بېغىشلايمەن بۇ شىئېرنى
jimmy santiago baca
(جىمى سانتىياگو باكا)
( مەتسەيدى بەيدۇللا تەرجىمىسى )
بېغىشلايمەن بۇ شىئېرنى
ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەندىن بىرى ساڭا،
ئىسسىق چاپاندا ساقلىغاندەك
قالغاندا سەن قىشتا
بىر جۈپ قېلىن پايپاقتەك
سۇغۇق چىشلىيەلمىگۈچە سېنى .
سۆيىمەن سېنى .
ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەندىن بىرى ساڭا
بۇ تەشتەك كۆممە قۇناققا تولغان
قۇرسىقىڭنى ئىسسىتىش ئۈچۈن قىشتا .
بۇ شارپا بېشىڭغا ئارتىدىغان
چاچلىرىڭنى ۋە يۈزىڭنى يۆگەيدىغان .
سۆيىمەن سېنى .
خالىساڭ بۇنى قەدىرلە، ساقلا
چۈشەندۈر يۈتتۈرۋەتسەڭ ناۋادا .
چۆل-جەزىرە تۇرمۇشى چوڭ قىلسا سېنى
بىر بۇلىڭىغا تارتماڭنىڭ
پۈرلەپ تىقىۋەت ياغاچ ئۆيىڭدەك بونى .
قېلىن چاتقاللىققا سوقۇلساڭ
جاۋاب بېرەي ، چۈشەندۈرەي ساڭا .
ئىسسىت ئۆزىڭنى بۇ ئوت بىلەن
بىخەتەر ھىس قىل ئۆزىڭنى ئوت قالدۇقلىرى بىلەن .
سۆيىمەن سېنى .
بۇلار ساڭا بىرىدىغانلىرىمنىڭ ھەننىۋاسى
باشقىلار ئىھتىياجلىق ھايات بۇلارنىڭ ھەممىسى .
ياشا ئۆز تۇرمۇشىڭدا ،
ئەگەر ياشىساڭ دۇنيارىڭنىڭ سىرتىدا
ئۆل ياكى تىرىك بول كۈتۈلمەيسەن ئۇزاققا ،
ئىسىڭدە ساقلا بۇنى .
سۆيىمەن سېنى .
(ئىنگىلىزچىدىن كۆلەڭگە تەرجىمىسى )
| 276 قېتىم كۆرۈلدى | 101520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-9 2:52:04 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|