قاراڭغۇ ئورمان
ۋەھىمىلىك ھىكايە 13- قىسىم
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
مېنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ يەنە تۇيۇقسىز پەيدا بولىشىمدىن باشقىلار قورقۇپ كەتكەندەك چىرايلىرى تاتىرىپ قېتىپلا قېلىشقانتى .
- ھەي سەن ئالۋاستىمۇ ، ئادەممۇ ؟ - دىدى قاھار ھەيرانلىقتا ،- چۈش كۆرمەيۋاتقاندىمەن ھە ، ھازىر يوقاپ كىتىۋېدىڭ ، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدىڭغۇ ؟
- ئورماننى تاپتۇق ،- دىدىم مەن ھاياجاندا ،- ئورمان ئالدىمىزدىكەن ، كەينىمدىن مېڭىڭلار!
مەن بايقىدەك مېڭىپ ئۇلارنى سىرلىق دائىرە ئىچىگە ئېلىپ كىردىم، ئۇلار دائىرىدىن ئاتلاپلا سىرلىق ، غايىبانە بۇ دۇنياغا ، باشقىلا بىر مەنزىرىگە قاراپ ھاڭۋاقىنىچە تۇرۇپلا قالدى .
- تۆۋە خۇدايىم موشۇنداقمۇ يەرلەر بولىدىكىنا بۇ جاھاندا ،- دەۋەتتى توختاخۇن ئاكا تاغدىن كۆزىنى ئۆزمەي ،- بۇ قانداق جاي ؟
ئۇلارغا بايقى كۆرۈنمەس پاسىلغا ئىشەنمىگەندەك ئۇياققا - بۇياققا ئۆتۈپ قاراپ باقتى، مۇلاھىزە قىلىپمۇ باقتى ، لېكىن بۇ ھەقىقەتەن ئادەم ئىشەنگۈسىز موجىزە ئىدى . ھوشۇرئاخۇن ئاكا يېنىمغا كىلىپ :
- ئۇكام بۇ قانداق جاي ، بۇنى سىلەر بىلەمتىڭلار ، ئادەم ئىشەنگۈسىز ئىشلار بولىۋاتىدۇ، مەخلوقنى كۆرۈپ ئىسىمىزگە كىلەلمەيۋاتساق ، ئەمدى بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىڭلار ، ئۇكام دەپ بەرگىنە ، بۇلارغا ھېچ ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ ؟- دەپ سوراپ تۇرىۋالدى.
- ماقۇل ئاكا بۇنى سەل تۇرۇپ دەپ بىرەي ،- دىدىم سەل ئەنسىرگەندەك بولۇپ ،- بۇ جاي خەتەرلىك، ھېلقى مەخلوقلارنىڭ ئۇۋۇسى، ئوچۇقچۇلۇقتا بۇنداق تۇرمايلى، تىز ماشىنىغا چىقىپ ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىپ قالغان گەپنى شۇ چاغدا دىيىشەيلى ،-دىدىم.
