سەرسان روھ (ھىكايە) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

 سەرسان روھ
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى


بىر كۈنلۈك ئالدىراشچىلىققا تولغان بۈگۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى ، ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئادىتىم بۇيىنچە يىتىش ئالدىدا ئىككى سەئەتلەردەك كىتاب ئوقۇش ئۈچۇن ياتاق ئۆيۈمنىڭ سوپىسىغا  ئەپچىل قىلىپ ياسىتىپ تەتىللەردە ناشخانىلاردا قاچا يۇيۇپ يۈندە تۆكۈپ ، قاتتىق نان يەپ يىغىپ ئالغان ئالتە ، يەتتە يۈز  پارچە كىتابلىرىم بىلەن لىق توشۇپ كەتكەن كىتاب ئىشكاۋىمدىن كۈندە ئوقۇۋاتقان بىر كىتابنى ئالدىم دە ، ئىككى سائەتلەرچە ئوقۇدۇم . ئاندىن مەن ئارام ئىلىش ئۈچۈن يىتىپ قالدىم . قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىم بىلمەيمەن ، تۇيۇقسىز نەپىسىم قىيىنلىشىپ ، بوغۇزۇم سىقىلىشقا باشلىدى . كۆزۈمنى مىڭ تەسلىكتە ئاچتىم ، ئاچتىميۇ يەنە يۇمۇۋالدىم . چۈنكى كۆز ئالدىمدا چىرايىدىن يىغىپ تۇرغان ئاپئاق نۇرلىرى بىلەن مەن تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە كۆرۈپ باقمىغان يورۇقلۇقتا ئۆي ئىچىنى يورۇتقان ، پاكزە ، رەتلىك ئاق كىيىملىرى ئۆزىگە خۇيمۇ ياراشقان بىر قىران ئادەم تۇراتتى . ئۇ گەپ - سۆزسىزلا كىلىپ كىيىملىرىمنى ئاۋايلاپ يەشتى ، توۋا ، ھەيرانمەن ، ئىلگىرى بىرى يىنىمغا كەلسىلا غىدىقىم كىلىپ ۋارقىراپ كىتىدىغان ماڭا بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ؟ ئۇ ئادەم كىيىملىرىمنى يىشىپ بولغىچىمۇ ھىچ قانداق ئىپادە يوق ، ياق يوق دىسەم يالغان گەپ قىلغان بولىمەن ، شۇ دەقىقىدە يۈرۈگۈم بىر نەرسىگە ئوتتەك تەلپۈنىۋاتىدۇ ، لېكىن نىمە ئىكەنلىكىنى ئويلىيالمىدىم .  كۆزۈمنى ئىچىشقا شۇنچە ھەركەت قىلىپ باققان بولساممۇ كۆزلىرىم ماڭا بوي سۇنمايۋاتتاتى .
تۇيۇقسىز بىر سوغۇق ، ئەمما ھىچ بىر  ئادەم زاتىدا يوق بولغان مىھىر بىلەن سىلاشتۇرۇپ بىر قول يۈرۈگۈمگە قويۇلدى .ئاھ ، بۇ تۇيغۇ ئىنسان بالىسا ئەل ئۆمىرىدە نىسىپ بولماس ...
ئۇ قولنىڭ يۈرۈگىمگە تىگىشى بىلەن يۈرەكلىرىم جانلىنىپ كەتتى ، بۇ جانلىنىشمۇ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ! بۇ جانلىنىش ناھايىتى تىزلا ئەۋجىگە چىقتى ، بۇ جانلىنىشتىن تىنىم شۇنچىلىك ھۇزۇرلاندىكى ھەييات ! بۇ ۋاقىتىكى تۇيغۇنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن ....
تۇيۇقسىز ھىلىقى ئادەم  قولىنى يۈرۈگۈمگە قويغان پىتى « ئاللاھۇ ئەكبەر !» دەپ شۇنچىلىك يىقىملىق توۋلىدىكى بۇ ئاۋاز ھاياتىمدا ئاڭلىغان ئەڭ يىقىملىق ئاۋاز بولدى ، نىمىشقىكىن باياتىن بېرى گەپ قىلىشىنى ئۇنتۇپ قالغان مەن ئۇ يىقىملىق ئاۋازغا ئۇلاپلا « … مۇھەمىدىن رەسۇللىلا » دەۋەتتىم .
شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئاستا - ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلدۇم ، توۋا خۇدايىم ، مەن ئۇچىۋاتىمەنغۇ ، تىنىم پاختىنمۇ يەڭگىل ، قىزىق يىرى مەن ھىچقانداق توسالغۇنىڭ دەخلىسىگە ئۇچۇرماي ھاۋادا لەيلەپ قالدىم . ماڭا نىمىش بولغاندۇ؟ بۇ خىيالى تۇيغۇممۇ يە ؟ ئۆزۈمنى چىمدىپ باقتىم ، سىزىمىم باركەن بولمىسا .
مەن لەيلەپ يۈرۈپ ئۆيۈمدىكى بىردىنبىر پۇلغا يارايدىغان ، مىھرىبان ئانام ئۆز قولى بىلەن گۈل كەشتىلەپ تامغا ئىسىپ قويغان ئەينەكنىڭ ئالدىغا بىرىپ قاپتىمەن . ھوي، مىنىڭ ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىم ئالمىشىپ بايا مەن كۆزۈمنى ئىچىپلا كۆرگەن ئادەمنىڭ كىيمىگە ئوخشاپ قاپتۇغۇ ، يەنە كىلىپ شۇنچە ياراشقان . مەن بىر يىتىم ، ئائىلىمىز شۇنچە نامرات بولغان مەن ھاياتىمدا بۇنداق يىڭى ، ئۆزۈمگە شۇنچە ياراشقان بۇنداق كىيمنى تۇنجى قېتىم كىيىشىم .
مەن ھىلىقى ئادەم ئىسىمگە كىلىپ دەرھال كەينىمگە بۇرۇلدۇم ، بۇرۇلدۇميۇ چۆچۈپ كەتتىم .مەن ؟ مەن يا....تىمەن...غۇ ؟ ئاۋۇ مەنغۇ ؟ ! مىڭىلىرىم شۇنچە قالايمىقانلىشىپ كەتتى . ھىچ نەرسىنى ئويلىيالمىدىم . مەن ئاۋۇيەردە ياتىمەنغۇ ؟ توۋا خۇدايىم !!!....
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىڭلىم كىرىپ مېنى ، ياق يوتقاننىڭ ئىچىدە ياتقان ماڭا ئوخشايدىغان ئاۋۇ گەۋدىگە قاراپ :
- ئاكا ! تۇرە تاڭىتىپ كەتتى ، مۇشۇ ۋاقىتقىچىمۇ ئۇخلامسەن ؟ - دەپ كىلىپ مېنى ، ياق ماڭا ئوخشايدىغان ئۇ گەۋدىنى مىدىراتتى .
مەن بايىقى ئەينەككە قارىغان يەردە سىڭلىمغا قاراپ ھاۋادا لەيلەپ قالغان ئىدىم ، لېكىن مەندە نە ھەركەت ، نە گەپ قىلىش بولسۇن دەيسىز ؟ ئۆزۈمنىڭ ئەزالىرى بۈگۈن ئۆزۈمگە  بوي سۇنمايۋاتاتتى .پەقەت خىيالىمدىلا ئۇ يەردە ياتقان كىم ؟ ئۇ نىمىنداق ماڭا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ ؟ سىڭلىم نىمانداق ئۇنى « ئاكا »  دەپ چاقىرىدۇ ؟ مەن نىمىشقا بۇ يەردە لەيلەپ قالىمەن ؟ بايىقى ئادەم كىم ؟ .....؟ دىگەن چىگىش سۇئاللارنىلا ئويلايتتىم .
تۇيۇقسىز سىڭلىمنىڭ « ئانا !!!» دەپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ياڭراق ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ ، جاقىلداپ يۈگرىگەن ،  تىترىگەن پىتى چىقىپ كىتىشى خىيالىمنى بۆلۈپ قويدى . سىڭلىم ھەر كۈنى ئائىلە بويىچە ئەڭ بۇرۇن تۇرۇپ باشقىلارنى ئويغىتىدىغان ، مەشلەرگە ئوت يىقىپ ، قويلارغا يەم بىرىپ  بىر كۈنلۈك پائالىيتىنى باشلايدىغان جاۋىلداق ئاكىسىنىڭ بۈگۈن ئۆزىدىن كىيىن قالغانلىقى  خىيالىدا ئۇنى ئويغۇتۇپ مازىق قىلۋىلىش ئۈچۈن مېنى ئويغۇتۋاتاتتى . لېكىن ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ مېنى ، ياق ماڭا ئوخشايدىغان گەۋدىنى ئويغۇتالماي قورقۇپ ئانامنى بار كۈچى بىلەن چاقىرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى .....
