يوقالغان قوشۇن -4- قىسىم ھىكايە
يوقالغان قوشۇن
4-قىسىم
… metro ....

 

قوشۇن قۇم داۋاننىڭ ئۈستىگە چىققاندا ئالدىدىكى يىراق جايدا ئىمارەت، قەلئەلەرگە ئوخشاش قۇرۇلۇشلار بىلەن تولغان شەھەر كۆرۈندى.  ھەممىسى قوللىرىنى سايىۋەن قىلىپ ئۇ تەرەپكە ھەيرانلىق بىلەن قاراپلا قېلىشتى . شۇ چاغدا قاسىمبەگنىڭ ئاۋازى ھەمىمىنىڭ دىقىتىنى بۇزدى :

- دىققەت قوشۇندىكىلەر، ئالدىمىزدا شەھەر باردەك قىلامدۇ - نىمە؟ ھەممىمىز غەيرەت قىلىپ شۇ يەرنى نىشانلاپ ماڭايلى!

قوشۇندىكىلەر بىر ئەجەپلىنىپ ، بىر ھاياجانلىنىپ سەپەرنى تىزلەتتى. ئالاھەزەل كۈن غەرىپكە پاتىدىغانغا دەرەخ بويى قالغاندا يېقىنلا كۆرۈنگەن بۇ شەھەرگە ئاندىن كىلەلىدى.

 ئۇلارنىڭ ئاياق ئاستىدىكى قۇملاپ قېتىپ تاشقا ئوخشاش زىمىنغا ئۆزگەرگەن ئىدى. قوشۇن تەقەززا بىلەن ئالدىراپ كەلگەن بۇ شەھەر كەڭ ئېدىرلىقتا چوقچۇيۇپ چىققان ئاجايىپ - غارايىپ شەكىللەردە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوققىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ شەكىللىرى ھەر خىل ھالەتتە ، بەزىلىرى غايەت زور تۆگىگە ، بەزىلىرى بۇتخانىغا ،بەزىلىرى چىرايلىق سېلىنغان بىنالارغا، بەزىلىرى يەردە سوزۇلۇپ ياتقان يۇغان يىلانلارغا، بەزىلىرى ئادەمنىڭ ئىسكىلىتىغا ئايلانغان بېشىغا ، بەزىلىرى ئىككى بېشى بار ئاتقا ئوخشايتتى. 

 ھەممىسى بۇ مەنزىرىدىن داڭ قاتقىنىچە ئەتىراپقا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ كىتىۋاتقاندا قاسىمبەگ ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە سادىر بۇۋاينىڭ يېنىغا يىتىپ كەلدى:

 - سادىرۋاي ، بۇ قانداق جاي ، ئەجەپ سىرلىق ،بەك غەلىتە كۆرىنىدىغۇ ؟

سادىر بۇۋاي بەگكە بىر قارىۋېتىپ چۈشەندۈردى :

- بۇ قۇملۇقنىڭ بوران ، شامال يولى. قۇملۇقتا بوران چىقسا موشۇ ئەتىراپلاردا ئەڭ كۈچلۈك چىقىدۇ ، يەنە بۇران ، شامال كۆپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەپتىن قۇملار سۈرۈلۈپ ، يۇمشاق قەۋىتى بوراندا ئۇچۇپ كىتىپ قاتتىق قىسمى بوراننىڭ يالاپ تۇرۇشى ئارقىسىدا يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن موشۇنداق غەيرى شەكىللەرگە كىرىپ قالغان.

 قاسىمبەگ «بوران كۈچلۈك چىقىپ» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى.  چۈنكى قوشۇن بۇ يەرگە كەلگەندىلا شامال چىقىشقا باشلانغان ئىدى.  ئۇلار ماڭغانچە شامال ئاۋازى ھەر خىل ئاۋازلارغا ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى. بەزى ئاۋازلار شىر ھۆكۆرگەن ئاۋازغا ئوخشىسا، بەزى ئاۋازلار ئىنچىكىرەپ ئىسقارتقان، ھەتتا قۇشلارنىڭ چىقىراق ئاۋازلارغا ئوخشاپ كىتەتتى. سادىر بۇۋاي ئەنسىزلىكتە كىتىۋاتقان قاسىمبەگكە ئېغىز ئاچتى:

- بېگىم ، سەپەرنى تىزلىتىپ دالدىنىدىغان بىرەر جاي تاپساق بولىدىغان ئوخشايدۇ، مېنىڭچە ئەھۋال خەتەرلىك تۇرىدۇ. شامال كۈچۈيىپ بورانغا ئۆزگىرىدىغاندەك تۇرىدۇ.

 قاسىمباي سادىر بۇۋاينىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ئاڭلاپلا ئات ئۈستىدە شامال كىلىۋاتقان يۆلىنىشكە قاراپ ئەنسىز ۋاقىردى:

- بوران … بوران كىلىۋاتىدۇ ، بوران … تىز بولۇڭلار تىز مېڭىڭلار تىز!

