دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (9-قىسىم)

دۇستۇمنىڭ قاتىلى كىم ؟ (9-قىسىم)

مەريەمگۇل تاشمەمەت


 توي ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ خۇشاللىق بىركۇن  ئەمما مەن شۇ خۇشاللىقنى ھېس قىلىپ بولغۇچە يولدىشىمنىڭ تىل دەشناملىرىنى يەپ ئۈلگۈردۇم، ئۆزۈمنىڭ، شۇ ئازابلىق ئۆتمۈشىلا كەلگۈسۈمنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ماڭا، يولدىشىم تويىدىن كېيىن خۇددى ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ ماڭا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى، مەندىن گۇمانلىناتتى توختىماي بۇرۇنقى ئىشلىرىمنى سورايتتى دوستۇم بىر قىزنىڭ   قەدىر قىممىتى بەختى كېيىنكى خۇشاللىقى پەقەت ئۇنىڭ پاكلىقىدا بولدكەن،پاكلىقىدىن ئايرىلغان بىر قىزنىڭ خۇشاللىقتىن ئېغىز ئېچىشى مۇمكىن ئەمسكەن،ەمەن گۇناھسىز ئامما گۇناھسىزلىقىم ھېچنېمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، مەن پەقەت چەيلەنگەن بىر چىمەن خالاس ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن ئۆگەي دادام خۇرلغان دەيمەنمۇ.ياق،،ياق،،،،يەنىلا چىدشىم كىرەك،
كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ ئۆتمەكتە، تۇرمۇش ھەممە ئادەمگە ھەرخىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئەمما ماڭا باشقىلاردىن ئارتۇقراق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بەخش ئېتىۋاتاتتى. يولدىشىم بەزى ئىشلار ئېسىگە كېلىپ قالسىلا مېنى تىللايتتى ئۇراتتى خورلايتى، بۇنداق چاغلاردا مېنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىم ياش تۆكۈش. ئۇ ئۇرسا ياش تۆكەتتىم شۇ مۇدھىش كېچىە ئ‍ىسمگە كەلسە ياش تۆكەتتىم شۇ مەسۇلىيەتسىز دادامنى ئەسلەپ ياش تۆكەتىم نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلار تۈگىدى ئەمما كۆز ياشلىرىم تۈگىمىدى، ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ يىغلاپ كېتىدۇ دەيدىكەن ئەمما مەن يىغلاپ تۇغۇلۇپ بىر ئۆمۈر يىغلاپ ياشاپ كەپتىمەن ،بۇ ئ‍ازاپلىرىم كۆز ياشلىرىم قاچا تۇگەيدۇ بۇ ماڭا نامەلۇم،شۇنداق بىر ئ‍ۇمۇتلەر بىلەن ياشايتىم ئ‍ەمما تەقدىرىم قەدەمدە بىر مىنى پۇتلاپ،مىنى داغدام ماڭغىلى قۇيمايۋاتاتتى،،،
شۇنداق كۆڭۈلسىز ئۆتۈۋاتقان تۇرمۇشۇمدا ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلۇشى مېنى بۆلەكچىلا خۇشال قىلدى، كېيىنكى كۈنلەردە ھەر قانچە ئازاب تارتساممۇ خورلۇققا ئۇچۇرساممۇ ئوغلۇمنى باغرىمغا بېسىپ چىداپ ئۆتكۈزدۇم ئەمما تۇرمۇشۇمدا قادىرنىڭ پەيدا بولۇشى، مېنى باشقا بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى
ئۇ بىر سىم سىم يامغۇر يېغىۋاتقان كۈن ئىدى مەن بەزىبىر كۆڭۈلسىزلىكلەرتۇپەيلى شۇنداق ئاچچىق خىياللار بىلەن يولدا كېتىۋاتىاتىم ،يېنىمدىن ئۆت ىكەن ماشىنىنىڭ قاتتىق تورمۇزلىشى بىلەن تەڭ مەن يەرگە يىقىلدىم ،تەلىيىمگە ھېچيەرىم يارىلانمىغانىدى. شۇ ۋاقىتتا ماشىنىدىن شۇنداق قامەتلىك بىر ئادەم، چۈشۈپ، مېنى يۆلەپ تۇرغۇزدى،
-ھېچنېمە بولمىغانسىز ھە سىڭلىم-ئۇ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزغاچ سورىدى مېھرىبانلىق بىلىەن
-ياق ھېچنېمە بولمىددېدىم مەن ئۆزۈمنىڭ بىخەستەلىكىدە خىجالەت بولۇپ.
-كەچۈرۈڭ مەن سىزنى بايقىماي قاپتىمەن، سىزنى دوختۇرغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقاي.-دىدى ئ‍ۇجىديلشىپ ئەمما مەن ئۇنىمىدىم، ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا قۇيماي مىنى ماشىنىسىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى
توۋا دۇنيادا. شۇنداقمۇ مىھرىبان ئەرلەر بولىدىكەن.ھە، مېنىڭ ھاياتىمدا، ئۆگەي دادام ئۆز دادام ھە يولدىشىمدىن باشقا ئەر بولمىغاچقا، مەن جاھاندىكى ئەرلەرنىڭ ھەمىسىنى مۇشۇلاردەك رەھىمسىز دەپ ئ‍ۇيلاپ كەلگەن ئەمما، ئۇنى كۆرگەن شۇ مىنۇتتا.ئۆزۈمنى خاتا ئويلىۋالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم
ئۇ مېنى تەكشۈرتۈپ ساق چىققاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى.
-ھەنىم بولسا سىڭلىم ھېچنەرسە بولماپسىز.
-ئەسلى تەكشۈرتمىسەممۇ بولاتتى.دىدىم مەن خىجىل بۇلۇپ
-ئۇنداق دېمەڭ سىڭلىم سىز دېگەن ئايال كىشى ئايال كىشى دېگەن بەك نازۇك كېلىدۇ، مانا ئەمدى خاتىرجەم بولدۇق.
-رەھمەت سىزگە.
-ياقەي رەھمەت دېگۈدەك ئىشمۇ بولمىدى، مېنى كەچۈرۈڭ سىڭلىم بىخەستەلىك قىلىپ سىزنى يارىلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالدىم،ئۇنىڭ گەپ سۆز كۈلكىلىرى شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيۇلدى ماڭا .
-ھە جۇرۇڭ سىڭلىم، سىزنى ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈپ قۇياي .
-ياق ئۆزۈم كېتەي ئۇ ئۇنىمىغىنىم قويماي ئىتتىرىپ دېگۈدەك مېنى ماشىنىغا چىقاردى،
-ھە سىڭلىم ئىسمىڭىز.نېمە.؟
-مۇھەببەت.
-ھەئە مۇھەببەت.پاھ ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىقكىنا!!
ئۇنىڭ ماختاشلىرىدىن يۈزلىرىم ۋىللىدە قىزاردى،
-ھە مېنىڭ ئىسمىم قادىر تونۇشۇپ قالايلى، مەن مۇشۇ مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە تۇرىمەن.ئۆزۈم يەككە تىجارەتچى.
مەن لام جىم دىمىدىم ماشىنا ئ‍ۆيۇمگە يىقىنلاپ كىتۋاتاتى،
-مۇشۇ يەردىلا چۈشىۋالاي، دېدىم مەن كوچامغا ئاز قالغاندا، ئۇمۇ بىر نەرسىنى چۈشەندى بۇلغاي مېنى شۇ يەردىلا چۈشۈرۈپ قويدى،
تۇۋا بىز ئايال خەق، ئاجايىپ ھە، بىر ئ‍ىككى ئېغىز چىرايلىق گەپكە ئالەمچە خۇشال بولۇپ كېتىمىز، قادىرنىڭ دېگەن شۇ بىرنەچچە ئېغىز گىپى مىنى بۆلەكچىلا خۇشال قىلۋەتتى، قەلبىم قانداقتۇر بىر خىل ئىللىق سېزىمنىڭ تەسىرىدە داۋالغۇپ كەتتى ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتتى، بۇ جەرياندا مەن بازاردا بىر نەچچە قېتىم قادىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئۇ ھەر قېتىم شۇنداق ئىللىق كۈلۈمسىرەيتتى.، ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى .
- يوقال كۆزۈمدىن.ئۆزۈمنىڭ نېمىنى خاتا قىلغىنىمنى بىلىپ بولغىچە چاڭڭىدە تەگ ىكەن بىر شاپىلاق بىلەن ئۇچۇپ چۈشتۇم يولدىشىم بەئەينى تەلۋەشىرىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى ئالدىغا كەلگەن نەرسىنى چاقاتتى.. مېنى ئۇراتتى مەن ئۇنىڭ بۇنداق سەۋەبسىز. تىل توقماقلىرىغا كۆنۈك ئىدىم ئەمما بۈگۈن قەيەردىن كەلدىكىن بىلمەيمەن، بىر يوشۇرۇن كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم،،،،
دۇستۇم نەگە بارا،،،،،،،ئەسەرنىڭ داۋامىغا قۇلاق سىلىڭ
     





642 قېتىم كۆرۈلدى maryamgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-25 1:53:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-26 15:10:52 تەنھا گۈل
شۇنداق تىزلا يېزىپ بىزدەك ئۇقۇرمەننىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپسىز رەخمەت قۇلڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بۇ بۈلەكمۇ ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ …🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