ئايدىڭدىكى مۇھەببەت ​ (ھىكايە) - ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى

ئايدىڭدىكى مۇھەببەت 
 ئابدۇرۇسۇل قادىر ئىزچى
 (ھىكايە)


  ئايدىڭ كېچە. يۇلتۇزلار ماڭا بېقىپ كۆزۈمنى قاماشتۇراتتى. بىراق مېنىڭ كۆزۈم يەر -زىمىننى يورۇتقان ئاشۇ يالغۇز ئايدا ئىدى. ئايغا تەلمۈرۈپ شېرىن ئەسلىمىلەر دىڭىزىغا چۆككەن ئىدىم. سېنىڭ ھېلىقى ئايدىڭ كېچىدە ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىڭ قۇلاق تۈۋىمدە قايتىدىن جاراڭلىدى…
  ناھايىتى نۇمۇسچان بىر قىز ئىدىڭ. ماڭا قاراشقا كۆز يۈگۈرتەتتىڭيۇ،بىراق قارىماي تۇرۇپلا ھۈپپىدە قىززىپ يالغۇز ئايغا تىكىلەتتىڭ. بىر چاغدا سەن ماڭا ئىشارە قىلىپ "سەن ئايغا ئامراقمۇ ياكى يۇلتۇزغىمۇ؟ مەن ئايغا ئامراق، چۈنكى ئۇ مەڭگۈ بىرلا، تۇلۇن ئاي ھەمىشە ئادەمنىڭ ئازابىنى يالغۇزلىقىنى تۈگىتىشكە مەلھەم بولالايدۇ. قارىغىنە بۈگۈنكى ئايغا، تولۇپ چىقىپتۇ، ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ سۈزۈك ھەم چىرايلىق كۆرىنىۋاتىدۇ. بىلەمسەن، ئاكا! مەن كەلگۈسىدە بىرسىنىڭ ماڭا ئاشۇ مەلھەم ئايغا ئوخشاش ماڭا ھەمرا بولسا دەيمەن ، مۇشۇ يارا قەلبىمنى ساقايتىپ،ماڭا كۆيۈنسە ھە…" شۇنداق دەپ خۇرسىنىپ قويۇپ ماڭا قارىغان ئىدىڭ، كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى، كۆزۈڭدىن باشقىچە نۇر كىلىۋاتاتتى، يۈزلىرىڭ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئالما يۈزلىرىڭنى مەندىن قاچۇردۇڭ. گۆدەك ۋاقىتلىرىم، ئەي ! مەنىلىك گەپلىرىڭنى مەنىسىز قىلىپ ، چاقچاق بىلەن مۇنۇ گەپلەرنى ساڭا قىلدىم:" ماڭا قارا، گۆدەك سىڭلىم ، جاھاندىكى ياخشى يىگىتلەر ئاشۇ ئاسماندىكى نەپىس يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ، ھەتتا شۇ يۇلتۇزلاردىن گۈزەل مۆتىۋەر. قارا سېنىڭ ئاشۇ ئىسكەتسىز داغ ئايغا قاراپ دەرت تۆكۈپ كەتكىنىڭنى، ۋاي بىچارە باي قۇشۇم، بىرىدىن كەلمىگەن ۋاپا يەنە بىرىدىن كىلىپ قالار، قارا سەندىكى گۈزەل-رۇخسارغا، باشقىلارنىڭ بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ ، پەقەت ئازراق دۆت بولۇپ قالسىلا ئىشىڭ پۈتتى دېگەن گەپ. ئىشىنىمەن، سەن چوقۇم بىر ياخشى، كىلىشكەن ،بەرنا ئوغۇل دوست تاپالايسەن، قارا بوپ كەتكەن ھالىڭغا، باشقىلار بولمىسىمۇ مەن بارغۇ ، قارا كۆڭلى يېرىمكەن دەپ سېنى كىنوغا ئېلىپ ماڭدىمغۇ، نەدە بۇنداق ياخشى ئاكا بولسۇن. توختا، ساڭا دۇئا قىلىپ قويسامغۇ بولا ، ئىھ! تەڭرىم، مۇنۇ ئۇماق سىڭلىمغا ياخشى يىگىتتىن بىرەنى بەرگىن،ئامىن!"  كۈلۈپ ئاۋازىڭ كوچىنى بىر ئالغان ئىدى. سەن قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا قاراپ ئەيمىنگەن ھالدا:" ئاكا، مەڭگۈ ئاكام بولغىن بولامدۇ !؟"دېگەن ئىدىڭ…
