قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 15- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون

ۋەھىمىلىك ھىكايە 15- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم(metro)

ئۇلار ھەممىسىلا بۇ خەتلەرنى تەرجىمە قىلشقا چۈشۈپ كەتتى. ھەممىسىلا تەرجىمە قىلدى دىگەندىن كۆرە يىگىتلەر قىزلارنىڭ تىزاراق تەرجىمە قىلىشىنى كۆتۈپ ئۇلار ئارسىدا قىستىلىشىپ پۇتۇلكاشاڭ بولدى دىگەن تۈزۈك ئىدى. گۈزەلنۇر خەتنى سېلىشتۇرۇپ تەرجىمىسىنى تاپاتتى ، دىلبەر بۇنى ئۆزى يېنىدىن ئايرىمايدىغان خاتىرسىگە يېزىپ ماڭاتتى.

ئالاھەزەل بىر سائەتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە بۇ سىر تەرجىمە قىلىنىپ بولىندى ، بۇ چاغدا گۈزەلنۇرنىڭ تىلفۇنىنىڭمۇ توكى تۈگەپ ئۈچتى .

- مەن ئوقۇپ بىرەي ، قۇلۇقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار - ھە ، دىدى دىلبەر ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئوقۇشقا تەييارلىنىپ ،- بۇنچە يوشۇرۇپ مەخپىي ساقلىغان بۇ خەت بىز تۇرۇۋاتقان موشۇ خارابىلىكنىڭ تارىخى ھەم سىرلىق ئالۋاستى كىتاپنىڭ سىرى توغىرسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىكەن ، ئەمىسە ئوقۇدۇم « خان يارلىغى مۇقەددەستور ، خان يارلىغىغا بوي سۇنۇش تەڭرىگە بوي سۇنۇش دىمەكتور . بىز خان پەرمانى بويىچە بۇ سىرلىق كىتاپنى تېپىشقا سەرخىل قوشون ئىچىدىن تاللانغان ئەزىمەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ غەربى دىيارغا يىتىپ كەلگەندە بۇ مەخپىي قورغان پۈتۈپ بوپتۇ ، بىز ئورۇنلىشۋېلىپ، بۇ يەرنىڭ باشقىلارغا ئاشكارلىنىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشنى سالغانلارنى بۇ يەردە نەزەربەنىت قىلغان ئاساستا ئولتۇراقلاشتۇردۇق ،ئاندىن سىرلىق كىتاپنىڭ ئىز دىرىگىنى قىلىپ ئۇنى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قەبىلە دورغون قەبىلىسىنىڭ قولىدا ئىكەنلىگىنى بىلدۇق. دورغون قەبىلىسى بىزدىن يىراقتا ئىدى. بىزنىڭ ئايغاقچىلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ سىرلىق كىتاپنى قولغا چۈشۈرۈشكە روس خانى چارپادىشاھ مۇ قوشۇنىنى ئاتلاندۇرۇپتۇ. بۇ كىتاپ روسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە قەتئى بولمايتتى. بۇنى دانا خانىمىزمۇ پەرەز قىلىپ بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بىز پىلاننى ئەتراپلىق تۈزەپ دەرھال كىتاپنى ئېلىپ كىلىشكە ئاتلاندۇق .