 ئۇ ۋاقىرىغاچ ئاتنىڭ بېشىنى كەينىگە بۇراپلا خو قومانداننىڭ يېنىغا چاپتى.  سادىر بۇۋاي، پولات قاتارلىقلار ئىگىزەرەك جايغا چىقىپ بوراننى كۆرىۋېتىپ ئىشەكلەرنى تارتقىنىچە ئالدىغا قاراپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. كەينىدىكى قوشۇنمۇ بوراننىڭ سۈرلۈك قىياپىتىدىن قورىقىنىچە سۈرئەتنى تىزلىتىپ ئالغا ئىلگىرلىدى. بوران ئاسمانپەلەك ئىگىزلىكتە جاھاننىڭ بىر چېتىنى قاراڭغۇلۇققا قويۇپ يۇپۇرلۇپ كەلمەكتە ئىدى. قاسىمبەگ، خو قوماندان بىلەن تەڭ ۋاقىراپ - جاقىراپ قوشوننى ئالدىراتقىنىچە چېپىشىپ يۈرەتتى. سادىر بۇۋاي ئىشەكنى تارتقىنىچە ئوغلىغا يانداپ كىلىپ تاپىلىدى :

 - بالام ، قۇملۇق بورىنى خەتەرلىك.  بۇنداق بوراندا بوران ئېغىزىدا قېلىش تېخىمۇ خەتەرلىك.  ئېغىز - بۇرىنىڭنى توسايدىغان ياغلىق تەييارلاپ قوي. ئاللاھ ئامان قىلسۇن بىزنى! «قارا ئېيىق » قا ئاگاھ بولايلى ، يۈتۈرۈپ قويمايلى .

 « قارا ئېيىق» بىر ئىشنى سەزگەندەك بۇۋاي بىلەن پولاتقا يېقىندىن ئەگىشىپ كىتىۋاتاتتى. تىز سۈرئەتتە كىلىۋاتقان بوران ئۇۋۇسى بۇزۇلغان چۆمۆلىلەردەك كىتىۋاتقان قوشۇننى قىستاپ كەلمەكتە.  خو قۇماندان ئاتنى چاپتۇرۇپ قوشۇننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئەتراپتىن دالدىلانغۇدەك جاي ئىزلەپ كۆز تىكتى. ئۇ بىر تىك تۇرغان قورغان شەكىلىك بىر تەرپى بوراننىڭ يالىشى بىلەن ئۇپىراپ ئىگىزتامدەك بولۇپ كەتكەن جايغا ئات چاپتۇرۇپ كەتتى. بوران شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. پولات كىتىۋېتىپ كەينىدىكى قوشۇنغا ئىختىيارسىز گۈلناز ئاچىسى بىلەن مىنگەن تۆگىنى ئىزدەپ قارىدى. لېكىن پاتپاراق كىلىۋاتقان تۆگىلەر توپىدىن ئۇنى كۆرەلمىدى.  خو قۇماندان ھايال ئۆتمەي ئاتنى بولىشىغا چاپتۇرۇپ قايتىپ كىلىپ قوشونغا ۋاقىردى :

