پەرزەنت نالىسى - 1-قىسىم

  پەرزەنىت نالىسى 1-قىسىم
  ئەكبەر ئەركىن 


 ( بۇ  ۋەقە كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان راست ۋەقە. بۇ ئەسىرىم ئارقىلىق جەمىيىتىمىزدىكى بەزى بىر ئۆزىنى توختاتماي تۇرۇپ بۇرۇچ تۇيغۇسى ھەم ئاتا-ئانا بولۇشقا تېخى تەييارلىقى يوق تۇرۇپ  تۇي قىلغان قىز-يىگىتلىرمىزگە نەسىھەت سۈپىتىدە سۇندۇم.)

  ئىنسان ھاياتتا ئۈچ خىل چوڭ بۇرۇچنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ بۇرۇچ سىنارىس، رېجىسسور ۋە پېرسوناژ دۇر. ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگەنگە قەدەر ئۆز ھايات كەچۈرمىشلىرىنى سىنارىيە قىلىپ يېزىپ،ئۆزى رىجىسورلىق قىلىپ  ھەم ئۆزى پېرسۇناژ بولۇپ  ئۆز ھاياتنى ئاخىرلاشتۇردۇ. ئەسەردىكى بۇ بالىنىڭ ھېكايىسى ھەممە كىشىنى ئويلاندۇردۇ، يولدىن ئازغانلارنى توۋا قىلدۇرۇپ نىشاندىن ئاداشماقچى بولغانلارنى توسىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەم ئۆز سىنارىيەسى بىلەن ئالدىراش بولۋاتقان كىشلەرنىڭ بەخىت تۆكۈلۈپ تۇرغان قۇرلىرىدىن مۇشىنىڭىدەك پاجىئەلەرنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى ئۈمۈد قىلىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.

