خاتىرە ۋە رېئاللىق 3 - قىسىم ھىكايە

خاتىرە ۋە رىئاللىق

 

 3 - قىسىم ھىكايە

 كەترەن

 

 4-قىسىم نىجات خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ

 

ئىشىكنى ئېچىپ ئۇنىڭ نىجات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى قورقۇپ كەتتىم. ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا ئىشىكنى يېپىۋەتمەكچى بولدۇم.لىكىن ئۇنىڭ كۈچلۈك قولى بىلىكىمنى ئامبۇردەك سىققانچە مىنى ئېچىگە ئەكىرىۋالدى. مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان يېرى، ئۇ خاتىرىسى يوقىتىپتۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئاشۇ بىچارىلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرمىگەن بولسام، ئۇنىڭ خاتىرىسىنى يوقاتقانلىقىغا مەنمۇ ئىشەنمىگەن بولاتتىم. ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن ئەھۋالنى تولۇقىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇ گەرچە خاتىرىسىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا ناھايىتى سەزگۈر ھەم ئەقىللىق ئىدى.ئۇ مىنىڭدىن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاپ بېرىشكە ئۆتۈندى.

 نىجات ــــ، ماڭا ناھايىتى تونۇشلۇق بىر ئىسىم. مەن مەكتەپتىن چېكىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش فاكۇلتىتتا ئوقۇيتتۇق، لىكىن بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دىگۈم كەلمىدى. چۈنكى نىجات بۇرۇنمۇ مىنى تونىمايتتى. ئۇ مەكتەپتىكى ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئىدى، بويىمۇ ئېگىز ، ئۆزىمۇ قاملاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، قورقماسلىقى، ھەم ئوغۇلبالىدارچىلىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن مەكتەپتە قىزلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەخىس ئىدى. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، مەن ھېچ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئاددى شەخىس، خۇددى كىنودىكى چىرايىمۇ ئىنىق چىقمايدىغان قوشۇمچە رولچى. ۋاسكىتبول ئوينىسام دائىم باشقىلارنىڭ بېشىغا ئىتىپ سالىدىغان، دەرس ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمەي ئۆرە تۇرۇپ قالىدىغان، ئىشقىلىپ سىنىپتا، تۇرمۇشتا، باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغان رولنى مەن كۆتىرە ئالغانىدىم.  مەكتەپتە نىجات، ۋەلى قاتارلىقلارنى كۆرسەم يوشۇرنىۋالاتتىم. ئاساسەن ئۇلار مەكتەپتىكى ھەممىسى تەل زوراۋانلاردىن ئىدى...

 لىكىن ، ئالدىمدا تۇرغان ھازىرقى نىجات، مىنىڭ ئەسلىمەمدىكى ئۇ نىجات بىلەن قەتئى ئوخشىمايتتى. ئۇ خاتىرىسىنى يوقاتقان، لىكىن كۆزلىرى يەنىلا بىرخىل نۇرلۇق..ئۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە ئىككى كۈن يۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئىنتايىن يۇمۇرىستىك، ئۈمىدۋار، دوستانە ئىكەنلىكنى بايقىدىم.

ـــ ھەي لەقۋا!!! دەپلا پاراققىدە كۈلۈشلىرى، ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغىنى بىلەن يەنە ماڭا ئاغىنىيدارچىلىق يەتكۈزۈشى، مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتى. مەن ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئنىقلاپ چىقىش پىلانىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالدىم. بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا نىجات مېنىڭ ياردىمىم ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن ئىككى ئادىمى، دوستى ۋەلى بىلەن قىز دوستى زىبادىن يوشۇرۇنچە ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بولدى. ھەم سىڭلىسىنى يوشۇرۇن كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى. نىجاتقا ئۇنىڭ ئائىلىسى توغۇرلۇق ئازراق سۆزلەپ بەردىم. گەرچە ئاتا ئانىسى ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلارغا نۇرغۇن مىراس قالغان ئىكەن. دادىسىنىڭ نامىدا بىر ئۆي مۈلۈك شىركىتى بار بولۇپ ، ھەريىلدا ئۇلارغا يەنە نۇرغۇن كىرىم بولۇپ تۇرىدىكەن. نىجات بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن تىخىمۇ ھەيران بولدى. ئۇنداقتا مەن نېمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولىمەن؟؟؟

