قاراڭغۇ ئورمان 15 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 15- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

بىز ئالدىراپ - تىنەپ قاچتۇق ،ئەتىراپىمىزدىكى پۈتۈن ئورمان تەۋرەپ كەتكەندەك قىلاتتى ، قەيەردىندۇ ھۆكۈرگەن ئاۋازلار ئاڭلانسا يەنە بىر جايلاردىن چىقىرغان ، قاۋىغان غەلىتە ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى ھەتتا ئورمان ئۈسىتىدىمۇ غەلىتە چىرىلدىغان سەت ئاۋازلار كىلىۋاتاتتى .

 - تىز بولۇڭلار تىز …

 كۈچۈمنىڭ بېرىچە يۈگۈرگەچ ئۇلارنى ئالدىرتىۋاتاتتىم لېكىن قېرىشقاندەك روشەنگۈل بىلەن ئىككى ئاكا يىتىشەلمەي كەينىدە قىلىۋاتاتتى .

 - قاھار سەن يول باشلا ، نىجات ئىككىمىز كەينىدە قوغداپ ماڭايلى ،- دىدىم ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىگىدىن ئەنسىرەپ.

 شۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇق ، غەلىتە قىقاس - چۇقانلار بىلەن دەرەخلەرنىڭ شالدۇر - شۇلدۇر ئاۋازلىرى يېقىنلاپ قالغانتى .

 - تىز بولۇڭلار ، تىز يۈگۈرەڭلار ، بولمىسا ھەممىمىز تۈگىشىمىز !- سۈرئىتىمىزنىڭ ئاستىلىغىدىن ۋاقىردىم ،- ئۇلار يىتىشۋالدى ، تىز بولۇڭلار…

 بىز قېچىپ يەنە بىر يانتولۇققا كەلگەندە كەينىمىزدىن سەت قاۋىغان پېتى بىر نەچچە نەرسە يىتىشىپ كەلدى، قارىماققا ئۇ نەرسىلەرنىڭ جۇغى بۆرىدەك چوڭلۇقتا بولۇپ ، بەدىنىدىكى تۈكى ئوتتا كۆيۈپ كەتكەندەك قاپقارا ، تۈكسىز ، كۆزلىرى قىپ - قىزىل ، قۇلاقلىرى ئۇزۇن ھەم تىك ، ئېغىزى شۇنداق يۇغان ،چىشلىرى ئۇزۇن گىرەلىشىپ كەتكەن ۋەھشىيانە قىياپەتتە خۇددى غالجىر ئىتتەك ئېتىنلىپ كىلىۋاتاتتى .

- ئات !

مەن نىجاتقا بۇيرۇق بەرگەچ، ئاپتۇماتنى ئۇ مەخلۇقلارغا توغۇرلاپ تەپكىنى باستىم، ئوق ۋېژىلداپ ئۇچۇپ بېرىپ ئالدىدا كەلگەننىڭ بەدىنىدىن تۈشۈك ئاچتى ، ئۇ سەت چىقىراپ يىقىلدى، كىلىۋاتقان ھەمىراھلىرى بىردىنلا ئۇنىڭ جەسسىتىگە ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى چىشلەپ، تارتىپ پارە - پارە قىلىپ ھەش - پەش دىگۈچە يەپ تاشلاپ يەنە بىز تەرەپكە يۇپۇرۇلدى، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەھشىي ھەركىتىدىن قورقۇپ كەتكەن ئىدۇق. ئەگەردە ئۇلار بىزگە شۇنداق ھۇجۇمدا ئېغىز سالسا بىر مىنۇتتا ئۇستىخىنىمىزمۇ قالمايدىغاندەك قىلاتتى. نىجات بىلەن تەڭلا يەنە ئۇلارغا ئوق ئۈزدۇق ، ئوق ئۇچۇپ بېرىپ يەنە بىرنى يىقىتتى. ئۇلار يەنە ھەمراسىغا ئېتىلدى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالدىمىزغا قاراپ يۈگەردۇق.  شۇغىنىسى ئالدىمىزدىكىلەر يۈگۈرەلمەي سۈرئىتىمىز يەنىلا ئاستا ئىدى. بۇ چاغدا يان تەرەپتىن مەن ھېلىلا كۆرگەن يۇغان مەخلوقتىن بىرى يۇپۇرلۇپ كەلدى.

