قاراڭغۇ ئورمان
 
ۋەھىمىلىك ھىكايە 24- قىسىم 
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
 
 بىز جىددىيلىشىپ ئوتتۇرىدا توپلۇنۇپ قالدۇق، ئاق چاچلىق ئايال مەخلوقنى مىنگىنىچە مەغرور ھالدا بىزگە يېقىنلاشقا باشلىدى . 
- بۇ ، بۇ … ئايال نەدىن پەيدا بولدى ، ئۇ يىرتقۇچنىڭ بوينىغا مىنىۋاپتىغۇ ؟- دىدى نىجات ھەيرانلىقتا.
 - ئۇ ئايال ئەمەس ،- دىدى قارا كىيىملىك ئاگاھلاندۇرۇپ ،- ئۇ مەن سىلەرگە دىگەن ھېلقى غەلىتە ئەرۋاھ ، ئۇ بۇ مەخلوقلار كونتۇرول قىلىپ بوپتۇ ، ئۇنى ئىنسان دەپ ئالدىنىپ قالماڭلار ، يەنە ئەڭ دىققەت قىلىدىغىنىڭلار ، ھەرگىز مەخلۇقنىڭ كۆزىگە قارىماڭلار ، ھەرگىز ، ئۇنىڭ كۆزى سىھرلىك، سىلەرنى كونتۇرول قىلىۋالىدۇ .
 بىز قارا كىيىملىكنىڭ« ئۇ ئەرۋاھ » دىگىنىگە ئىشىنەلمەي ھاڭۋېقىپلا قالدۇق ،  چۈنكى مەخلوقنىڭ بوينىدا چاچلىرى ئاپپاق بولسىمۇ ، بوي - تۇرقى زىلۋا ، چىرايى شۇنداق گۈزەل بىر ئايال كۆرىنىۋاتاتتى، شۇندىمۇ ئۇنىڭ ئەسكەرتىشى بويىچە دىققىتىمىزنى باشقا جايغا يۆتكىگەچ قوراللارنى يېقىنلاپ قالغان مەخلوقلارغا توغۇرلاپ تەييارلىنىپ تۇرۇشتۇق .
مەخلوقلار ئۆزلىكسىز كۆپەيمەكتە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىز كۆرۈپ باقمىغان ھەتتا ئويلاشقىمۇ جۇرئەت قىلالمايدىغان غەلىتە ، بەتبەشىرە يىرتقۇچلار بار ئىدى. بەزىلىرى يەردە ئۆمۈلەپ ماڭسا،  بەزىلىرى ئۆرە ماڭاتتى ، ھەتتا بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىدا ، دەرەخ غوللىرىدا ياماشقىنىچە بىزگە يىرىتقۇچلارچە خىرىس قىلىشىپ قاراپ تۇرىشاتتى . 
- قىززىق ئىش ، ئۇلار نىمىشقا بىزگە ھۇجۇم قىلمايدۇ ؟- دىدى قاھار ماڭا يېقىن كىلىپ پەس ئاۋازدا . 
- ئۇلار ئەرۋاھنىڭ بۇيرۇقىنى ساقلاۋاتسا كىرەك ،- دىدىم گۇمانىم بويىچە . 
ئايالنى مىندۈرگەن مەخلوق يۇغان قەدەملەر بىلەن بىزگە يىقىنراق كىلىپ توختىدى ، بىز دىققىتىمىزنى ئايالغا ئاغدۇردۇق . ئايال مەغرور ھالدا غادىيىپ ئولتۇرغىنىچە بىزگە سوغوق نەزەر بىلەن قاراپ ئولتۇراتتى .
 - مېنىڭ زىمىنىمغا نىمىشقا كەلدىڭلار؟ 
ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق جاراڭلىق ئىدى، مەن يېقىن ئارلىقتىن ئۇنى كۆرۈپلا بىز ئورمانغا دەسلەپتە كىرگەندە پۇتۇمدىن تارتىپ يىقىتىۋەتكەن ھېلقى ئايال جەسسەتنى ئەسكە ئالدىم، ھەم چۆچۈپ كەتتىم . بىز بۇ غەلىتە سۇئالدىن ھېچنىمىنى چۈشەنمەي بىر - بىرىمىزگە قاراشتۇق .
