كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ 3- قىسىم

كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ  

 

 3- قىسىم

 

سەردار بېشىنى بىردەم چۈمكەپ يېتىپ باقتى ، لېكىن ھىچ ئۇيقۇسى كېلدىغاندەك ئەمەس ، كاللىسىدا باياتىندىن بېرى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ...
‹ئۇنىڭغا سەل ئاشۇرۋەتتىممۇ نىمە ؟ھەييييييي!›ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ ياتىقىدىن چىقتى ، مەلىكەمنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشكى قىيا ئوچۇق بولۇپ مەلىكەم ياتاقتا يوق ئىدى . ‹نەدىدۇ ؟ › سەردار ئىتتىك چوڭلارنىڭ ياتىقىغا ، ئاشخانىغا ھەتتا مۇنچىلاغا كىرىپ چىقتى ، مەلىكەم يوق،سىرىتقا چىقىپ كەتتىمىكىن دىسە ئايىقى تۇراتتى . ‹ئاپلا ساپما كەش بىلەنلا چىقىپ كېتىپتۇ دە ؟›
سەردار جىلە بولۇپ تۇرغاندا يانفونى سايراپ قالدى ، تېلفون مەرداندىن كەلگەنتى :
-ئالو مەردان
-نەدە سەن ؟
-مەن ئۆيدە ؟
-بىللە تاماق يەيلى دىگەن
-ھەي ھازىر ئاچچىقىمدا يېرلىپ كېتەيلا دىدىم .
-نىمە بوپسەن ؟
-ۋاي شۇ ھېلىقى سەھرالىق بولمامدۇ ئاداش
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەرداننىڭ يۈرىگى ‹جىغغىدە › قىپ قالدى .
-ھە
-ئۇرۇشۇپ قالدۇق يەنە ، يامانلاپ چىقىپ كېتىپتۇ دىگىنە سىرىتقا
-ئىزدەپ چىقىپ باقمىدىڭمۇ ؟
-نەدىن ئىزدەيمەن ، يا مەكتىۋىگە كەتكەندۇ . دەپ بولۇپ : مەكتىۋىگە كەتتىمىكىن دىسەم ساپما كەش بىلەنلا چىقىپ كېتىپتۇ دەپ قوشۇپ قويدى سەردار .
-ساپما كەش بىلەن ؟ مەرداننىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى .
-سىرىتتا خېلى سوغۇق بار تۇرسا ؟چىقىپ قاراپ باقساڭ بولمامدۇ ،سوغۇق ئۆتۈپ ئاغىرىپ قالسا ؟سەن سىرىتقا قاراپ باق ، مەن باراي ئۇنىمۇ ئېلىپ چىقىپ بىللە تاماق يەيلى كۆڭلىنى ئەپ قويمامسەن ؟
مەردانمۇ مەلىكەم بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەپ تۇرغاندا بۇ ئىشمۇ ئۇنىڭغا ئوڭ چۈشكەن ئىدى.
-ھە ئاۋال بىر كېلە . دەپ تېلىفوننى بېسىۋەتتى سەردار .
‹نەگىمۇ كەتكەندۇ بۇ پاڭقۇش ؟› دەپ ئايىقىنى كىيىپ سىرىتقا ماڭدى . سىرىتقا چىقىپلا شىپاڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان مەلىكەمنى كۆردى دە ئاستا شىپاڭ تەرەپكە ماڭدى . ئەتىياز بوپ قالغىنىغا قارىماي سىرىت خېلىلا سوغۇق بولۇپ . قىزنىڭ يۈزلىرى سوغۇقتىن تاتىرىپ كەتكەن ،كۆزلىرى ياش يۇقى بىر نۇختىغا تىكىلىپ قالغان ئىدى .قىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ سەردار بەكمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى .
-كەچۈرگىن ؟
قىز ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى .
سەردار قىزنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇردى ۋە مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئوتتەك ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ :
-كەچۇرگىن جېنىم سىڭلىم . دىدى قىزغا تەلمۈرۈپ .
سەردارنىڭ قولىدىن چىققان چوغدەك ھارارەت قىزنىڭ مۇزلاپ كەتكەن بەدەنلىرىنى دەقىقە ئىچىدە قىززىتىۋەتتى . قوللىرىنى تارتىۋالاي دىدىيۇ تارتىۋالالمىدى .