 - نىجات ئاۋۇنى ئات !

مەن ئاپتۇماتنى مەخلوققا توغۇرلاپ تەپكىنى باسقىنىمچە ئالدىمدا كىتىۋاتقان نىجاتقا ۋاقىردىم، ئىككىمىزنىڭ ئوت كۈچى ۋەھشىيلىشىپ سەكرەپ چىققان مەخلوقنىڭ باش قىسمىغا مەركەزلەشتى، مەخلوقنىڭ باش - كۆزى بىردەمدە تىتىلدى - دە سەت ھۆكۈرگىنىچە ئالدىمىزدا يىقىلىپ چۈشتى. لېكىن خەۋىپ ئازلىماقتا يوق ئەمدى كەلگەن ئىدى. كەينىمىزدىكى يىرىتقۇچ بۆرە سىياق مەخلوقلار كۆپۈيۈپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇغان مەخلوقتىن يەنە ئىككىسى ھۆرپۈيۈپ يىتىپ كەلگەنتى.

 - قاھار تىز باشقىلارنى ئېلىپ ماڭ ، بىز بۇلارنى توسايلى !

 قاھار ياندىن كەلگەنلەرگە ئوق ئاتقاچ باشقىلارنى باشلاپ ماڭدى ، نىجات بىلەن ئىككىمىز ئوقدانلارنى ئالماشتۇردۇق . ئۇلار ئېتىنلىپ كەلدى، ئاپتۇماتلارنى قارىتىپ تەپكىنى باستۇق « تا…تا… تات » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قايسى مەخلوق ئالدىدا ئېتىلسا شۇ يىقالدى، باشقا مەخلۇقلار ئۆز ھەمىراھلىرىنى يەپ، چاينىغاچ بىزگە قاراپ ئېتىنلىۋەردى. ئۇلارنىڭ بۇ قورقۇنۇچلۇق ۋەھشىيانە يىرتقۇچلىغى بىزنى جىنىمىزنى تىكىپ ئۆزىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرلايتتى، چوڭ مەخلوقتىن بىرى سەكرەپلا ئالدىمىزغا چۈشتى. ئىككىمىز جىددىيلىشىپ ئۇنىڭ بەدىنىگە قارىتىپ ئوق ئۈزدۇق، ئوق بەدەننى تىشىپ كىرىۋاتاتتى، لېكىن ئۇ ئاغرىقتىن تولغۇنۇپ ھۆكىرسىمۇ يىقىلمايۋاتاتتى.

شۇ ئارىدا ئۇ غالجىرلارچە يۇغان ئالقىنى بىلەن نىجاتنى ئۇردى، نىجات بۇ زەربىدىن چەمدەسلىك بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئالغان بولسىمۇ مەخلوقنىڭ ئۆتكۈر تىرنىغى ئۇنىڭ قېلىن دالا كىيىمىنى يىرتىپ بۆلدى، نىجات يىقىلدى، يىرتىلغان جايدىن قان تەپچىپ چىقتى، ھەمراھىمنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئۆزەمنى باسالماي ئېتىلىپ بېرىپ مەخلوقنىڭ ئاستى تەرپىگە ئۆتۈپ ئىڭكى تەرەپكە قورالنى توغۇرلاپ ئوقداندىكى ئوق تۈگىگىچە تەپكىنى باستىم. ئۇ ھاۋادا لەيلەپ يىقىلدى، چەبدەسلىك بىلەن ئۇ يەرگە چۈشكىچە ئۆزەمنى چەتكە ئاتتىم -دە ، دەرھال ئوقداننى ئالماشتۇردۇم.

 بۇ چاغدا يەنە بىر يۇغان مەخلۇق كەلگەن پېتى مېنى دەسىمەكچى بولدى، جاننىڭ تاتتىقلىغىدا بىر دۇمىلاپ ئۆزەمنى قاچۇردۇم، ئۇنىڭ تاپىنى ينىمغا چۈشۈپ يەرنى تىتىرتىۋەتكەندەك قىلدى ، قورقۇشۇمدا ئۇنىڭ بېشى تەرپىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئوق ئۈزدۈم. تەلىيىمگە ئوق ئۇنىڭ جېنىنى ئالغانتى، ئۇ بىردەم ھەركەتسىز تۇرىۋېتىپ تام ئۆرۈلگەندەك يېنىمغا گۈپپىدە چۈشتى.

 مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە، بۆرە سىياق مەخلۇقلار يىقالغان ئىككىمىزگە قاراپ ئېتىلىپ كەلدى، قورالىمدا ئوق يوق ، جىدىيچىلىكتە ئوقداننى ئالماشتۇرۇشقىمۇ قولۇم قولاشمايۋاتاتتى، بۇ چاغدا نىجات ياتقان پېتى ئۇلارنى ئوققا تۇتتى. مەن ئۆمۈلەپ دىگۈدەك ئۇنىڭ يېنىغا باردىم .

- تىز ئوقداننى ئالماشتۇرۋېلىڭ ئۇقۇم تۈگەي دىدى ، - ئۇ بار كۈچى بىلەن تەپكىنى باسقاچ ۋاقىردى ، مەن ئوقدانىنى ئالماشتۇرۋېتىپ سورۇدۇم :

- يارىڭىز قانداق ؟

- چاتاق يوق ، قۇرسۇقۇمنى جىرىۋەتتى.

 مەن ئوقداننى سېلىپ قورالنى بوينىمغا ئاستىم - دە بىر تەرەپتىن ئەتىراپتىن ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان مەخلۇقلارغا ئوق ئۈزگەچ نىجاتنى يۆلەپ چىكىندىم،  مەخلۇقلار كەلگەن پېتى ئىككى چوڭ مەخلۇقنىڭ جەسسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يىيىشكە باشلىدى، بىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قاھارلار ماڭغان تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلىدۇق .

 كىتىۋاتىمىز … كەينىمىزدە مەخلۇقلارنىڭ ئولجا تالىشىپ خىرقىرىشىپ، قاۋىشىپ ، غىڭشىۋاتقان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى ، بىز ئەللىك مىتىردەك ماڭغاندا باشقىلارنىڭ بىزدىن ئەنسىرەپ ساقلاپ تۇرغىنىنى كۆردۇق، روشەنگۈل نىجاتنىڭ يارلانغىنىنى كۆرۈپلا سومكىسىنى ئېچىپ ئىچىدىن بىر كاللەك جاراھەت تاڭىدىغان رەخىتنى چىقاردى ،تەلىيىمىزگە نىجاتنىڭ تىرىسى بىر غېرىچچە تىلىنىپ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتمىگەنتى ، روشەنگۈل ئۇنىڭ جاراھىتىگە، ئاغرىقتىن ۋايساشلىرىغا قارىماي دورا سۈردى، باشقىلار تۈشمۇ - تۈشتىن چاپىنىنى سالدۇرۇپ رەخىت بىلەن چىڭ تاڭدۇق.

- بۇ يەردە تۇرمايلى ،- دىدىم مەن ئىش تۈگىشىگە ،- ئۇلار ھەرۋاقىت قوغلاپ كىلىشى مۇمكىن ، ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقايلى !

 پىكىرىمگە ئۇلارمۇ قوشۇلدى ، بۇ چاغدا نىجاتمۇ بىر ئاز ياخشىلانغانتى ، ھەممىمىز تىزلىكتە تاغنىڭ ئۈستىگە قاراپ يەنە ئىلگىرلىدۇق. ئالدىمىزدا ئەمدىلىكتە ئوت - چۆپلەر يوقاپ ،يۇغان - يۇغان دەرەخلەر زىچچىدە تۇراتتى،  مېڭىشىمىزغا توسالغۇ بولىۋاتقان ئوت - چۆپ بولمىغاچقا سۈرئىتىمىز خېلى تىز ئىدى، مەخلۇقلاردىن يىراقلىغاچقا يۈرىگىمىز بىر ئاز جايىغا چۈشكەن بولسىمۇ لېكىن ئالدىمىزدا ئادەمنى قوقاتقۇدەك ئۇچراۋاتقان قانداقتۇ باشقىچىلا غەلىتە ئىسكىلىتلار ئۇچۇراۋاتاتتى.

