قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 4- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

 

 4- قىسىم

metro

 

ماشىنا ئاستا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كىردى ، ئۇلار بىر خىل جىددىچىلىكتە ئۆڭكۈر ئۈستىدىكى شەپەرەڭلەرگە مىختەك تىكىلپ ئولتۇرۇشاتتى ، دىلبەر پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئىنتايىن ئاستا ھەيدىمەكتە ئىدى ، بۇ چاغ ئۇلارغا خۇددى ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ، ئەزىرائىلنىڭ يېنىغا كىتىپ بارغاندەك بىلىنمەكتە ئىدى ، ھەممىدىن بەك جىددىلەشكەن گۈزەلنۇر ھەتتا چوڭاراق نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقۇپ تۇتقۇچنى بار كۈچى بىلەن سېقىملاپ ئولتۇراتتى . ماشىنا ئاستا - ئاستا ئىلگىرلەپ يىلانلارغا دۈچ كەلدى ،

- دەسىتىپ ماڭىمەنمۇ ؟- دىلبەر پىچىرلىغاندەك پەس ئاۋازدا سورىدى .

- ئامال يوق ، ئۇ يىلانلار زەھەرلىك يىلانلاركەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرگەن ئادەم تۈگىشىدۇ ، ماڭايلى ،- دىدى ئىسكەندەر.

 بۇ بىر خىل تاش يۈرەكلىك بىلەن قىلغان سۆز بولسىمۇ ئۇلار نىشانغا يىتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلماي بولمايتتى .ماشىنا يىلانلارنى چەيلەپ ئۇلارنىڭ ئارسىغا كىردى . دىلبەر بۇ جانلىقلارنى دەسىتىشكە كۆڭلى ئۇنمىسىمۇ ئامالسىز ھەيدىگەچكە كۆزىنى يۇمۇپ تاشلىدى ، باشقىلارنىڭ پۈتۈن ئەس - يادى ئۈستىدىكى شەپەرەڭلەردە ئىدى ، چۈنكى بۇ شەپەرەڭلەر يىلانلاردىن نەچچە ھەسسە خەتەرلىك ، ھەم قورقۇنۇچلۇق بولۇپ ئۇلار ئۈركۈپ كەتسە ياكى ھۇجۇم قىلىپ قالسا ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى بىردەمدە چېقىپ بۇ ئالتۈيلەننى قىيما - چىيما قىلاتتى ھەتتا ئىسكىلىتىنىلا قويۇپ قويىشىمۇ مۇمكىن ئىدى ، ماشىنا مىغىلداپ كەتكەن يىلان ئىچىدە كىتىپ باراتتى ، تۇيۇقسىز بىر شەپەرەڭ ئۇچۇپ كىلىپ ئالدى ئەينەككە پاققىدە ئۇرۇلدى ، جىددىيلىشىپ ئاران ئولتۇرغان دىلبەر بىلەن گۈزەلنۇر بۇ ئىشتىن قورقۇپ كىتىپ ۋاقىرۋەتتى ، بۇ ئاۋاز شەپەرەڭلەرنى چۆچۈتۈشتى ،

- تىز ماشىنىنى توختۇتۇپ ، چىراقنى، ئوتىنى ئۈچۈرۈڭ ،- دىدى جىددىيلىشىپ كەتكەن تايىر دىلبەرنى ئالدىرتىپ . ماشىنا تىزدىن توختىتىلدى ، چىراق ، ئوتلار ئۈچۈرۈلدى ، شەپەرەڭلەر بىرلەپ ، ئىككىلەپ ئۇچۇپ قونۇپ قالايماقانلىشىشقا باشلىدى ، بۇ ئەھۋال غايەت زور بومبىنىڭ تىگىپلا كەتسە پارتىلايدىغان ئەھۋالىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۆڭكۈر ئىچى بەك قاراڭغۇمۇ بولماستىن ، ئىككى ئېغىزدىن كىرىگەن يورۇقلۇق بۇنىڭ ئىچىنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى ،ماشىنىنىڭ ئاستى تەرەپ يىلانلارنىڭ ھەركىتىدە چايقىلىۋاتقان سۇغا ئوخشىسا ئۈستى تەرەپ ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇۋۇسىنى ئەسلىتەتتى ، ماشىنىدىكىلەر ئۈن - دېمىنى چىقارماي ، شەپەرەڭلەر قايسى تەرەپتىن ھۇجۇم قىلار دىگەننى ئويلۇشۇپ قورۇققىنىدىن قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كىتىشكەن ئىدى .