چىرايلىق كۆزلىرىنى سەردارغا تىكتى ، ناھايىتى بوش ئاۋازدا :
-سېنى ، سېنى سېنى دەپلا گېپىنىڭ ئاخىرنى ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى.
-كەچۇرمەمسەن ؟
-ماڭا ئەمدى بۇنداق قوپاللىق قىلما ، بولمىسا مەن ... بىچچارە قىز شۇنداق دەپلا ‹پاڭڭىدە›يىغلىۋەتتى .
سەردار شۇنچىلىك خىجىل بولدىكى ، خىجىللىقىدىن قىزغا دەيدىغان گەپ ، بېرىدىغان تەسەللىمۇ تاپالمىدى .
مەلىكەمنىڭ يىغىسى سەل توختىغاندىن كىيىن ئىككەيلەن ئۆيگە يېنىپ كىردى.
-مەلىكەم دىدى سەردار تۇنجى قېتىم .
سەردارنىڭ بۇ يېقىملىق چاقىرىشىدىن مەلىكەم ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ بۇنچە يېقىملىق ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى .
-سىرىتتىن تاماق يەيلى ، كىيمىڭنى يەڭگۈشلەپ چىقە ؟
مەلىكەم ھاياجاندا سەردارغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ قالدى
-چىققىڭ يوقمۇ ؟ يۈزۈمنى قىلغىنە ؟
شۇ تاپتا مەلىكەمنىڭ قانچىلىك خوش بولغانلىغىنى ئۇ بىلەمتى دەيسىز .
-ماقۇل
-چىرايلىقراق ياسىناسەن ھە سەت .
قىز بۇ گەپتىن ئىتتىك كەينىگە بۇرۇلدى .
-چاقچاق چاقچاق دىدى سەردار شوخلۇق بىلەن .
قىز ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
قىز چىققىچە مەردانمۇ ئۆيگە كەپ بولدى ، ئۆيگە كىرگەن مەردان سەردارغا قانداق بولدى ؟ دىگەن مەنادا ئىشارەت قىلدى ، سەردارمۇ ئىش پۈتتى دىگەن مەنادا باش بارمىقىنى چىقىرىپ مەلىكەمنىڭ ياتىقىنى شەرەتلەپ قېشىنى ئېتىپ قويدى .ئاڭغىچە چىرايلىق ياسانغان مەلىكەم ياتىقىدىن چىقتى ، قىزنىڭ شۇ تاپتىكى خوشلىقىدا باياتىندىن بېرى بولغان خاپىلىقتىن ئەسەرمۇ يوقتى . قىزنى كۆرۈپ مەردان ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى .
-مەردان ، شىركەتتىكى دوستۇم
-تېچلىقمۇ ، سەرداردىن گېپىڭىزنى ئاڭلىغان ئىدىم .كۆرۈشۈشكە ئەمدى نىسىپ بوپتۇ .
مەلىكەم مەرداننى كۆرۈپلا چىرايى سەل ئۆڭىدى لېكىن چاندۇرمايلا ‹تېچلىقمۇ ؟› دەپ بېشىنى يېنىك لىڭىشتىپلا قويدى .
-ھاھاھاھاھاھاھاھاھا
سەرادار تۇيۇقسىزلا قاتتىق كۈلۈپ كەتتى . مەردان بىلەن مەلىكەم ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ قالدى .
-ئۆتكەندە ، ئۆتكەندە دىدى سەردار كۈلكىسىنى ئاران بېسىپ
-سېنىڭ سۈرىتىڭنى كۆرۈپ ساڭا ئاشىق بوپ قالغان .
‹ۋاي سەردار ،ۋاي سەردار سېنىڭ ئاغزىڭنىڭ بوشلىغىنى › مەردان قىزنىڭ ئوڭايسىزلانغىنىدىن ئاپپاق يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى .
مەلىكەم بولسا سەردارغا شۇنداق ئاچچىق بىلەن تىكىلدىكى ، كۈلۈۋاتقان سەردار جىممىدە توختاپ قالدى .
-ۋاي مەن چاقچاق قىپ قويدۇم ،سىلەرگە ؟ دىدى دۇدۇقلاپ .
-شۇنداق چاقچاق قىلامسەن ؟ بولدى بارمىدىم تاماققا .
مەلىكەم شۇنداق دەپلا ياتىقىغا ماڭدى .
-جېنىم خان ئاچا مېنى كەچۈرۈڭ ، ھەي مېنىڭ مۇشۇ ئاغزىمزەەەەەە
سەردار تېزلىك بىلەن بېرىپ مەلىكەمگە ئېسلىۋالدى .