ئانام كىردى ، كىردىيۇ سۇپا ئۈستىدە بىر پارچە كىتابنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالغان مېنى ، ياق ، ماڭا ئوخشايدىغان گەۋدىنىڭ سۇنايلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۇ گەۋدىنىڭ ئۈستىگە ئاتتى دە ، ئەس - ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا يىغلاشقا باشلىدى ، قولىدا ماڭا ئوخشايدىغان گەۋدىنى سىلكىشلەپ ئويغىتاتتى ، ۋارقىرايتتى ، لېكىن جىم ، ئۇ گەۋدە جىنى چىقىپ كەتكەن ئۆلۈكتەك ياتاتتى , توۋا ، مەن بۇ يەردە تۇرسام بۇلار نىمىشقا ماڭا ئوخشايدىغان ئۇ گەۋدىگە ئىسىلۋالىدۇ ؟ ئانا ، سىڭلىم  مەن ، سىنىڭ ھەر كۈنى دوراڭنى ئىچ دەپ كۆزۈڭگە كىرىۋالىدىغان ئوغلۇڭ ،  ھەر كۈنى دەرىس ئۈگەن دەپ ، گاھى سەن بىلەن نەرسە تالىشىپ  چىقىشىدىغان ئاكاڭلار بۇ يەردە تۇرسا ، ئۇ يات تەنگە نىمانچە قىپ كىتىسىلە ؟ دەيتتىم ھەيران قالارلىقى ئاۋازىم چىقمايۋاتاتتى ....
ئانام تۇيۇقسىز يىغىسىنى توختۇتۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتى ، سىڭلىممۇ ئانامنىڭ ئارقىسىدىن يۈگرۈپ چىقىپ كەتتى . مەن گاڭگىراش ئىچىدە ھىلىقى تەننىڭ ، ھىلىقى ماڭا ئوخشايدىغان تەننىڭ ئالدىغا كىلىپ سىنچىلاپ قارىدىم ، توۋا ، بۇ ماڭا ئەجەپ ئوخشايدىكەنيا ؟ بۇ نىمە ئىش ئەمدى ؟ دەپ ئويلاۋاتىمەن ، تۇيۇقسىز مەن ئىككى - ئۈچ كۈن ئىلگىرى تىلۋۇزۇردا سىڭلىم بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇپ كۆرگەن چەتئەلنىڭ بىر ۋەھىمىلىك فىلىمى كۆز ئالدىمغا كەلدى ، بۇنىڭدا بىر ئالۋاستى مەندەك بىر ياشنىڭ تىنىگە كىرۋىلىپ ئۇنىڭ روھىنى تىنىدىن چىقىرىپ تەنسىز « يىتىم روھ » قىلىپ قويغان ئىدى .ئەجىبا مەنمۇ .....نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن ، ئۇ دىگەن فىلىم تۇرسا ……
شۇلارنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك ئىچىلىپ قوشنىمىز ، مەھەللە مەسچىدىنىڭ ئىمامى كىرىپ كەلدى ۋە ئالدىراشلىق ئىچىدە  ئۇ يات تەننىڭ يىنىغا كىلىپ بۇرنىغا  قولىنى تەڭلەپ ، يۈرۈگىگە قۇلىقىنى يىقىپ، تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ جىددىي ھالدا ئەتراپقا قارىدى ۋە كومپىيوتېرىم ئۈستىگە يىپىپ قويغان چوڭ لاتىنى ئىلىپ ئوتتۇرىدىن تارتىپ  يىتتى دە بىرىنى چىرايلىق قاتلاپ ئۇ تەننىڭ ئىڭىكىنى بىشى بىلەن قوشۇپ  تاڭدى دە يەنە بىر پارچىسنى ئۇ تەننىڭ يۈزىگە يىپىپ قويدى . ئانام بۇنى كۆرۈپ بايىقى يىغىسىنى پەلەككە چىقىرىپ ئۇ تەنگە ئىتىلدى ، قوشنىمىز چاققانلىق بىلەن ئۇنى تۇتىۋېلىپ :
مەرھۇم ناھايتى ئوبدان ، سالىھ بالا ئىدى ، ھەر قىتىم  ماڭا ئۇچۇرسا ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ كۆرۈشۈپ ماڭاتتى …… سەۋىر قىلسىلا ، مەرھۇمنى ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ، ئامىن ! دەپ دۇئا قىلدى .