 - بۇ نىمىنىڭ ئىسكىلىتى، ئەجەپ غەلىتە ، ئادەمگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ياكى بايىقى مەخلوقلارغىمۇ ئوخشىمايدۇ، رەڭگىمۇ قىزىل تۇرىدۇ ، باش ، بەدەن ئىسكىلىتلىرىمۇ غەلىتە باشقىچە تۇرىدۇ ،- دىدى قاھار سوزۇلۇپ ياتقان بىر ئىسكىلىتنىڭ يېنىدا توختاپ ،-قاراڭلار بەدەن قۇرۇلۇشى بىزدىن يۇغان، مەخلوقلاردىن كىچىككەن،  كۆز ، بۇرۇن تۈشۈكلىرى بەك يېقىن ھەم كىچىك، قارىغاندىمۇ يا مەخلوققا، يا ئادەمگە ئوخشىمايۋاتىدۇ، بۇنىڭ باش ئىسكىلىتىمۇ سوزۇنچاقكەن.

 مەنمۇ ئىسكىلىتقا قاراپ قىزىقىپ قالدىم ، راس قاھار دىگەندەك بۇ ئىسكىلىت باشقا بىر جانلىقنىڭكىدەك قىلاتتى، ئۇنى كۆرۋېتىپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تىتىلىپ كەتكەن قارا رەڭلىك كىيىم كىچەك بىلەن بىر غەلىتە قالپاققا كۆزۈم چۈشتى، ئاستا بېرىپ كىيىمنى قولۇمغا ئالدىم، بۇ كىيىم ئېغىر، رەختى، ماتىريالى ئۆزگىچە بولۇپ قانداق نەرسىدىن ئىشلەنگەنلىگىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. قالپاقنى ئالدىم قالپاق سوزۇنچاق،يەنە قانداقتۇر شىلانكىلار چۇۋۇلۇپ، ئۆزۈك ھالەتتە تۇراتتى، ھەتتا ئىككى يېنىدا قانداقتۇ شەرتىلىك بەلگىلەر بىلەن كونۇپكىلارمۇ تۇراتتى ، ھەيران قىلىپ ھەمراھلىرىمغا كۆرسەتتىم ھەمدە:

- بۇ قانداق قالپاق ، بۇنداق نەرسىنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىمەن،  قايسىڭلار بىلىسىلەر ؟- دەپ سورۇدۇم.

 ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا ھەيران قالدى.

 - مەنمۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن ،- دىدى قاھار ،- قارىماققا موشۇ ئىسكىلىتنىڭكىدەك قىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ ئۆلگۈچى كىيىم ، قالپاق كەيگەن بولسا ئۇ بۇ يەردىكى مەخلۇقلارغا ئوخشىمايدۇ دىگەن گەپ.

 قاھارنىڭ مۇلاھىزىسى توغرا ئىدى، دىمىسىمۇ بۇ ئىسكىلىت باش بىلەن قالپاق ئوخشىشىپ كىتەتتى. بىز بۇ نەرسىگە قىزىقىپ قاراۋاتقاندا يېقىن ئەتراپتىن چوڭ مەخلوقنىڭ ھۆكۈرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ خەتەرنىڭ ئىز قوغلاپ كىلىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتى ئىدى. بىزنىڭ بىغەملىك قىلىپ تۇرۇپ قالغىنىمىز خاتالىقتەك قىلاتتى. ئالدىراپ - تىنەپ تاغقا قاراپ يۈگەردۇق، ئەتىراپىمىزدا قانداقتۇ بىر ھاشارەتلەر ، چاشقاندەك چوڭلۇقتىكى غەلىتە ھايۋانلار يۈگۈرۈپ يۈرۈگەندەك قىلاتتى. مەخلوق يەنە بىر قېتىم قاتتىق ھۆكۈردى، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئارلىغىمىز تەخمىنەن ئەللىك مىتىر قالغاندەك قىلاتتى، بىز تىخىمۇ كۆچەپ يۈگۈردۇق ، كىتىۋېتىپ ئەنسىرەپ كەينىمگە قارىدىم، كەينىمىزدە ئىگىزلىگى تىخىمۇ ئىگىز ھەم بىز كۆرگەنلەردىنمۇ يوغان كەلگەن مەخلوق ئوقتەك ئېتىلىپ كىلىۋاتاتقىنى غىل - پال كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئەلپازىدىن بىزنى كۆرۈپ قالغىنىنى ئېنىق ئىدى. بىز يىقىلساق ئۆمۈلەپ، قوپساق يۈگۈرەپ تاغ ئۈستىگە يىتىپ چىقتۇق.

