىچە ساۋاقدىشىغا ساقلاپ تۇرۇشنى جىكىلەپ قۇيۇپ يەنە كىسەلخانىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ لىفىت ئالدىغا كېلىپ قارىۋىدى، لېفىت ئەمدى يەنە ئون بەشىنجى قەۋەتتە مىدىرلىماي تۇراتتى ، ئۇ ئاچچىقىدا 《ئالدىرىغان نەگە بارار ، ئالدىرىمىغاننىڭ كەينىگە 》دىگەن شۇ دەپ غودۇڭشۇپ، لېفىت ئىشىكىگە نەچچىنى قاتتىق تېپىۋەتكەندىن كېيىن ، تېلفۇنىنىمۇ ئالماسلىق قارارىغا كېلىپ دەسلەپتە كىرگەن چېغىدىكىدەك ئاقسىغىنىچە ئامبۇلاتۇرىيە بىناسىدىن چىقىپ كەتتى.
| 1355 قېتىم كۆرۈلدى | shaydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-23 2:25:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|