نىمە ؟ ياق ! ئۇ، ئۇ يات تەن راستىنلا مەنما ؟ ، ياق ! مومكىن ئەئەس  ئالۋاستى ، ئۇ تەنگە ئالۋاستى كىرىۋالدى ، مەن ئۆلمۈدۈم ، مەن ھايات !!! شۇنچە ۋارقىرساممۇ ئاۋازىم چىقمايۋاتاتتى ....
بۇ ۋاقىتتا ئانام ھۇشىدىن كەتكەن ، قوشنىمىز ۋارقىراپ ئايالى ۋە باللىرىنى چاقىرىپ مەھەللىدىن ئادەم يىغىپ كىلىشكە چوڭ ئوغلىنى ، ئاپىسىغا ياردەملىشىشكە قىزىنى بۇيرۇپ چىقىپ كەتتى .ئايال قوشنىمىز بولسا ئانامنى سۇپىدا ياتقۇزۇپ پايپىتەك بولۇپ كەتكەن ئىدى ....
توۋا ، ئەجىبا مەن .... ياق بۇ مومكىن ئەمەس ، ئۆلۈم دىگەن بۇنداق ئاسان بولماس ، مەن ئوقۇغان كىتابلاردىكى پۇرسۇناجلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمدىن قورقۇدىغۇ ؟ ئەگەر ئۆلۈم مۇشۇنداق ئاسان بولىدىغان بولسا شۇ تارىخىي كىتابلاردىكى پادىشاھلار دىن تارتىپ ئادەم قىنىنى ئىچىدىغان جاللاتلارغىچە ئۆلۈمدىن قورقارمىدى ؟ شۇنداق بولغان بولسا « قەسئەسۇل ئەنبىيادا » قەيىت قىلىنغان شامالدىن تارتىپ ئوتقۇچە ، پاشىدىن تارتىپ دىۋىگىچە ئۆزىگە بوي سۇندۇرغان كاتتا پادىشاھ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ( ئالكىسادندىر ماكىدونىسكى ) ئۆلمەسلىكنىڭ داۋاسى قىلارمىدى ......
بىردەمدىلا قوشنىلار قارلىق كىيىملەر بىلەن كىرىپ تۇچمۇ -  تۇچتىن ھەمكالىشىپ بىر نىمىلەرنى قىلۋاتىدۇ .تونۇش ، ناتونۇش چىرايلار ، بىشىغا ئاق ياغلىق نارتىشقان ئاياللار ، دوپپا كىيىشكەن ئەرلەر كىرىپ - چىقىپ يۈرمەكتە ، ئاياللار كىلىپ ھاز ئاچماقتا .....
بىردمدىن كىيىن ھىلىقى مەسچىدىنىڭ ئىمامەتچىلىگىنى قىلىدىغان قوشنىمىز بىلەن ئۈچ ئەر كىرىپ ھىلىقى تەننى ، ياق خىيالىمدىكى ئالۋاستى كىرۋالغان مېنىڭ تىنىمنى كۆتۈرۈپ مىڭىشتى ، شۇئان ئۆي ئىچىدە قاتتىق يىغا كۆتۈرۈلدى ، بىچارە  ئانام يەنە ئاۋازى بوغۇلغىچە يىغلاپ ھۇشىدىن كەتتى ، مەن بولسام بوغۇزۇقغا بىر نەرسە قاپسىلىپ گەپمۇ قىلالمايمەن ، يا يىغلىيالمايمەن .
ئۆزۈممۇ تۈيمىغان ھالدا تىنىمگە ئەگەشتىپ ھويلىغا چىقتىم ، تەڭرىم ، نىمانداق كۆپ ئادەملەر بۇ ، مەن ئۆمۈرۈمدە بۇ نامرات ئۆيۈمىزگە بۇنچە كۆپ مىھمان كەلگىننى ئۇقمايمەن . ھەممە مېنىڭ تىنىم ئۆيدىن چىقىشىغا يول بىرىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى . تۇيۇقسىز ئىشىكتىن تونۇش بىر ئاۋاز بوغلۇپ يىغلاپ بىر قىز كىرىپ  ڭەلدى ۋە مىنىڭ تىنىمگە ئۆزىنى ئىتىپ يىغلاپ كەتتى . بۇ مىنىڭ لايىقىم ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەن ئەڭ كاتتا توي قىلىپ ئەمىرىمگە ئالىدىغان ، كىيىن  بىرلىشىپ كىتابخانا ئىچىپ ، مىسكىن دىللارنى شادلاندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ۋەدىلەشكەن قىز ئەمەسمۇ ؟ ئۇ شۇنچە تاغ- داۋانلاردىن ئۆتۈپ قانداق كەلگەندۇ ؟ بەلكىم بۇمۇ تەڭرىنىڭ ھىكمىتىدۇ .....