 تاغ ئۈستى غەرىپ تەرپى ئوچۇقچۇلۇق بولۇپ تۈپ - تۈز كەتكەن مەيدان ئوتتۇرىدا قانداقتۇ قۇرۇلۇشلار كۆرىنەتتى، شەرىق تەرپى يانتو ئورمانلىق، شىمال تەرپى ئورمانلىق ئىدى.

 - شىمالغا ئورمانلىققا ،- دەپ ۋاقىردىم مەن.

 چۈنكى غەرىپ تەرەپتىن بۆرە سىياق، ھەتتا مۈشۈككە ئوخشاپ كىتىدىغان نەرسىلەر مىغىلداپ يۈرەتتى. بىز شىمالغا ئورمانلىققا ئۆتۈش ئۈچۈن ئوتتۇز مىتىردەك ئوچۇقچۇلۇقتىن ئۆتىشىمىزگە توغىرا كىلەتتى، بىز ئەمدى ئون مىتىردەك يۈگۈرشىمىزگە كەينىمىزدىكى مەخلوق ھۆكۈرگەن پېتى ئوچۇقچۇلۇققا يىتىپ چىقتى، ئۇ چىقىپلا ئاسمانغا قاراپ شۇنداق ھۆكۈردىكىن، ئۇنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئاۋازى ئورماننى تىتىرتىۋەتكەندەك قىلاتتى. بۇ چاغدا غەرىپ تەرەپتە مىغىراپ يۈرىگەن مەخلوقلارمۇ بۇ ئاۋازدىن پىتىراپ قېچىپ كىتىشتى. ئەمدى گىگانىت مەخلوقنىڭ بىزنى تۇتىۋېلىشى مۇقەرەرلىشىپ قالغانتى. ئۇ ھۆكۈرگىنىچە كۆزىدىن ئوت قاينىتىپ كەينىمىزدىن يۈگەردى. بىز چىكىنگەچ ئۇنىڭغا قارىتىپ تەڭلا ئوق ئېتىشتۇق، ئۇ خۇددى ئوق تەسىر قىلمايدىغاندەك توختاۋسىز يۈگۈرۈپ كىلىپ سەكرىدى. ئۇنىڭ سەكرىشى كىنگورۇدەكلا بولۇپ شۇ بىر سەكرەشتە ئوتتۇرىمىزغا چۈشتى ھەم چەبدەسلىك بىلەن ھوشۇرئاخۇن ئاكىنى ئىككى قولىدا بوۋاقنى كۆتەرگەندەك كۆتۈرۈپ بىر كۈچەپلا ئىككىگە بۆلىۋەتتى. بىز بۇ دەھشەت مەنزىرىدىن قورقۇپ چىقىرۋەتتۇق، ئەتىراپ چاچىراپ چىققان قانغا تولدى … … داۋامى بار…





