قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 6- قىسىم

 قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرىقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 6- قىسىم


ئاغىنىلەر توپلىشىپ كىچىچە يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر قۇر تەھلىل قىلىپ باقتى ، ئۇلارغا بۇ ئىشلار بىر تەرەپتىن قورقۇنۇچلۇق بىر خەتەردىن شەپە بەرسە ، بىر تەرەپتىن ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك بىمەنە بىر ئىشتەك تۇيغۇ بىرەتتى . يەنە بىر  تەرەپتىن مەلوم بىر سىرلىق ۋەقەگە چېتىشلىقتەك ، بۇ سىرلىق ۋەقەگە ئۆزىلىرىمۇ بىلىپ بىلمەي مەجبورى ئارلىشىپ قالغاندەك ، بۇ ئىشتىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغاندەك ھېسلارغا ئەپكىلىپ قويىۋاتاتتى .سەمەت دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ھىكايىسىنى دەمەلىققا چاقچاق قىلىپ دەپ قويىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا ، ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەنسىزلىككە چۈشۈپ ، كۆزلىرىنى مۈلدۈرەتكىنىچە  قاراپلا قالغانتى …
 رىئال تۇرمۇشىنىڭ تۇرۇپلا باشقا بىر دۇنياغا ، باشقا تۈردىكى رىئاللىقتىن چەتنىگەن مەۋجۇدات - مەخلۇقاتلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بىرىكىپ داۋاملىشىشى ئەمدىلىكتە بۇلارنى تېخىمۇ گاڭگىرىتپ قويىۋاتاتتى .
 توغىرا ، بۇلارنىڭ ئەنسىزلىككە چۈشىشىمۇ ھەقلىق ئىدى ، ئەزەلدىن رىياللىقتىن چەتنىمىگەن بۇ ساپ ھاۋالىق ، گۈزەل سەھرا ھاۋاسى ، زۈمىرەت ئاسمىنى ئۇلار تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ يىتەلمىگۈدەك ۋەھىمە تۇمانلىرىنىڭ چاڭگىغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرۋاتقان بولۇپ ، ھەرقانداق بىر جان ئىگىسى ئويلاپ باقمىغان ئەزىرائىللارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ، ئولجىسى بولۇش خەۋىپىدە ئىدى .
 يىگىتلەر قىزلارنى ئويلاپ قالدى ، ئەگەردە ئۇلار بۇنداق ئىشلارغا ئۇچىراپ قالسا قانداق بولۇپ كىتەر ، ئەمدىلا سىرلىق رايون ۋەھىمىسىدىن قوتۇلۇپ، ئۆزىنى ئوڭشىغاندا بۇ زەربىگە ئۇچۇرسا ،ساراڭ بولۇپ قالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭدىن پەرقى قالمايدۇ دە .
 
- سەمەت سەن كىچىدىن ھېچقانداق غەيرى ئەھۋالغا ئۇچۇرمىدىڭمۇ؟- سورىدى ئىسكەندەر .
- ياق ، ھېچقانداق ئىشنى كۆرمىدىمغۇ !
- ئۇنداقتا ياخشى ، ئۇچۇرمىغان بولساڭلا بولدى ، ساڭا ئوخشاش قىزلارمۇ كىچىنى تېنىچ ئامان ئۆتكۈزگەن بولسىلا بولاتتىغۇ !- دىدى تايىر ئەنسىرگەن ھالدا.
- ئەگەردە ئۇلارمۇ جىن - ئالۋاستىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرغان بولسىچۇ ؟
 ئۇلار ئالمان - تالمان قىزلارغا تىلفۇن قىلدى ، قىزلار ئۆيدە بولغاچ تىلفۇن ئېلىش بىئەپ بولدىمۇ تىلفۇننى بەك ئۇزۇندا ئالدى ، بۇ ۋاقىت يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىدىن ئاللىقانداق ئەنسىز خىياللارنى كەچكۈزۋەتتى .
- دىلبەر قانداق تۇردىڭلار ، كىچىدىن ئامان ئۆتتىڭلارمۇ ؟- دەپ ئېنىقلا سورىدى تايىر ئالدىراپ - تىنەپ .
- ۋوي ، نىمە كىچىچە يادىڭىزغا يەتكەن ئوخشىمامدىم ، بۈگۈن بەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتتىڭىزغۇ ؟ - دىلبەرنىڭ چاقچاق قىلغاچ كۈلۈپ دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ، - ۋاي رەھمەت ھە ، سىزمۇ ئادەمدىن ئەھۋال سوراشنى بىلدىكەنسىزغۇ !.