 - تىز ئاۋۇ تىك يانىڭ كەينىگە ئۆتەيلى ، تىز … تىز بولۇڭلار ، تىك يانىڭ كەينىگە…

 قوشۇن يان ئالدىدىكى تىك يانى نىشانلاپ يۈگۈرىشكە باشلىدى. خەۋەرچى شامال ئەتىراپنى تۇمانغا باستۇرۇپ يىتىپ كەلدى. سادىر بۇۋاي باشلىق ئىشەك يىتىلگەن ، ئات مىنگەنلەر ، تۆگە قوشونى يارغا كىلىپ يار كەينىدىكى بوران دۆۋلەپ قويغان قوم قورىشاۋى ئىچىدىكى ئورەككە كەلگەندە بوران يۇپۇرلۇپ يىتىپ كەلدى. ئالدىدىكىلەر ئۆزلىرىنى يار كەينىدىكى ئورەككە ئاتتى. تۆگە يىتىلگۈچىلەر تۆگىلەرنى چۆكتۈرۈپ ئۈستىدىكىلەرنى ئارانلا دالدىغا ئالدى. كەينىدە جېنىنىڭ بارىچە كىلىۋاتقان پىيادە قوشوننىڭ كۆپ قىسمى نىشانغا يىتىۋالدى. ئاز قىسمى قارا بوران ئىچىدە كۆزدىن يوقاپ كەتتى.  خو قوماندان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نىشانغا كىلىۋالغىنىنى كۆرۋېتىپلا قوشونىنىڭ ئاخىرسىنى توپلىۋالماقچى بولدى. لېكىن ئۇ كىچىككەن ئىدى. قويۇق تۇمانلار ئىچىدە دالدىلانغانلار شۇنى كۆردىكىن تىز سۈرئەت بىلەن كەلگەن بوران خۇددى كەلكۈندەك ھەممىنى سۈپۈرۈپ، يالماپ يارنىڭ يېنىدىن ئوقتەك ئۆتكەن بولۇپ، تۇمان، قۇم - شېغىل ئىچىدە كەينىدە قالغان ئەسكەرلەر بەزىلىرى دۇمىلاپ ، بەزىلىرى ھەتتا پۇت - قوللىرى يەردىن ئۆزىلگەن ھالدا ئۇچۇپ ئۆتىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بوران ئىچىدە جان - جەھلى بىلەن تۇتىۋالغۇدەك بىرەر نەرسە ئىزدەپ ھەتتا قوشۇندىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىشىنى ئۈمىت قىلغاندەك قوللىرىنى سوزۇشقىنىچە ئۇچۇپ كىتىۋاتقان ھالىتى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرەتتى. بۇ شىددەتلىك بوران ئۇلارنىڭ جان تالىشىپ ۋاقىرغان ئاۋازلىرىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈرگەن ئاۋازىغا قوشۇپ نەلەرگىدۇ ئېلىپ كىتىۋاتاتتى.…

كەينىدە قوشۇندىكىلەرنىڭ قانداق ھالاكەت ، قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچىرايدىغانلىغىنى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن … 2015-10-3





2621 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-3 22:21:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-24 13:15:33 ئايگۈل
بۇ ئ‍ەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ
2015-12-8 2:07:47 مۇرات
ئەسەر ياخشى يىزىلىپتۇ، بىراق قۇملۇقتا ئۇنداق ھايۋانلارنىڭ ياشىشى مۇمكىن ئەمەسىقۇ
2015-10-10 12:05:10 pazilya
Asarnig dawami kaqan qikidu bK takazza bop kattim
2015-10-10 12:05:10 pazilya
Asarnig dawami kaqan qikidu bK takazza bop kattim
2015-10-10 12:05:10 pazilya
Asarnig dawami kaqan qikidu bK takazza bop kattim
2015-10-10 12:05:10 pazilya
Asarnig dawami kaqan qikidu bK takazza bop kattim
2015-10-9 18:31:02 ئاينۇر
مەن بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنجى قىسمىنى ئوقۇپ بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ئەمما ئىككىنجى ئۇچۇنجى قىسىملىرنى تاپالمىدىم 
2015-10-9 15:53:05 نەشتەر
ئ‍ىلتىماس: مىترو ئ‍اداش يۇقالغان قۇشۇننىڭ داۋامى قېنى؟ تىز راق يوللىۋەتسەڭلارچۇ.
2015-10-9 0:36:43 huma
ياخشى يىزىلغانيىزىلغان ئ‍ەسەر،2-3قىسملرىئ‍ەسەر،2-3قىسملرى ئ‍ەۋەتىلمەپتىغۇ
2015-10-6 14:24:12 nur gul
Yo Karl gan ko xun ning da wa Mi ni tiz rak yol lisang LA bo lat ti
2015-10-5 23:24:38 ئارافات
مىتىرو ئادش خاپا بولماي بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى چاققانراق يوللىۋەتسەڭلار ئۈتىنەي 😭😭😭
2015-10-5 23:06:15 metro
دوسىتلارنىڭ ياقتۇرغىنىدىن بەك خۇش بولدۇم ، خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا ۋاقتىدا يېزىپ بولالمايۋاتىمەن ، ئەپۇ قىلارسىلەر
2015-10-5 15:45:02 كەترەن
ھىم... مىتروكا.. نوچى چىقىۋاتىدۇ.. ئىتتىكرەك داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامەن.
2015-10-5 14:25:29 تۇرغۇن
يوقالغان قوشۇن دىگەن ئەسەر بەك ياخىشى يىزىلپتۇ مەن بەك ياقتۇردۇم ـ
2015-10-5 3:55:30 ماھىرە
يوقالغان قۇشۇن بۇتېمنىنڭ داۋامنى يولۋەتسەڭلار بوپتكەن
2015-10-5 0:36:10 ئەرافات
بۇئەسەر نىڭ ئاخىرىنى ئەۋەتىڭلارچۇ
2015-10-5 0:17:55 ئابدۇراخمان
بۇھىكايەياخشىكەن.مەن ياقتۇرۇپ قالدىم .ئاخىرىنى،تىزراق.يوللىۋەتكەن.بولسا ڭلار.بوپتىكەن
2015-10-4 10:31:36 abdu
بۇ ئەسەرنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئاخىرنى يوللىۋەتسەڭلا بولاتتى……
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