 - مەن ،- ئايال يەنە ئېغىز ئاچتى ،- بۇ زىمىنغا ئىگدارچىلىق قىلىۋاتقىلى ئۈچ يۈز يىل بولدى، مېنىڭ رۇخسىتىمسىز نىمىشقا زىمىنىمغا كىردىڭلار دەيمەن !- ئۇ ئاچچىقتىن شۇنداق دىگەچ ئاسمانغا قاراپ چىقىردى ، ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك يوقىرىكى چىقىراق ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەتتا ئەتىراپتىن قۇيۇنمۇ كۆتۈرۈلدى.
 بىز بەرداشلىق بىرەلمەي قۇلاقلىرىمىزنى ئەتكىنىمىزچە تۈگۈلۈپلا قالدۇق، مەخلوقلار بولسا قورىققاندەك كەينىگە چىكىنىپ بويۇنلىرىنى ئىگىپ ئايالغا باش ئىگىشتى .
 - ئۇ راسلا ئالۋاستى - جىن ئوخشايدۇ ؟ ئۈچ يۈز يىل ياشىدىم دەيدىغۇ ؟- دىدى روشەنگۈل قورقۇمسىراپ ،- بۇ دۇنيادا بۇنداق نەرسىمۇ باركىنا ؟
 ھەقىقەتەن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئىشلاردىن تەمتىرەپ تۇرىۋاتقاندا ، بۇ جىننىڭ پەيدا بولىشى بىزنى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئەھۋالغا قويىۋاتاتتى. 
- سىز … كىم ؟ سىز بۇ يەردە نىمە قىلىسىز؟- جۈرئەتكە كىلىپ ۋاقىردىم . 
ئايال بىردىنلا جىمىلىپ ماڭا تىكىلىپ قارىدى ، ئۇنىڭ سۈرلۈك قاراشىدىن يۈرۈگۈم جۇغۇلداپ كەتتى . 
- ھا ھا ھا…ھاھا ، مەن كىم ؟ … ھا ھا مەن كىم؟ ئۇ خۇددى ساراڭلاردەك ئۆزىدىن ئۆزى سۇئال سوراپ يەنە قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ، بىز ھاڭ - تاڭ بولۇپ قاراپلا قالدۇق . - سىلەرگە كىملىگىمنى بىلدۈرۈپ قوياي !- ئۇ بىردىنلا غەزەپكە كەلدى ، چىرايلىرى تاتىرىپ ، كۆزلىرىدىن ئوت ياندى ،ئېغىزىنىڭ ئىككى جاۋغىيىدىن ئىككى چىش ئۇزۇراپ چىقتى . بىز قورقىنىمىزدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتتۇق ، كۆزىمىز ئۇ جىننىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە ئىشىنەلمىگەندەك قادىلىپ قالغانتى. ئايال جىن بارغانچە قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرىپ ، كۆزلىرى قىزاردى -دە بىر خىل سىرلىق نۇر چىقىرىپ كۆزىمىز بىلەن بىر - بىرلەپ ئۇچۇراشتى. نۇر كۈزۈمگە چۈشكەندە قەلبىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجانغا تولدى ، كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە غۇۋالىشىپ، شۇنداق تاتلىق ئۇيقۇم كەلگەندەك بولدى. 
 بۇ چاغدا قارا كىيىملىكنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئۇيغانغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم -دە ئەتىراپقا كۆز تىكتىم، ئەمدى بايا كۆرگەن ۋەھشى مەخلوقلار يوق ، ئەتراپىم تونۇش كىشىلەر بىلەن تولغان ، ئۇلار بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قارىشىپ تۇراتتى. ئورمان ئىچىدە قۇشلارنىڭ خۇش سايراشقان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ ، توپ - توپ قوي - كالىلار ئوتلاپ يۈرىگەن ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە نامايەن بولۇپ تۇراتتى . بايقى ئايال جىندىن ئەسەرمۇ يوق ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا پەرىدە ماڭا قاراپ شۇنداق تاتلىق كۈلۈپ تۇراتتى .