قوشنىلار بۇ ناتونۇش قىزنىڭ پەللەككە يەتكەن يىغىسى  بىلەن قوشۇپاراڭلىشايلى  تىنىمدىن ئاجىرتىپ  ياندىكى ئۆيگە ئىلىپ كىرىپ كەتتى . مەن بولسام ھاۋادا لەيلەپ ھىچ ئىش قىلالماي تۇراتتىم ... تىنىم ياندىكى ئۆيگە ئەكىرلىپ يۇيۇپ تارالدى . مەن بولسام بوشلۇقتا لەيلەپ چىگىش خىياللار ئىلكىدە ھاڭۋېقىپ تۇراتتىم . ئىشلار ئاخىرلشىپ تىنىم ئۆلگەنلەرنى كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئاپىرىدىغان ، بىز يەرلىك تىلىمىزدا « جىنازا » دەپ قويىدىغان نەرسىگە سىلىندى . مەن بۇنى كۆرۈپ قورقۇشقا باشلىدىم ، ئەجىبا مەن راسلا ئۆلۈپكەتكەندىمەنمۇ ؟ ئۆلۈم مۇشۇنداق بولامدۇ………
تىنىم « جىنازىنىڭ» ئىچىدە ئىلىپ مىڭىلدى ، دەرۋازىدىن چىقتۇق ، ئايھايات ! نىمانچە كۆپ ئادەملەر بۇ ، ئادەملەر يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىپىپ نەچچە يۈز مىتىرغا سوزۇلۇپ قىستىلىشىپ تۇرغان ئىدى ! مەن تىنىمغا ئەگىشىپ ماڭاتتىم بىر ساماۋىي كۆچنىڭ تەسىرىدە مەجبۇر ئىدىم ! لېكىن كۆزۈم ئادەملەردە ، تونۇش ، ناتونۇش چىرايلار ، بەزىلىرى بىلەن بەكلا تونۇش ، بەزىلىرىنى ئۇچراتقان ، بەزىلىرى يات ، بەزىلىرى ئۇرۇق - تۇققانلار ، بەزىلىرى ساۋاقداشلار ، دوسلار ، بەزىلىرى ئۆزۈمدىن چوڭ ، يىقىن ئۆتۈشكەنلەر ، بەزىلىرى مىھىرشەپقەت پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرۈتكىسىدە تونۇشقان باھادىر پىدائىيلار ، بەزىلىرى ئۆزى مىيىپ بولسىمۇ قەلبى « تىرىك مۇردىلار  » مىڭ ھەسسە ياخشى سۇلغۇن چىرايلار....
تۇيۇقسىز  ئىمام قوشنىمىزنىڭ « ئامىن !!!» دىگەن ئاۋازىدىن كېيىن نەچچە يۈزلىگەن ،  ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جۈپ قوللار دۇئاغا كۆتۈرۈلدى . دۇئادىن كىيىن تىنىم سىلىنغان « جىنازا »  كۆتۈرۈلۈپ تۇنجى قەدەمنى ئىمامنىڭ كۆتۈرىشى بىلەن قەبرىستانلىققا قاراپ يولغا چىقتى . شۇئان پەلەككە يەتكەن يىغا ئاۋازى ياڭرىدى !!! شۇ دەقىقىدە بىچارە ئانام بىلەن بۇ مەھەللىدىكىلەرگە يات بولغان بىر قىز قوشنىلارنىڭ تۇتۋىلىشىغا بوي بەرمەي تىنىم ئىلىپ مىڭىلغان « جىنازا »  نىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتتى .قوشنىلار ئانامنىڭ بالا مىھرىدىن شۇنداق قىلۋاتقانلىقىنى بىلىپ يۆلەشتۈرسە ، بۇ ناتونۇش قىزنىڭ پەللەككە يەتكۈدەك يىغىسىنىڭ ، ئۆزىنى ئۇرۇپ يىغلاشلىرىدىن شۇنچە قايىل بوپ ئۇنىمۇ يۆلەشتۈردى .مەن بولسام ھاۋادا ، بىر ساماۋىي كۈچنىڭ تۈرۈتكىسىدە تىنىمغا قاراپلا تۇراتتىم .....