تايىر ئەتىراپىدا ئۇنىڭ دىلبەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىغا دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىۋاتقان دوسىتلىرىغا قاراپ ۋىللىدە قىزاردى .
- ياق … ياق … ھە  … ھە !- ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي دىلبەرنىڭ تۇيۇقسىز دىگەن سۆزىدىن ھۇدۇقۇپ قالغانتى ،- شۇ سىلەردىن ئەنسىرەپ تىلفۇن قىلغان ، ئاخشامدىن غەلىتە ئىشلار يۈز بىرىپ …
 بۇ چاغدا دىلبەرنىڭ تىلفۇنىدىن دادىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، كەينىدىن دىلبەرنىڭ :
- خوش ، سۆزلىشىش بىئەپ بولۇپ قالدى ، ئىشىم چىقىپ قالدى ، مەن سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي !- دىگەن ئاۋازى بىلەن تىلفۇن قويىۋېتىلدى ، تايىر دىمەكچى بولغان گەپلىرىنى ئۇقتۇرۇپ بولالمىغاچقا«  ۋەي توختاپ تۇرۇڭ» دەپلا قالدى .
- ئاداش سېنىزە ،- دىدى تۇرغۇن جىلە بولۇپ ،- قىزلار بىلەن سۆزلەشسەڭلا موشۇنداق مىس - مىس بولۇپ قالىسەن ، ھەي ئوغۇل بالا بولغاندىكىن گەپنى گاچ - گاچ قىلماي .
- بولدى قىلە ، - دىدى سەمەت تۇرغۇنغا رەدىيە بىرىپ ،- سەنمۇ خوتۇن ئەپلا چوڭ بولىۋالدىڭ ، يۈرۈگۈڭ چوڭلاپ قالدى ، بولمىسا ئىلگىرى قىزلارنى چاقىرىپ قويۇپ قېچىپ كىتەتتىڭغۇ !
  بالىلار كۈلۈشتى ، لېكىن بۇ كۈلكە كەينىدە ئەندىشە بولغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن قىزلارغا خەتەردىن خەۋەر بىرەلمىگەچ غەشلىكتە ئۆيدىن چىقىشتى .
 ئۇ كۈنى كەچ كىرگۈچە تايىر دىلبەرگە تىلفۇن قىلىپ ئالالمىدى ، دىلبەرمۇ تايىرغا تىلفۇن قىلمىدى . ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار ئىدى چۈنكى ئۇ تايىر بىلەن تىلفۇنلاشقاندىن باشلاپ دادىسىنىڭ مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغاچقا ، گۈزەلنۇرنى ھەمىرا قىلىپ ، ئۇنى ماشىنا بىلەن شەھەرگە ئېلىپ كىرگەنتى ، ئۇ تايىرغا تىلفۇن قىلماقچى بولسىمۇ پۇرسەت تاپالمىدى .شۇ تەرەققىدە كەچ كىرگەندىلا ئۆيگە قايتىپ كىلىشتى . ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە خوشنا مەھەللىدىكى نەۋرە قېرىنداشلىرى گۈزەلنۇرنى مىھمان بولۇشقا چاقىرغىلى كەلگەچكە ،ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىش ، تاماق قىلىش ، گۈزەلنۇرنى يولغا سېلىش بىلەن كەچ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن تىلفۇننىڭ ئىشلىرى پاپ - پاكىزە ئۇنتۇلدى .
 دىلبەرنىڭ ئايرىمخانىسى چوڭ ئۆيدىن ئايرىم ھەم يانداش سېلىنغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بولغاچقا ، ئىشىكىمۇ ئايرىم ھالدا ھويلا ئىچىگە قارايتتى ، دەرىزىلىرى بولسا ئۆي كەينىدىكى باغقا يەنى ئۈزۈم باراڭلىغىغا توغىرا كىلەتتى .شۇڭا بۇ ئۆي يازدا شۇنداق سالقىن تۇراتتى .
بۈگۈن كىچە دىلبەر ئۆيدە يالغۇز قالدى ، نەچچە ۋاقىتتىن گۈزەلنۇرنىڭ چاقچاقلىرى ، ئەركىلەشلىرى ، ئۇششۇقلىقلىرى ، غەلىتە سۇئال سوراشلىرى بىلەن كۈلۈشۈپ غاژ - غۇژلۇققا تولغان ئۆي بۈگۈن كىچە غېرىپسىنىپ قالغاندەك ، بۇ يېققىن قېرىندىشىغا بەكلا ئىجەكىپ كەتكەندە ئۇنىڭ بىر كىچە يوقاپ كەتكىنىگە كۆنەلمەيۋاتقاندەك بىلىندى .