 

5. يېقىنلىرىم

 

 رىشاتتىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق مەن سىڭلىمدىن باشقا يەنە بۇ ئىككى يىقىن ئادىمىم بارلىقنى بىلدىم. رىشاتنىڭ دىيىشىچە ۋەلى مىنىڭ مەكتەپتە بىللە توپ ئوينايدىغان، ئۇرۇشۇپ قالسام مەندىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىدىغان يىقىن ئاغىنەمكەن... زىبا بىلەن ئىككەيلەن بولساق مەكتەپتىكى ھەممننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىدىغان ئاشىق مەشۇقلاركەنمىز. ئەڭ يىقىن كىشىلىرىم مىنىڭ يولۇققان ئىشلىرىمنى ئەڭ بۇرۇن بىلگۈچىلەردۇر، مەن بۇ سۈيۈملۈك كىشىلىرىمنىڭ مەن يوقاپ كەتكەندىن كىيىن مىنى قانچىلىك سېغىنىپ ئەنسىرىگەندۇ دەپ قەلبىم بىر خىل ئىللىقلىقا تولدى. لىكىن مەن ئۇلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشنى لايىق تاپمىدىم. ئاخىرىدا رىشاتنى بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەشكە ئەۋەتمەكچى بولدۇم، لىكىن رىشات ئۇنىماي تۇرىۋالدى. مەن ئۇنىڭغا يۇمشاق قاتتىق ۋاستىلەرنى ھەممىنى دىگۈدەك ئىشلىتىپ ئاخىرى بېرىشقا ماقۇل كەلتۈردۈم.

رىشات ئۇنىڭ بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇلار ۋەلىنىڭ بۈگۈن ئاخشام مەلۇم بىر كېچىلىك كۇلۇبتا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بىلدى. رىشات كەچلىك كۇلۇپقا كەتكەندىن كىيىن مەن ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم. پەرى، دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر سىڭلىم. مەن رىشات تەمىنلىگەن ئۇچۇر ئارقىلىق تىزلا ئۆينى تاپتىم. ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە مەن بىر ساقچى ماشنىسىنىڭ تۇرغانلىقنى كۆرۈپ ئوغۇرلۇقچە ئۆينىڭ بېقىنىدىكى دېرىزىنىڭ قېشىغا كەلدىم.

ــــ سىلەر ئىزدەۋاتقىلى ھەپتە بولدى، نىمىشقا تىخىچە ئاكامنىڭ ئۇچۇرىنى تاپالمايسىلەر؟؟

سۆزلەۋاتقىنى سىڭلىم پەرى ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازلىرى پۈتۈپ كەتكەن بولۇپ ئاۋازىمۇ يىغا تۇتۇپ ئاران چىقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغرىپ دەرھال كىرىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈم كەلدى.. لىكىن ھازىر نۇرغۇن تۈگۈن مىنىڭ يېشىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.

ـــ ئاكىڭىز يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدا بىرەر ئۆزگىرىشنى بايقىغانمىدىڭىز؟؟ بۇ ساقچىنىڭ ئاۋازى ئىدى.

 ـــ ئاكام ئەزەلدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار، خۇشال خۇرام يۈرەتتى. ... لىكىن... ـــ لىكىن نىمە؟؟ ـــ لىكىن ئۇ ئاشۇ كۈنى ، چۈشتىن كىيىن يانفونۇمغا: ــ سىڭلىم ، ئۆزەڭنى ئاسرا!! ئاكاڭ پەرۋاز قىلماقچى !! دەپ ئۇچۇر يىزىپ قويۇپتىكەن.