بىر ھەپتە ماڭغاندىن كىيىن تەلىيىمىزگە دورغون قوشونى بىلەن چارپادىشاھ قوشونى قىلىۋاتقان جەڭ ئۈستىگە بېرىپ قاپتىمىز. بىز جەڭگە ئارلاشمىدۇق ،سەپ تۈزەپ جەڭنى كۈزەتتۇق. ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ ھالسىرىدى ، جەڭ بارغانچە دورغون قوشونىغا پايدىسىز بولىۋاتاتتى ، ئۇلار بىزنىڭ قوشونغا ئەلچى ئەۋەتىپ ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندى. بىز پۇرسەت كەلگىنىنى پەملەپ كىتاپنى تاپشۇرسا ياردەم قىلىش شەرىتى قويدۇق. ئۇلار قوشۇلمىدى ، جەڭ داۋاملاشتى ، ئۇلار قەبىلىسى بويىچە ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتاتتى. بۇ چاغدا بىز ئەنسىردۇق چۈنكى راسلا باشقىلار تەسۋېرلىگەندەك كىتاپتىكى سېھىر ئارقىلىق ئالۋاستىلاردىن قوشۇن تۈزىسە ھېلىغۇ چار پادىشاھ قوشونىكەن بىزنىڭ قوشۇنمۇ بىردەمدە ھالاك بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئەلچىسى يەنە كەلدى ، بۇ قېتىم بىز قوشۇلدۇق ، دەرھال مەخپىي پىلان تۈزەپ يۈز ئەزىمەتنى ياساندۇرۇپ مەخپىي ھالدا كىتاپنى بۇلاپ كىلىشكە، باشقا قوشۇن تىزدىن چارپادىشاھ قوشۇنىنى قىرىپ يەنە بۇ زىمىنغا قەدەم باسمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاپ جەڭگە ئاتلاندۇق. جەڭ ناھايتى تىز ئاخىرلاشتى ، روس قوشۇنى تەلتۆكۈس قىرىلدى. كىتاپ ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشتى. ئورغۇن قەبىلىسى كىتاپنى بىزنىڭ ئالغىنىمىزدىن گۇمان قىلغان بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى ، چۈنكى بىز بۇ جايدىكى ئەڭ قۇدۇرەتلىك قوشۇن بولغان ئىدۇق. قايقۇچە يەنە بىر ئىشنى يەنى دورغون قەبىلىسى كىتاپنىڭ سىرىنى يىشەلمىگەنلىگىنى ، كىتاپ ئالاھىدە سېھىرلىك ساندۇققا پىچەتلەنگەنلىگىنى، بۇ ساندۇق ئەپسۇن ئارقىلىقلا ئېچىلدىغانلىغىنى ،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامالسىز قالغانلىغىنى بىلدۇق . بىز قايتىپ كىلىپ مىسىردىن ھەم ئاستانىدىن ئەڭ ياخشى قۇرۇلۇش خادىملىرىنى يورتكەپ كىتاپنى ساقلاشقا جاي راسلىدۇق بۇنىڭ بىلەن تەڭ كىتاپنىڭ كىلىش مەنبەسى بولغان مىسىر پىرىخونلىرىنى، تەتقىقاتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ كىتاپنىڭ سىرىنى ئاچماق بولدۇق. كىتاپ پۈتۈنلەي سېھرلەنگەن كىتاپ بولۇپ، بۇ كىتاپ بۇ كائىناتقا تەۋە ئەمەس ئىدى. ئۇنى بۇ جايغا يۆتكەپلا نۇرغۇن قورقۇنۇچلۇق ۋەقەلەر يۈز بەرگىلى تۇردى. ھەتتا سىرىنى يەشمەكچى بولغانلاردىن بەزىلەر ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتتى. ھەتتا پېقىر مەنمۇ ۋەھىمىدە قالدىم، ئاخىرى ساندۇقنىڭ ئەپسونىنى تېپىپ، كىتاپنى ئالدۇق. يەنە تىرشچانلىق كۆرسىتىپ كىتاپنىڭ سىرىنى يەشتۇق، بۇ كىتاپ پۈتۈن كائىنات سېھىرلىرى پۈتۈلگەن كىتاپ بولۇپ بۇنىڭدا ئەرۋاھ ، جىن - ئالۋاستى، دىيۋىگە ئوخشاش ئىنسانلار دۇنياسى سىرتىدىكى مەخلۇقاتلارنىمۇ تىزگىنلەپ، ھەتتا ئىشقا سالغىلى بولىدىغان ئاجايىپ سېھىرلەر پۈتۈلگەن ،ھەتتاكى جانسىز نەرسىلەرنى ھەركەتكە كەلتۈردىغان سېھىرلەر پۈتۈلگەن كىتاپكەن. ھەتتا بۇ كىتاپ شۇنداق سېھىرگە ئىگە ئىدىكى ئىنساننىڭ باشقۇرىشىدىن خالى ھالدا ئۆزى ھەركەتكە كىلىپ سېھىر تارقىتىپ ئەتىراپتىكىلەرنى، جىن ، ئەرۋاھلارنى ، ئۆزىگە خەۋىپ ئېلىپ كىلىدىغان ھەرقانداق كۈچنى تىزگىنلىيەلەيدىغان كىتاپ ئىكەن . بۇ كىتاپنى باشقۇرۇش ، تىزگىنلەش ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن ، شۇ سەۋەپتىن بۇ كىتاپ خەتىرىدىن كەمىنە قورقۇپ قالدىم. كىتاپ ئەگەردە ياماننى نىيەت قىلغان قولغا چۈشسە، ئۇ چاغدا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىشى ، جاھان زۇلىمەتكە پېتىشى مۇمكىن. شۇڭا كىتاپنى يوقۇتۇش توغۇرسىدا خانىمىزدىن يول - يورۇق سوراپ شۇنچە ئادەم ئەۋەتسەممۇ يېرىم يولدا سىرلىق ھالدا ھالاك بولدى. بولماي كىتاپنى مەخپىي بىر ئۆي ياسىتىپ بەنىت قىلدىم. ئۆي ئەڭ ياخشى قوغداش ھالىتىدە ياسالدى، ئاچقۇچنى ئالتە، يول خەرىتىسىنى بىر قىلدىم ، ئەجدەرھا، سۇمۇرۇغ بىلەن بىر جۈپتۇر ، بۆرە، ئېيىق ھۇجۇمدا ئەرۋاھ ئۈچۈن . ئاچقۇچ ئۈچى مەندە ، ئۈچى يانداش سانغۇندا ، يول سورىساڭ مۈلىكى ئەمەلداردىن سورا . موشۇ كۈنلەردە بىر تەرەپتىن كىتاپ ئەتىراپىغا ئالۋاستى -جىن توپلىسا، بىر تەرەپتىن مۇڭغۇللار كۈچ توپلاپ كىتاپنى تارتىۋېلىشقا قوشۇن يىغىۋاتىدۇ . ھەر قانداق ئامال قىلىپمۇ خانىمىز بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم. ياخشى كۈنلەرنىڭ يامىنى بولسا خانىمىزنىڭ تاپشۇرقى ئۈچۈن كىتاپنى ھاياتىم بىلەن قوغداپ قەبىرەمنى موشۇ جايغا قويىمەن ، خاقانىمىز ناۋادا كەمىنىنى ئەسكە ئېلىپ قالغاندا بۇ جاھاندا بولماي قالسام ، بۇ پۈتۈك ئەسقېتىپ قالار. ئۇلۇغ خاقانىمىزنىڭ تاپشۇرۇقىنى بىجادىل ھاياتى بىلەن ئورۇنلىغۇچى قۇلىدىن : مۇقەددەس ۋەزىپە سانغۇنى : خو يەنچىڭ . كاڭشىنىڭ 6- يىلى ، ياز .».

