ئۇ كەلدى 1- بۆلەك

ئۇ كەلدى 1- بۆلەك  

 كەترەن

1. ساياھەت

 

 (كەترەن) مۇرات مۇئەللىم تەتىلنىڭ بىرىنچى كۈنىلا لوپنۇر ساياھىتىنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى... ساياھەتنى ئەمىليەتتە ئۇ ئۆزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بىر نەچچە ئوقۇغۇچىسى بىلەن لوپنۇرغا بېرىپ ھەقىقى سىرتتا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بىقىش، ھەم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك يازلىق لاگىر پائالىيىتى دېسىمۇ بولاتتى.. مۇرات مۇئەللىم بىلەن بىللە ساياھەتكە ماڭىدىغان بەشەيلەنمۇ ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا سەپەر تەييارلىقىنى پۈتتۈردى... ئەتىسى كىچىك بولكىۋاي ماشىنا تەكلىماكاننى كېسىپ ئۈتۈپ لوپنۇرغا يىتىپ كەلدى... ئۇلار بارلىق لازىمەتلىكلەرنى ماشنىدىن چۈشۈرۈپ يىقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن ماشىنا قايتىپ كەتتى.. مۇرات مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەرلىك قېرىنداشلارنىڭ بىلىق كاۋىپى زىياپىتىگە داخىل بولۇپ ھەقىقى يەرلىك ئۇسۇلدىكى كاۋاپلاردىن تېتىدى.. ئۆزلىرى كىچىك قىيىققا ئولتۇرۇپ بىلىق تۇتتى ... چوغقا كۆمۈپ كۆمەچ قىلدى... توغراق ياغىچىدىن ھەرخىل نەرسىلەرنى ياسىدى... ئۇلار ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئۆزلىرى شەھەردە بىر ئۈمۈرمۇ كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈپ ھەقىقى چەت يېزا تۇرمۇشىنىڭ لەززىتىنى ھەم جاپالىرىنى ئانچە مۇنچە تېتىغاندەك بولدى... ئەلۋەتتە... ئەنۋەرمۇ ئارزۇگۈلنىڭ يىنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى.... بىلىق تۇتىۋالسا كاۋاپ قىلىپ ئارزۇگۈلگە بەردى... قىيىققا ئولتۇرسا ئۇنىڭ قىشىدا ئولتۇرۇپ كېلىشمەسلىك يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى..تىخى دەريا ياقىسىدىن نۇرغۇن چىرايلىق غەلىتە تاشلارنى تېرىپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى... ئىشقىلپ.. بۇ قىتىملىق ساياھەت باشلىنا باشلانمايلا بۇ بىرجۈپ ياش باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاپ بىر بىرىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمدى.. ئارزۇگۈل، ئەنۋەر ئىككىسى تىخى بىر ئاي بۇرۇن رەسمى ئارلىشىشنى باشلىغان بولۇپ 'ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىزچىل ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىمىغانىدى... بۇ قىتىملىق ساياھەتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يېرى ساياھەتكە كەلگەن بەشەيلەن، ئەنۋەر، ئارزۇگۈل، جۇشقۇن، ئابدۇللا، خالىدە بەشىسى مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى بولۇپ نەتىجىسى ئىزچىل مەكتەپنىڭ ئالدىدا تۇراتتى... ھەريىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۇراتتى .. ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغان يېرى ئۇلار بەشىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ دائىم بىللە يۈرەتتى... ئۇلارغا مەكتەپتىكى ھەممىسى دىگۈدەك ھەۋەس قىلاتتى... ئەسلى مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇرىغا ئېرىشكەن بىرەيلەن مەكتەپ راسخوتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ داۋاملىق يۇقىرلاپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، بۇ پۇرسەت ھەربىرەيلەن ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ ئارزۇلايدىغان چوڭ ياخشى پۇرسەت دىيىشكە بولاتتى... ئۇلار ئىمتىھاندىن ئىككى كۈن بۇرۇنمۇ نەنسەنگە ساياھەتكە چىققان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنازىرىلىشىپ بىرلىككە كىلىپ بولغان... يەنى: مەيلى ئارىدىن كىملا بۇ پۇرسەتكە ئېرىشمىسۇن..باشقىلار چوقۇم خۇشاللىق بىلەن ئۇنى قۇتلۇقلاش ... ئىمتىھان بېرىپ بولۇپلا لوپنۇرغا ساياھەتكە بېرىش .. ساياھەت تۈگەشتىن بۇرۇن ھىچكىم ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك ھەم ئۇ توغۇرلۇق سۆز ئاچماسلىق.... ئۇلار دېيىشىۋالغىنىدەك ھىچكىم ئۇ توغۇرلۇق سۆز ئاچماي ناھايىتى خۇشال خۇرام ئوينىدى... ئۈچىنچى كۈندىن باشلاپ مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا دالا تۇرمۇشىنى ھەقىقى تېتىپ كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىپ ئۇلارنى باشلاپ كەنتتىن ئىككى سائەتلىك يىراقلىقتىكى بىر تاشلىنىپ كەتكەن كەنتكە ئاپاردى... بۇ كەنتتە بىر كۆل بولۇپ كۆلنىڭ سۈيى ناھايىتى سۈزۈك... ئەتراپى ياپيىشىل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ مەنزىرىسى ئىنتايىن چىرايلىق... ئۇلار ھەممىسى دىگۈدەك بۇنىڭدىن ئەجەپلەندى... خارابە ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشىمۇ ناھايىتى پۇختا بولۇپ ئادەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئوخشىمايتتى... ئۇلار بۇ يەرگە يىتىپ كەلگەندە ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇپ ئۇلار بۇ تاشلاندۇق كەنىتنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇرىدىغان بايىقى كەنىتتىن خېلىلا چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لىكىن كەنىتتىكى قويۇق ئۆسكەن دەرەخلەر ..تاشلاندۇق ئۆيلەر...نەلەردىندۇر كىلىۋاتقان غەلىتە ئاۋازلار ئۇلارنى سەل سۈر باستۇردى... ــــ چېدىر تىكەيلى... دىدى مۇرات مۇئەللىم تاشلاندۇق ئۆيلەرگە قارىغاچ. كۆپچىلىك بۇ كەنىتنىڭ نىمىشقا بۇنداق تاشلىنىپ كەتكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىغاچ چېدىر تىكىۋاتاتتى.. ــــ بەلكىم بۇ يەردە جىن باردۇ ... دەپ ھىجايدى ئەنۋەر. ئارزۇگۈل دەرھال چىقىشىپ قويدى: ـــ ھەئە.. بۈگۈن بار بولدى مانا... كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋەردى... بۇ چاغدا كۈن ئولتۇرۇپ بولاي دىگەنىدى... ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى كۆل سۈيى سېھىرلەنگەندەك ئاچچىق بىر چايقىلىپ جىمىپ قالدى....... .....