 ئەتراپىمدىكى بۇ ئىشلاردىن ئىسىمنى يىغالماي ھەمىراھلىرىمغا قارىدىم ، قارا كىيىملىك چەۋەندازدىن باشقىلىرى ماڭا ئوخشاش ھېسىياتتا ئەتراپقا قاراپ ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپلا قېلىشقانتى . پەقەت قارا كىيىملىك چەۋەندازلا ئەتراپتىكلەردىن چۆچۈپ ، بىزگە قاراپ ئاچچىقلاپ ۋاقىراپ - جاقىراۋاتاتتى . ئۇنىڭغا ھەيران قېلىۋاتاتتىم ، ئۇ نىمىشقا بۇنداق جىددىيلىشىپ ، بۇنداق ۋاقىرايدىغاندۇ؟ ئەتىراپىمىزدىكى تونۇش كۆرىنىۋاتقانلار خولۇم - خوشنا ، ئەل - ئاغىنىلەر ئىدى ، ئۇلار بىز تەرەپكە قاراپ كىلىشكە باشلىدى ، پەرىدە شۇنداق جاراڭلىق ئاۋازدا چاقىرىدى . 
- ئەركىن ! مەن كەلسەم نىمىگە ئۇ يەردە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىز؟ كىلىڭە ! 
مەن خۇشلۇغۇمدا ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىشىمغا ، قارا كىيىملىك چەۋەنداز بىلىكىمدىن تۇتۇپ سىلكىۋەتتى :
 - ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار ! نىمە قىلۋاتىسىلەر؟
 مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئاچچىقلاپ ئەمدىلا ۋاقىراي دىيىشىمگە، ئۇ ئەتراپتىن بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كىلىۋاتقان دوسىت - يارانلەرگە قولىدىكى ئۇزۇن قورالىنى توغۇرلاپ ئوت ئاچتى. ئۇنىڭ قورالىدىن لازىر نۇرىدەك ئۆتكۈر نۇر چىقىپ بىزگە يېقىنلاپ قالغان بىر نەچچە ئاغىنەمنىڭ بىلىدىن پىچاقتا كەسكەندەك كىسىپ ئۆتتى ، ئۇلار ئېچىنىشلىق چىقىراپ ماڭا قوللىرىنى سۇنغىچە ئىككىگە پارچىلانغىنىچە يىقىلدى . بۇ دەھشەت مەنزىرىدىن قورقۇپ كەتتىم، ئەتراپتىن نۇرغۇن ئادەم ، ھەتتا كالا - قويلارغىچە بىزگە قاراپ كىلىشكە باشلىدى . 
- ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار ! نىمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىلەر ، تىز ھۇجۇم قىلىڭلار ! 