ئۇمۇ گېپىمنى چۈشەندى بولغاي دەرھال ماقۇل بولدى. راس دىمىسىمۇ بۇ مەخلۇقلار ماكانىنىڭ ئالدىدا ھاڭۋېقىپ تۇرۇش ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىدى، بىز تىزدىن ماشىنا بىلەن ئورمانغا يېقىنلىدۇق، ئورماننىڭ ئەتىراپى بۇۋاي دىگەندەك تەبىئى توساق بىلەن قورىشالغان بولۇپ، بۆسۈپ كىرىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى، گىرەلىشىپ ئۆسكەن بۇ دەرەخلەرنىڭ بەزىلىرى تونۇش، بەزىلىرىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان غەلىتە دەرەخلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر چەت قۇرغاق قاقاسلىقتا بۈك - باراقسان ئۆسۈشى، تاغنىڭ تۈزۈلىشى ، ھاۋا كىلماتىنىڭ ئىللىقلىغىدىن سىرىت ھەتتا ھاۋادا رەڭ باردەك قىزغۇچ ، تۇتۇق كۆرۈنىشى خۇددى باشقا بىر دۇنيانى ئەسلىتەتتى. بىز ئاۋال ماشىنىنى قورشاپ تۇرغان ياۋا جىگدىلىكنىڭ بىر بوشلۇقىغا يوشۇرۇپ بولۇپ، بۇ ئىككى ئاكىمىزغا بۇ جاينىڭ ھىكايىسىنى، كىلىش مۇدىئايىمىزنى سۆزلەپ بەردۇق، ئۇلار ئاڭلىغانچە ھەيران بولىۋاتاتتى، گەپ تۈگىگەندىن كىيىن ئۇ ئىككىسىگە يۇرتىغا كىتىش توغۇرلۇق ئېغىز ئاچتىم:
- ئاكىلار دەيدىغاننى دەپ بەردىم، خەتىرىنىمۇ چۈشەندۈردۈم، بۇ جايغا كىرىپ ئادەم قۇتۇلدۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىىپىمىز، ئەڭ ياخشىسى كىرمەڭلار، بۇ جايغا كىرسەك ھايات قالامدۇق -يوق ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز، سىلەر ئوزۇق - تۈلۈكلەردىن يىتەرلىك ئېلىپ ئۈيىڭلارگە كىتىڭلار!
ئۇلار بۇ تەكلىپىمنى دەرھال رەت قىلدى :
- ياق ئۇكا بىزنى قوغلىماڭ، بايىلا بىزدىن ئايرىلغان قېرىنداشلارنىڭ ھالىنى سىزمۇ كۆردىڭىز، بىزمۇ كۆردۇق ، بىزنىڭ سىلەردىن ئايرىلغۇمىز يوق، ئۆلسەكمۇ، ساق قالساقمۇ سىلەر بىلەن ماڭىمىز ، بەلكىم سىلەرگە ياردىمىمىز تىگىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس ،- توختاخۇن ئاكا قەتئىلىك بىلەن تەكلىۋىمنى رەت قىلىپ ئىپادىسىنى بىلدۈردى. ھوشۇرئاخۇن ئاكىمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قوللاپ باش لېڭشىتى، بىزمۇ ئايرىم مۇزاكىرلىشىپ، تالاش - تارتىشلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى ئورۇنلۇق كۆرۈپ ئېلىپ قالدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن بىردىن پىچاق ھەم بىردىن توك كالتىگى تۇتقۇزۇپ، توك كالتىگىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگۈتۈپ قويدۇق. ئەمدى بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشىمىز مەخپىي، ھېچقانداق تىۋېش چىقارماي ئورمانلىققا كىرىش ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز تىزلىك بىلەن لازىملىق ئوزۇقلۇق، سۇ ، قورال - ياراق ۋە باشقا كىرەكلىك نەرسىلەرنى يۈدۈشكىنىمىزچە ئىچىگە كىرگۈدەك يوچۇق ئىزدەپ ماڭدۇق.
ئەتراپنى شۇنچە ئايلانساقمۇ ئىچىگە كىرگۈدەك يوچۇق كۆرۈنمەيتتى، بەلكى يۈرەكنى جىغىلدىتىدىغان غەلىتە ھايۋانلارنىڭ چېچىلغان سۆڭەكلىرى، تىتىلغان تىرىلەر چېلىقىپ تۇراتتى، بۇنىڭغا قوشۇلۇشۇپ ئورمان تەرەپتىن بىر خىل ۋەھىمىلىك قورقۇنىچ كىلىپ قانداقتۇ بىر جايلاردىن ھېلقى مەخلوقلار سەكىرەپ چىقىدىغاندەك بىلىنەتتى، ئۇنى ئاز دىگەندەك قويۇق ياۋا جىگدە ئازغان ئىچىدە ئادەمنىڭ شاپىلغىدىن چوڭ، ئۈچ غېرىچ كەلگۈدەك ، بۈدۈر - چوقۇر كىلەنلەر بىلەن قانداقتۇ بىر نەرسىنى يۇتىۋېلىپ دەرەخ شېخىغا يۆگىشىۋاتقان يىلان ، بىزدىن قورقۇپ قېچىپ كىتىۋاتقان كىرپىلەر چۆچۈتۈپ قويۋاتاتتى.