   ساڭا بۆلەكچىلا ئامراق ئىدىم . سېنى باشقا دوستلىرىمدىن ئەزىز كۆرەتتىم. چۈنكى سەن ماڭا بەكلا ئامراق ئىدىڭ، ئاكام دەپ كۆيۈنۈپ كېتەتتىڭ، ئۇماقلىقىڭچۇ تېخى…؟! ھەي، ئاشۇ چاغلارمۇ كەلمەسكە كەتتى . نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى، ۋاقىت ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئارىمىزدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ گىرادۇسى يۇقىرىلاپ ئاكا سىڭىل مۇناسىۋەتىمۇ يوق بولدى. ئۇچۇر يوللاپ پاراڭلىشىشلارمۇ يوقاپ، يولدا كۆرسەڭ كۆرمەسكە سالدىڭ. سەندىن كۆپ قېتىم نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ دەپ سورىدىم ، سەن ئاخىرى ئۆزۈڭدىن سورا دەپ كىتىپ قالدىڭ. سەن كەتتىڭ ، مەن يالغۇز قالدىم، يالغۇزلۇقتا سېنى قايتا-قايتا ئىزدىدىم، بىراق ئىرىشكىنىم سېنىڭ قاراپمۇ قويماي كېتىشىڭ بولدى. سېغىنىش ئازابى كۈچىيىپ، ئوتقا ئايلاندى. قەلبىمنى پۇچىلاندۇرۇپ، كۈل قىلدى. شۇنداق، ساڭا ئاشىق بولغان ئىدىم…
  2015-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
  ئىشىق ئازابى مېنى ھالسىزلاندۇرغان بىر كۈن ئىدى. سەندىن ئەسلا ۋىسال يوق. ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ساڭا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلىش قارارىغا كەلدىم. ھەمدە ناھايتى تەستە ساڭا ئۇچۇر يوللىدىم.
   ياخشىمۇسەن، سۆيۈملۈك سىڭلىم ،
  بىلەمدىغانسەن، نەچچە ئايلار بولدى. سەندىن ھېچقانداق سادا يوق، چۈشلىرىگە كىرىپ تۇرساڭمۇ، بىراق مەندىكى شۇ يالقۇنجىغان ئوتقا ھېچ كار قىلمىدى. يالغۇزلۇق مېنى ھەر كويلارغا سالدى. بىلەمسەن، سېنى بەك سېغىندىم، سەن يېنىمدىكى چاغلاردا بۇنچە ئەمەس ئىدىم، ناھايىتى خۇشال ئىدىم. چۈنكى شۇ چاغلار سەن بىلەن ئۆتكەن، خۇشاللىققا بىللە جۆر بولۇپ ، ئازاپلارغا بىللە تاقابىل تۇراتتۇق، ئويلاپ باقسام بەخىتلىك كۈنلەر ئىكەن.  تەقدىر قىسمىتى بىزنى كۆپ سىناقلىرىغا دۇچار قىلدى. ئارىمىزدىكى قىزغىنلىق يوقاپ ، سوغۇقچىلىق بارغانچە كۈچەيگەن ئىدى. بىلەمسەن ، سېنى بەك سېغىندىم، ئىككىمىزنىڭ بۇرۇنقى چۈشكەن رەسىمىگە قاراپ تۇرۇپلا كىتىمەن. كۈلۈشلىرىڭ ، قۇلاققا ياقىدىغان گەپلىرىڭنى ئەسلەپ، سەۋدايىلەرچە كۈلۈپ كىتىشلىرىمچۇ تېخى… ئوماق سىڭلىم، ئىسىڭدىمۇ؟ ھېلىقى ئايدىڭ كېچىدە، سەن ئايغا قاراپ جىق گەپ قىلغان ئىدىڭ، ماڭا قىزىرىپ قارىيالماي، ناھايىتى تاتلىق سۆزلەرنى قىلغان ئىدىڭ. شۇ گەپلەرنىڭ تىگىگە ھازىر يېتىپ تۇرۇپتىمەن، بىراق سەن يېنىمدا يوق. ئېھ!  تاتلىق سىڭلىم، كىچىككەن بولساممۇ، سەن مېنىڭ ساڭا ئاشۇ ئايغا ئوخشاش مەڭگۈلۈك ھەمراھىڭ بولۇشۇمنى خالامسەن؟  بۇرۇنقى خۇشال، ئازاب-ئوقۇبەتسىز كۈنلەرگە قايتايلى بولامدۇ؟ ئۇچۇرۇڭنى ساقلايمەن.