- بۇنداق تۇرۇش ياخشى ئامال ئەمەستەك تۇرۇدۇ ،- دىدى ئىسكەندەر پىچىرلاپ .

 - مەنمۇ شۇنداق ئويلۇدۇم ، بىز بۇنداق تۇرساق شەپەرەڭلەر ھۇجۇمغا ئۆتسە ، قېچىشقىمۇ پۇرسەت تاپالمايدىغاندەك تۇرىمىز ، - دىدى تايىرمۇ خەتەرنى پەملەپ .

 - ئەمىسە قانداق قىلىمىز ، - دىدى دىلبەر .

 - مېنىڭچە ، ماشىنىنى تىز سۈرئەتتە ئوت ئالدۇرۇپ ، تىز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرلىۋالساق ، شەپەرەڭلەر تولۇق ئۇيغۇنۇپ ھەركەتكە كەلگۈچە چوقۇم بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىمىز ، - دىدى تايىر پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ .

 - ئالدىمىزدا يول راۋان بولمىسىچۇ ، يورۇق كۆرەنگىنى بىلەن ئۇنىڭ نىرىسىنى بىلمەيمىز ، ئەگەردە قاپسىلىپ قالساقچۇ ؟- دىلبەر گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويدى .

 - كەينىمىزگە چىكىنسەكچۇ ؟- دىدى گۈزەلنۇر قۇرقۇپ.

- مەن تايىرنىڭ گېپىگە قوشۇلىمەن ، مېنىڭچە ئالدىمىز ئوچۇق بولىشى مۇمكىن ، قاراڭلار بۇنى ئادەم كۈچى بىلەن چاپقان تونىلكەن ، چوقۇم بۇ ئىچىگە كىرىدىغان يول ،- دىدى تۇرغۇن كەينىگە قايتىشنى خالىماي.

 بۇ پىكىرگە سەمەتمۇ قوشۇلدى ، باشقىلارمۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن تەۋۋەككۈل قىلىشقا قوشۇلۇشتى .

 - ئەمىسە دىققەت قىلىڭلار - ھە ، - دىدى دىلبەر ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇشقا تەييارلىنىپ ، ھەممىسى ماشىنىنىڭ تۇتقۇدەك يىرىنى چىڭ تۇتۇپ پۇختا ئولتۇرۇشتى .

