گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 2- قىسىم

گۇناھكار قەلىب

 پوۋىسىت 2- قىسىم

قىزىل تۇمان


كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تاھىر بىلەن ئەركىنمۇ خېلى چوڭ بولۇپ قالدى.ئۇلار ئايرىلماس يېقىن دوستلاردىن ئىدى.بىر نان تاپسا تەڭ يەيتى.ئۇلار ئۇدۇل مەكتەپتىن قايتىپ ئەركىننىڭ ئۆيىگە كېلەتتى. مەكتەپتىن بالدۇر كەلگەن كۈنلىرى ئەركىننىڭ  ئون نەچچە تۇياق قويلىرىنى ھەيدەپ ئاچىقىپ، ئوتلاقتا ئوتلىتاتتى . ۋە كەچلىكى ئەركىننىڭ ئۆيدە تاماق يەپ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ شۇ ئۆيدە ئۇخلاپ قالاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەمدۇللا ئوغلىدىن ئەنسىرەپمۇ قويمايتتى. ئەركىن سەل كەپسىز چوڭ بۇلۇپ قالدى .بىراق تاھىر ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ مىجەزى ئېغىربېسىق بەزى ئىشلارغا ئالدىراپ يەكۈن چىقارمايدىغان ئالدىراپ بىرسىدىن خاپا بولمايدىغان بۇلۇپ  چوڭ بولغان ئىدى. بىر كۈنى ئەركىن تاھىرغا مۇنداق دېدى. « تاھىر، قوشنىمىز سۇلايماننىڭ بېغىدا ئالمىلار ناھايىتى ئوخشاپتۇ. بېرىپ يەپ كەلمەيمىزمۇ ؟» تاھىر ئۇنىڭغا« خەقنىڭ مېۋىسىنى خالىغانچەئۈزۈپ  يېسەك بولمايدۇ بىز ئالدى بىلەن سۇلايمان ئاكا بىلەن كۆرۈشۈپ ئاندىن كىرەيلى» دېدى.ئەركىن تاھىرغا «ساراڭمۇ سەن ؟ ئۇنداق قىلساق سۇلايمان ھەرگىز ئۇنىمايدۇ ، بىز كەينى تەرەپتىكى شورىدىن كىرەيلى » دېدى . تاھىر ئامالسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتى ، ئۇلار باغ كەينىدىكى شورىدىن كىردى ، ئاندىن ئالمىدىن بىرتال ئۈزۈپ تۇرۇشىغا يوغان بىر قارا ئىت قاۋىغىنچە يۈگۈرۈپ كەلدى ، ئۇلار قوققىنىدىن شورىغا يۈگۈردى ، ئەركىن شورىدىن چىقىپ بۇلۇشىغا تاھىر شورىغا كېلىپ چىقاي دەپ تۇرۇشىغا ئىت ئۇنى چىشلىۋالدى ،تاھىر ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمىدى ،ۋە قاتتىق ۋارقىرۋەتتى «ۋايجان !» سۇلايمان ئاكا يۈگۈرۈپ كەلدى ۋەئىتنىڭ ئاغزى تاھىرنىڭ بۇلجۇڭ گۆشىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتى ،ئەركىن شورا سىرىتىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يىغلاپ تۇراتتى ، سۇلايمان ئاكا ئىتنى قوغلىۋەتتى ۋە ھېقىقداپ يىغلاۋاتقان تاھىرنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇنى كەنىت دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى .كەنىت دوختۇرى تاھىرنىڭ پۇتىنىڭ، تىتىلىپ كەتكەن جايلىرىنى تىكتى.ئەركىن تاھىرنىڭ سۈرىتىغا چىداپ تۇرالمىدى.ھەمدۇللا يۈگۈرۈپ كېلىپ تاھىرنى باغرىغا باستى. «جېنىم بالام ساڭا نېمە بولدى؟» تاھىر دادىسىغا قاراپ« دادا ماڭا ھېچنېمە بولمىدى.پەقەت ئىت چىشلىۋالدى شۇ.مەن خاتا قىلدىم.مەن سۇلايمان ئاكىنىڭ بېغىغا ئوغرىلىققا كىرمىگەن بولسام، مېنى ئىت چىشىلىۋالمايتتى.»دېدى. سۇلايمان ئاكا بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاھىرغا قاراپ.«جېنىم بالام، شورىدىن باغقا كىرگۈچە، ماڭا ئۇدۇللا سۇلايمان ئاكا ماڭا ئالما بېرىڭ دېسەڭ  مەن ساڭا بىر سېۋەت بەرمەسمىدىم.»دېدى. شۇ ئىشتىن كېيىن ئەركىن ئۆزىنى تاھىرغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسىياتتا بولۇپ كەلدى . تاھىر بارلىق گۇناھلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئەركىننى خىجالەتچىلىكتىن قۇتقۇزۇپ قالدى . ئەركىن تۇنجى قېتىم تاھىرغا قول قويدى.
سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، ئەركىن قاچاندىن باشلاپ تاھىرغا ئۆچ بۇلۇپ كەتتى ؟ ئۇلارنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق ئەسىرىمدە بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





496 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-31 14:48:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-3 13:36:15 قاسىمجان ئ‍ۇنسۇ قىزىل
ھەققەتەن ياخشى ئ‍ەسەرلىكەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