بۇلار خەتنى ئاڭلاپ خۇددى بىر دەۋىرنىڭ ئاجايىپ ھالىتى بىلەن بۇ جاينىڭ تارىخىنىڭ ھەقىقەتەن كارامەت ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشتى .

- بۇ يەرنىڭ سىرىنىمۇ بىلدۇق ، مال - دۇنيانىمۇ تاپتۇق ، ئەمدى قايىتساقمۇ ئارمانسىز قايتقۇدەكمىز ،- دىدى دىلبەر ھەممىسىنىڭ جىمجىت بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ .

- ئۇنداقتا بۇ خەت يېزىلىپ بولۇنغاندىن كىيىن بۇ جاي ھۇجۇمغا ئۇچۇراپ ۋەيران بوپتۇ -دە ،- دىدى تايىر دىلبەرنىڭ گېپى قۇلۇغىغا كىرمىگەندەك كىيىنكى ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىپ .

- مېنىڭچىمۇ شۇنداق ، بۇ يەرگە قايسى تەرەپنىڭ قوشۇنى كىرگەندۇ ؟ مۇڭغۇللارنىڭمۇ ، چار پادىشاھنىڭمۇ ياكى غەربىي يۇرىتتىكى باشقا قوشۇنلارمۇ؟- دىدى تۇرغۇن تايىرنىڭ ئويلىغانلىرىنى جەزىملەشتۈرۈپ .

دىلبەر ئىككىسىنىڭ قىلچىمۇ كىتىش خىيالى يوق ھالدا بۇ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ چېچىلدى :

- ھەي سىلەر يەنە نىمىنى بىلمەكچى؟ ئۈچۈنجى كۈنى بولدى بىز شۇ سىر ئاچىمىز ، بايلىق تاپىمىز دەپ يۈرۈۋاتقىلى ، ئۇچۇرمىغان نەرسىلەرگە ئۇچۇردۇق ، تاس قالدۇق يەنە جاننى سەپ بەرگىلى، لېكىن سىلەر يەنە نىمىنى بىلمەكچى ؟ ھېچ كىتىش خىيالىڭلاردا يوق تۇرسىلەر ئۆزەڭلەرنى ئويلىمىساڭلارمۇ بىزنى ئويلاپ قويساڭلار بولاتتى.

گۈزەلنۇر دىلبەرنىڭ سۆزىنى دەرھال قوۋەتلىدى:

- شۇ ئەمەسمۇ ، بۇنداق يۈرۈپ بىز يا ئارخولوگ ئەمەس ، يا بىزنىڭ بۇ يەردىلىگىمىزنى بىلىدىغان ئادەم يوق، ھېلىمۇ شۇنچىلىك يۈرىدۇق ، بولدى كىتەيلى ، بۇنداق قىلىپ بىزمۇ جاننى سېلىپ بىرىپ ئەرۋاھ بولۇپ كەتمەيلى.