 - بىر ، ئىككى ، ئۈچ ، - دىلبەر ساناقنى تۈگىتىپلا تىزلىك بىلەن ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى - دە چىراقنى يېقىپ ماينى دەسسىدى ، ماشىنا ئورنىدىن ئوقتەك قوزغۇلۇپ ئالغا ئېتىلدى ، يىلانلار چىراق يورىقىدا ماشىنا چاقىنىڭ ئاستىنىدا قالماقتا ئىدى ، ئۈركۈگەن شەپەرەڭلەر ئۇۋۇسى بۇزۇلغان ھەسەل ھەرىلىرىدەك ماشىنىغا ئېتىلدى ، بەزىلىرى ماشىنا ئەينەكلىرىگە زەپ بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى ، بىر دەمدە ئۆڭكۈر ئىچى شەپەرەڭنىڭ چىقىراق ئاۋازى بىلەن تولۇپ ھەممىسى ماشىنىنى قوغلاپ شىددەت بىلەن ئۇچۇپ كەلمەكتە ئىدى ، ماشىنىغا ئۆزىنى ئۇرۇلىۋاتقان شەپەرەڭلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئىچىدىكىلەر قورۇققىنىدىن قىيا - چىيا قىلشىپ كىتىشتى بۇ چاغدا ماشىنا تونىل ئېغىزىغا يېقىنلىغان ئىدى دەل موشۇ پەيىتتە ماشىنىڭ ئارقا ئەينىگى چاڭگىراڭشىپ چېقىلىپ چۈشتى ، پۇرقىراپ كەلگەن شەپەرەڭلەر ماشىنا ئىچىگە بۈسۈپ كىرىپ ئۇلارغا چاڭگال سالدى ، ئۇلار تىزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان شەپەرەڭلەرنى ئۇرۇپ ، دەسسەپ دىگۈدەك ئۆزلىرىنى قوغداشقا باشلىدى ، دىلبەر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ماينى بولىشىغا دەسسىدى ، گۈزەلنۇر بولسا بېشىنى چاڭگاللاپ چىقىراشتا ئىدى ، مۇشۇ خەتەرلىك پەيىتتە ماشىنا ئۆڭكۈردىن ئۇچۇپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتى، شەپەرەڭلەر يورۇقلۇققا چىققاندىن كىيىن كونتۇروللىغىنى يوقۇتۇپ قالايماقان ئۇچۇشقىنىچە ئۆڭكۈرگە قايتىشتى ، ماشىنىدىكىلەر شەپەرەڭلەردىن قۇتۇلغىنىغا ئىشىنەلمەي بىر ھازا ئولتۇرۇشقاندىن كىيىن بىر - بىرىگە قاراشتى ، ھەممىسى ساق - سالامەت ئىدى .

- نەگە كىلىپ قالدۇق؟- دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ سورىدى سەمەت ھەيران بولۇپ.

 ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ ھاڭ - تاڭ قالغىنىچە تۇرۇپلا قېلىشتى ،چۈنكى بۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىۋاتقان مەنزىرە شۇنداق غەلىتە بولۇپ ، ئەتىراپ تاغ بىلەن قورىشالغان ، تاغ باغرى ياۋا جىگدىلىك،جىگدىلەرنىڭ يۇغۇراپ ،قېرىپ قۇرۇپ كەتكەن كۆتەكلىرى ، شاخلىرى ئىسكىلىتلەردەك تۇيغۇ بىرەتتى ، ناھايتى ئاز ساندىكىلىرى ئاندا - ساندا جان تالىشىپ يېشىلداپ تۇرغانلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپۈنچىسى قۇرۇپ كەتكەنتى، ئۇلارنىڭ ئارسىدا قويۇق ئازغانلىق ، ئازغانلىق ئىچى قاراڭغۇلۇق بولۇپ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يىرتقۇچلار ماراپ تۇرغاندەك ، ئۇنىڭ ئاستىدا تاغنى ئايلىنىپ ئۆسكەن قارا يىغاچلار، ئاق تىرەكلەر ئاستى يېشىل ئۈستى قۇرۇق قاخشال بولغىنىچە قاتار تىكىلگەن بولۇپم ئۇلارنىڭ تۇرقى يىرتقۇچ ئىسكىلىت قولدەك ئەتىراپقا سوزۇلۇپ تۇراتتى . تاغنىڭ ئوتتۇرسى ھەقىقەتەن قەدىمى بىر يۇرت بولۇپ بۇ جايغا قانداقتۇر قۇرۇلۇشلار سېلىنغان، بۇ قۇرۇلۇشلارمۇ كونىراپ ، ئۆرۈلگەن يىرى ئۆرۈلۈپ ، ئۇپىرغان يەرلىرى نېپىزلاپ ئىتىرۋەتسىلا غۇلاپ چۈشكىدەك ھالغا كىلىپ قالغان ئىدى ، بۇ قۇرۇلۇشلار خېلى يۇغان كۆللەمنى ئىگەنلىگەندەك قىلاتتى بۇ غەلىتە يۇرتنىڭ يىراق يەرلىرىدە قەۋەتلىك سېلىنغان قۇرۇلۇشلار ، سېپىللارمۇ كۆرۈنگەندەك قىلاتتى يەنە بىر جايلىرىدا قەبىرستانلىقتەك گۈمبەزلەر كۆرەنسە ،بىر جايلاردا ئىگىز مۇنارلار، يەنە بىر جايلاردا ئۆڭكۈردەك قاراڭغۇ كامارلار كۆرىنەتتى ، ئۇ قاراڭغۇلۇقلاردىن جەسەتلەر ئۆمۈلەپ چىقىدىغاندەك بىر خىل ۋەھىمە كىلىپ تۇراتتى .