     ئەتىياز كېچىللىرنىڭ دىمىقلىقى  ئىچىمى سىقىپ سىرىتقا چىقتىم. بۈگۈنكى تولۇن ئاي باشقا كۈندىكىگە قارغاندا ئالاھىدە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، مەھەللە خۇددى كۈندۈزدىكىدەكلا يورۇق بولۇپ خېلى نېرىدىكى ئادەملەرنىمۇ تونىۋالغىنى بولاتتى. تۇيۇقسىز كوچا دۇقمىشىدا  بىرىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم ھەم گېپىگە قىزىقىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم. ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانسىرى كۆڭلۈم بىرخىل غەشلىككە تولاتتى، قەدەملىرىم ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختىغىنىدا ئۇنىڭ پەسكە ساڭگىلغان بېشى ئاستا كۆتۈرۈلدى.    ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. كۆز ئالدىمدا يۈز كۆزى قان بىلەن بويالغان،تېنىدىن گۈپۈلدەپ ھاراقنىڭ ئاچچىق پۇرقى تېپىپ تۇرغان 17~18 ياشلا چامىسىدىكى بىر يىگىت تۇراتتى.  ماڭا ناتونۇش بۇ بالىنىڭ كۆزۈمگە ھەيرانلىق نەزىردە قادالغان كۆزلىرىدىن نۇرغۇن كەچۈرمىش ۋە نۇرغۇن ھېكايىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلۋالدىم. ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بەردم ھەم ئۇنىڭ بۇ يۇرىتقا مۇساپىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىچ ئاغىرتىپ ئۇنى ئۆيۈمگە باشلاپ يۈز-كۆزىنى يۇيغۇزۇپ قوندۇرۇپ قالدىم.
    تاڭ سەھەر شەرىق تەرەپتىن ئاستاغىنە كۆتۈرۈلگەن قۇياش كىشلەرنى تاتلىق ئۇيقىدىن ئۇيغىنىشقا ئۈندەيتى.
  مەن ئاستا ئورنىمدىن تۇرۇپ  ھېلىقى سىرلىق، ناتونۇش بالىغا تىكىلدم. ئۇ خۇددى بۇرۇن بۇندا ئۆينىڭ راھەتلىكىنى ھېس قىلىپ باقمىغاندەك ئىنتاھىن تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇمۇ ئورنىدن تۇردى، چىراھىدىكى ھەيرانلىق ھودۇقۇشتىن ئۇنىڭ ئاخشامقى بولغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا قىسقىغنە قىلىپ سۆزلەپ بەردم. ئۇ بولغان ئىشلارنى بىلىپ قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ كۆپ رەخمەت ھەشقاللا ئېيىتتى، ھەم ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ماڭا ھېكايە قىلىپ بەردى.
 _ ئىسمىم ئىلىجان، كىچىكىمدىن گۈزەل ئىلى دەرياسىنىڭ سۈينى ئىچىپ، ناخشا-مۇزىكىلىرى ھەم قىززىق يۇمىرلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم. ئائىلە شارائىتىمىز خېلىلا ئوبدان ئىدى.  ئۆيدە دادام ئاپام، ھەم بىر ھەدەم بار ئىدى. تۇرمۇشىمىز ئىنتاھىن خۇشال بەخىتلىك ئۆتىۋاتاتتى. مەن تولۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ مەكتەپ ھاياتمنى توختاتتىم. كىچىكلىكىم تۈپەيلى شەيتان ئاتلىق يالماۋۇزنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ چوڭ بېلىم ئېلىش سورىنىدىن ئايرىلغانلىقىمغا تا ھازىرغىچە ئۆكۈنۈپ كېلىۋاتمەن. جەمىيەت ئادەمنى تولىمۇ قىينايدىكەن، بولۇپمۇ مەكتەپ ئوقىمىغان چالا ساۋات كىشلەرنى باشقىلارغا قارغاندا بەكىرەك قىينايدىكەن. كۈنلەر شۇ تەرىققىدە داۋام قىلماقتا ئىدى،
 ئائىلىدە ئاپام ماڭا ئالاھىدە كۆيىنەتتى، ئۇ ھەركۈنى مېنىڭ سەھەر چىقىپ كېتىپ كەچ قايىپ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئاچچىقى كەلدى بولغاي موتىسىكلىتىمنىڭ ئاچىقۇچنى بىر يەرگە تىقىپ قويۇپتۇ، مەن كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە ئۆيدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ سىرىتقا چىقىش ئۈچۈن ئاچىقۇچىمنى ئىزدەپ تاپالماي، ئاپامنىڭ يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى پەملەپ  ساندۇقىنى ئاختۇردۇم، بۇ يەردىن تاپالماي ساندۇقنىڭ سېرىتمىسىنى ئەتمەك بولغىنىمدا كىيم كېچەكلەر ئاستىدا  غىل-پال كۆزگە چېلىقىدىغان بىر پارچە سۈرەتنى كۆرۈپ قالدىم.سۈرەتنى قولۇمغا ئېلىپ سەپ سېلىپ قاردىم، خېلى ئۇزاققىچە كاللام قوپقۇرۇقلا بولۇپ قالدى، ئۆز-ئۆزۈمگە پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر ئايلنىۋاتقاندەك نۇرغۇن چىرماش ھېسىيات، مېنىڭ ئۆتمۈشۈمگە بولغان سوئاللىرىم مىنى بەكمۇ بىئارام قىلدى.
   ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياشلار ئاقاتتى. مەن داۋامىغا قىزىقىپ ئۇنى ئالدىراتماق بولدۇم يۇ، ئۇنىڭ قەلب يارسىغا تۇز سەپكەنلىك بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ جىم ئولتۇردۇم.  ئۇ بىر ھازا يىغلاپ ئىچ قارنى بوشىدى بولغاي سۆزگە كىرىشتى.
 _سۈرەتتە ئاپامنىڭ ياش ۋاقتى ھەم يىنىدا ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغدن بىر كىشىنىڭ بىرگە چۈشكەن تويلۇق سۈرىتى تۇراتتى.   مەن يىغلامسىراپ تۇرۇپ ئاپامنىڭ يىنىغا يۈگۈرپ چىقىپ سۈرەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا «_ئاپا بۇ نېمە؟»-دېدىم، ئاپام ئۈندىمەي خېلى بىر ھازا ئۆتكندىن كىيىن يىغلامسىرغان ئاھاڭدا «-ئۇ سېنىڭ داداڭ»-دېدى.

داۋامى تەييارلىنىۋاتدۇ...
ئۈندىدار:2629888235

     





666 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-28 19:05:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