ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ

(ھېكايە)

ئالفرىد خېچكوك (ئامېرىكا)

ۋاررىن ئەپەندى ‹‹خەيرلىك سەھەر›› دېگىنىچە، خوتۇنىنىڭ بۇدرۇق قولىدىن بىر ئىستاكان قەھۋەنى ئالدى–دە، يالغاندىن گېزىت ئوقۇۋاتقان قىياپەتتە ئولتۇرۇپ خوتۇنىنى قانداق بابلاشنىڭ پىلانىنى قىلدى.

ئۇلار توي قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان. بۇ قېرى خوتۇن ناھايىتى باي ئىدى، بىراق ۋاررىن ئەپەندىنىڭ يەنە بىر ئاشىقى ساقلاۋېرىشكە سەۋر قاچىسى توشقانىدى.

ـ قەدىرلىكىم، بالكونىمىزدا بىر تال ئەتىرگۈل غۇنچىلاپتۇ،-دېدى ۋاررىن خانىم ئېرىگە. ئىككى يىللىق توي خاتىرە كېچىلىكىمىزدە ئۇنى ئۈزۈپ چېكەمگە قىستۇرۇۋالىمەن.

ئەنە شۇ پەيتتە ۋاررىن ئەپەندىنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كەچتى، بۈگۈن كەچ ئۇ خوتۇنىنى بالكونغا چاقىرىپ ئەتىرگۈلنى كۆرسەتكەچ، دۈمبىسىدىن ئىتتىرىپلا قۇتۇلايچۇ.

ئەلۋەتتە ئۇ بۇ ئارقىلىق خوتۇنىنىڭ مىراسىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ھال كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىمايمۇ قالمايدۇ. بىراق، نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. باشقىلارنىڭ نېمە دەپ گۇمان قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك.

كەررىن قىز ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدە تۇرىدۇ. ۋاررىن ئەپەندىنىڭ خوتۇنى بەكمۇ سېخىي بولۇپ، ئېرىگە دائىم سوۋغات ئېلىپ بېرىدۇ. بىراق، ئېرىنىڭ پارچە–پۇرات پۇل خەجلىشىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا ۋاررىن ئەپەندى ئوغرىلىقچە بولسىمۇ كەررىنگە پۇل خەجلەپ بېرەلمەيدۇ. كەررىن ئۇنى بۈگۈن چۈش سائەت 11 دە كۈتۈپ تۇرماقچى، ئۇ بىرەر باھانە كۆرسىتىپ ئۆيدىن غىپپىدە قېچىپ چىقىشى كېرەك. ۋاررىن خانىم بۈگۈن دىيور مېھمانخانىسىغا، ئاندىن ئۇسسۇل سىنىپىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ۋاررىن ئەپەندى ئۇنىڭدىن چۈشتە ئۆيگە كېلىدىغان–كەلمەيدىغانلىقىنى سورىمىدى. ئۇ:

ـ سىز ھېلىقى بېك دېگەن ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ، بولمىسا كەچكىچە ئۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇل ئوينامتىڭىز دەپ چاقچاق قىلغاچ خوتۇنىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويدى.

ـ قەدىرلىكىم، ئىلگىرى پەقەت سىز بىلەن ئوينايتتىمغۇ. بىراق، توي قىلىۋېلىپلا مەن بىلەن تانسا ئوينىمايدىغان بولۇۋالدىڭىز.

ـ جورجىنىڭ ئۆيىدىكى ھېلىقى كەچتە بىللە ‹‹دوناي ۋالىسى››غا ئوينىغىنىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟

ئۇلار گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا بىر ھازا ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، ئۆز ئىشلىرىغا مېڭىشماقچى بولدى.

ۋاررىن ئەپەندى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا تايىنىۋېلىپ ئاشنىسى كەررىنگە ئۆزىنىڭ پىلانىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. سېرىق چاچ، زەڭگەر كۆز كەررىندىن شۇ تاپتا ھاياجاندىن رەت قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر خىل ھىد تارقىلاتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا ۋاررىن بىلەن شېرىن تۇرمۇشىنى باشلىۋالغۇسى بار ئىدى.

شۇ دەقىقىدە ۋاررىن خانىممۇ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بېكنىڭ قوينىغا تاشلىنىپ، مۇزىكىغا ئەگىشىپ، كالانپاي قەدەملىرى بىلەن تانسىغا جور بولۇۋاتاتتى. بېك ۋاررىن خانىمنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:

ـ ئوماق قىزچاق، ئاخشام سېخىيلىق بىلەن قىلماقچى بولغان ھىممىتىڭىزنى قوبۇل قىلمىغىنىمغا رەنجىمىگەنسىز–ھە؟ پۇلنىڭ دوستلۇقىمىزنى بۇلغاپ قويۇشىنى خالىمىدىم.

ۋاررىن ئەپەندى ئۆيگە قايتقىنىدا خوتۇنىغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن نىمكەچ بىرىليانت چاچ قىسقۇچتىن بىرنى سېتىۋالدى. بۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ خوتۇنىغا سوۋغا ئېلىش ئارتۇق كەتسىمۇ، بىراق ئىش پۈتكەندىن كېيىن ئۇنى كەررىنگە بېرىۋەتسە بولىدۇ. ئىككى يىللىق توي خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن خوتۇنىغا بىرىليانت چاچ قىسقۇچ ئېلىپ بەرگەن ئادەمدىن ھېچكىممۇ خوتۇنىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ گۇمانلانمايدۇ.

سوۋغاتنى كۆرگەن خوتۇنى تولىمۇ خۇشال بولدى. ئۇلار بىللە بالكونغا چىقىپ، تەڭ ئېگىلىپ پەسكە قاراشتى. شۇ پەيتتە ۋاررىن خانىم ئېرىنى پەسكە ئىتتىرىۋەتتى...دەھشەتلىك يىغا ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. بىر توپ كىشى يەردە تۈگۈلۈپ ياتقان ۋاررىن ئەپەندىگە قاراشتى. ئادەم ئۆلدى! قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرايلى! ساقچىغا مەلۇم قىلايلى!...

ساقچىلار ئۆيدە چاچلىرى چۇۋۇق،يىغلاپ ئولتۇرغان ۋاررىن خانىمنى سوراق قىلدى. ئۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ ساقچىغا قورقۇنچلۇق جەرياننى سۆزلەپ بەردى:

ئېرىم ئەتىرگۈلنى كۆرىمەن دەپ بەكرەك ئېڭىشىۋېتىپتۇ...

ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى

بۇ ئەسەر (تەڭرىتاغ) تورىدىن ئېلىندى.





867 قېتىم كۆرۈلدى ئازغۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-21 1:58:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