 - بۇ يەر ماڭا بەك قورقۇنۇچلۇق بىلىنىۋاتىدۇ ،- دىدى گۈزەلنۇر دىلبەرگە يىقىنلاپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە .

 - مەنمۇ شۇنى ھېس قىلىۋاتىمەن ، بۇ جايلار خۇددى باشقا بىر دۇنياغا تەۋەدەكلا ،- دەپ قوشۇپ قويدى تۇرغۇن ئەتىراپقا نەزەر سالغاچ.

 كۈن ئاستا - ئاستا تاغنىڭ كەينىگە ئۆتمەكتە ئىدى ، تاغنىڭ سايىسى ئاستا - ئاستا سوزۇلۇپ بىر توپ ئەرۋاھلار بۇلارنى قورىشاپ كىلىۋاتقاندەك سۈرۈلىۋاتاتتى . «ھۇيىت» دىگەن بىر ئاۋاز تاغدا يېنىشقاندەك تىتىرەپ چىقىۋېدى ھەممىسى چۆچۈپ كىتىشتى. كىمۇ ، نىمىنىڭ ئاۋازى دىيىشتى ئۇلار قورقۇپ .

 - خاتا ئاڭلاپ قالدۇقمۇ نىمە ؟ - دىدى ئىسكەندەر ھۇدۇقۇپ.

 ،ھەممىسى بېشىنى چايقاشتى ، «ھۇيىت» ئاۋاز يەنە ياڭىرىدى ، تۇرغۇن قۇرقۇپ تۇرۇپ تىتىرەك ئاۋازدا ۋاقىردى :

- كىمۇ ، كىم سەن؟- جاۋاپ يوق ، ئۇلار جىددىيلىشىپ تۇرغاندا يەنە شۇ ئاۋاز ئاڭلاندى « ھۇيىت» … بۇلار تىزدىن توپلاشتى ، قورۇققىنىدىن ئەتىراپقا ئالاق - جالاق قاراشقا باشلىدى. - بىرسى بىزنى چاقىرۋاتىدۇ ، ئادەممۇ ،ئاۋاستىمۇ ،- دىدى گۈزەلنۇر ئېغىزىغا گەپمۇ كەلمەي . ئۇلار ئاستا ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ يۈك - تاقلىرىنى يىشىپ پىچاقلىرىنى ئېلىشتى ،بۇنىڭدىن دىلبەر ھەيران قالدى :

- پىچاقنى نىمە قىلىسىلەر؟

- جىن- ئالىۋاستى بولسا پىچاقتىن قورقۇدۇ ،- دىدى تۇرغۇن يۈرۈگى بىر ئاز توختىغاندەك قىلىپ.

- ئاۋال كۆرۈپ باقايلى ، نىمە ئۇ ، ئادەممۇ جىنمۇ، يەنە بىر ئىش ، بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايلى ،كۈن ئولتۇرسىلا بايقى شەپەرەڭلەر قۇتۇرايدۇ ، كىم بىلىدۇ ، ئۇلار مەخسوس ئادەم يەمدۇ تېخى ، شۇڭا بىر پاناھلانغۇدەك جاي تېپىۋالايلى ،- دىدى يېنىغا پىچاق ئاسقاچ تايىر ئىشلارنى مۆلچەرلەپ .