ئاخىرى سەردار ئۇنى – بۇنى دەپ يۈرۈپ مەلىكەمنى ئېلىپ ماڭدى .
ئۇلار مەرداننىڭ ماشىنىسىدا ماڭدى ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىدا مېڭىشنى ئالدىن پىلانلاپ قويغان مەردان ماشىنىنىڭ ئەينىگىنى كەينىدە ئولتۇرغان ئادەمنى ئېنىق كۆرگىلى بولدىغان قىلىپ توغۇرلاپ قويغان ئىدى.سەردار بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىۋاتقان مەردان پات – پات قىزغا ئوغۇرلۇقچە قارايتى . لېكىن قىز ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپلا ئولتۇردى .
-نەگە ھەيدىدىڭ ؟ دىدى سەردار
-نەگە ھەيدەي ؟ ياندۇرۇپ سورىدى مەردان
-ھىچ بىلمىدىم .
-مەلىكەمنىڭ نەگە بارغىسى باركىن ؟ مەردان ئەينەكتىن قىزغا قارىدى .
مەلىكەم ھودۇقۇپ : مەن بىلمەيمەن ، ئۆزۈڭلا بىلىپ ...
-سەردار ئۇزۇن بوپتۇ بىزلەمۇ ئارام ئالمىغىلى ‹روس كۈيلىرى›گە بارامدۇق يە ؟
-ئۇ يالغۇز تۇرسا ؟ دىدى سەردار مەلىكەمنى ئىشارەتلەپ
-بىرەر ساۋاقدىشىڭىزنى چاقىرامسىز ؟مەردان مەلىكەمدىن سورىدى .
مەلىكەم دەمال نەگە بېرىشنى بىلمەيلا
-ھە مەيلى دىدى.
-ئەمسە تېلفون قىلىڭ
مەلىكەم ئاستا سەردارغا
-تېلفونىڭنى بېرىپ تۇرە دىدى
سەردارنىڭ تېلفونىدىن نەفىسەگە تېلفون قىلدى .
ئۇلار نەفىسەنى ئالغىلى باردى ، نەفىسەمۇ شۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانتى . ماشىنىغا چىققان نەفىسە مەلىكەمگە ‹.قالتىسقۇ ›دىگەن مەنىدە كۆزىنى قىسىپ قويدى .
ئۇلار ‹روس كۈيلىرى › مۇزىكىلىق كۇلۇبىغا كىردى ، بۇ يەرگە كىرىپ مەلىكەم تېخىمۇ ھەيران قالدى . تىجارەت باشلانمىغاچقىمۇ زالدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى . غۇۋا يورۇتۇلغان زالدا ھىچىكىم بىر – بىرىنى تونىمايتى ، مەلىكەم ھەيرانلىقتا زالنىڭ ئۈستىلىرىگە قاراپ مېڭىپ نىمىگىدۇ پۇتلىشىپ كەتتى . مەلىكەمدىن كۆزىنى ئۈزمەي ماڭغان مەردان ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئۇنى تۇتىۋالدى . ‹ئۇففففف › مەلىكەم ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ بىر سەتلىشىشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان مەردانغا مىننەتدارلىق بىلەن قارىدى .مەردان ئۇنىڭغا ‹ھىچقىسى يوق › دىگەن مەنىدە مىيغىدە كۈلۈپلا قويدى .بۇنى سەردارمۇ –نەفىسەمۇ سەزمىدى .
ئۇلار كۈتكىچىلەرنىڭ باشلىشى بىلەن ئەپلىك بىر ئورۇنغا ئورۇنلاشتى ، ئەلۋەتتە قىزلار بىر تەرەپتە ، يىگىتلەر بىر تەرەپتە ئولتۇردى .
-دوستۇڭنى تونۇشتۇرۇپ قويمامسەن ؟
-مەن نەفىسە ، مەلىكەنىڭ بىرىنجىدىن دوستى ، ئىككىنجىدىن پارتىدىشى . دىدى نەفىسە شوخلۇق بىلەن .
ھەممەيلەن كۈلۈپ كېتىشتى .
-ئەمسە بىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تونۇشتۇرايلى . دىدى مەردانمۇ
-مەن مەردان بىرىنجىدىن مەلىكەمنىڭ دوستى ، ئىككىنجىدىن مەلىكەمنىڭ ئاكىسنىڭ دوستى . ھە مەن ياخشى دوسلاردىن بوپ قالىمەن دەپ ئويلايمەن دەپ ئەسكەرتىش قوشۇپ قويدى .
ھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھا ئۇلار يەنە بىر قېتىم كۈلۈشىپ كەتتى .
-سىزنى مەن تېپىپ باقايمۇ ؟ دىدى نەفىسە سەردارغا قاراپ شوخلۇق بىلەن .
-بولىدۇ بولىدۇ تېپىپ بېقىڭ
-دىسەم – دىمىسەم سىز سەردار ، بىرىنجىدىن مەلىكەمنىڭ ئاكىسى ئىككىنجىدىن مېنىڭ دوستۇم
ھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھاھا
ئۇلارنىڭ ئولتۇرىشى مانا مۇشۇنداق قىلىپ ناھايىتى كۆڭۈللۈك باشلاندى .
توۋا كىرگەندە ئادەم يوقتەك قىلۋاتاتتى ، بىردەمدە زال ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق توشۇپ كەتكەن ئىدى . مەلىكەم خىلمۇ – خىل ياسانغان گۈزەل قىزلارغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى .‹پاھ !نىمە دىگەن گۈزەل قىزلار بۇ › ئۇ بۇلارنى ئويلىغاچ ئىتتىك سەردارغا قارىدى ، ‹بۇنداق گۈزەل قىزلا ئالدىدا ئۇ مېنى ياختۇراتتىمۇ › . لېكىن سەردار قىزلارغا ئەمەس تېلفونىغا قاراپلا ئولتۇراتتى .
ئۇلارنىڭ ئالدى بىردەمدىلا ھەر خىل ئاچچىق – تاتلىق قورىما ، مىۋە شەربەتلىرى ، ماروژنىلار بىلەن تولدى .
-قېنى مىھمانلار ئاددىي بولسىمۇ دوسقانغا بېقىپ قويۇڭلار ئەمدى .دىدى مەردان ئالقانلىرىنى بىر –بىرىگە سۈرتۈپ .
ئۇلار يەنە بىر قېتىم قاقاقلاپ كۈلىشىۋەتكەندىن كىيىن تاماقلارغا ئېغىز تېگىشكە باشلىدى .
مۇزىكىمۇ باشلاندى ، دەسلەپتە سەنئەتچىلەرنىڭ گۈزەل ، رومانتىك ، شوخ ناخشا – ئۇسۇل ، مۇزىكىلىرى تەقدىم ئېتىلدى .مۇڭلۇق مۇزىكىلار ، شوخ ئۇسۇللار مەلىكەمنى شۇنداق خوش قىلىۋەتتى . پات – پات نەفىسە بىلەن كۇسۇلدىشىپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى . سەردار قوشۇمىلىرىنى چىڭ تۈرۈپ سەھنىگە ھىچقانداق ئىنكاسسىز قاراپ ئولتۇردى . مەردانچۇ ؟ ئۇ كۆزىنى مەلىكەمدىن ئۈزمىدى ، قارىغانسىرى بۇ كەمپۈتتەك قىزدىن كۆزلىرىنى ئالالماي قالدى . لېكىن ...ھەيييييييييي!
رىياسەتچىنىڭ مىھمانلارغا شوخ مىللىچە ئۇسۇل دەپ ئېلان قىلىشى بىلەن زال ئىچىنى قىقاس – چوقان قاپلىدى.مەيداندىكى قىز – يىگىتلەرنىڭ ئويناۋاتقان ئۇسۇلىغا قاراپ بىرسىنىڭمۇ ئۇسۇلىنى مىللىچى ئۇسۇلغا ئوخشىتالماي كۆڭلى يېرىم بوپ كەتتى .ئۇلار مىللىچە دەپ ئوينايتىيۇ بىر يەرلىرى غەيرىلا ...ئۇسۇلنىڭ تۈگۈشىگە ھەزرىتىئەلىنىڭ ‹مەن بىلەن › دىگەن ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسى ياڭرىدى . گىتار بىلەن تولىمۇ مۇڭلۇق باشلانغان مۇزىكا ئۇدۇللا مەلىكەمنىڭ يۈرىگىگە تەگدى ،ئىختىيارسىز تېلفونغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن سەردارغا قارىدى .
-ۋاي –ۋۇييييي بۇ يەرگە ئويۇن كۆرگىلى ئەكەلدىڭلارمۇ ياكى ئويناتقىلىمۇ ؟؟ دىدى نەفىسە بىر – بىرىدىن ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتكەن يىگىتلەرگە قاراپ .بۇ گەپتىن سەردار بىلەن مەردان ئوڭايسىزلىنىپ كۈلۈشۈپ كەتتى .
