ئاتا ئانامغا يېزىلغان بىر پارچە خەت

ئاتا ئانامغا يېزىلغان بىر پارچە خەت


  دادا ، ئانا ، قانداق ئەھۋالىڭلار؟
تېنىڭلار سالامەت ياخشى تۇرۋاتامسىلەر ؟
مېنى سورىساڭلارمەنمۇ پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىداسىلەر ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ياخشى تۇرىۋاتىمەن.
بىز ئىشلەۋاتقان بۇ كارخانىدا يەنى 6-ئاينىڭ26-كۇنى يېتەكچى كادىرىمىز ۋە كارخانا رەھبەرلىرى پارتىيە ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى.بىرلىكتە،ھېيت ھارپىسىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز بىز بۈگۈن تولىمۇ خۇشال چۈنكى بۇ شەھەردىكى رەھبەرلەرمۇ بىز بىلەن بىرلىكتە ھېيت ھارپىسىنى تەبرىكلىدى.
مەن بۈگۈن سىلەرگە مۇنۇ 1 پارچە خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بىز بۇ يەرگە كەلگىلى 1 قانچە يىل بولۇپمۇ قاپتۇ مەن بۇ جەرياندا ئۆزۈمنى قىلچىمۇ غېرىپلىق ھېس قىلىپ باقمىدىم چۈنكى يېنىمدىكى خەنزۇ ئىشچىلارنىڭ ماڭا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن خىزمەت جەريانىدا بىلمىگەن سۆزلەرنى قىلالمىغان ئىشلىرىمنى ئۆگىتىپ قويۇشى ئۆز ئاىلە قېرىنداشلىرىم ياردەم قىلغاندەك مېھرى مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
مەن خىزمەت جەريانىدا بىر كۈنمۇ چارچاش ھېس قىلمايمەن
چۈنكى مېنىڭ ئەتراپىمدا ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى بىرگە ئىشلەيمىز بىز بۇلار بىلەنبىر  ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ كەتتۇق ،
يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى رەھبەرلىرى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.
ئۇلار بىلەن ئارلىقىمىز تولىمۇ يېقىن ،ئۇلار بىزنىڭ ئىشلەۋاتقان كارخانىغا كېلىپ بىزگە پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر ئارا ئىناق ئىتتىپاق ئۆتۈش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.
ۋە بىزنىڭ خەنزۇ ئىشچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قېلىنىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە كۆپ تىللىق لۇغەت ۋە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ،تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى.
بىز بۇ يەردە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى رەھبەرلىرىگە چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
شۇنداقلا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەرگىزمۇ ئېسىمىزدىن چىقارمايمىز ئاپتونوم رايونىمىز ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى رەھبەرلەر بىرلىكتە بىزگە شارائىت ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يۇرتىمىزدا بولسا ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيە يىراق يېزا قىشلاقلارغىچە، ياردەم قىلىپ ئەمىن ئۆي ۋە
يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغان بولسا.بۇ يەردە بىزنىڭ كارخانا ئىچى سىرتىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بۇ يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىش يەسلى مائارىپىدا پەرزەنتلىرى بارلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش،يېمەك ئىچمەك ، سەي كۆكتات بازارلىرىنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ مىللىيچە تائاملارغا ئېغىز تېگىپ ،يۇرتتا تۇرىۋاتقاندەك خۇشال خۇرام كەيپىيات يارىتىپ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن ئايرىلالماسلىقتەك قىياپەتنى شەكىللەندۈردى.
دادا ، ئانا ، سىلەر بۇ يەرگە كېلىپ باقمىدىڭلار.
يۇرتىمىز بىلەن بۇ يەرنىڭ پەرقى ناھايىتىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىرى ناھايىتى ياخشى.شەھەر قىياپىتىمۇ تەرەققىي قىلغان ، شۇنچىلىك ئۆزگىچە.سىلەر بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلار.
بىز بۇ يەردىكى خەلق ئاممىسى ۋە كارخاندا بىرگە ئىشلەيدىغان ئىشچىلار بىلەن ئىناق ئىتتىپاق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،ۋەتىنىمىزنىڭ بىزدىن كۈت ىكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمىز.ۋەتەن بىزنىڭ ئانىمىز ، ۋەتەن بىزنىڭ ئاىلىمىز…بىز مەيلى قەيەردىلا بولمايلى بۆلگۈنچىلىككە ، ئەسەبىيلىككە ، زوراۋانلىققا قەتىي قارشى تۇرىمىز.
بىز يېقىنقى بىر  نەچچە كۈندە بۇ يەردە يېتەكچى كادىرىمىز رەھبەرلىكى ئاستىدا، كۆپچىلىك بىرلىكتە بۇ يەرنىڭ يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خەلق ئىچىدە ئىگە چاقسىز قالغان ، ياشىنىپ قالغان نامراتلارنى يوقلاپ ئۇلارغا ئايەم خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇردۇق.
ۋە ئۇلارغا ئۇن ، ياغ ، گۈرۈچ ، يەنە نەق پۇل قاتارلىق ماددىي بۇيۇملارنى تارقىتىپ مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ مېھرى مۇھەببىتىنى يەتكۈزدۇق، بىز كۆپچىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىش قېرىنداش مىللەتكە بولغان ، مېھرى مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەش تۇنجى قەدىمىمىزنى باستۇق ، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ياخشى بولغان پائالىيەت ياخشى ، ئىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ۋەتەننىڭ ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ بىزدىن كۈت ىكەن ئۈمۈدىڭلارنى ئاقلايمىز.
ئاخىرىدا.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ.

شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى يولداش ليۇ جيا . يى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۈجىسى يولداش چېن جۇەنگۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر.

ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ ئاپتونۇم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىزمەت ، گۇرۇپپا رەھبەرلىرىگە.

پوسكام ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى يولداش.

لىيۇسىخۇڭ .

ھاكىم ئەنۋەر تۇرسۇن.

پوسكام ناھىيە ئۇرۇقچىلىق مەيدان پارتكومنىڭ شۈجىسى يولداش.

يەن خۇڭ جاڭ.

چاڭجياڭ ، دىلشات زايىت

ناھىيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى بىز بىلەن جاپا مۇشەققەتتە بىرگە بولۇپ كېلىۋاتقاندا رەھبىرىي كادىر.

ئابدۇقادىر ئابباس.

قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى چىن قەلبىمدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.ۋە
ئۇلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن.

دەپ يازغۇچ …شىنجاڭ پوسكام ناھىيەئۇرۇقچىلىق مەيدان ئىككىنچى مەھەللىدىن.…

                
                               ئەمەر تۇنىياز                
                     
                                2017-يىلى 7-ئاينىڭ2-كۇنى
      





220 قېتىم كۆرۈلدى ئەمەرجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-7-2 23:12:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