ھەممىسى ئۆتۈپ كىتىدۇ(1) - ھىكايە
مۇنىرە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇرمەنلار، ھاياتىڭلارنىڭ يىڭى بىر كۈنىگە مەرھابا ! بۇ ھىكايەم ئارقىلىق ئەتراپىمدا شۇنداق قىسمەتلەرگە ئۇچراپ ، كىشىلىك ھايات دوقمۇشلىرىدا گاڭگىراپ قىلىۋاتقان ئەزىزلىرىمگە ئازغىنە بولسىمۇ مەنىۋىي ئوزۇق بىرەلىسەم چەكسىز شادلانغان بولاتتم .
بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ، بەلكىم يىللاردىكىدىن ھەتتا ھەركۈنكى سوغۇقنىمۇ بىسىپ چۈشكىدەك ھالەتتىكى سوغۇق بىر ئىقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئىدى . چۈنكى مەن بۈگۈن نەچچە يىللاردىن بىرى بارلىقىمنى بىرىپ، بىر ئۆمۈرلىكىم دەپ تاللىغان سۆيگىنىمدىن ئايرىلدىم . بىر كۈنلەردە بىز شۇنچىلىك بەخىتلىك ، ھەر كىشى كۆرسە شۇنچىلىك ھەۋەس بىلەن قارايدىغان ئاشىق ــ مەشۇقلار ئىدۇق، بىراق ئەمدى ھەممىسى ئاخىرلاشتى . ئىلگىرىكى بىللە مۆتكەن ھەربىر دەقىقە كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە. كەلگۈسىمنى ھەرخىل ئۇسۇللاردا تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمەن ، ئەمما ئىچىم قانلىق ياش بىلەن تولدى. كاللامغا كەلگەن ھەربىر ئىشلارنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاي دەيمەن يۇ، بىر كۈچلۈك ئىقىم ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىپ گىلىمنى بىرسى بوغۇۋالغاندەك ھەس قىلىمەن. بەلكى بۇ بىزلەر كۆپ ئاڭلىغان ئاتالمىش مۇھەببەت بولىشى مۇمكىن . بەك چارچىدىم ، شۇنداق ئۇزۇن ئۇخلىۋالغىم بار ھىچبىر كىشى گەپ سورىمىسا ، كارى بولمىسا ئۇخلاپ چارچىغان ۋاقتىمدا ئۆزۈم دەس تۇرۇپ يەنە يىڭى بىر ھاياتىم ئۈچۈن تىرىشسام ..... خىزمىتىم تۈپەيلى ھەركۈنى كىمگە ياردەم قىلىپ ، كىمنىڭ ئائىلىسىنى يىڭى بىر بەخىتكە ئىرىشتۈرەلەرمەن دىگەنلەرنى كۆپ ئويلايتىم ، ئەمما بۈگۈن بەلكىم ئۆزۈم ئەڭ بەخىتسىز كىشىگە ئايلىنىپ قالدىم .
ئۆز ئۆزۈمگە توختىماي: "ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ " دەپ ئەسكەرتىۋاتىمەن، ئەمما زادى قاچان؟ زادى قاچان ياخشى بولۇپ كىتىدۇ؟ ...
مەرھابا ھاياتىمنىڭ يەنە بىر كۈنى ! كىچىدىن قانچە ئۇزۇن يىغلاپ ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ ھەم بىلمەيمەن، ئەمما بىلىدىغىنىم بىر كىچە ئۇنى چۈشۈمدە كۆرۈپ چىقىپتىمەن . شۇنچە كۆپ يىغلىغىنىمدىنمۇ بىلمىدىم ، سەھەر ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا شۇنچىلىك روھسىز ، كۆزلىرىم ئىششىق ھالەتتە ، شۇنداق تۇرسىمۇ ئەڭ ئاۋال ئىزدىگىنىم ئۈندىدار ئۇچۇرۇم، تىلفۇن ۋە ئۇچۇر خاتىرىلىرىم بولدى. ھەممىسى ئاخىرلاشتى دەپ ئۆز ئۆزۈمگە ئەسكەرتىپ تۇرساممۇ بۇ بەڭباش كۆڭلۈمنى قايىل قىلىپ بولالمايۋاتاتتىم. ئادەملەر نىمىدىگەن رەھىمسىز ھە !
شۇ تاپتا ئەتراپىمدىكى ھەربىر ئادەم ، ھەربىر شەيئى شۇنچىلىك ئارتۇقچە تۇيۇلىۋاتاتتى . بىراق كۆزلىرىم يەنىلا شۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدىن ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەيتتى خۇددى ئۇ شۇ كىشىلەر توپىدىن تۇيۇقسىزلا چىقىپ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ ماڭا چاقچاق قىلىپ قويغانلىقىنى ، مەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىدىغاندەك . بىركۈن كۈتتۈم ، كۈتۈشلىرىم ھىچبىر نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى . ئاچچىق ئازابىمنى ئەڭ يىقىنلىرىمغا ئېيتماقچى بولدۇم يۇ ئەمما ئەتراپىمدا زادى كىمنىڭ بۇ دەردىمگە داۋا بولالايدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم . ئىلگىرى ئانام كۆپ دەيدىغان: " ئىغىر كۈنلەرگە قالساڭ بىرىگە دەرت تۆكمە، بەلكىم سەن ئىشەنگەنلەر بىر كۈنلەردە سىنىڭ يىغاڭدىن شادلىنىشى مۇمكىن . "
كۈنلىرىم داۋاملىشىپ ئۆتمەكتە. ھازىر ھەقىقىي ھىس قىلىپ يەتتىىمكى، ھاياتىمدا ئاتا ــ ئانامدىن باشقا ھىچبىر كىشى ئاھ ئۇرۇشىمغا ئەرزىمەيدىكەن .
داۋامى بار ...
244 قېتىم كۆرۈلدى | munira | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-22 11:21:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|