3500 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-7 21:52:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-16 23:46:31 mamtili
waxxikanfu
2016-4-7 22:39:15 adiljan
yahxi yizipszyizip sz tizak davaminn avatig
2016-1-9 22:45:38 karaggu urman 16 kisim
ahirini yullap bargan bulsaglar
2016-1-9 22:38:32 چوغلۇق
بەك ياخشىكەنياخشىكەن
2016-1-9 18:43:54 Parhat
Keni ahiri
2016-1-9 12:24:57 arxidin
〖karaggu orman〗 nig ahiri kaqan yollinidu
2016-1-9 11:46:03 ئابدۇسالام
يازغۇچىلارغا رەخمەت ، ئ‍اخىرىنى تىز يوللىساڭلا بوپتىكەن
2016-1-9 11:12:03 مۇختەرجان
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزلىپتۇ ئاخىرنى تىزراق يوللىۋىتىڭە
2016-1-9 8:24:43 شەبنەم
ئ‍اخىرىنى يوللىماپسىزغۇ
2016-1-8 23:54:43 شەبنەم
16 قىسمى چىقمايدىغ
2016-1-8 22:10:03 ياقۇپ
ئەمدى قىزىغىلى تۇردىغۇ تىزراق يېزىڭە قېرىندىشىم…
2016-1-8 21:54:58 guljamal
,dawamini tezrak yollisgiz boptikan koligizga dat barmisun kerindixim
2016-1-8 19:31:49 ئابدۇرۇسۇلجان
ئەسەرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپ سىز داۋامىنى قاچان يوللايسىز
2016-1-8 19:18:36 mahliya
karaggu orman namlik hikaya bak yahxi kan dawam lik yezig aka kuligiz ga dart bar misun
2016-1-8 17:15:08 abdikahar
dawamini tizrak yollisa boptikan karaghu ormannig
2016-1-8 14:55:50 nurmamat
ahiri kaqan qikar ajap yahxekan
2016-1-8 14:46:41 ئ‍ىسمىم مەردان
بۇ ھىكايە خىلى بۇلدىكەن داۋامى،قاچان، چىقىدۇ،بەك،ياخشى،يىزىپسىز،يازغۇچى،دۇستوم،تىخىمۇ،تىرشىڭ،غەيرەت،قىلىڭ،،،،،،
2016-1-8 12:23:58 asma
xunda yahxe yezepsez payze yarega kagante dawalmlik yezep awatexegezni omu kilman 😘🌺
2016-1-8 10:51:41 hawaskar
tizarak ewatkan bolsigiz kiyin ki kisimlirini bak mam nun bulattuk
2016-1-8 10:36:12 سۇريە
ئالامەت……👍باشقا گىپىمنى تاپالماي قىلۋاتىمە😏
2016-1-8 7:37:51 arzigu
asalamualaykummansizningwahimilikormannig15kisminiokupboldumsizningkalgankisimlirinitezrakawatipberingbalilarbilantakzaboliwwatimiz
2016-1-8 2:15:08 rezwan
yahximusiz mitro asirgezni bak yahturup okwatma apsus dawami kunda toluh yullanmaywatdu xunuig uqun kqikna talap asar wahtida tuluk yullansa dayman
2016-1-8 2:05:45 nureli
dawamlik tirxing
2016-1-8 1:44:51 abdurahman
bak yahxi yeziliptu bak hursan boldum mumkin bolsa dawamini tizrak yolligan bolsagla dawamiga bak kizzikiwatiman
2016-1-8 1:42:03 راھىلە
ھۇرمەتلىك ئ‍اپتۇر ئ‍اكا مۇمكىن بۇلسا 2-قىسىمدىن يۇللاپ بەرگەن بۇلسىڭىز مىنىڭچە ياخشى بولاتتى قىزىقىپ ئ‍ۇقۇپ تازا مۇيىم يىرگە كەگەندە تۇگەپ قىلىپ تەكلىپىمنى ئ‍ۇيلىشىپ باققان بۇلسىڭىز
2016-1-8 1:26:08 albeni
kuliguzga dat bamisun
2016-1-8 1:23:02 ئۆمەرجان
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ,داۋامىغا تەشنامىز
2016-1-8 1:09:52 دىلكەش
بۇ ھىكايە بەك قورقۇنۇچلۇقكەن داۋامى قانداق بولار
2016-1-8 1:01:36 mamatjan
جىقراق يازسىلا ئ‍ۆزلە ھەجەپمۇ ئ‍اينىمايدا …ئ‍ادەم قىزىققانسېرىى بەكابەكا 50قىسىمدىمۇ تۈگىمەي تۇرمىسۇن يانا
2016-1-8 0:19:20 nuriyj
bak yahxi yezliptu kolngzga dart barmisun ahrni okuxka takazza man
2016-1-8 0:10:30 تەۋپىق
پاھ ئ‍اجايىپ! لېكىن غەزەپ قورقۇنۇچلۇق چىقىۋاتىدۇ ،😄
2016-1-8 0:07:04 gulistan
davamini tizrak yollisagla bulatti
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