-تۇرىڭە ئىككەيلەن بىر قول ئوينايلى ؟
مەردان نەفىسەنى تانسىغا تارتتى . نەفىسەمۇ چاققانلىق بىلەن تۇرۇپ مەردان بىلەن مەيدانغا چۈپ كەتتى .
-تۇرە سېنىمۇ ئوينۇتۇپ قوياي ؟ سەردار مەلىكەمنى تارتتى .
بۇنىڭدىن ھودۇققان قىز سەردارغا
-مەن ئويناپ باقمىغان
-بىلىمەن ، چىقىپ مەن بىلەن ماسلاشساڭلا بولىدۇ ، بىز بىر تانسا مۇسابىقىسىگە قاتناشمايمىز ،
مەلىكەم قورۇنغان ھالدا سەردارغا ئەگەشتى .
ئاھ!!!!سەردارنىڭ قوللىرىدىن تارىغان ھارارەت قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوت بولۇپ ياندى...پۈتۈن بەدىنى يېنىك تىتىرەپ كەتتى .بۇنى ھىس قىلغان سەردار بېشىنى ئىگىىپ مەلىكەمنىڭ قۇلىغىغا ئاستا پىچىرلىدى
-ھودۇقما ؟شۇنداق ياخشى ئويناۋاتىسەن .
سەردارنىڭ تىنىقلىرى قىزنىڭ مەڭزىلىرىنى سۆيۈپ ئۆتتى ، ئاھ ۋاقىت مۇشۇ ئورنىڭدا توختاپ قالساڭچۇ ؟ قىزنىڭ كىچىككىنە يۈرىكى نىدا قىپ كەتتى . نىمە دىگەن تاتلىق ، شىرىن تۇيغۇ بۇ ؟ ئىھ ئاللاھھىم ماڭا ياردەم قىل ...
قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ سەردارغا قارىدى ،‹توۋا ؟ئۇنىڭغا ئاشىق بولدۇممۇ ؟› . لېكىن سەردار ئۇياق – بۇياققا قاراپ شۇنچە پەرۋاسىز قىزنى ئېلىپ ماڭاتتى .شۇ ئارىدا ناخشا ئاخىرلاشتى ، ‹نىمە دىگەن قىسقا ناخشا بۇ ›.
ئۇلار ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى . ئولتۇرىشى يېنىك ۋالىس مۇزىكىسى ياڭرىدى .‹‹ ۋۇيييييۇ ›› دىدى نەفىسە خوشلۇقتا مەلىكەمگە قاراپ :
-تۇرە گۈزىلىم سەن بىلەن ۋالىس ئويناي .
-مەن ۋالىس ئوينىيالمايمەن ئاداش
-مەن ئۈگىتىمەن تۇرە . دىدى مەلىكەمنىڭ قولىنى تارتىپ .
-رۇخسەتمۇ يىگىتلەر ؟ نەفىسە شوخلۇق بىلەن يىگىتلەرگە قارىدى .
-مەرھەمەت بەھوزۇر ئويناڭلا . دىدى سەردار كۆزىنى قىسىپ .
مەلىكەم ئەقىللىق قىز بولغاچقا ۋالىسقا بىردەمدىلا كۆنىۋالدى . نەفىسە مەلىكەم بىلەن ئويناۋىتىپ
-ئاداش بىر نەرسىنى سېزىپ قالدىم . دىدى
-نىمىنى ؟
-مەرداننى
-كۆزۈڭ چۈپ قالمىغاندۇ ؟
-كۆز چۈپ قالغىدىكەك بالىكەن ، لېكىن مەن سەندەك تەلەيلىك ئەمەسكەنمەن .
-نىمە دىگىنىڭ بۇ
-ئۇ سەندىن كۆزىنى ئۈزمەيۋاتسا ؟
-ماڭغىنە ساراڭ . دىدى مەلىكەم نەفىسەنى مۇشلاپ
-ۋاي راس ، بولمىسا ئۆزۈڭ دىققەت قىپ باققىنە ؟
شۇ تۇرقىدا مەلىكەمنىڭ يادىغا سەردارنىڭ ئۆيدە دىگەن گېپى كەلدى .