 ـــ نىمە ؟؟ ئىككى ساقچى تەڭلا ۋارقىرىدى. دېرىزە سىرتىدىكى مەنمۇ ھەيرانلىقتىن ئاۋاز چىقىرۋەتكىلى تاس قالدىم، بۇ زادى نىمىش ؟؟

 

 6. دوست - دۈشمەن

 

 بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈمگە كىلىشكە تىگىشلىك ئاغىنىلىرىم ھەممىسى دىگۈدەك كەلدى. زىبامۇ بۈگۈن ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى، ئۈستەلدە ، ۋەلى، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك، دىگەن خەت ئويۇلغان يوغان تورت، نۇرغۇن ئىسىل قورمىلار تىزىلغان بولۇپ كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى.. سورۇن باشلىنىپلا ھاراق ئىچىشكە باشلىغاچقا كەيپىممۇ خېلى بىريەرگە بارغانىدى..

 لىكىن دەل مۇشۇ چاغدا كەيىپنى ئۇچۇرۇپ سىرتتىن كۆزەينەك تاقىغان، ھىلىقى مەكتەپتىكى نەس باسقاق بودەك، رىشات سورۇنغا كىرىپ كەلدى. ئەگەر كەيپىياتىم ياخشى چاغ بولمىغان بولسا ئۇنىڭ بېشىغا بوتۇلكا بىلەن بىرنى سالاتتىم. لىكىن سورۇندىكى كەيپىياتنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم.

ـــ زىبا، ۋەلى، ئىككىڭلارغا گېپىم بار ئىدى، دىدى رىشات. بۇ بودەكنىڭ ماڭا مۇشۇنداق چىرايلىق سورۇندا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشى ئوغامنى قايناتتى.

 ـــ ھەي، سولتەك.. سەن بۇ يەردە نىمىش قىلىسەن؟؟

 ئۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىن سۆزلىدى:

ــ سىلەردىن نىجات توغۇرلۇق ئۇچۇر ئالاي دىگەنتىم.

 ـــ نىجات؟؟؟؟ مەن ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . زىبامۇ خۇددى قورقۇنچلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندەك كۆزلىرىنى چەكچەيتتى.

ـــ شۇنداق، نىجات.

 ـــ سەن نىجاتنىڭ نېمىسى؟

ـــ دوستى دىدى ئۇ تۈزلا.

قاقاقلاپ كۈلىۋەتتىم:

 ـــ ھاھاھا .. دوستى.. ئۆزىگە ئوخشاش لەقۋا دوست دىگىن..

 ئۇ گېپىمدىن قاتتىق ھەيران قالغاندەك قىلاتتى.

 ـــ دىگىنە، ئۇنىڭ نىمە ئۇچۇرىنى ئىگىلىمەكچى ئىدىڭ؟؟

ـــ ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشى توغۇرلۇق.

 مەن سورۇندىكىلەرگە بىر قاراپ قويدۇم دە ئۇنىڭ يىنىغا بېرىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم :

ـــ ئۇنى مەن ئۆلتۈردۈم. ئەبلەق.. ھوشىڭنى يىغىپ يۈر...

 ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا قېتىپلا قالدى.