- موشۇ جايدىن كىرەيلى ،- دىدىم بىر كىچىك كەلگەن تۈشۈكتە توختاپ، - تاقاشقان دەرەخ شاخلىرىنى بىر ئاز سۇندۇرۋېتىپ ئۆمۈلسەكلا كىرەلەيمىز، مەن ئاۋال يول ئېچىپ ماڭاي .
ئۇلار يۈك - تاقلىرىمنى ئالدى، مەن پىچاق بىلەن شاخلارنى كەسكەچ يول ئاچتىم، شۇ تەرەقىدە ئونبەش مىنۇتتەك تىرىشىشىمنىڭ نەتىجىسىدە كەڭلىگى ئون مىتىر كەلگۈدەك شوپۇرلۇق ئىچىدىن كىچىك بىر يول ئېچىپ ئورمان ئىچىگە كىردىم، باشقىلارمۇ بىر - بىرلەپ كەينىمدىن يىتەشتى .
- ئاۋاز چىقارمايلى ،- دىدىم پەس ئاۋازدا ئەسكەرتىپ ،- ئاۋال ئىچىنى بىر كۆرۋالايلى ، قوراللارنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىۋېتىڭلار!
قوراللارنىڭ قۇلۇپلىرى ئېچىلدى، ھەممىمىز شۇنچىلىك جىددىيلىشىۋاتاتتۇق، ھەتتا كىچىك شەپە چىقسىمۇ تەڭلا شۇ جايغا تىكىلەتتۇق.
- مېنىڭ كەينىمدىن ئىھتىيات بىلەن دەسسەپ مېڭىڭلار ،- دىدىم يۈك - تاقنى دۈمبەمگە تېڭىپ بولۇپ ئاپتۇماتنى كۆتەرگىنىمچە ،- كەينىڭلەرگىمۇ دىققەت قىلىڭلار!
ئالدىمىز قويۇق ئورمان قاپلىغان يانتو تاغ ئىدى، ماڭساق خېلى تىرىشىپ كۈچىمىسەك يامىشىپ چىقماق تەسكە توختايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر يۈزى ھەرخىل يۆگەشمە ئوت - چۆپ ، تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، كۈن نۇرى چۈشمىسىمۇ ئۇلار شۇنچە بولۇق ئۆسكەنتى، دەرەخلەر بولسا ئەگرى - بۈگرى، ئىرماش - چىرماش بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ شەكلى، يۇپۇرماقلىرى ھەتتا رەڭگىمۇ غەلىتە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلىرىنىڭ شاخلىرى يەرگە قاراپ ئۆسۈپ پەستىكى يۆگىمەش ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىرلىشىپ تام شەكىلەندۈرۈپ قويغانتى .
- ماڭغىلى بولارمۇ ؟- دىدى قاھار يېقىن كىلىپ .
- بولىدۇ ، ماڭا ئەگىشىڭلار ،- دىدىم -دە دەرەخ شاخلىرىنى تارتىپ تاغقا يامىشىشقا باشلىدىم. ئۇلارمۇ مەندىن كىيىن قالماي ئىزىمنى بېسىپ چىقىۋاتاتتى، ئوت - چۆپ ئىچىدە ماڭماق ھەقىقەتەن تەس ئىدى، بولۇپمۇ بۇنداق قويۇق ئوت -چۆپلۈكتە ئىگىزگە ماڭماق تېخىمۇ تەس ئىدى، كىتىۋېتىپ گاھى تېيىلاتتۇق ، گاھى مۈدۈرلىنەتتۇق، شۇندىمۇ تاغ بەك تىك بولمىغاچقا يېرىمىغا چىقىپ بولدۇق .