قارا كىيىملىك بىزگە ۋاقىرغاچ ئەتىراپقا ھېلقى سىرلىق قورالى بىلەن ئوت ئېچىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ كۈچلۈك قورالى ئالدىدا بىچارە ئادەملەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ كاللىلىرى قانلارنى چاچىرتىپ توپتەك دۇمىلاپ چۈشسە ،بەزىلىرىنى قۇرساقلىرى يېرىلىپ ئۆچەيلىرى چۆۋۇلۇنۇپ چىقىپ كىتىۋاتاتتى، كالا - قويلارنىڭ ھالى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى.  بۇ چاغدا كۆزۈم پەرىدەگە چۈشتى ، ئۇ قارا كىيىملىكتىن قورقۇپ تىتىرەپ يىغلىغان پېتى مېنىڭدىن قۇتقۇزۇشنى ئۆتۈنگەندەك تىزلىنىپ قوللىرىنى سۇندى،  بۇ چاغدا قارا كىيىملىك ئۇنى نىشانغا ئالدى. ئۇنىڭ ۋەشىيانە ئىشىدىن ئۆزەمنى باسالمايۋاتقاندا ، پەرىدەنى نىشانلىشى بەكلا غەزىپىمنى كەلتۈردى. مەن ۋاقىرغان پېتىم ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭغا تاشلاندىم، لېكىن ئۇ بەستلىك ، يۇغان بولغاچقا مېنى كىچىك بالىنى ئىرغىتغاندەك ئىرغىتىپ يىقىتىۋەتتى ، بۇ ھالىمغا قاراپ تۇرغان ھەمىراھلىرىم ئۇنىڭ قىلىمىشىغا چىدىيالماي تۇرغان بولسا كىرەك، ھەممىسى تەڭلا غەزەپتە ئۇنىڭغا ئېتىلدى، ئۇ كۆپ ئادەمگە تەڭ كىلەلمەي يىقىلدى. بىز ئۇنى بېسىپ تۇرۇپ ، ئۇرۇپ - دۇمبالاپ قورالىنى تارتىۋالماق بولدۇق .
 - سىلەر ساراڭ بولدۇڭلارمۇ ؟ نىمە قىلۋاتقىنىلارنى بىلىۋاتامسىلەر ؟ ئۇلارنى يوقاتماقتا يوق ئەكىسىچە قوغدايسىلەرغۇ ؟ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە بىر كۈچەپلا ئاستىمىزدىن بوشۇنۇپ چىقىپ يېقىنلاپ كەلگەن نەچچە ئادەمگە قورالىنى توغىرلىدى ، بىز «ياق » دەپ ۋاقىراپلا قالدۇق ، لېكىن لازىر ئوق ئۇ نەچچە ئادەمنىڭ يۈز - كۆزىنى تىتىما- تىتما قىلىپ يىقىتتى.  ئۇلاردىن چىققان قان فۇنتاندەك ئۆرلەپ ئۈستىبىشىمىزغا چاچىراپ چۈشتى . ئۇلار بۇ چاغدا ئۇرۇق - تۇققانلىرىمىزدەك كۆرەندى -دە پەقەت تاقەت قىلالماي قارا كىيىملىككە قورالنى توغۇرلىدۇم . ئۇ ئەلپازىمنى كۆرۈپ چەبدەسلىك بىلەن بىگىز بارمىغىنى ماڭا توغىرلىغاندەك قىلدى ، بەدىنىمگە بىر كۈچلۈك توك ئېقىمى تارىلىپ ، ئاغرىقتىن ئەس - ھوشۇمنى يوقۇتۇپ يىقلدىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپلا تۇردۇم. ئەتىراپ قانغا تولغان، مەخلوقلار يۇپۇرلۇپ كەلمەكتە ئىدى ، ھەمراھلىرىمغا قارىدىم ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ھالەتتە يەردىن ئۆمۈلەپ تۇرۇپ ئەتراپقا ھەيرانلىق ھەم گاڭگىراش بىلەن قارىشۋاتاتتى .
 - قېنى بايقى ئادەملەر ، بايقى چارۋا ماللار ؟ قاھار ماڭا بىر قارىۋېتىپ سورىدى : - مەن بايا ساۋاقداشلىرىمنى كۆرگەنغۇ؟
 قارا كىيىملىك ئەتىراپقا شىددەت بىلەن ئوق ئۈزۈۋېتىپ ۋاقىردى : 
- نىمىگە تۇرىسىلەر ؟ مەن بەرداشلىق بىرەلمىدىم ! 