قىزلارنىڭ دىگەن گەپلىرى ئورۇنلۇق ئىدى ، ھەقىقەتەن بۇنداق جاھاللىق بىلەن بۇ يەردە تۇرىۋەرسە بەلكىم ھېچقايسى چىقىپ كىتەلمەسلىگىمۇ مۇمكىن ئىدى، چۈنكى ئۇلار بۇ جايدا ھازىرچە ھايات بولسىمۇ كىم بىلىدۇ سەل تۇرۇپلا كىتاپنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچۇرشىمۇ مۇمكىن ئىدى .

كىتىشكە تايىر بىلەن تۇرغۇن ئالدىرمىسىمۇ باشقىلارنى ئويلاپ ئامالسىز قوشۇلدى، تايىر بىلەن تۇرغۇننىڭ ئەس- يادى كىتاپ بىلەن ھېلقى سىرلىق ئۆيدىلا بولغاچقا بىرسى ئۇلارنىڭ بوينىدىن تارتقاندەك يۈك - تاقلىرىنى ئارتىپ كىتىشكە تەييارلاندى .

- مال - دۇنيا كۆپكەن ، كۆتۈرۈپ يۈرىمەي ماشىنىنى موشۇ يەرگە ئېلىپ كەلسەك بولارمۇ ؟- دىدى سەمەت ھېجىيىپ .

- شۇنداق قىلايلى ،- دىدى ئىسكەندەرمۇ قۇۋەتلەپ ،- بايلىق دەپ كەلگەندىكىن ئالايلى ، ئۇ بايلىقلارمۇ بىزنىڭ ئېلىپ كىتىشىمىزنى ساقلاۋاتىدۇ ،- دەپ كۈلۈپ قويدى ھەييارلىق بىلەن.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماشىنىنى ئېلىپ كىلىپ بايلىقلاردىن قاچىلماقچى بولۇپ، ماشىنىنى ئېلىپ كىلىشكە تايىر ، دىلبەر ، سەمەت ماڭىدىغان ، باشقىلار يۈك - تاقلار بىلەن ساقلاپ تۇرىدىغان بولۇشتى .

ئۇلار سىرتقا چىقىپ ئەتىراپقا كۆز تىكتى ، كاللىسىدا ئاخشىمىدىن يۈز بەرگەن ۋەھىمىلىك ئىشلارنى ئويلاپ خۇددى چۈش كۆرگەندەك ھېسىياتتا ئۆيلەرگە قاراشتى ، ئاسماندا پارلىغان قوياش ئۇلارغا بۈگۈن باشقىچە يەنى ئادەتتىكىن نۇرسىزدەك بىلىندى ، قۇرۇلۇشلارمۇ ، تام - يوللارمۇ شۇنداق ناتونۇش ھالەتتە تۇراتتى. خارابىلىك ئىچىنى ئىستەك قارامتۇل تۇمان قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ئەتىراپ غۇۋا كۆرىنەتتى.

- بۈگۈن بۇنىڭ ئىچى غەلىتە كۆرىنۋاتىدۇ دىسە ،- دىدى دىلبەر تەشۋىشلەنگەندەك .

- مەنمۇ شۇنى ھېس قىلدىم ، قاراڭ بۇ يوللار ئەسلى بۇنداق ئەمەستى ، ئاۋۇ جايدىكى سېپىلمۇ ئۇ جايدا ئەمەستەك قىلغان ، بۇ يەردە بۇتخانا يوق ئىدىغۇ ؟- دىدى تايىر بىر چوڭ بۇتخانىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ،- بىز خاتا ماڭدىقمۇ يە؟

- خاتا ئەمەس،- دىدى سەمەت ،- مەن تاغدىكى ئاۋۇ چوققىنى بەلگە قىلىپ قويغان ، يۆلۈنۈش توغىرا ، لېكىن بۇ بىز ماڭغان يول ، ئەتىراپىدىكى قۇرۇلۇشلار راسلا بۇنداق ئەمەستى .

ئۇلار جايىدا بىردەم تۇرۇپ ئەتىراپنى كۈزۈتۈشتى. دەرۋەقە بۇ ئەتراپتىكى مۇھىت ئۇلار كەلگەن چاغدىكى مۇھىت بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتتى ، سېپىل ، ئۇلار بارمىغان سارايلار ، غەلىتە پىرامىدا ئۆيلەر باشقا جايلاردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ ، مەيدان ، دار مۇ كۆرۈنمەيتتى ، بىردىن - بىر تونۇش ئورۇن ئۇلار ياتقان سارايلا ئۆز ئورنىدا تۇراتتى .

… ئۇلار بۇ جايدىن راسلا كىتەلەمدۇ ؟ ئۇلار يەنە قانداق ئەھۋالغا ئۇچۇردى ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن .





1411 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:44:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