- ھى، ھى ، ھى …
شۇنداق سەزگۈرلۈك بىلەن چىقىپ كىتىۋاتقىنىمىزدا يېنىمىزدىلا بىر قىزبالىنىڭ كۈلگەن ئاۋازىدەك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى -دە يەنە تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، ھەممىمىز ئالمان - تالمان ئەتىراپقا قارىدۇق لېكىن ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى .
- نىمە ئاۋاز ئۇ ؟- دىدى نىجات پەس ئاۋازدا ،- بىرسى بارمۇ قانداق ؟
مەن بىلمەيدىغىمنى ئىپادىلەپ بېشىمنى چايقىدىم ، كۆڭلۈمدە بۇ غەلىتە جايدا غەلىتە ھايۋانلارنىڭ ئاۋازى شۇنداق بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلۇدۇم -دە يەنە ئىگىزگە قاراپ ئىلگىرلىدىم، ئېسىلىپ چىقىۋېتىپ ئوت - چۆپ ئىچىدە قالغان پۇتۇمنى بىرى چاڭگاللىغاندەك قىلدى ، قورققىنىمدىن كۈچەپ تاتتىم بوشانمىدى يىقالدىم -دە دەرھال ئوت - چۆپلەرنى قايرىپ قارىسام ھېچنىمە يوق . قورقۇپ كەتكىنىمدىن ئورنىمدىن قانداقلارچە تىز تۇرۇپ كەتكىنىمنىمۇ بىلمەيلا قالدىم .
- نىمە بولدى ؟ بىر نەرسە بارمىكەن ،- دەپ سورىدى تۇرقۇمدىن ھەيران بولغان قاھار .
مەن قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي :
- يىقىلىپ كەتتىم ،- دەپلا قويدۇم ،لېكىن پۇتۇمنى بىرسىنىڭ چىڭ تۇتقىنىنى شۇنداق ئېنىق ھېس قىلغانتىم .
كەينىمدىكىلەر ئەتىراپقا قارىغاچ ماڭا ئەگىشىۋاتاتتى، ئىككى ئاكىمىز بىلەن روشەنگۈل ھارغاندەكمۇ قىلاتتى.
- بىر ئاز دەم ئېلىۋالايلى ،- دىدىم پەس ئاۋازدا ئورنىمدا توختاپ.
ئۇلامۇ موشۇ سۆزۈمنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا شاپپىدە جايىدىلا ئولتۇرۇشتى. ئەتراپ شۇنچىلىك تىمتاس ئىدى، بۇ تىمتاسلىق ، جىمجىتلىق ئادەمگە ۋەھىمە ئېلىپ كىلەتتى، ئەمىلىيەتتە ئورمانلىق، دەل - دەرەخ ، يېشىللىق بار جايدا ھەرخىل قۇشلار ماكان تۇتاتتى. لېكىن بۇ ئورمانلىقتا ھېچقانداق بىرەر قۇشنىڭ ئۆزى تۇرماق ئاۋازىمۇ ئاڭلانمايتتى. ئاستا كەينىمدىكى ئۆچ قىرلىق ئۆسكەن دەرەخكە يۆلەندىم ھەم سومكامدىن بىر قۇتا سۇنى ئېلىپ بىر نەچچە يۇرتۇم ئىچكەندىن كىيىن ئاسمانغا قاراپ باقتىم، دەرەخنىڭ قېلىنلىغىدا ئاسمان كۆرۈنمەيتتى، شۇ چاغدا مەن يۆلەنگەن دەرەخكە بىرى يۆلەنگەندەك قىلدى، كۆزۈمنىڭ قۇيرۇغىدا قاراپ باقتىم ھېچنىمە يوق، بەلكىم سەزگۈيۈم بولسا كىرەك دەپ ئويلۇدۇم. لېكىن قۇلاقلىرىم سەزگۈرلىشىپ كىتىۋاتاتتى تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋۈمدە بىرسىنىڭ نەپەس ئالغىنىنى سەزگەندەك بولدۇم تىزدىن بۇرۇلۇشقا پېتىنالماي كۆز قۇيرۇغۇمدا ئاستا قارىدىم. ئەتراپتا يەنىلا ھېچنىمە يوق. تۇيغۇم مېنى ئالدىمايۋاتقاندەك قىلاتتى، ئەتراپتا راسلا شەپە باردەك قىلاتتى، ھەمراھلىرىممۇ بىرەر نەرسىنى سەزگەندەك ئۇياق - بۇياققا قاراۋاتاتتى، لېكىن ھېچقايسىمىز بىر نەرسىنى كۆرمىگەچكە ئېغىزدىن چىقارمايۋاتاتتۇق .