ھۇجۇم قىلىۋاتقان بەتبەشىرە مەخلوقلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلىدىغاندەك قىلمايتتى ، ئۇلار كەلگەن پېتى پارچە - پارچە جەسەتلەرگە ئايلىنىپ ئەتراپىمىزدا تاغ ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قېنى دەريادەك ئېقىۋاتاتتى، كەڭ ئوچۇقچۇلۇق ئەمدىلىكتە قىپ - قىزىل رەڭگە بويالغانتى . بىزمۇ شىددەت بىلەن ئوق ئۈزۈشكە باشلىدۇق ، بۇ چاغدا كاللام قايمۇقۇپ بايا نىمە بولدۇق دىگەن ئوي بىلەن پەرىدىنى كۆرگەن يەرگە نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم ، ئۇ يەردە ئايال ئالۋاستى بىزگە خىرىس قىلىپ قاراپ تۇراتتى . ئۇ مەخلۇقلارنىڭ بۇنداق قىرىلىشىدىن قورۇقتىمۇ قانداق ، بىر چىرقىراپ ئاسمانغا ئون مىتىردەك كۆتۈرلۇپ توختىدى - دە قولىنى بىر پۇلاڭلاتتى. مەخلۇقلار بىردىنلا ھۇجۇم قىلىشتىن توختاپ ئورمان ئىچىگە چىكىنىپ ، شۇنداق تىزلايوقاپ كەتتى، مەن ئالۋاستىغا قورالنى بەتلىدىم.  خىيالىمدا ئۇنى ئوق بىلەن پارە - پارە قىلىۋېتىشنى ئويلىغانتىم ، لېكىن ئەجەپلىنەرلىكى قورال ماڭا بوي سۇنماي ئۇچى يەرگە قاراشقا باشلىدى. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كۈچەپ باقتىم ، غەلىتە يىرى شۇنچە كۈچىسەممۇ ھەتتا تەپكىنىمۇ بېسىشقا بارماقلىرىم ھەركەت قىلالمايۋاتاتتى .
 - بۇ … بۇ … نىمە ئىش ؟- شۇنداق دىيەلىدىم ئارانلا . 
ئەتىراپىمدىكىلەر بۇ ئىشتىن چۆچۈپ ماڭا قاراپلا قېلىشقانتى. قارا كىيىملىك مەندىكى بۇ غەلىتىلىكنى چۈشەندى بولغاي ئالۋاستى ئايالغا لازىر نۇرلۇق ئوق ئۈزدى ، ئوق ئالۋاستى ئايالنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ بىز تەرەپكە قاراپ ئۈچۇپ كەلدى - دە قارا كىيىملىكنىڭ مۈرىسىنى تىشىپ ئۆتۈپ يەرگە چۈشۇپ بىر ئورەك پەيدا قىلدى . ئۇ ، بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن كۈتۈلمىگەن زەربىدىن يىقىلدى. ئالۋاستى ئايال ، بىزنىڭ ھالىتىمىزغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كۈچلۈك بورانغا يولۇققان بىر پارچە رەخىتتەك ئورمان ئىچىگە ئۇچۇپ كىرىپ كەتتى .
 بىز يۈگۈرشۈپ چەۋاندازنى يۆلىدۇق ، ئۇ ئاغرىق ئازابىغا چىداشلىق بىرىۋاتقاندەك قىلاتتى .
 - ماڭا ھېچنەرسە بولمايدۇ … ئاۋۇ سىرلىق ئايالنى بىلگەنسىلەر ؟ ئۇ موشۇنداق سىرلىق نەرسىكەن، بىز شۇنچە تىرىشىپ تەتقىق قىلىپمۇ ئۇنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى، قانداق تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىغى توغۇرسىدا ھېچنەرسىگە ئىرىشەلمىدۇق. بايا ئۇ سىلەرگە قانداق سىھىر ئىشلەتتى ، نىمىشقا ئۇنى ھەم ئۇنىڭ قوشونىنى قوغدايسىلەر ؟ 
بىز بايقى كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىنلا ئۇ : - ھە ، ئەسلى ئۇ كۆزىڭلارنى سېھىرلىۋاپتىكىنە ،- دىگىنىچە ھوشىدىن كەتتى. بىز ھۇدۇققىنىمىزدىن پات - پاراق بولۇشۇپ كەتتۇق . …
 داۋامى بار…