ـــ شاكىچىك. سەن ئۇنىڭ دوستىما؟؟ ئۇ ساڭا نىمە قىلىپ بەردى؟؟ مەن ئۇنىڭ دوستى ئىدىم ..لىكىن ئۇنىڭدىن پايدا كەلمەيدىغان بولغان چاغدا ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم...ساڭا دېسەم، دوستلۇق دىگەن مۇشۇ.. مەن ھاراقنىڭ دەستىدىن دەلدەڭشىپ ئاران تۇرىۋاتاتتىم، مەن زىباغا بىر كۈلۈپ قويۇپ سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم، ــــ دوستلۇق دىگەن، مەنپەئەت خالاس، مەن كىچىكىمدىن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلاتتىم، پۇلىغا، ۋاسكىتبول ماھارىتىگە، چىرايىغا، ئۇنىڭ خۇشال خۇراملىقىغا... ھەممىگە ھەسەت قىلاتتىم. لىكىن ئۇ شۇنچىلىك ئەخمەق ئىدى.. ئاغىينىلىرى ئۈچۈن جىنىنىمۇ سىلىپ بېرەتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئىزچىل پايدىلىنىپ كەلگەن .. ھاھاھا.. ئۇ مىنىڭ كىرىم مەنبەرىم.. ..لىكىن بىرھەپتە بۇرۇن ئۇنداق بولماي قالدى... ئۇنىڭ دادىسى نامىدىكى شىركەتنىڭ نەچچە يىل بۇرۇن مەبلەغ سالغان تۈر مالىيەسىدە ساختىلىق بارلىقى ئاشكارلىنىپ ئۇنىڭغا دادىسىدىن مىراس قالغان بايلىقلارمۇ توڭلىتىۋىتىلدى.. دىمەك، ئۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى قالمىدى، ئۇ كۈنى نىجات شۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلى يېرىم چوڭ كۆۋرۈك ياقىسىدا چوڭقۇر كەتكەن ھاڭغا قاراپ تۇرۇپ كىتىپتىكەن... مەن قەستەن زىبا بىلەن بېرىپ ئۇنىڭغا زىبا بىلەن بولغان ئىشلىرىمىزنى ھەممىنى دىدىم.. ئۇ بىچارە تىخى بىزنى تەسەللى بەرگىلى كەلدى. دەپ ئويلاپ قاپتىكەن ...ھاھاھا... ئۇنى ئىزدىمە بودەكچاق... ئۇ ئاللىقاچان كۆۋرۈك ئاستىدا چىرىپ يىتىۋاتىدۇ...

 كىيىنكى قىسىمدا ۋەقەلىك يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.. تەكلىپ پىكىرنى ئايىمىغايسىلەر..





1772 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 21:00:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-18 1:03:47 rayila
bu asar bak yahxi yezlip tu mum kin bolsa asarnig dawamini tizrak qikar gan bolsa
2015-12-17 11:26:20 ئايتۇرسۇن
بەك ياخشى چىقىپتۇ.. خۇددى كىنولاردىكىدەكلا رەھمەت....بۇ ئەسەرنى بەل ياقتۇردۇم ..داۋامى تىزراق يېزىلسىكەن...
2015-12-17 10:31:25 xabnam
bu asarni bak yahtur duk ,dawamini tizrak yazgan bolsaglar ,dawamiga takazza bolduk!
2015-12-16 23:58:04 گۈلىستان
بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى كۆدۈم ھارمىغايسىز. قوقۇنۇشلۇق ئەسەرلەنى كۆپ ئەۋەتمەي مۇشۇ تىپتىكى ئەسەرلە بولسا كۆپرەك ئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . يەنە بىر تەكلىپ ئامال بار ئەسەرلەر كۈندە ۋاقتىدا ئەۋەتىلسە ياخشى بۇلاتتى
2015-12-16 12:07:15 mansurjan
keyinki kisim nakam qikidu amdi
2015-12-16 11:42:15 دىلكەش
ھىكايىنىڭ ئاخىرى قاچان چىقىدۇ داۋامىغا تەشنامەن
2015-12-16 0:37:51 Buxra
ahiriga takazzamiz
2015-12-16 0:03:41 سەردار
ناھايتتى وبدان يېزىلىپتۇ،،داۋامىنىنى تېزرەك،ەۋەتسىڭىز،بوپتىكەن
2015-12-15 23:33:00 سەمەتجان
بۇ ھىكايىنى بەك ياقتۇردۇم،يىڭىچە ئۇسلۇپتا يىزىلىپتۇ ھەم قىزىقارلىق چىقىپتۇ، رەھمەت سىزگە تىخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