-شۇڭ بوپ كەتتىڭغۇ ؟
-بولدى قالايمىقان پەرەز قىلما ؟
-راس گەپ بۇ پەرەز ئەمەس دەپ غودۇڭشۇپ قويدى نەفىسە
مۇزىكا تۈگەپ ئورۇنىغا كەلگەندە سەردار يوق ئىدى . مەلىكەم ‹قىنى سەردار ؟ › دىگەن مەنىدە مەردانغا قارىدى .
-تازلىق ئۆيگە كىرىپ كەتتى . .
ئۇلار ئولتۇرۇپ تۇرىشىغا يەنە بىر لىرىكا باشلاندى . مەردان ناھايىتى ئىكىلىشىش ئىچىدە ئاخىرى پۈتۈن جۈرئىتىنى يىغىپ مەلىكەمنى تانسىغا تارتتى .
توۋا توۋا تەڭشەلمىگەن جاھان . باياتىن ئوينىغان ۋاقىتتا مەلىكەم تىتىرگەن ئىدى ، ئەمدىلىكتە مەردان تىتىرمەكتە ، باياتىن مەلىكەم ئىنتىزارلىق بىلەن باققان ، مانا ئەمدىلىكتە مەلىكەم ئۇياق – بۇياققا پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ ئويناۋاتىدۇ ...مانا بۇ تەقدىر
تۇيۇقسىز بىرسى سوقۇلۇپ مەلىكم بىلەن مەردان شۇنداق يېقىن تۇرۇپ قالدى ، مەلىكەمنىڭ ئالمىدەك كۆكسى مەردانغا تېگىشى بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرى بۇ ھارارەتتىن ئىرىپ نەپەسلىرى ئىتتىكلەپ ، يۈرىگى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ كەتتى . شۇ مەسخۇشلۇقتا مۇزىكىنىڭ تۈگىگىننىمۇ بىلمەيلا قالدى ...بۇ قايناق ھېسىياتنى ھىس قىلغان مەلىكەم مەردەننىڭ ئۆزىگە ئوخشاش كەيپىتاتتا ئىكەنلىكىگە راستىنلا ئىشەندى . ‹ھەي !سەن سەزمىگەنسەنمۇ سەردار ؟؟؟›
بۇلارنىڭ ئولتۇرىشى مۇشۇنداق ھاياجانلىق ھېس – تۇيغۇلار بىلەن داۋاملاشتى ، نەفىسە سائەتكە قاراپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ تاقىلدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئالدىراشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ قايتىشتى .
كەڭ قورساقلىق بىر خىل گۈزەللىك ، ئۇ بىر خىل زىننەت . قولۇڭدىن كەلسە باشقىلارغا شۇنچىلىك قىلغىنكى ، باشقىلار ساڭا قىلغىنى ئۈچۈن خىجىل بولدىغان بولسۇن ...
ياتىقىدا كىيىملىرىنىمۇ سالماي ياتقان مەرداننىڭ كۆز ئالدىدا ئوتتەك مۇھەببەت يالقۇنلاپ تۇرغان مەلىكەمنىڭ كۆزلىرى پەيدا بولدى . ‹ بىچچارە قىز سەردارغا ئاشىقكەنسەن ، ›› مەردان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالدى . ‹‹ ئاللاھىم ماڭا سەۋىر بەر ! ماڭا ئەقىل بەر !قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ بىرسى جان جىگەر دوستۇم ، بىرسى ئۇزۇندىن بېرى چۈشلىرىمدە ، خىياللىرىمدا ئارزۇ قىلۋاتقان مۇھەببىتىم ...››
كاللىسى تورمۇزلۇنۇپ قالغان مەردان ئاستا ئۆيىدىن چىقىپ دادىسىنىڭ تاماكىسىدىن بىرنى ئوغۇرلۇقچە ئەكىرىپ تۇتاشتۇردى ، تاماكا چېكىپ باقمىغان بىر شوراپلا ئاچچىق تۈتۈندىن قېقىلىپ كەتتى ، كۆزلىرىدىن مونچاقتەك ياش چىقىپ كەتتى ، مەردان ئىتتىك كۆزلىرىنى تۇتىۋالدى ...
بىر كېچە ئويلانغان مەردان ئاخىرى ئۆزى سۆيگەن يايرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى .
مانا بۇ مۇھەببەت ، مانا بۇ چىن سۆيگۈ ، مۇھەببەتنىڭ بەزىدە قۇربانلىق بېرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
داۋامى بار.....




1984 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 2:45:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-4 15:40:18 adila
payzikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