- ماڭايلى ، بۇ يەر باشقىچە تۇرىدۇ ،- دىدىم يۈرۈگۈم سىقىلغاندەك بولۇپ ،- يېقىن ماڭايلى ئارلىق قالمىسۇن.
بىز يەنە مېڭىشقا باشلىدۇق ، تۇيۇپ تۇرۇپتىمەن، ماڭغانلار بىز ئالتە ئادەملا ئەمەستەك قىلاتتۇق، بىز ماڭساق بىز بىلەن تەڭ ماڭغان تىۋېشلار شۇنداق سۇز ئاڭلانغاندەك، دەرەخ شاخلىرى شىلدىرلىغاندەك ، ئوت - چۆپلەر يىنىك دەسسەلگەندەك قىلاتتى، لېكىن ھېچقانداق بىر نەرسە كۆزۈمىزگە كۆرۈنمەيتتى. شۇنداق دەككە - دۈككىدە كىتىۋېتىپ بايقىدەك بىر قول پۇتۇمنى تۇيۇقسىزلا تارتتى، ئۆزەمنى كونتۇرول قىلىپ بولالماي ئوت - چۆپ ئىچىگە يىقىلدىم، يىقىلدىم -يۇ كۆز قۇيرۇقىمدا ئاق ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن بىرىنىڭ ياتقىنىنى كۆرگەندەك بولدۇم -دە ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. يېنىمدا ھەقىقەتەن ئاق كۆڭلەك كەيگەن چاچلىرى ئۇزۇن بىر قىز يۈزىنى قارىشى تەرەپكە قىلىپ ياتاتتى، «ئەجىبا پەرىدىمىدۇ؟» كاللامدا شۇ خىيال بىلەن ئاستا بوينىمنى سوزۇپ چىرايىغا قارىدىم، بۇ چاغدا باش مىدىراپ ماڭا قارىدى، بۇ مەنزىرىدىن قورقۇپ قانداق ۋاقىرۋەتتىمكىن ئورنىمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم، ھەمراھلىرىم يۈگۈرشۈپ دىگۈدەك يېنىمغا يىتىپ چىقىشتى، مەن سىكىنۇت ئىچىدە كۆرگەن بايقى نەرسە ئەمدىلىكتە يوق تۇراتتى .
- نىمە بولدۇڭ ؟ نىمىدىن قورقۇپ كەتتىڭ ،- دىدى قاھار .
مەن تىلىمۇ گەپكە كەلمەي چۈشەندۈردۈم :
- ھېلىلا… بى… بىر … قىز… يېتىپتىكەن … چىرايى چىرىپ ئىسكىلىتى كۆرۈنۈپ قاپتۇ ، لېكىن … ھاياتكەن.
- نىمە ؟- دەۋەتتى ئۇلار ،- ئەمىسە ئۇ قىز قېنى؟
مەن ئوت - چۆپلۈك ئارسىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، جىن دەپ ئاڭلىغان، كىنولىرىنى كۆرگەن، ئەمدى راسلا شۇنىڭغا ئۇچۇردىممۇ نىمە؟
… ئاخىرى بار…