 

2.رىۋايەت

 

 چېدىر ئىچى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى.. ئۇلار ناخشا ئېيتىپ، قارتا ئويناپ ھەتتا ياندىكى چېدىردا يالغۇز خاتىرە يېزىۋاتقان مۇرات مۇئەللىمنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشتى.. چېدىردىن گاھى قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋاز، گاھى ناخشا ئاۋازى، گاھىدا كۆپچىلىكنىڭ تەڭلا چاۋاك چىلىپ چۇقىراشقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى... بۇ كىچىك چېدىر قاپقارا كەنتنىڭ ئوتتۇرىدا كۆزگە كۆرىنىپلا قالغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئۇچار ھاشارەتلەرمۇ بۇ چىدىرغا ھەيران بولۇپ ئۇچۇپ كىلىپ ماراپ بېقىۋاتاتتى... شۇ تەرىقىدە ۋاقىت يېرىم كىچىگە باردى.. ئۇلارمۇ قاپاقلىرىنىڭ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئارزۇگۈل بىلەن خالىدە نى قالدۇرۇپ قويۇپ، ياندىكى چېدىرغا، مۇرات مۇئەللىمنىڭ چېدىرىغا ئۇخلاشقا چىقىپ كەتتى... ئارزۈگۈل چۈش كۆردى... چۈشىدە ئەنۋەرنىڭ بىرجۈپ قولى قىپقىزىل قانغا بويالغانىدى...ئارزۈگۈل چۆچۈپ دەرھال ئەنۋەرنىڭ بوينىغا ئېسىلدى... ئەنۋەرنىڭ بوينىدىن قان سىرغىپ چىقىشقا باشلىدى ...لىكىن ئەنۋەر يەنىلاكۈلگىنىچە سۆزلەۋاتاتتى.. .... دەل شۇ چاغ مۇرات مۇئەللىمنىڭ قاتتىق ۋارقىرىغان ئاۋازى كۆپچىلىكنى ئويغىتىۋەتتى... ئۇلار چۆچىگنىچە يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقتى.. مۇرات مۇئەللىم كۆل بويىدا يەرگە قاراپ قېتىپلا قالغانىدى... ئارزۇگۈل يەردىكى ئۈزۈلگەن قولغا قاراپ چىقىرىۋەتتى : ـــ ئەنۋەر!!!!!!!! يەردە ئەنۋەرنىڭ قول سائىتى ئۈزۈلگەن قولدىن ئايرىلماي قانغا چېلىنىپ تۇراتتى !!! ئارزۇ قورققىنىدىن ھوشىدىن كەتتى.. كۆپچىلىكمۇ قورققىنىدىن گەپ قىلىشقىمۇ پىتىنالماي ھاڭۋىقىپلا قالغانىدى.!! بۇ زادى نىمىش ؟؟؟؟ مۇرات مۇئەللىم ئارزۇنى يۆلەپ چىدىرغا ئەكىردى ... شۇتاپ كۆپچىلىكنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كىتەيلا قالغانىدى.. خالىدە بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەچكە بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتى... مۇرات مۇئەللىم بولسا ئارزۇغا قارىغاچ قاتتىق خىيالغا چۆكۈپ كەتكەنىدى.. ئۇنىڭ قىلىن كۆزەينىكى ئاستىدىكى پىلىلداپ تۇرغان كۆزلىرىدىن بىرخىل قورقۇنچ، ۋەھىمىنى سېزىۋالغىلى بولاتتى ... ــــ ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى !! كۆپچىلىك مۇرات مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق نەزىرىدە ئۇنىڭغا قارىدى .. مۇئەللىم خالىدەگە ئارزۇنى ھوشىغا كەلتۈرۈشنى ئىشارەت قىلدى ھەم كۆزەينىكىنى ئېلىپ كۆزىنى ئۇۋۇلىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى : ـــ كېچىدە مەن ئەنۋەرنىڭ تىلىفونىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كىتىپ بارغانلىقىنى بايقىغانىدىم، لىكىن ئۇنى ھاجەتكە چىقىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئېرەن قىلماپتىكەنمەن... بىردەم ئۆتە ئۆتمەيلا سىرتتىن غەلىتە تىۋىش ئاڭلىنىۋاتقانلىقنى بايقاپ يۈگۈرۈپ چىقسام.... قالغان ئەھۋالنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر... ـــ ئەمىسە، سىز ئەنسىرىگەن ئىش دىگىنىڭىز؟؟؟ .. ئابدۇللا بوغۇق ئاۋازدا سورىدى. ــــ ئەسلى بۇرۇنلا سىلەرگە دىيىشنى ئويلاشقان... لىكىن.... كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ بۇ ئىشنى قۇرۇق سۆز چۆچەك ئوخشايدۇ، دەپ ئېرەن قىلماپتىكەنمەن... ــــ تىزراق دەڭە مۇئەللىم، زادى نىمىش؟؟، ــ جۇشقۇن تىترەك ئاۋازدا سورىدى. ـــ ئەسلى... بىز تۇرغان بۇ مەھەللە ناھايىتى ئاۋات مەھەللە ئىكەن.. بۇ خارابە ئۆيلەر بولسا ، لوپنۇردىكى ھەربى قىسىمنىڭ ئۆيلىرى ئىكەن.. بۇيەردىكى كىشىلەر، بىز كۆرگىنىمىزدەك، بىلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.... ھەربى قىسىم بۇ يەرگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەرلىك ئاھالىلەر قىسىمغا بۇ كەنتتىكى كۆلدە غەلىتە مەخلۇق بارلىقىنى ئىنكاس قىلىپتۇ... لىكىن ھەربى قىسىمدىكىلەر باشتا ئىشەنمەت ئانچە ئېرەن قىلماپتۇ... لىكىن بىر يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدىلا، نەچچە ھەربى كۆل ئەتراپىدا يوقاپ كىتىپ كىيىن جەسىتى تىپىلىپتۇ... جەسەتلەرنى قېنى شورىۋىلىنغان بولۇپ پەقەت تېرىسى بىلەن ئۇستىخىنىلا قاپتۇ.. شۇچاغدىلا ھەربى قىسىم بۇ ئىشقا قاتتىق ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ، كەنىتتىكى پېشقەدەملەردىن بۇ غەلىتە مەخلۇق توغۇرلۇق ئەھۋال ئىگىلەپتۇ... كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، بۇ مەخلۇق«توقۇم »دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ كۆرگەنلا جانلىقنىڭ قېنىنى شورايدىكەن... ئادەتتە قوي كالىلارنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ ئۇنىڭ قېنىنى شورايدىغان بىر پارازىت قۇرۇت بار بولۇپ، ئۇ كۆپچىلىك دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان سالجى(كالامانتان) ..ئۇ ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىۋالغاندىن كىيىن تېرىنى تىشىپ گۆش ئىچىگە پاتۇرۇلۇپ قېنىنى شوراپ ياشايدۇ... ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندىن كىيىن ئۇننڭ بەدىنى شۇ ھايۋاننىڭ گۆشى بىلەن بىر جىسىمغا ئايلىنىپ كىتىدۇ... ئاندىن ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ ھەتتا ئۇنىڭ قېنىنى شوراپ تۈگىتىپ ھالاك قىلىدۇ... ئەنە دەل شۇ كىچىك ھاشارەت، دائىم مامكاپ توزغاقلىرىنىڭ ئۈستىگە تۇخۇملارمىش... ھاشارەت بالىلىرى مامكاپ بىلەن تەڭ ئۇچۇپ قۇملۇقلارغا، ئورمانلىقلارغا، كۆللەرگە چۈشۈپ ئاندىن شۇ يەردە كۆپىيىدىكەن... ئۇلار كۆلگە چۈشكەندىن كىيىن بىربىرىنى كۆرسە بىرىكىپ چاپلىشىۋالدىكەن.. ئەسلىدىمۇ ئالاھىدە ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ غەلىتە ھاشارەت بىر بىرىنى كۆرسە چاپلىشىۋىلىپ بارغانسىرى يوغىنايدىكەن... يوغىنانسىرى ئوۋ نىشانىنىمۇ چوڭلىتىپ يوغان بېلىقلارغا چاپلىشىپ بىردەمدىلا قېنىنى شوراپ تۈگىتىدىكەن........ ھەربى قىسىم بىر ئىشەنمەي بىر ئىشىنىپ ئاخىرى يەرلىك دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن نەچچە كالىنى تىرىك پىتى چەمبەرچاس باغلاپ كۆلگە چۈشۈرۈپتۇ... (m971670731) ئاندىن يەنە بىر ئۇچىغا پولات سىم باغلاپ ماشنىغا چىگىپتۇ... ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا سۇ يۈزى داۋالغۇپ كالىلار تىپىرىشىپ كىتىپتۇ.. كىشىلەر دەرھال ماشىنىنى قوزغىتىپ پولات سىم ئارقىلىق كالىلارنى سۆرەپ چىقىرىپتۇ... ئەييۇھانناس ... نەق مەيداندىكى كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن چۆچۈپ ھوشىدىن كەتكىلى تاس قاپتۇ.. شۇ تاپ بىر يار يار ھارۋىنىڭ چاقىدەك چوڭلۇقتىكى قاپقارا مەخلۇق كالىغا چاپلىشىپ قىنىنى شوراۋاتقۇدەك... ھەربىيىلەر نىمە قىلارىنى بىلمەي دەرھال غەلىتە مەخلۇقنى ئوققا تۇتۇپتۇ... لىكىن كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر ۋەقە يۈز بېرىپتۇ... غەلىتە مەخلۇق خۇددى ئۈزۈلگەن تەسۋىنىڭ دانىسىدەك شولوككىدە ئاجراپ مىليونلىغان ئۇششاق ھاشارەتكە ئايلىنىپ سۇغا چۈشۈپ كىتىپتۇ... ھەربىيىلەر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال بۇيەردىكى خەلىقنى تارقاقلاشتۇرۇپ بىز نەچچە كۈندىن تۇرغان ئاشۇ مەھەللىلەرگە كۆچۈرۈپ ئاپىرۋىتىپتۇ...كىيىن بۇ يەر مۇشۇنداق ئادىمىزات ئاياغ باسمايدىغان جىن تەگگۈر جايغا ئايلىنىپتۇ... كۆپچىلىك خۇددى بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك تەنلىرى شۈركۈنۈپ كەتتى... مۇرات مۇئەللىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: ... بۇ بىر خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەت..راست يالغانلىقى نامەلۇم... لىكىن دوستۇمنىڭ دىيىشىچە... كىيىن بۇ يەردىكى ئاھالىلەر كۆچۈپ كەتكەندىن كىيىن ، بۇ كەنىتكە ماللىرىنى سۇغارغىلى كەلگەن چارۋىچىلارنىڭمۇ قوي كالىلىرى يوقاپ كەتكەنىكەن.. ئۇ مەخلۇق زىيادە ئېچىرقاپ كەتكەندە..قۇرۇقلۇققىمۇ چىقىپ ئولجا ئىزدەيمىش... مەن بۇنى پەقەت بىر رىۋايەت خالاس، دەپ پەقەت ئېرەن قىلماپتىكەنمەن... بۇ چاغدا كۆپچىلىكنىڭ خىيال ئىكرانىدا ئۆلۈم ۋەھىمىسى پىقىراشقا باشلىدى... خالىدە بىلەن ئارزۇ تەڭلا يىغلاشقا باشلىدى... جۇشقۇن بولسا دەرھال مۇشتىنى تۈگۈپ ئۇدۇلدىكى مۇرات مۇئەللىمگە ئىتىلغان پېتى ئېڭىكىگە بىرنى سالدى: ـــ ئەبلەخ.. بىز ئەمدى ئۆلۈپ كىتەمدۇق؟ بىزنى نىمىشقا بۇيەرگە باشلاپ كېلىسەن؟ .. ئۇنىڭ ئۈنلىرى پۈتۈلگەن بولۇپ ئاۋازى كانىيىنى يىرتىپ چىقىۋاتقاندەك سەت ھەم بوغۇق چىقتى.. ئابدۇللا دەرھال بېرىپ جۇشقۇننى تارتىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلۋالدى... مۇرات مۇئەللىم بولسا يەردىن كۆزەينىكىنى ئىلىپ تاقىۋىلىپ يەرگە قاراپ چۈشكۈن ئولتۇراتتى... جۇشقۇن يىغلىغان پىتى ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرايتتى : ـــ بىز تۈگەشتۇق... بىز تۈگەشتۇق... جۇشقۇن ۋارقىرىغانسىرى چىدىر ئېچى تىخىمۇ بەتتەر سۈرلۈك بولۇپ كىتىۋاتتاتتى.. سىرتتىكى ھاشاررەتلەتنىڭ ئاۋازىمۇ ئۇلارغا ئالۋاستنىڭ ئاۋازىدەك بىلىنىپ كېچىچە ئۇخلىمىدى....