ئۇ بۈگۈن ماشىنا ھەيدەپ ئۇنىڭدىن سىرىت بازارنى كۆپەرەك ئارلىغاچقا چارچاپ قالغانتى شۇڭا ئەتتىگەنلا ئۇخلىدى .
 كەچ ، ئەتىراپ تىمتاس جىمجىتلىق ، نەچچە ۋاقىتتىن تېنىمسىز چىرىلداپ ئارام بەرمەيدىغان قارا چىكەتكىلەرمۇ نىمىشقىدۇ جىمىلىپ قالغانتى ، بىر چاغدا دىلبەرنىڭ قۇلىغىغا «قىىق» قىلىپ ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ چۆچۈپ بېشىنى ئىتتىك كۆتەردى ، ئىشىك كەڭ ئوچۇق تۇراتتى ، ئۇ قورقىمسىراپ چاقىردى :
- ئاپا ! بۇ سەنمۇ؟؟؟
 ھېچقانداق سادا كەلمىدى . دىلبەرنىڭ يۈرۈگى « جىغ» قىلىپ قالدى ، ئەجىبا ئىشىك تاقاق ئىدىغۇ ، قانداق ئېچىلىپ كەتتى؟ .
 بۇ چاغدا ئىشىك تەرەپتىن « شۇرر» قىلىپ مۇزدەك شامال كىردى ھەمدە دىلبەرنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى ئۇ بۇ شامالدىن سەسكەنگەندەك يىنىك تىتىردى .
- كىم؟؟؟
 ئۆي ئىچى يەنە جىمجىت . دىلبەر نەپىسىنىمۇ قىسىپ ، پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆي ئىچىدىكى شەپىگە قۇلاق سالدى . لېكىن ئۆي ئىچىدە ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمىدى . ئۇ قورقۇپ تۇرغاندا « پاق» قىلغان ئاۋاز ئۇنى شۇنچىلىك قاتتىق چۆچىتىۋەتتى ھەتتا ئۇ «ئاپااا» دەپ ۋاقىراپمۇ سالغان ئىدى .غەلىتە يىرى بۇ ئاۋاز ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازى ئىدى . ئىشىك يېپىلغاندىن كىيىن بۇرۇنقىنىڭدەك ئىچىدىن تاقالغاندەك قىلدى ، دىلبەر بۇ قورقۇنۇچلۇق شەپىلەردىن قورقۇپ ، چىراقنى ياندۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ،كەينىگە داجىغىنىچە ئۆينىڭ بۇلىڭىغا بېرىپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرۋالدى . ئۆي ئىچى بىر ئاز جىمجىتلىققا چۆمگەندىن كىيىن ، تۇيۇقسىزلا سىرتتىكى ئۆيدە بىرىنىڭ پۇتىنى سۆرەپ ماڭغان شەپىسى ئاڭلاندى ، دىلبەرنىڭ كۆزلىرى يۇغانلاپ، بەدىنى غالىلداپ تىتىرەپ، پۈتۈن ئەس يادى شەپىگە مەركەزلەشتى ، ئاياق شەپىسى ئىچىدىكى ئۆيدە بىر ھازا ئاڭلانغاندىن كىيىن دىلبەر بار ئۆيگە يېقىنلىدى ،دىلبەرنىڭ يۈرۈگى قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى ، بۇ چاغدا « ۋاللىدە» قىلىپ دىلبەر ئاندا - ساندا يېقىپ قويىدىغان كىچىك تام چىرىغى يېنىپ قالدى ، بۇ چىراقنىڭ رەڭگى سۇس يېشىل بولغاچقا ، بۇ ۋەھىمىلىك شەپە بىلەن بۇ غۇۋا يورۇقلۇق قوشۇلۇپ ئۆينى تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرسىتىپ قويغانتى . دىلبەرنىڭ كۆزى چىراقتىن يۆتكىلىپ ئىشىككە قادالدى ، بۇ چاغدا ئىشىكتىن بىر پۇت ئۆي ئىچىگە سېلىندى ، دىلبەر ئاران تۇرغاچقا ۋاقىرۋەتتى ، لېكىن غەلىتە يىرى ئاۋازى چىقمىدى ، ئۇنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ ئەس - ھوشى يوقاي دىگەندە ئۆيگە بىر موماي كىرىپ كەلدى . بۇ چاغدا دىلبەرنىڭ كاللىسىغا سىرلىق رايوندىكى جىن - ئالۋاستىلار كەلدى ، ئىچىدە « ئاھ خۇدا ئۆزەڭ بار ، مېنى ئۆزەڭ ساقلىغايسەن! » دىگەن نىدانى تەكرارلايتتى ، كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى ، لەۋلىرى چىڭ چىشلەندى . موماي ئۆي ئىچىدە ھېچكىم يوقتەك ئەتىراپقا بىر قۇر قاراپ چىقتى ، ئۇ بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ تىتىرەۋاتقان دىلبەرگە قاراپمۇ قويمىدى ، دىلبەر بولسا بۇ كۆتۈلمىگەن قورقۇنۇچلۇق « مىھمان»دىن كۆزىنى يۆتكىمەي قاراپ ئولتۇراتتى ،موماي بويى جىۋەك ، ئورۇق ، ئاق كىپەنگە ئورالغاندەك كىيىم بىلەن ،ئاپپاق چاچلىرى چۇۋۇق ،پاخپايغان  بولۇپ ئۇزۇنلىغىدا  يەرگە سۆرۈلۈپ تۇراتتى .