                                     سۆيۈملۈك ئاكاڭدىن  
     سەن خېلى ئۇزاققىچە ئۇچۇر قايتۇرمىدڭ، مەن بىچارە ئۆزۈمگە كۆرمەي قالغان بولسا چېغى دەپ تەسەللىي بىرىپ ئولتۇردۇم، شۇكۈنى كەچ سەن ئاخىرى ماڭا ئۇچۇر قايتۇردۇڭ، "ياق " دەپ بىرلا خەت قايتۇرغان ئىدىڭ…
   ئىككى يىل ئۆتۈپتۇ، قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۆزۈمگە ئايان، سېنى ئىزدەپ ناھايىتى كۆپ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان كەچۈرۈملەرنى سورىدىم، سېنى ئۆزۈمگە قارىتىش ئۈچۈن قولۇمدىن كىلىدىغان كەلمەيدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ باقتىم، بىراق ھەممىسى يەنىلا ئاشۇ "ياق " بىلەن ئاخىرلاشتى. ئاچچىقىم كەلسە سېنى تىللىدىم، سېنى سېغىنسام يالغۇز يۈرۈپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. ئۇنتاي دەپ سەندىن قېچىپ يۈرۈپ ئاخىرىدا بىر كۈلكەڭگە مەس بولۇپ ساڭا باشقىدىن ئاشىق بولدۇم. ئىشىق ئازابى مېنى ھەر كويلارغا سالغۇزدى. بىراق سېنى تاشلاتقۇزالمىدى…
     ئويلايمەن، نېمە ئۈچۈن ؟ بەلكىم، مەندىكى مەسىلە بولىشى مۇمكىن. مەندىكى تىرىشىش تېخى ۋايىغا يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن. بوپتۇ ، تىرىشاي! تىرىشقان يېتەر دەپتىكەن. ئىشىنىمەنكى ماڭا بۇ كەلگۈلۈكلەرنى بەرگەن ياراتقۇچى، ماڭا بەخىت خۇشاللىقلارنىمۇ بېرىدۇ. ئۇماق سىڭلىم، بۇرۇن " گۈزەلىم بۇنچە نازلانما، ئايلىنىپ كىلىدۇ دۇنيا"دەپ ناخشا ئېيتاتتىم، شۇنداق ئىككىمىزنىڭ دۇنياسى ئايلىنىپ بوپتۇ، ئەمدى ئىككىمىز ئۆز بەختى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ۋاقىتمۇ كەپتۇ. بىلگىنكى، سەندىن سۆيۈنسەم سۆيۈنىمەنكى ھەرگىز ساڭا ئۆچ بولمايمەن، چۈنكى ئاشۇ ۋاقىتتىكى تاتلىق ئاكا دىيىشلىرىڭ، كۆيۈنۈشلىرىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. بەخىتلىك بول، ئاكاڭ ئۈچۈنمۇ بەخىت تىلىگىن. ئامان بول…
                          2017-2-2





739 قېتىم كۆرۈلدى izchii ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-2 23:59:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-5 4:24:17 بۇسارە
يارايسەن ئابدۇرۇسۇل
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