 بۇ پىكىرگە ھەممىسى قوشۇلدى ، ئۇلار ماشىنىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ، يۈك تاقلارنى كۆتۈرىشكىنىچە بۇ كونا خارابىلىكنىڭ ئىچىگە ئاتلاندى ، ئۇلار خارابىلىككە يېقىنلىغانچە ھېلقى غەلىتە ئاۋاز شۇنچە كۈچۈيۋاتاتتى ، يۇغان ئۈستى ئەگمە قىلىنغان خارابە دەرۋازىسى ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك تۇراتتى ، ئۇلار كىتىۋېتىپ ئەتىراپنى ئىنچىكە كۆزىتەتتى ، قىزلار بولسا بىرەر تام كەينىدىن ياكى بىرەر كاماردىن غەلىتە مەخلۇقلار يۈگۈرۈپ چىقىدىغاندەك تۇيۇلۇپ قورۇققىنىدىن ئوغوللاردىن بىر ئاز ئايرىلماي كىتىپ باراتتى.

- بايقى ئاۋاز نەدىن چىققانتى ، - دىدى ئىسكەندەر كىتىۋېتىپ.

 - موشۇ ئەتراپقۇ ،- دىدى تايىر جاۋابەن ،- ئەمدى يوقاپ كەتتىغۇ ، تايىر شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ئۈستى تەرەپتىن تۇيۇقسىز « ھويىت» دىگەن بوم ئاۋاز كەلدى ، بۇ ئۇشتۇمتۇت ئاڭلانغان ئاۋازدىن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى جىغغىدە قىلىپ قالدى-دە پۇت - قوللىرى يۇمشاپلا قالدى . ئۇلار ئاستا ئۈستىگە قاراپ قۇرۇق قاخشال ئاق تىرەكنىڭ ئۈستىدە بىر ھۇيقۇشنى كۆرۈشتى.

- ۋۇ ئاناڭنى ،- دەۋەتتى ئىسكەندەر ئاچچىقلاپ بىر قۇشكەنغۇ ئۇ ، ئادەمنى ئۇنداقمۇ قورقۇتامدۇ ، ئۇلار قۇشقا قاراپ تۇرۋىدى ،قۇش سوزۇلۇپ دەرەخ شېخىدا يۈگۈرۈپ پەسكە چۈشكەندە ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى ، چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كۆرىۋاتقىنى بىر قارا مۈشۈك ئىدى ، مۈشۈك دەرەختىن سەكىرەپ چۈشۈپ مىياڭلاپ قويغىنىچە ئەسكى تاملىق ئىچىگە كىرىپ كىتىشتى ، بۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغانلار قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قېلىشتى .

- بايىلا قۇش ئىدىغۇ ئۇ ، - ئىسكەندەر روھى چىققاندەك ئاستا سۆزلىدى .

- شۇنداق، قۇشكەنتۇق ، بىز خاتا كۆرىۋالدۇقمۇ - يە ؟-دىدى تۇرغۇن كۆزىنى ئۇۋۇلاپ ،ئۇنىڭ پۇتلىرى جانسىز تىتىرەيتتى .

- مۈشۈك ! ھەممىسى تەڭلا دەۋەتتى .

- بۇ يەردە مۈشۈك نىمە قىلىدۇ؟ … بۇ تەۋەككۈلچىلەر بۇ سىرلىق جايدا قانداق ۋەقەلەرگە دۈچ كىلەر قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.





1474 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:43:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-7 16:38:42 زۇھەلDabna
ۋەھشى ……ھە
2015-12-12 13:28:12 ilminur
kiyinki kismi yukma
2015-12-11 0:36:43 ئەمەرجان
5-قىسمى يۇقما
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