مەن ئۆلۈپ كىتىپ بارىمەن . ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىمگە ئەمدى ئىشىنىۋاتىمەن لېكىن ئەقلىم ھەيران ھەممە ئۆلۈمدىن قورقىدىكەنسۇ ، مەن شۇنچە ئاسان ئۆلۈپ كەتتىمما .... قەبرىستانلىققا قاراپ كىتىپ بارىمىز . قەبرىستانلىق بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى خىلى بار لېكىن ، يول پۈتۈنلەي دىگۈدەك ئادم بىلەن لىق تولغان . جەسىدىم سىلىنغان « جىنازا » ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئەتراپتىكى كىشىلەر كۆتۈرۈپمۇ قەبرىستانلىققا بارغۇچە  بىر ئادەمگە بىر قېتىم نۆۋەت كەلدى .نەچچە مىتىر سىرتىدىكىلەر بولسا قولىنى ئۇزۇتۇپمۇئالالمايۋاتاتتى .ھەممە كۆتۈرۈشكە ئۆزىنى ئۇراتتى .يىراقلىقتا بولسا پەلەكنى يارغۇدەك يىغا ئاۋازى ۋىلى ھەم ئاڭلىنىۋاتاتتى ....
مەن ئۆلۈپ كىتۋاتىمەن .  قەبرىستانلىققا يىتىپ كەلدۇق . مەسچىت ئالدىدا بايىقىمدىنمۇ كۆپ كىشى بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇب . بىز كەلگەندە ھەممە بىراقلار لەرزىگە كىلىپ « ئامىين !!!» دىدى ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈلدى . نامىزىم ئوقۇلدى ، بەلكىم بۇ يۇرت بىنا بوپ ھازىرغىچە بۇنداق ناماز ئوقۇلۇپ باقمىغان بولغىتتى .....
ناماز ئاخىرلاشتى ، جەسىدىم قەبرە ئىچىگە ئەكىرىلىپ مىللىي ئادەت بويىچە ئىشلار تاماملىنىپ يەتتىنچى قىتىم قەبرە ئىغىزىغا توپا تاشلانغاندا ھەممە يەنە بىر قىتىم دۇئاغا قول كۆتۈردى ، بۇ قىتىم پۈتكۈل قەبرىستانلىق لەرزىگە كەلدى !!!
مەن ئۆلۈپ كەتتىم ، تۇيۇقسىز كۆڭكە قاراپ شىددەت بىلەن كۆتۈرۈلدۈم . قورقۇنىمدىن جاقىلداپ تىترەشكە  باشلىدىدىم . ئۆرلەۋاتمەن ، ئۆرلەۋاتىمەن .  ئادەم دىگەن شەخسىيەتچى ھە ! مەن ئۆلۈمدىن قورۇنتۇم ، راسلا قورۇقتۇم . ئەگەر يەنە ئۈچ كۈن ئۆمۈرۈم بولغان بولسىدى دەپ ئويلاپ تۇاۇشۇمغا قاتتىق چاقماق چىقىپ مىڭەم ئىتلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئاغرىدى ………
چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ، قارىسام بۈ چۈشۈم ئىكەن ، شۈكرى دىدىم ئىچىمدە ......
2017-يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ، تۈن يىرىم
     





793 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-3 14:56:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-27 4:44:27 زىيالى
ئاخىرچۇ
2017-3-18 6:56:39 ئ‍ەسمارىم
،ياخشى يىزىپسىز
2017-3-11 6:50:00 مېھىرلىك قەلىپ
بۇ ئەسەرنىمۇ ياخشى يېزىپسىز ،پۇرىغان جەسسەت دىگەن ئەسىرڭىزنىڭ ئايىقىنى يازمامسىز ، تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىۋاىمەن ئەسىرڭىزنى
2017-3-11 6:49:59 مېھىرلىك قەلىپ
بۇ ئەسەرنىمۇ ياخشى يېزىپسىز ،پۇرىغان جەسسەت دىگەن ئەسىرڭىزنىڭ ئايىقىنى يازمامسىز ، تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىۋاىمەن ئەسىرڭىزنى
2017-3-4 5:59:32 سەبىھە
ئىنشائاللا ساپ قەلىپتىن يىراق قىممىغىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