دىلبەر ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ قاتتىق تىتىرەشكە باشلىدى ، ئۇ ، بۇ موماي ھازىرلا ئۇنىڭغا ئېتىنلىنىدىغاندەك ، گىلىنى سىغىپ ، قانلىرىنى  سۆمۈرۋالىدىغاندەك ، كۆزلىرىنى ئۆيۈپ ئېلىپ يەۋالدىغاندەك تۇيغۇلاردا ئۆزىنى پەقەت كۆنتىرول قىلالمايۋاتاتتى . موماي بىردىن ئۆينىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى ، ئۇ دەسلەپتە ئىشكاپلارنىڭ ئاستىدىن ئىزدىدى ، ئۇ ئىشكاپ ئاستىدىن ئىزدىگەندە كىچىكلا يوچۇقلارغىمۇ سۆزۇلۇپ كىرىپ چىقتى ، كەينىدىن تاتمىلارنى ئاختۇردى ، ئارقىدىن چوڭ ئەينەك ئالدىدىكى كىچىك ئۆستەلنىڭ تارتمىسىنى ئاختۇردى -دە تارتمىدىن بىر تال تارغاقنى ئېلىپ ، ئۆستەل ئالدىدىكى ئورۇندۇققا لىككىدە چىقىپ ئەينەككە قارىغىنىچە ئالدىرماي چاچ تاراشقا باشلىدى . موماينىڭ شۇنداق ئەستايىدىل چاچ تارىشىغا دىلبەر ئۆزىمۇ سەزمەي قاراپ قېتىپ قالدى ، ئۇنىڭغا بۇ ئالدىدا ئولتۇرغان موماي بىر مەخلوق ، بىر ئالۋاستى جىن بولماستىن ، ئۆي چاقىسى يوق ، سەرگەردان بىر مومايدەك بىلىنىشكە باشلىدى . ۋاقىت شۇنچىلىك ئاستا ئۆتمەكتە ،  موماي ئەينەكتىن باشقا ياققا قاراپمۇ قويماي چاچ تاراش بىلەنلا ئىدى .دىلبەر بولسا ئۇ چېچىنى تاراپ بولسا ، مېنى نىمە قىلۋىتەر ؟ دىگەن خىيالدا يېشىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرتەلمەي بارغانچە بۇلۇڭغا تېخىمۇ كىرىپ كىتىۋاتاتتى .

داۋامى بار…
     





1491 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 3:09:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-15 7:05:55 ئارزۇگۈل
ئاخرنى تزراق يازساڭلا
2017-3-15 7:03:08 ئارزۇگۈل
قور قۇنۇچلۇق سرلق رايۇننڭ ئاخرنى تزراق ئوقسامكەن دەيمەن بەك قىزقمەن
2017-2-25 4:38:22 رىزۋانگۈل
قورقۇنچلۇق سىرلىق رايون ناملىق بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر كەن،مەن بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم ،،رەخمەت ،قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ،مۇمكىن بولسا 2-بۈلۈمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنىمۇ تېزراق يوللاپ بەرگەن بولساڭلار،رەخمەت سىلەرگە .
2017-2-22 20:33:01 ھىدايەت
قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايۇن2-بۆلۈم 6قىسمىنىڭ ئ‍اخىرىنئ تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن،ئۇلۇنئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن !بەك ياخشى يېزىپسىز!
2017-2-22 16:52:00 تۇرسۇنتاي
مانا قىزىۋاتىدۇ ئويۇن.
2017-2-21 17:18:04 ئەمەرجان ئېلى
قورقۇنۇشلۇق سىرلىق رايۇن 2-بۆلۈم 6-قىسمنىڭ ئاخىرى تېزراق چىقسا بۇلاتتى مەن بەك قىزىقىۋاتىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