داۋامى بار..........





3437 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-6 11:09:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 8:15:08 پاتىگۈل
ئ‍ۇ كەلدى دىگەن ئەسەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم ئاخىرى بارمىدۇ يوللاپ بەرسەڭلار
2016-7-26 19:00:17 مەھدىيە
ئ‍ۇ كەلدى ،نىڭ ئ‍اخىرى بارمۇ ،بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى كۆدۈم ئاخىرىنى تاپالمىدىم ،ئەۋەتىپ، بىرەر سىلەرمۇ
2016-7-18 7:04:52 ئابدۇراخمان
ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ . داۋامىنى تەقەززالىق ئىچىدە ساقلاۋاتىمىز؟
2016-3-23 16:53:03 قەلبىنۇر
بەكلا ياخشى يېزلىپتۇ تېخمۇ تىرشىڭ
2016-2-16 0:36:52 توغراق
ئ‍ۇ كەلدى2
2016-1-19 13:10:55 ئەيساجان
ياخشى ئەسەرنى كۆپرەك يۇللساڭلا
2016-1-19 13:10:53 ئەيساجان
ياخشى ئەسەرنى كۆپرەك يۇللساڭلا
2016-1-19 0:59:41 nuriya
bu hekayng ahri qikmamdu
2015-12-18 15:23:21 Nazaa
bak yahxi yezliptu dawami tehinu wahimilik qihsa payzi bolatti
2015-12-17 23:22:21 abral
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ ئ‍اخىرى قاچان چىقىدۇ
2015-12-16 23:57:18 خالنۇر
ۋەھىمىلىك ئەسەرنى بەك ياقتۇرىمەن ئاخىرىغا بەك قىزىقىپ قالدىم
2015-9-20 15:15:29 afifa
bak yahxi yezepsiz aheei tehimu wahimilik qeksun terexig
2015-9-20 13:55:35 CADAP
yahxi.yizilgan.asarkan.yahxi.kordum.
2015-8-13 23:19:44 نۇر.يۈسۈپ
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.مەن ئۆزۈم لوپنوردىن بولىمەن،بۇ پەقەت ھېكايىدىكىلا ۋەقە بولغىيتى ھە؟ ئەمەلىيەتتە راست شۇنداق مەخلۇق بارمىدۇ؟مەن بۇ ھەقتە ئازىراقمۇ بىرنەرسە ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
2015-8-12 1:16:37 پارول
ئىسىل ، ئاخىرى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك چىقسۇن
2015-8-9 9:07:54 سەپرا
سىنى قىسقا قارا يۇمۇرلا يازىدىغان ئوخشايدۇ دىسەم مۇمداق ھۈنىرىممۇ با دىگىنە...... تىرىشقىن قوللايمەن.
2015-8-9 1:51:10 ئابدۇراھمان
ياخشى يېزىپسىز
2015-8-8 1:59:59 ئارزۇ_ 渴望
داۋامىغا تەشنامەن بەك ياخشىكەن
2015-8-8 1:21:56 زىلالە
ئاخىرىغا بەك قىزىقىپ قالدىم
2015-8-7 23:08:40 ماكۇك
ياخشىكەن، داۋامىغا قارايمەن كەترەن
2015-8-7 19:08:16 شەبنەم
ئاخىرىغا تەقەززا مەن
2015-8-7 18:05:11 ئاتاكا
يوۋ كامان بېيبىي تىرىش ھە پەيزى چىقىپتۇ
2015-8-7 17:45:02 كاپىتان
ياخشى ئ‍اداش بەلەنبەلەن يىزىپسە قولايمە
2015-8-7 17:44:56 كاپىتان
ياخشى ئ‍اداش بەلەنبەلەن يىزىپسە قولايمە
2015-8-7 11:10:58 جۇشقۇن
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ داۋامىغا تەقەززامەن
2015-8-7 10:52:22 كەترەن
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ. . .. يىڭى قۇردىن باشلىغان يەرلەر ئۇلىنىپ چىقىۋاپتۇ...
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