تۇنجى مۇھاببەت
(پوۋىسىت) 3-قىسىم
نۇرئەلىجان نۇرۇم
بىر كۇنى ئۇ مەندىن تۇرۇپلا سوراپ قالدى:
ئاكا سىز گۇزەلنى ياخشى كۆرۇپ قاپسىز ھە…
مەنمۇ ئۇنىڭدىن ھىچقانداق ئىشلىرىمنى يوشۇرمىغاچقا ئۇدۇللا دەۋەردىم : ھە…
لالە: ئۇنىڭغا ئىيتتىڭىزمۇ؟
نۇر: ياق … قانداق ئىيتىمەن؟ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرىق ئىنتايىن چوڭ تۇرسا ئۇ مىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ…
لالە : سىناپ باقتىڭىزمۇ؟
نۇر: مەن سىزگە ئىيتالمەيمەن دىدىمغۇ!
لالە : سىناپ باقماي تۇرۇپ ئۇنىڭ سىزنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز؟
نۇر : بىلمەيمەن! بىراق مەن شۇنداق ئويلايمەن…
لالە: ئەنسىرمەڭ ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ…سىز ئىيتالمىسىڭىز مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئىيتاي…
نۇر: ياق بولمايدۇ!ھەرگىز بولمايدۇ!
لالە: ئۇنداقتا سىز قانداق قىلماقچى ؟
نۇر : ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن…بەلكىم ئۇ ماڭا نىسىپ ئەمەستۇ…
لالە: سىز نىمىشقا بۇنداق ئويلايسىز؟ سىزنىڭ ئۇنىڭدىن نەرىڭىزكەم؟
نۇر: ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن…
لالە : سىز بۇنداق ئويلىسىڭز ھەرگىز بولمايدۇ! ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ!
نۇر: ئۆزۇمگە ئىشىنەمدىم؟ قانداق ئىشىنىمەن؟
لالە : سىز ماڭا ئىشىنەمسىز؟
نۇر : ئەلۋەتتە سىزگە ئىشىنىمەن!
لالە: ئۇنداق بولسا ماڭا قانداق ئىشەنسىڭىز ئۆزىڭىزگىمۇ شۇنداق ئىشىنىڭ … ئۆزىگە ئ؟ئىشەنمىگەن ئادەم ھەرگىز غەلبە قىلالمايدۇ…
نۇر: بولىدۇ، رەخمەت سىزگە…
مەن لالە نىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزۇمنى بۇنداق تۆۋەن چاغلىماسلىقىم كىرەكلىكىنى ھىس قىلدىم… ئاخىرى سىناپ بىقىش قارارىغا كەلدىم…
داۋامى بار…
ئاپتورى: نۇرۇم
| 314 قېتىم كۆرۈلدى | nurum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-1-24 0:46:53 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|